| شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامىدىن لىكسىيە بۇ نىزام 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ماقۇللۇنۇپ ئېلان قىلىندى. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قۇيۇلىدۇ. بۇ نىزام باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ›› ۋە ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ›› ، شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇلۇپ، جەمىئى 6باب، 41ماددىدىن تۇزۇلگەن. 1 باب؛ ئومۇمى پىرىنسىپ، 2 – باب ئاپپارات ۋە مەسئۇلىيەت، 3 – باب مەزمۇن ۋە شەكىل، 4 – باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، 5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى، 6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ؛ بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار، مەھەللىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغا تەتبىقلىنىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پۇقرالارغا قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى يادرو قىلىنىپ، مىللەت نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، مىللىي سىياسەتنى ئىگىلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جاۋابكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەربىيەدۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئادەمگە قاراپ تەربىيە بېرىش، ئىجابىي تەربىيە بېرىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش پۇقرالارنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەر مىللەت خەلقى ‹‹ خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىردىن ئايرىلالمايدۇ ›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، باشتىن – ئاياغ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى لازىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ھوقۇقى ۋە ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتى. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توپلىشى، بېرىشى، تەييارلىشى، ئېلان قىلىشى ياكى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: (1) پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛ (2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش؛ (3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش؛ (4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش؛ (5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش؛ (6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر باشقا ئىشلار. مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى مائارىپ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىكوملار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسلىكىنى تۈزۈشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇش – ئوقۇتۇش پىلانىغا، خەلق مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ياراملىق ئادەم بولۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى دەرسخانىغا، دەرسلىككە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق كىشىنىڭ مەكتەپلەردىكى دەرس، سۆز مۇنبىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەرقانداق كىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان، جامائەتنىڭ كاللىسىنى قايدۇرىدىغان پىتنە – ئىغۋا تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلەر دەۋر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، ئىناق ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى نامايان قىلىنغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: (1) ماركىسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تەربىيەسى؛ (2) دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى تەربىيەسى؛ (3) ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسى؛ (4) پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللىي سىياسىتى، دىن سىياسىتى، دۆلەتنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا دائىر تەربىيە؛ (5) ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇش تەربىيەسى؛ (6) مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا دائىر تەربىيە؛(7) شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىننىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش تارىخىغا دائىر تەربىيە؛ (8) ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىن ئەسەبىيلىرىگە، زوراۋان تېروررچىلارغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى؛ (9) مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش تەربىيەسى؛ (10) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلار. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، دوكلات يىغىنى، نۇتۇق يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، تام گېزىتى، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرى، مەخسۇس كونسۇلتاتسىيە قاتارلىق شەكىللەرنى، شۇنىڭدەك ئالاقە تورى، يىراقتىن ئوقۇتۇش، ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ھەر يىلنىڭ 5 – ئېيى ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى بولىدۇ.ھەر يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيىدا ئاساسىي تېمىنى بېكىتىپ، بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئايلىق تەربىيە ئارقىلىق يىللىق تەربىيەگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مۇزېيى، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيى، قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى تەربىيە بازىلىرى ۋە ئۈلگە ئورۇنلارنى قۇرسا بولىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەنقىدىي پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ۋە پاش قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پاش قىلىش مەزمۇنىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا، پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئاخىرىدا؛ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار نىزامدىكى مەزمۇنلارنى پىششىق ئىگەللەپ، نىزام بويىچە ئىش قىلىشى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كورسۇتۇشى، «ئۇچ خىل كۇچلەر» بىلەن بولغان كۇرەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، گۇزەل، ئىناق كەلگۇسىنى يارىتىش ئۇچۇن پارتىيىنىڭ تەربىيىسىنى ياخشى قۇبۇل قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
|
|