| مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسىي خەۋىپ شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەرىبى شىمال چىگىرىسىغا جايلاشقان، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن مەۋجۇت بولغان، ئىستىراتىگىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم جاي. 1996-يىلى مەركىزىي كومتىت شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسىي خەۋىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. يېزىلار مۇقىم بولسا جەمئىيەت تىنىچ، خاتىرجەم بۇلىدۇ. يېزىلار مۇقىم بولمىسا پۈتكۈل جەمئىيەت مۇقۇملىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارىشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىجتىمائىي سىياسىتى چوڭ ۋەزىيەتنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداشتىكى ۋەزىپىسى ناھايتى ئېغىر. دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپىئەتى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپىئەتىگە چېتىشلىق بولغان مۇشۇنداق چوڭ سىياسىي مەسلىدە ئازىراقمۇ بىخوتلۇق قىلىشقا، يول قۇيۇشقا بولمايدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇھىم سىناق. 1. مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۆلگۈنچىلىك قىلدىغان، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىگە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارىشى تۇرىدىغان ئەكسىيەتچىل سىياسىي تەشەببۇس، ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى ۋە ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي كۈچ.سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزگە دۈشمەنلىك بىلەن قاريدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۈشمەن ئونسۇرلارنىڭ مىللەت، دىن نامىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بىرلىكىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى، نىزاملىرى، سىياسەتلىرىگە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بولغان قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپ بولغان دىنىي پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردىن پايدىلنىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش نۆۋەتتىكى مىللىي بۆلگۈنچلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. مىللىي بۆلگۈنچىلەر دىنىي تونىغا ئورىنۋېلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىلىي ھېسىياتى ۋە دىنىي ھېسىياتىدىن پايدىلنىپ، دىن تەلۋىلىكىنى قۇتىرتىپ، «غازات»ھەققىدە جار سېلۋاتىدۇ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيسىنى تەرغىپ قىلۋاتىدۇ، مىللي بۆلگۈنچىلىك كۈچلىرىنى يىتىشتۈرۈپ، ئەدىلىيە، مەمۇرىي، مائارىپ ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ. قەيەردە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرلسا شۇ يەردە تىنىچسىزلىق، خاتىرجەمسىزلىك كۈرۈلۋاتىدۇ. كەسكىن كۈرەشلەر شۇنى چۈشەندۈردۇكى؛ قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مۇھىم بازىسى بۇلۇپ قالدى. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر بىۋاستە باشقۇرمىغان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ماھىيەتتە مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئىتپاقدىشىگە ئايلىنىپ قېلۋاتىدۇ. مىللىي بۆلگۈنچىلىك قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق قوزغىغۇچىسى، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت يەنە مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر پايدىلىندىغان ئاساسلىق پائالىيەت ئۇسۇلى. ئەگەر مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى بىر زەھەرلىك ئوت دىسەك، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدىكى مۇنبەت تۇپراق. مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ ھەر ئىككىسى شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسىي خەۋىپ. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرمىغاندا قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى تۇسۇش تەس، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى توسمىغان ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەرمىگەندە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولمايدۇ. مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسىي خەۋىپ دەيدىغان بۇ ھۈكۈم مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيتى ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەركەتنىڭ ئېغىر زىيىننىڭ ئىلمىي يىغىنچاقلىنىشى. بىز شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسىي خەۋىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دەيدىغان يىتەكچى ئىدىينى مۇستەھكەم تۇرغۇزىشىمىز، بۇ يىتەكچى ئىدىيگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان بارلىق خاتا نوقتىنەزەر ۋە مۈجمەل قاراشلارنى قەتئىي يېڭىشىمىز، بۇ كۈرەشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق تۇسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز، سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەك ھۇشىيارلىقىمىزنى ساقلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتكە بايرىقىمىز رۇشەن ھالدا قارىشى كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلشىمىز لازىم. (1) مىللي بۆلگۈنچى ئونسۇرلار خەلقئارادىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قولچۇماقچىسى ۋە غالچىسى خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەر ئەزەلدىن جۇڭگۇنىڭ بىرلىكى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلار مەمىلكىتىمىزنىڭ چىگىرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئونسۇرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېلىمىزنى «پارچىلاش»، «غەرىبلەشتۈرۈش» سىياسىي غەرىزىدە بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ، مىللەت، دىن مەسلىسىدىن پايدىلنىپ، ماجىرا پەيدا قىلىش، چىگىرا، ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاغدۇرمچىلىق ھەرىكەتلىرىنى جىدىلەشتۈرۈش، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تاكتىكىسى بۇلۇپ قالدى. شىنجاڭ رايۇنى ئۇلارنىڭ تارىختىن بويان تاللاپ كېلىۋاتقان مۇھىم ھۇجۇم نىشانى. يېقىنقى يىللاردىن بىرى شىنجاڭنىڭ چىگىرا ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ئېلىپ بارغان بىر قاتار بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈپىنچىسى چىگىرا سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۇيرىقى ۋە قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلىپ، چىگىرا سىرتىدا تەربىيلىنىپ، چىگىرا ئىچىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، چىگىرا سىرتىدا قوماندانلىق قىلىش، چىگىرا ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتەك مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەر قەدەممۇ-قەدەم شەكىللەندى. (2) مىللىي بۆلگۈنچىلىك تارىخ ئېقىمىغا قارىشى ئېقىم، ھۆكۈمەتكە، خەلىققە قارىشى ئەكسىيەتچىل سىياسىي كۈچ پانئىسلامىزىم، پانتۈركىزىم ۋە ئەسلىي دىن تەرىقەتچىلىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ مەنىۋى قورالى. پانئىسلامىزىم 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدە پەيدا بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى، ئۇنىڭ ئاساسچىسى جامالىدىن. ئۇ سىياسىي جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغان بارلىق كىشلەرنىڭ بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ئىدىيە، مىللەتتىن، سىنىپتىن، دۆلەتتىن ھالقىغان، ئۇنىڭدا ھەم فىئودالىزىمغا قارىشى تۇرۇشمۇ تىلغا ئېلىنمىغان، ھەم جاھانگىرلىككە قارىشى تۇرۇشمۇ ئوتتۇرغا قۇيۇلمىغانلىقتىن، ئوسمان تۈرۈك، سۇلتان ئابدۇ خەمىد Ⅱتەرپىدىن پايدىلنىپ، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيۋى قورالى بۇلۇپ قالغان. پانتۈركىزىم 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ياش تۈركلەر پارتىيسى خەمىدⅡنىڭ مۇستەبەت ھۈكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كىيىن، ئوسمان ئىمپىريىسىنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنغان كېڭەيمىچىلىك، شوۋىنىزىملىق ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمى. ئۇ تۈرۈك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ئوخشاش بىر مىللەت، ئۇلار تۈرك ھۈكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك دىگەننى تەرغىپ قىلدى. مىللىي بۆلگۈنچى ئونسۇرلار ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر باشقىلارنى ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا قوزغاپ، ئاللاھ يۇلىدا كۈرەش قىلىپ، تۇتۇلۇپ قالسا قەتئىي ئىقرار قىلمىسا، ئۆلسە جەننەتكە كىرىدۇ دىگەننى تەرغىپ قىلدى. ۋاھالەنكى ، ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارنىڭ كاتىباشلىرى ياكى ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، تۇتۇلۇپ قالغاندىن كىيىن ھەممىنى ئىقرار قىلدى. شۇڭا يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى تۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىشقا تەربىيلەپ، پەقەت كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتتىلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسى بۇلدىغانلىقىنى تۇنۇتۇشى كېرەك. 2. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىپادىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېغىر زىيىنى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر خاراكتىرى جەھەتتىن مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالغا ئايرىلدۇ: بىر خىلى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلدىغان ئامما دىنىي ھىسىياتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن-تۈزۈم قارىشى ئاجىز بولغانلىقتىن ياكى قانۇن، قانۇن-نىزام، سىياسەتلەر بىلەن تۇنۇش بولمىغان، چۈشەنمىگەنلىكتىن، سىياسىي مەقسەتسىز ھالدا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىندۇ؛ يەنە بىر خىلى، مىللىي بۆلگۈنچى ئونسۇرلار ۋە ئەسەبىي دىنىي ئونسۇرلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە دىندىن پايدىلنپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىندۇ. ئالدىنقىسى خەلىق ئىچىدىكى زىدىيەتكە تەۋە بولسىمۇ ئۇنى داۋاملىق تۇسۇمىغاندا، قايتا-قايتا تەربىيە بىرىش ئارقلىق ئۆزگەتمىگەندە زىدىيەت ئۆزگىرىپ كىتىدۇ؛ كىيىنكىسى دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتكە ياتىدۇ. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر گەرچە خاراكتېر جەھەتتىن پەرىقلەنسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوبيكتىپ ئاقىۋىتىدىن قارىغاندا، سىياسىي مەقسەت بۇلۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىنەزەر يېزىلاردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. (1) ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلاشتۇردى. باشقىلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، پارتىينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى سىياسىتىگە دەخلى قىلدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى. دىن مەمۇرىي، مائارىپ، نىكاھ ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىگە ئارلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاكىميەت بىلەن دىن ئايرىلىش پىرىنسىپىغا ۋە ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلدى، «نىكاھ قانۇنى»نى دەپسەندە قىلدى، «مائارىپ قانۇنى»نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا دەخلى قىلپ، كەڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي دۇنيا قاراشنى قۇبۇل قىلىشتەك ئاساسىي ھۇقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى.پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە ھۇقۇق يۈرگۈزۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بەزى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، «دىن»نى پارتىينىڭ ئورنىغا دەسىتىش، «دىن»نى ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىغا دەسىتىش، سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىماسلىق خاھىشىنى پەيدا قىلدى. سىياسەت ئىجىرا قىلىش تۇنۇشىنى سۇسلاشتۇردى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېزىلاردىكى رەھبەرلىك، يادرولۇق ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دىنىي قىزغىنلىقنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا ياردەم بەردى. (2) ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلدى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئۆز مەيلىچە رىمۇنىت قىلىپ، ياساپ، مەسچىتلەرنى ھەشمەتلىك زىننەتلەپ، تاۋاپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانۇنسىز تەشكىللەپ، بىكار قىلىنغان دىنىي فىئودال ئىمتىياز ۋە ئىزىش، ئىكىسپىلاتاتىسىيە قىلىش تۈزۈملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلدىغان ئاممىنىڭ يۈكىنى ئاشۇردى ھەم دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا تۈرتىكە بولدى. بەزى ئەسەبىي دىنىي ئونسۇرلار دىن بارىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاممىنىڭ نۇرمال تۇرمۇشىغا ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيتىگە ئارلىشىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ قوللىنىشىغا ئاشكارە قارىشى چىقىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. (3) بىر تۈركۈم ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىدى بەزى جايلاردا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى كۈنسىرى ئەۋجىگە چىقتى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بەزى بالىلار ئايەت ئۆگىنىشكە باشلىدى. بەزىللىرى قىرائەت قىلالايدىغان بولدى، بەزى ئەسەبىي دىنىي ئونسۇرلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەرتىۋىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر يەر ئاستى مەدىرىسلەرنى قۇرۇش ئارقلىق ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئەكسىيەتچىل ئىدىيلەرنى سىڭدۈرۈپ، ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزدى. (4) ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇچىلىق قىلدى. ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر دىننىڭ ئىچكى قىسىمىدا چوڭ بۆلگۈنچىلىك ئېلىپ بېرىپ، دىنىي ھۇقۇق ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى غالجىرلارچە تالاشتى؛ مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا ئاتالمىش «پارتىلتىش ئارقلىق خەنزۇلارنى قوغلاش»ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىۋاتقان دىنىي زاتلار ۋە خەنزۇ ئاممىسىنى كەمسىتىپ، ئۇلارغا زەربە بىرىپ، تەھدىت سېلىپ، ھاقارەتلەپ، ھەتتا ئۇلارغا سۈيقەسىت قىلىپ پارتىيە بىلەن دىنىي زاتلار ئوتتۇرسىدا قۇرۇلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. (5) ئىجتىمائىي مۇقۇمۇققا تەسىر يەتكۈزدى ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر «غازات»نى تەشۋىق قىلىپ، دىنىي تەلۋىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاپ، دىندىن پايدىلنىپ ئاممىنى قۇتىرتىپ، ئەكسىيەتچىل تەشكىلات پەيدا قىلدى. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىپادىللىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈپۈنچىسىنى مىللىي بۆلگۈنچى ئونسۇرلار ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ مۇھىم ئىپادىللىرى: (1) باشقىلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاش؛ مەسلەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىغا تەھدىت سېلىش، ئۇلارنى كەمسىتىش، چەتكە قېقىش، يىتىم قالدۇرۇش، بېسىم قىلىش؛ (2) باشقىلارنى رۇزا تۇتۇشقا ياكى پەرھىز تۇتۇشقا مەجبۇرلاشنى باھانە قىلىپ، ئاممىنڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئارلىشىش، خوتۇن-قىزلارنى مەسچىتكە كىرىشكە، يۈزىگە رومال ئارتىشقا مەجبۇرلاش؛ (3) ئۆز ئالدىغا مەدىرىس، دىنىي سىنىپ، دىن تەھسىل قىلىش ئورنى ئېچىپ، تالىپلارنى تەربىيلەش؛ (4) توي خېتى ئالمىغانلارغا «نىكاھ » ئوقۇش ، «ئۈچ تالاق»دىيىش ئارقلىق نىكاھتىن ئاجىراشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقلىق نىكاھ ئىشلىرىغا ئارلىشىش؛ (5) ئوقۇغۇچىلارنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، رۇزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلىش، يول قۇيۇش يوللىرى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەرتىۋىگە دەخلى يەتكۈزۈش؛ (6) دىندىن پايدىلنىپ، مىراس تەقسىملەشكە ئارلىشىش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ كېلىدىغان سەپسەتىلەرنى تەرغىپ قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرىنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈش، ئەدىلىيە، مەمۇرىي ئىشلارغا ئارلىشىش؛ (7) غەيرىي مىللىي، دىنىي ئىشلار خىزمەت تارماقلىرىنى ھەج پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش؛ (8) بىكار قىلىنغان دىنىي، فىئودال ئىمتىياز ۋە ئىزىش، ئىكىسپالاتاتىسىيە قىلىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «دىن ئاساسچىسى»غا ۋارىسلىق قىلىپ، دۇرۇت ئوقۇش، ئاخۇنلارنى مەدىرىس ھەققى يىغىشقا ئەۋەتىش؛ (9) ھېچقانداق ئورۇننىڭ تەستىقىسىز دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىش، مەسچىت قۇرلۇشىغا مەبلەغ سالغۇچىلار مەسچىتنىڭ ھۇقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋېلىش؛ (10) دىنىي كەسىپتىكىلەردىن لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولمىغانلار دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش؛ (11) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، رايۇن (كەنىت، يېزا) ئاتلاپ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، سىرتلاردىن دىنىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتىدا ۋەز ئېيتىش، دىنىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى قۇيۇش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئورنىتىش؛ (12) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى بېسىش، كۆپەيتىپ بېسىش، ئۆزگەرتىپ بېسىش، نەشىر قىلىش، تارقىتىش، ئەكسىيەتچىل دىنىي رادىئولارنى ئاڭلىتىش، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش؛ (13) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، دۆلەت سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ياكى شەخىسلەرنىڭ دىنىي ئىشلارغا قىلغان ئىنئاملىرىنى قۇبۇل قىلىش؛ (14) تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، دۆلەت سىرتىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇش، دۆلەت سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە، باردى-كەلدى قىلىشقا ئالاقىلشىش؛ (15) تىزىملاتماي، تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئورنى قۇرۇش، مورىتلارنى خالىغانچە تەرەققى قىلدۇرۇش، دىن تارقاتقۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا تەيىنلەش؛ (16) ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا زەربە بىرىش، ئۇلارنى ھاقارەتلەش، ھەتتا ئۇلارغا سۈيقەسىت قىلىش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي گوروھلارنىڭ رەھبەرلىك ھۇقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش، ۋەز ئېيتىش سورۇنلىرىنى ئىگلىۋېلىش؛ (17) دۆلەت سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دىنغا سىڭىپ كىرىپ، رايۇنىمىز چىگىرىسى ئىچىدە ۋەز ئېيتىش، دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، دىنىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، مۇرىتلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش، دىنىي ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلارنى تەيىنلەش، رايۇنىمىزدىن چەت ئەللەردىكى دىنىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش؛ (18) ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمغان دىنىي مەزھەپتىكىلەر ئوتتۇرسىدا ياكى ئوخشاش دىنىي مەزھەپتىكىلەر ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، قالايمىقانچىلىق شەكىللەندۈرۈش؛ (19) بىدئەتلىك تەلىماتى تارقىتىش؛ (20) ۋەز ئېيتىش نامى بىلەن «غازات»، «غازات»تارىخى ھەققىدە جار سېلىش، «پانئىسلامىزىم،»، «پانتۈركىزىم»نى تەرغىپ قىلىش، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆز مەيلىچە بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك پەيدا قىلىش، تارىخنى بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھۇجۇم قىلدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۆلگۈنچىلىك قىلدىغان سەپسەتىلەرنى تارقىتىش، پىتنە ئېغىۋالارنى تارقىتىش، مەسلەن: «ئەرۋاھلار كۆرۈنىدۇ»، «خۇدا يەرگە چۈشۈدۇ»، «ئاخىر زامان بۇلىدۇ»قاتارلىق كىشلەرنى ۋەھىيمىگە سالدىغان سۆزلەرنى تەرغىپ قىلىپ، جەمئىيەت تىنىچلىقىنى بۇزۇش؛ (21) دىندىن پايدىلنىپ توپلاڭ پەيدا قىلىش، ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان ئاممىنى قانۇنسىز يىغىلىش، نامايىش قىلىشقا، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈچكۈرتۈپ، ئۇرۇش، چېقىش، بولاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش؛ (22) دىندىن پايدىلنىپ، مىللىي بۆلگۈنچى ئونسۇرلارنى تەربىيلەپ، ئەكسىيەتچىل تەشكىلات قۇرۇش؛ (23) دىندىن پايدىلنىپ جەمئىيەت تەرتىۋىگە، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىۋىگە، خىزمەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى، بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش.
|
|