| جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدىن لىكسىيە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلىندى، 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 2 – باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 3 – باب تەربىيىلەش 4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 5 – باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى 6 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت 7 – باب توسالغۇسىز مۇھىت 8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى 9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا بۇ قانۇن مېيىپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي، ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى. 2 – ماددا مېيىپلەر پسىخىك، فىزىئولوگىيە، تەن قۇرۇلما جەھەتتە مەلۇم توقۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى يوقالغان ياكى نورمالسىز بولغان، مەلۇم ئىشنى نورمال قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مېيىپلەر كۆزى، قۇلىقى، تىلى، پۇت – قولى، ئەقلى، روھىي، كۆپ يېرى مەجرۇھ كىشىلەر ۋە باشقا يېرى مەجرۇھ كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 14 – ماددا ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ 3 – يەكشەنبە كۈنى مەملىكەت بويىچە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى بولىدۇ. 2 – باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 15 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 3 – باب تەربىيىلەش 21 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ باراۋەر تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىدۇ ھەمدە يېتىپ ئوقۇش تۇرمۇش خىراجىتى قاتارلىق ياردەم پۇللارنى بېرىدۇ؛ 4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 31 – ماددا مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يىغىپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە يۆلەش – قوغداش تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ، كۆپ يول، كۆپ قاتلام ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پەيدىنپەي ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ. 5 – باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى 41 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پائال شارائىت يارىتىپ، مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ. 6 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت 46 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. 7 – باب توسالغۇسىز مۇھىت 52 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر قاتنىشىشىغا توسالغۇسىز مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى 60 – ماددا مېيىپلەردىن قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.ئۇلارغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى بېرىشى كېرەك. 9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 68 – ماددا بۇ قانۇن 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
|
|