| سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نور تور تەرجىمىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىنى ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، گەرچە لياۋنىڭ كوماندا ئەزاسى گوئەيلۈن 35 نومۇر ئالغان بولسىمۇ لېكىن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋان ۋوفىر 24 نومۇر ئالدى، قرانبەك ھالقىلىق بىر توپنى كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاخىرى 115- 110 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە 3-2 بولۇپ، رەقىبىنى شاللىۋېتىپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى، ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ مەيدن مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بىرلەشمىدە 4-ئۇرۇندا تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى ئىككى مەيدان ئۇتۇش ،ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمىدە 5-ئۇرۇندا تۇرۇۋاتقان لياۋنىڭ كۇماندىسى بىلەن تەڭ ئۇرۇندا بۇلۇپ،بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە قايسى كوماندا يېڭىلسە بۇ پەسىللىك مۇسابىقە سەپىرى بىلەن خوشلىشاتتى......يىگىتلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇلار ئاخىرى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچقا كىردى.يىگىلىرىمىزنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى سەپىرى ئۇڭۇشلۇق بولسۇن......! |
|