ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟

ۋاقىت : 2014-04-20 12:53 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، كۆزلەرنى ئالا- چەكمەن قىلىدىغان ئىچىملىكلەر كۆپىيىپ كەتتى. بەزىلەر ئىچىملىكنى ئادەتتىكى ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا  ئىچىدىغان بولدى.
 كالا سۈتى- ھەرقانداق ئىچىملىك ئىچىدە ئوزۇقلۇق تەركىۋى ئەڭ مول بولغان بىر خىل ئىچىملىك بولۇپ، ئوزۇقشۇناسلار ئۇنى "ئاق رەڭلىك قان" دېيىشىدۇ، سۈتنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، مېنېرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمنت قاتارلىقلار بار، كالا سۈتىدىكى كالىتسىي، فوسفورنىڭ نىسبىتى بەدەن سۈمۈرەلىگىدەك نورمال ھالەتتە بولۇپ، بىر ئادەم كۈنىگە 500 مىللىلىتىر كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە، 500 مىللىگرام كالىتسىيغا ئىگە بولالايدۇ، بۇ، بەدەن كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان كالىتسىينىڭ %80ىگە تەڭ، سۈت  كالىتسىينى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى بولغاچقا، دائىم ئىچىپ بېرىش كېرەك.
 قېتىق- كالا سۈتىنى ئېچىتىش  ئارقىلىق ياسىلىدۇ، قېتىقتا كالا سۈتىدىكى بارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ساقلىنىپ قالغاچقا، ئاقسىل ئەڭ زور دەرىجىدە پارچىلىنىپ، زىيانلىق باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇپلا قالماي، يەنە پايدىلىق باكتېرىيە- سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيىسىنى كۆپەيتىدۇ-دە، بەدەننىڭ سۈمۈرىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ، ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر-شېكەر تەركىبى ۋە سۇنى تولۇقلىغاندىن باشقا، ھېچقانداق مەنپەئەت قىلمايدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر سۆڭەك ماددىسىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەردىكى فوسفور كىسلاتاسى بىلەن كالىتسىي ماددىسى بىرىكىپ، فوسفور كىسلاتالىق كالىتسىي شەكىللەندۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ كالىتسىينى سۈمۈرۈشى ۋە كالىتسىينىڭ سۆڭەككە سىڭىپ كىرىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاسانلا سۆڭەك چۈرۈكلىشىشنى پەيدا قىلىدىكەن، دائىم كوكاكولا ئىچىدىغانلارنىڭ سۆڭەك زەخمىلىنىش خەتىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەردىكى پى ھاش  قىممىتى 5.5 دىن تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا، قان سۇيۇقلۇقى كىسلاتالىشىشقا يۈزلىنىپ، ئاسانلا ھارغىنلىق پەيدا قىلىپ، ئىممونىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
قەھۋەنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قەھۋە ئىشقارى، ئاقسىل ماددىسى، ياغ ۋە كالىي، كالىتسىي، ماگنىي قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، بەدەن ئاسان سۈمۈرەلەيدۇ. بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە تارقىلىشىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى كېرەكسىز  نەرسىلەرنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى توقۇلمىلىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
مېۋە شىرنىسىدە ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ مىقتارىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلىق بولىدۇ، مېۋە  شىرنىسىنىڭ %80ىدىن كۆپرەگى سۇدىن تەركىب تاپىدۇ. مېۋە شىرنىلىرى تەركىبىدە شېكەر مىقتارى %4تىن %20گىچە بولىدۇ، ئاساسەن مېۋە  شېكىرى، گلوكوزا، ساخاروزا قاتارلىقلار بولۇپ، ئىسسقلىق مىقتارى تۆۋەن، تەمى شېرىن كېلىدۇ. مېۋە شىرنىسى تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ، ۋىتامىن C ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاز مىقتاردا ۋىتامىن Bگۇرۇپپىسى، ۋىتامىن E بار، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مېۋە شىرنىسىدە بەلگىلىك مىقتاردا  كالىتسىي، كالىي، ماگنىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار بار.
چاي ئىچىملىكلىرىدە  بىئوئىشقار تۈرىدىكى ماددىلار، شۇنىڭدەك كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە  مىكرو ئېلېمنتلاردىن كالىتسىي، ماگنىي، فوسفور قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ يەنە ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىپ، قان يېغىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، جىگەردىكى ياغنى خورىتىدۇ، چاي ئىچىملىكلىرىنى ئۇزاق مۇددەت  ئىچىپ بەرگەندە، تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى، ئەستە  تۇتۇش  قابىلىيىتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ