ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتلىر

ۋاقىت : 2014-04-19 21:59 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : دۇلان | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتلىر 
1.ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: ئادەمنىڭ تېنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى سائەت 22-23تە بىر قېتىم ئاستىلايدۇ. شۇڭا سائەت 21-22 ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. سائەت 23تىن كېيىنمۇ ئۇخلىماي سائەت 24تىن ئېشىپ كەتسە ئۇ چاغدا ئۇخلىماق تەس بولۇپ قالىدۇ.
2. ئورۇندىن تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ئەتىگەن سائەت بەش-ئالتىدە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ. بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، مۇشۇ چاغدا ئورۇندىن تۇرغاندا ئادەم تېتىك بولىدۇ.
3. مېڭىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىزدە چوڭ مېڭە ئەتراپلىق پىكىر قىلش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. سائەت ئوندا ئەقلىي كۈچ يېتەرلىك بولىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ئىنكاس قايتۇرۇشى تېز بولىدۇ. كەچ سائەت سەككىزدە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى كۈندۈزى 12 سائەت ئىچىدە پەيدىنپەي ئاجىزلايدۇ.
4. سۇ ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: ئەتىگەن ئورۇندىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېتىلسە بەدەننڭ سۇ تەركىبى تولۇقلىنىدۇ. ئۈچەي ۋە ئاشقازان تازىلىنىدۇ. تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېتىلسە ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بولىدۇ، ئىشتەي ئېچىلىدۇ.
5. سەيلە قىلىپ ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: تاماقتىن كېيىنكى 45 مىنۇت ئەتراپىدا سائىتىگە 4.8 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن 20 مىنۇت سەيلە قىلىپ بېرىلسە ئورۇقلاشقا پايدىلىق. ئەگەر تاماقتىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدە يەنە 20 مىنۇت سەيلە قىلىپ بېرىلسە ئورۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
6. بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە ئەتىگەن سائەت ئالتە-يەتتىدە بەدەن چېنىقتۇرماسلىق كېرەك. ياز، كۈز پەسىللىرىدە قۇياش نۇرى چىقىدۇ. ئەتىگەن بەش-ئالتىدە بەدەن چېنىقتۇرغاندا ھاۋا سالقىن، ساپ بولىدۇ. ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن ئوندا، چۈشتىن كېيىن ئۈچتە گىمناستىكا ئويناپ بېرىلسە پايدىلىق.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-04-30 22:04
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ