كۆرۈش: 828|ئىنكاس: 3

ئۇقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى (يېڭىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگىنى )
1.ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش
ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزىمنى ھىمايە قىلىش؛ دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش.
2.ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپنى قەدىرلەش
خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، يۈكسەك ئىرادە، ئىجتىھات بىلەن كەسپنى سۆيۈش، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىش، خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش؛ خىزمىتىگە قەتئىي مەسئۇل بولۇپ، دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلاپ ئۆتۈش، تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىش، ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىش.
3.ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش
بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا قەتئىي ۋە مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە غەمخور دوستى بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش، ئوقۇغۇچىلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، يېغىرىغا تەگمەسلىك، كەمسىتمەسلىك، تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك.
4. كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش
مائارىپ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش؛ ماھىرلىق بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ زېرىكمەي تەربىيە بېرىش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئەخلاق – پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى قوزغۇتۇپ، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىمتاھان نەتىجىسىنى ئوقۇغۇچىلارنى باھالايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىۋالماسلىق.
5.باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش
ئېسىل مىجەزلىك بولۇپ، شەرەپ- نومۇسنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزى نەمۇنە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ يۈرۈش – تۇرۇشى ئۆلچەملىك، سۆز-ھەرىكەتتە مەدەنىيەتلىك بولۇش؛ كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىق ئورنىتىش، خىزمەتداشلىرىنى، ئائىلە باشلىقلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئىستىلى دۇرس، پاك- دىيانەتلىك بولۇش، ئاڭلىق ھالدا ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىق.
6.ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش
ئىلىم – پەن روھىنى قەدىرلەپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىدىغان ئىدراك تىكلەپ، بىلىم ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاش؛ قېتىرقىنىپ كەسپكە بېرىلىش، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، كەسپىي ساپاسى ۋە تەلىم – تەربىيە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-26 19:37:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،  ياخشى ماتىرىيال ئىكەن، ئەتە ئالىدىغان ئىمتىھانغا پايدىسى بۇلۇپ قالار.
ۋاقتى: 2014-12-28 14:11:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۇئال بۇ قېتىممۇ ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئالغان سىياسىي نەزىرىيە ئىمتاھانىسىغىمۇ چۈشتى  دەل ۋاختىدا يوللاپتىكەنسىز
ۋاقتى: 2014-12-30 13:55:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ،بىراق كۆچۈرۈپ چاپلاش بۇيرىقى ئىشلىمەي ئۆزەمنىڭ كومپىيوتىرىغا ساقلىيالمىدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش