| «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەر باشقۇرۇش قانۇنى»دىن مۇھىم مەزمۇنلار
1986- يىل 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1988 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 – سانلىق يىغىنىدا2 – قېتىم تۈزىتىلگەن 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1-ماددا بۇ قانۇن يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، يەرگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش، يەر بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئېچىش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي ئاسراش، جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزىتىلدى. 2-ماددا يەرنى ئىنتايىن قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي ئاسراش – دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوموميۈزلۈك پىلانلاپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، يەر بايلىقىنى ئاسرىشى، ئېچىشى، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى چەكلىشى كېرەك. 4 -ماددا خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئېچىش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 2- باب يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى 8- ماددا شەھەر رايونىدىكى يەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.يېزا يەرلىرى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى يەرلەردىن قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ تۇرالغۇ ئۆي يېرى، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغلار دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ .12-ماددا يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم14-ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىكى ئەزالار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. يەرنى ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ ھۆددىگەرلىك توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى توغرىسىدا پۈتۈشۈشى كېرەك. 21 – ماددا يەردىن پايدىلىنش ئومۇمىي پىلانىنى دەرىجە بويىچە تەستىقلاش يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ. 26 – ماددا تەستىقلانغان يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىي تەستىقلانغان ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. 27-ماددا دۆلەت يەر تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. دۆلەت يەر ستاتىستىكىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. 4- باب تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاسراش 31 – ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاسرايدۇ، تېرىلغۇ يەرلەرنى باشقا يەرگە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ. دۆلەت تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەشتە تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 34 – ماددا دۆلەت ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقلارنى ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى تېرىلغۇ يەرلەر يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقلارنى ئاسراش رايونىغا ئايرىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ: (1) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلاپ بەلگىلىگەن ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر؛(2) سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە سۇ – تۇپراقنى قوغداش ئەسلىھەلىرى ياخشى بولغان تېرىلغۇ يەرلەر، ياخشىلاش پىلانى يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ھەم ياخشىلىغىلى بولىدىغان ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلار؛(3) كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى(4) يېزا ئىگىلىك ئىلمىي تەتقىقاتى، ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان تەجرىبە ئېتىزلىرى؛(5) گوۋۇيۈەن ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقلارنى ئاسراش رايونىغا ئايرىش كېرەك دەپ بەلگىلىگەن باشقا تېرىلغۇ يەرلەر. 5- باب قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش 43 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلەتمەكچى بولسا، قانۇن بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت؛ 45- ماددا تۆۋەندىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىشنى گوۋۇيۈەن تەستىقلايدۇ: (1) ئاساسىي ئېتىز – ئېرىق بولسا؛(2) ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقتىن باشقا تېرىلغۇ يېرى 35 گېكتاردىن ئاشسا؛(3) باشقا يەرلىرى 70 گېكتاردىن ئاشسا. 58 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئەسلىدىكى يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ قايتۇرۇلسابولىدۇ: (1) جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە؛(2) شەھەر پىلانىنى يولغا قويۇپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە؛(3) يەرنى سېتىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان، يەر ئىشلەتكۈچى مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىش ئىلتىماس قىلمىغان ياكى مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بولسا؛(4) ئورۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، كۆچۈپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلىدە ئاجرىتىلىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش توختىتىلغان بولسا؛(5) تاشيول، تۆمۈر يول، ئايرودروم، كان قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئارقىلىق كېركسىز قىلىنغان بولسا. 6- باب نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش 66 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىدۇ – تەكشۈرىدۇ. يەر باشقۇرۇشنى نازارەت قىلغۇچى – تەكشۈرگۈچى خادىملار يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، خىزمەتتە سەمىمىي بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى شەرت. 67 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق: (1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسدىن يەر ھوقۇقىغا دائىر ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ئۇنى كۆرۈش ۋە كۆپەيتىۋېلىش؛(2) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسدىن يەر ھوقۇقىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛(3) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخس قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش – ئۆلچەش؛(4) يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئورۇن ياكى شەخسنى يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇش. 7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى 73 – ماددا يەرنى ئېلىپ – ساتقان ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ 84 – ماددا يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارنىڭ خادىملىرى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ. 8- باب قوشۇمچە پرىنسىپ 85 – ماددا جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار، جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ يەر ئىشلىتىشىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇندا باشقىچە بەلگىلەنگەنلىرى، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 86 – ماددا بۇ قانۇن 1999 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
|
|