كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 1

يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدىن لىكسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدىن لىكسىيە
      
2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
مۇندەرىجە
      1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
      2 – باب قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ئۇنى ھەيدىگۈچىلەر
      1 – پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى
     2 – پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر
     3 – باب يول يۈرۈش شەرتى
     4 – باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە
     1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
     2 – پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
    3 – پاراگراف ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
     4 – پاراگراف پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
     5 – پاراگراف يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە
     5 – باب قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش
     6 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش
      7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
     8 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
     1 – ماددا    بۇ قانۇن يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەم ئۇلارنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – باب قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ھەيدىگۈچىلەر
     11 – ماددا   ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، نومۇر تاختىسى ئېسىش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى چاپلاش ھەم ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك.
       ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شەكىل رازمېرى، ماسسىسى، تورمۇزى، قوڭغۇرىقى ۋە كېچىدە نۇر قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
3 – باب يول يۈرۈش شەرتى
     25 – ماددا   مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يول قاتناش سىگنالى يولغا قويۇلىدۇ.
     قاتناش سىگنالى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
     26 – ماددا   قاتناش سىگنال چىرىغى قىزىل، يېشىل، سېرىق رەڭدە بولىدۇ. قىزىل چىراغ يۈرۈش مەنئى قىلىنغانلىقنى؛ يېشىل چىراغ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغانلىقنى؛ سېرىق چىراغ ئاگاھلاندۇرغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
4 – باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە
1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
     35 – ماددا   ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئوڭ تەرەپتىن يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.
2 – پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
     42 – ماددا   ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، ئەڭ تېز سائەتلىك سۈرئىتىنى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى يوق يول بۆلەكلىرىدە بىخەتەر سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك.
3 – پاراگراف ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
     57 – ماددا  ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى چوقۇم ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى كېرەك؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى يوق يوللاردا، ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىشى كېرەك.
     58 – ماددا  مېيىپلەر ماتورلۇق ھارۋىسى، ئېلېكتر ماتورلۇق ۋېلىسىپىتلىرى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ماڭغاندا، سائەتلىك سۈرئىتى 15 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
4 – پاراگراف پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
     61 – ماددا  پىيادىلەر پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى كېرەك. پىيادىلەر يولى بولمىسا يولنىڭ چېتىدە مېڭىشى كېرەك.
     62 – ماددا  پىيادىلەر يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ياكى يولدىن توغرىسىغا ئۆتكەندە، پىيادىلەر توغرا يولىدىن ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر قاتناش سىگنال چىرىغى بار توغرا يولدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ سىگنالى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە پىيادىلەر توغرا يولى يوق يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى يوق يول بۆلىكىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشتە، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندە ئۆتۈشى كېرەك.
5 – پاراگراف يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە
     67 – ماددا  پىيادىلەر، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، تراكتور، چاقلىق مەخسۇس ماشىنا، يولۇچىلار چاتما ئاپتوموبىلى، پۈتۈن چاتما پرىتسېپلىق ئاپتوموبىل، شۇنىڭدەك سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 70 كىلومېتىردىن تۆۋەن لايىھىلەنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدىكى سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 120 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
6 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش
     85 – ماددا  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، جەمئىيەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك.  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق ۋە قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئ–ۈستىدىن ئەرز – شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەرز – شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
     92 – ماددا تاشيول يولۇچى ترانسپورت قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى سالغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن %20 ئاشۇرۇپ يولۇچى سالغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈك باسقانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
     يۈك ترانسپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن %30 ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يولۇچى سالغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
8 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
     123 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كونكرېت ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جەرىمانە دائىرىسىدە بەلگىلىسە بولىدۇ.
      124 – ماددا  بۇ قانۇن 2004 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-15 00:10:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىمىلارنى يوللاپسىز بولسا پۈتۈن قانۇنلارنى تۇلۇقلاپ بىرمۇ بىر تىما قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز . مەسىلەن : ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى ، مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى ، قۇرامىغان يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى ، مائارىپ قانۇنى ، مىللىي تۇروتىيلىك ئاپتۇنۇممىيە قانۇنى ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى . مىللەت دىن ئىشلىرى نىزامنامىسى ،قاتارلىقلارنى تۇلۇقلاپ يوللاپ قويسىڭىز قانۇنلارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تۇلۇقلانغۇدەك بولسا جاپا چەكسىڭىزمۇ مۇشۇ بۇيىچە يوللاپ قۇيۇڭ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش