كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 7

شىنجاڭ كوماندىسى جىياڭسۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
-فېۋرال، جۇڭگو CBAبىرلەشمىسىنىڭ دائىملىق مۇسابىقىلىرىنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى يەنى 32-ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتا مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مېھمان مەيداندا جېياڭسۇ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ كونتوردا ئىزچىل ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەللىك ماھىر ۋېيفونىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئاخىرىدا 112-102 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەر چىشلەتتى.1995-1996 مۇسابىقە پەسلىدىن ھازىرغىچىلىك جىياڭسۇ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى جەمئىي 33 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى 18 مەيدان ئۇتۇش، 15 مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن ئاكتىپ ئورۇندا تۇرغان. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا شىنجاڭ كوماندىسىى 113-103 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى.
تۈنۈگۈنكى باشقا مۇسابىقىلەردە بېيجىڭ كوماندىسى فۇجىيەن كوماندىسىنى يەڭگەن بولۇپ، بۇ كوماندىنىڭ بىرلەشمىدىكى 3-لىك ئورنى مۇقىملاشتى. باشقا ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىسا، شىنجاڭ كوماندىسى 4-ئورۇننى ساقلاپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆتكەن يىلقىدەك يەنە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
0151113146-3.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-2-7 16:40:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ توپ ئەپ كېتىۋاتقىنى سىزدەك قىلىسىزغۇ يۈسەن ئەپەندى .
شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 20:52:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا.....بەك قىزىقچى جۇمۇ سىز گۈلزار خانىم ،ئەگەر مەن پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجانچىلىك بۇلالىغان بولسام....ئۈزەمنى تۇلىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلغان بۇلاتتىم.

باھا سۆز

قاراپ باقسام سىز ئۇنىڭدىنمۇ قالتىستەك قىلىسىز . شۇ سىزگە پۇرسەتلا كام بولىۋاتامدىكىن . قايتارما ئىنكاس يازس تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-2-8 13:31
ۋاقتى: 2013-2-7 22:54:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسەن ئەپەندىم تەنتەربىيگىمۇ قىزىقىسىزكەندە  . تەن ساقلىق  زور بايلىق دەيدىغان كونىلارنىڭ گىپى ھېلىمۇ ئىسىمدە . تەنتەربىيە پائالىيتى بىلەن پات- پات شۇغۇللىنىپ تۇرۇشنىڭ پايدىسى بارلىقنى بىلىسىزكەندە . رەخمەت  تەنتەربىيە پائالىيتىگە قىززىققانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمەن . يارايسىز
ۋاقتى: 2013-2-8 11:38:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش خەۋەركەن .بولسا داۋامىنىمۇ يوللاپ تۇرۇڭ .
ۋاقتى: 2013-2-8 13:31:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسەن يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 20:52
ھاھاھا.....بەك قىزىقچى جۇمۇ سىز گۈلزار خانىم ،ئەگەر مەن  ...

قاراپ باقسام سىز ئۇنىڭدىنمۇ قالتىستەك قىلىسىز . شۇ سىزگە پۇرسەتلا كام بولىۋاتامدىكىن .

قايتارما ئىنكاس يازسىڭىز شۇ ئىنكاسنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس دىگەن خەتنى بېسىپ يېزىڭ، شۇندىلا قايتارما ئىنكاسىڭىزنى ئاشۇ ئەزا كۆرەلەيدۇ .
رەھمەت  
ۋاقتى: 2013-2-10 00:55:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنى كۆرۇپ، ئوغلانلىرىمىزدىن پەخىرلەندىم.
ۋاقتى: 2013-2-15 19:58:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللا مىللىتىمىز ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېنىگە كۈچ-قۇۋۋەت،روھىغا غەيرەت-شىجائەت ئاتا قىلغاي.شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش