| جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى دىن لىكسىيە 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللاندى مۇندەرىجە 1-باپ ئومۇمىي پرىنسىپ.2 باپ ئەمگەك توختامى تۈزۈش.3 باپ ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش.4 باپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش.5 باپ ئالاھىدە بەلگىلىمە 6-باپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش .7باب قانۇن جاۋابكارلىقى 8.باب قوشۇمچە پرىنسىپ 1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1-ماددا بۇ قانۇن ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگەك توختامى تۈزۈشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىناق، مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 3-ماددا ئەمگەك توختامى تۈزۈشتە، قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، بىر پىكىرگە كېلىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.2 باپ ئەمگەك توختامى تۈزۈش 7-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەر تىزىملىكى تۇتۇشى كېرەك. 10-ماددا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1 ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك 3.باپ ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش . 30-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈمى ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەمگەكچىگە ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى كېرەك. 35-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە، ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مەزمۇننى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئەمگەك توختامى يازما شەكىلدە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. ئۆزگەرتىلگەن ئەمگەك توختامى ھۆججىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ 4. باپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش 36-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 38-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ: (1) ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتىگە ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئىگە قىلمىسا؛ (2) ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىسە؛ (3) ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرمىسا؛ (4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە- تۈزۈمى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە؛ (5) مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىسا؛ (6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. .5 باب ئالاھىدە بەلگىلىمە .1 كوللېكتىپ توختام .2 پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش 69-ماددا پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە، ئىككى تەرەپ ئاغزاكى كېلىشىم تۈزسە بولىدۇ. .6 باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش 73-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. .7 باب قانۇن جاۋابكارلىقى 80-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈملەرنى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چىقارغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك..8 باب قوشۇمچە پرىنسىپ 98-ماددا بۇ قانۇن 2008- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
|
|