كۆرۈش: 666|ئىنكاس: 7

پەخرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان چىمپىيون بولدى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نۇر تور تەرجىمىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، CBA نىڭ مۇكەممەل چولپانلار  ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى باسقۇچى گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئىلىپ بېرىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن ئۈچ ماھىر بولسا  شىرئەلىجان( شىنجاڭ)،  دۇبى ( جېجياڭ)، جۇ يەنشى ( بېيجىڭ ) قاتارلىق داڭلىق چولپانلار قاتناشقان بولۇپ، ئاخىرى شىرئەلىجان ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ 21 نومۇرغا ئېرىشىپ، 17 نومۇرغا ئېرىشكەن جۇ يەنشى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئاخىرى بۇ تۈرنىڭ چېمپىيونى بولدى.ھەممەيلەن بۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر يىگىتكە چىن دىلىدىن قايىل بۇلۇشتى...ياشاپ كەت ئوغلانىمىز ...20130225085011637.jpg
ئوغلانىمىز ئەمدىكى نەزىرىنى بىرلەشمىدىكى چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قارىتىدۇ....
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-2-25 21:32:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كەت! پەخىرلىك ئوغلانىمىز -شىرئەلىيجان! تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر!
ۋاقتى: 2013-2-25 22:00:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن  . كۆكلەپ كىتىڭ . بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق نەتىيجە قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ۋاقتى: 2013-2-25 22:36:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەملىكەت ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى يەنە بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرگەن پەخرىمىز شىر ئەلىجاننىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ يۈكسەك نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2013-2-25 23:11:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بۇپتۇ جۇمۇ ! شىرئەلىجاننىڭ تېخمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن !!! غەيرەت قىل ئۇيغۇر ئوغلانى !!!!
ۋاقتى: 2013-2-25 23:50:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  پەخرىلىك ئوغلان شىرئەلىنىجاننىڭ تىرىشچانلىقىغا،ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن كەلتۈرگەن ئېسىل نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن!!!سۆيۈنگۈدەك تېما يوللاپسىز،ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم،رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-2-26 01:07:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام تىلىۋۇزۇردىن كۆرۇپ بەك قايىل بولدۇم بۇ يىگىتكە . بولۇپمۇ ئاخىرقى 5توپنى بىرنىمۇ كەتكۇزىۋەتمەي ئارقا ئارقىدىن سۇلاپ خەنزۇلارنى ھەيران قالدۇرۇپ مەملىكەت بۇيىچە چىمپىيۇن بولدى . ئەمدىغۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلىسى ئازراق ئۆزگىرەر ...
ۋاقتى: 2013-3-23 14:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كەت! پەخىرلىك ئوغلانىمىز -شىرئەلىيجان
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش