ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن بولغان خىزمەتچىلەر قانداق روزغارچىلىق قىلىشى كېرەك؟

ۋاقىت : 2014-07-03 14:09 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن بولغان خىزمەتچىلەر قانداق روزغارچىلىق قىلىشى كېرەك؟

ياڭ يۇڭ
ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن بولغان خىزمەتچىلەر قانداق روزغارچىلىق قىلىشى كېرەك؟

   ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىۋاسىتە خىزمەتكە قاتنىشىشنى ئويلايتتىم، شۇڭا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ تۈرلۈك پىراكتىكىغا ئاكتىپ ماسلاشتىم. 2013 – يىلى يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ، چەت ئەل شىرىكچىلىكىدىكى كارخانىدىن خىزمەت تاپتىم.

    خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، مەكتەپتە ئويلىغانلىرىمغا قىلچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن بولۇپ، ئۆي ئىجارىسىگە 1500 يۈەن، سۇ، توك پۇلىغا 200 يۈەن، يېمەك – ئىچمەككە 1200 يۈەن سەرپ قىلاتتىم، ئەگەر ئازراقلا پەخەس بولمىسام، ئاينى ئۆتكۈزەلمەيتتىم.

    ئىككى ئاي بۇرنۇمنى تىرەپ دېگۈدەك كۈن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كۈنلىرىمنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا روزغارچىلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. بىرىنچى قەدەمدە تۇرمۇش پىلانى تۈزدۈم.يەنى زۆرۈر ئايلىق چىقىمىمنى 150 يۈەن، تاماق چىقىمىمنى 800 يۈەن ئەتراپىدا تىزگىنلەشكە تىرىشتىم، كەچلىك تامىقىمنى ئۆزۈم ئەتتىم، زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالمىدىم. ھازىر، ئايلىق چىقىمىم 2800 يۈەن بولۇپ، ئايدا 1200 يۈەن ئېشىنالايدىغان بولدۇم.

    تۆۋەندە ئېشىنچا پۇلۇمدىن پايدىلىنىپ قانداق روزغارچىلىق قىلغانلىقىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

    قەرەللىك ئامانەت قويۇشتىن ۋاز كېچىپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلدىم. 2013 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شۇڭا، مەنمۇ ئېشىنچا پۇلۇمنى قەرەللىك ئامانەت قويۇپ روزغارچىلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلىش يولىنى تاللىدىم. 8 – ئايدىن باشلاپ قولۇمدىكى ئېشىنچا پۇلنى قالدۇق سومما قۇتىسىغا سېلىشقا باشلىدىم، قالدۇق سومما قۇتىسى ھەم قەرەللىك ئامانەت قويۇشتەك جانلىقلىققا ھەم پۇل فوندىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە ئىدى، بۇ، ماڭا ئوخشاش يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان مائاشلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. كېيىن، ئۈندىدار روزغارچىلىقى بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ پايدىسىنىڭ قالدۇق سومما قۇتىسىدىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۈندىدار روزغارچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندىم.

    پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سالدىم. پۇلۇم كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن روزغارچىلىق ئۇسۇلۇم يالغۇز پۇل فوندى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سالدىم. پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشتا، رەت تەرتىپى 100 نىڭ ئالدىدا بولغان، كۆلىمى 1 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن، ساپ پايدا ئېلىش نىسبىتى يۇقىرىراق، پاي كۆرسەتكۈچى 300 نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا ئاندىن مەبلەغ سالدىم.

    مېنىڭچە، فوند كۆلىمى قانچىكى چوڭ بولسا، پاي تەقسىملەش قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، يەنە كېلىپ پاينى تالىشىپ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، پايدىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مەن ئادەتتە ئايدا 200 يۈەندىن جەمئىي بەش ئاي مەبلەغ سالىمەن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندقىمۇ مەبلەغ سالدىم. سېتىۋالغان فوند ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، يەنە كېلىپ ۋاقتى ئانچە ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىن ئالىدىغان پايدام %5 تىن تۆۋەن بولمىدى.

    ماڭا ئوخشاش يېڭىلا خىزمەتكە قاتناشقان مائاشلىق دوستلارنىڭ قانداق روزغارچىلىق قىلىشى توغرىسىدا بىرقانچە تەكلىپ بېرىمەن:

    1 . روزغارچىلىقتا قارىسىغا ئىش كۆرمەسلىك، ئاساسىي روزغارچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، پۇل فوندى ۋە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندتىن ئىبارەت ئاددىي مەشغۇلات قائىدىسىنى ئۆگىنىش.

    2 . روزغارچىلىققا ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈش.

    3 . كۆپرەك خەۋەر كۆرۈش، بولۇپمۇ ئاۋام تۇرمۇشى، ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈش.

    سەن زامانغا باقمىساڭ، زامان ساڭا باقمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ روزغارچىلىقتىن ئىبارەت ئۆمۈر بويى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بۇ دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىگە تەۋە ‹‹ئالتۇن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ››غا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ