|  ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 27-فېۋرال خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى ، 2012-2013-مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى بويىچە4-ئۇرۇندىكى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى5-ئۇرۇندا تۇرۇۋاتقان لياۋنىڭ خېڭيې ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلاشتى، تۆت چارەك جاپالىق مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مېھمان مەيداندا 98-100 نەتىجىدە لياۋنىڭ خېڭيې ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە لياۋنىڭ خېڭيې ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى نومۇر ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىدى، لېكىن كېيىنكى ئىككى چارەك مۇسابىقىنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى كونترول قىلىپ ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى 15 نومۇر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، لېكىن ئاخىرقى چارەك مۇسابىىقىدا لياۋنىڭ خېڭيې ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى يۆش كۆپ نومۇرغا ئېرىشىپ لياۋنىڭ خېڭيې كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا جاڭ چىڭپېڭنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئىناۋەتسىز قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئايلانمىدا بىر مەيدان كەتكۈزۈپ قويدى،كىيىنكى ئىككى ئايلانما مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.ھەممىمىز ماھىرلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىگە تەلەكداشلىق بىلدۈرىمىز... |
|