| قانداق تېمىلار ئاسان ئۈچۈرلۈپ كېتىدۇ ؟
يېقىنقى يىللار بۇيان تور باشقۇرۇش ئشىلىرىنىڭ قېلىپلىشىشى باشقۇرۇش ئىشىلىرنىڭ ئېنچىكىلىشى بىلەن بىر قىسم تېمىلار يوللانغان ھامان قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈچۈرلۈپ كېتىدىغان ،ياكى چۈشۈش ئادىرىسىدا مەسلە كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە : بۇنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە چېتىلدىكەن : ماتېريال نامى ئۇيغۇرچە قۇيۇلغان ماتېرياللار :تور بوشلقى ئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقى بولمىغاچقا چىنناۋ بوشلۇقىغا يوللاۋاتىمىز ،ئۇيغۇرتىلىنى نورما تۇنىمىغاچقا ئاسانلا مەسلە بار تېما قاتارىدا مۇئامىل قىلىنىپ ئۈچۈپ كېتىدۇ. ماتېريال نامىدا دىننى ئەسەبىلىك ياكى دىنغا دائىر گەپ سۆز بولسا ئۈچۈپ كېتىدىكەن . خۇتەن ۋېلايىتىدە ھازىر بەيدۇ تور بوشلۇقى ياكى 360 بۇلۇت سۇپىسى قاتارلىقلار ئېچىلمىغاچقا بۇيەرگە يوللانغان ماتېرياللارمۇ يۇقاپ كېتىدىكەن .ياكى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولمايدىكەن .شۇڭا چىنناۋ بوشلۇقىغا يوللاش ياخشى تاللاشتەك قىلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت بىرقېتممۇ چۈشۈرلۈپ باقىمىغان ماتېرياللار ئۈچۈپ كېتىدىكەن . يەنە بىر مۇھىم گەپ بەزى دوستلار ماتېريال يوللىغاندا ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئېسمىنى ئۈچۈرۋەتمەي يوللايىغان ئشىلار بار ئېكەن شۇڭا ئۈچۈرۋېتىپ يوللىساق ! شۇڭا كەڭ تورداشلارننىڭ مۇشۇ نوقتىدا دىققەت قىلىشنى سورايمەن .
بۈگۈن بىرقىسم تېمىلار ئۈچۈرۈلدى ،يەنى دىننى ئەسەبىليىك ،پارتىيەنىڭ مىللەت دىن سىياسىتى ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك سۇئال جاۋاپ ۋە مەزمۇنلار : ئەلۋەتتە بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى مەن يوللىغان چۈنكى ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان سىياسى نەزەرىيە ئېمتىھانى ئۈچۈن ، ئۈچۈرۈشتىكى سەۋەپ :ئېمتىھان تۈگىدى ،ئۇنىڭىدىن باشقا بىرقىسىم كىشلەرنىڭ بۇنىڭىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپتۈرۈپ قۇپۇپ ھەرخىل ئېغۋا تارقتىشنىڭ ئالدىنى ئېىلش ئۈچۈن . ئەگەر يەنە سىياسى نەزەرىيەدىن ئېمتىھان بولسا يوللاپ پايدىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۈچۈرۋەتسەك بۇلىدۇ . ئاخىردا بارلىق دوستلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئامانلىقى ،بېكەتنڭ ئامانلىقى ئۈچۈن سەزگۇر تېمىلارنى يوللاشتىن قەتئى ساقلىنىشىنى ،مۇشۇنداق ۋەزىيەت بۇشىغان مەزگىلىدە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىنى سورايمىز. ئەگەر سىز چۈشۈرگەن ماتېرياللار ياكى بېكتىمىزدىن كۆرگەن ماتېرياللار ئارىسدا مۇشۇنداق مەزمۇنلار بولسا دەرھال مەلۇم قىلىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز ! ئەلۋەتتە ئاۋۋال بىزگە مەلۇم قىلىمىز !
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|