| شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 33- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جېجياڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋون ۋافېر 23 نومۇر، جاڭ چىڭپېڭ 28 نومۇر ئېلىپ ئاخىرى ئۇلار 121- 99 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە بىرلەشمە مۇسابىقىدە تۆتىنچى ئورۇننى ساقلاپ قالدى.ئۇلار بۇ پەسىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىنى ئەتە كەچتە ئۆز مەيدانىدا دوڭگۇەن يېڭى ئەسىر كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ.ماھىرلىرىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە تىلەكداشمىز....
 |
|