| شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 34- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل تاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا CBA دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى بولغان دۇڭۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى شېنگىردون ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كەلدى، ئۇ 19 نومۇر، 12 قېتىم قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋون ۋافېر ئەڭ يۇقىرى بولغان 31 نومۇر ئېلىپ ئاخىرى ئۇلار 118- 71 نەتىجە بىلەن دۇڭۋەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىنى ناھايىتى چىرايلىق ئاياغلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ پەسىل ئاخىرقى مۇسابىقە باسقۇچىدىكى تۈنجى رەقىبى بولسا لياۋنىڭ كوماندىسى بولىدۇ.
|
|