ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق سۇئال جاۋاپ

ۋاقىت : 2014-03-13 18:09 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : mamattursun | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىدىن سۇئال –جاۋاپلار
1.سۇئال؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيسى قاچان ، قايسى يىغىندا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان؟
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربيسى نىزامنامىسى 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 11-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتي دائىمى كومتىتىنىڭ 16-قىتىملىق يىغىنىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان.
2.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربى شىمال قىسمىغا جايلاشقان. كۆلىمى 1مىليۇن 660مىڭ كۇۋادىرات مىتر.دۆلىتىمىز ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمنى ئىگەللەيدۇ. دۆلىتىمىزدىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە دەرجىلىك مەمۇري رايۇن.
3.شىنجاڭ قەدىمدە غەربي رايۇن دەپ ئاتالغان. مىلادىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربى خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غەربى رايۇن قورۇقچى بەگ مەھكىمسىنى تەسس قىلغان .شۇنىڭدىن باشلاپ  شىنجاڭ جۇڭگۇ زىمىننىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ شەكىللەن.
4. 1884-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسس قىلغان. 1950-يىلى شىنىجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىنىغان. 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغان.
5.دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ، جەمئى 56مىللەت بار.
6.دۆلىتىمىزدە 5ئاپتۇنۇم رايۇن ، 30ئاپتۇنۇم ئوبلاسىت،119ئاپتۇنۇم ناھىيە بار.
7.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتنىڭ مىللى تىرتۇريىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى ،ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ،دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى سىياسى تۈزۈمى.
8.دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىگى چوڭ دائىردىن ئارلىىشىپ كىچىك دائىردىن توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
9.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتنىڭ مىللى تىرتۇريىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىلان قىلنىپ 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمى يولغا قويۇلغان.
10. شىنجاڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا جەمئى 13مىللەت بار.
11.مىللى تىرتۇريلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىدا ؛ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىسى ، ئاپتۇنۇم ئوبلاسىت باشلىقى ، ئاپتۇنۇم ناھىيە باشلىقى «مىللى ئاپتۇنۇمىيە رايۇنىدىكى پۇخرالار» ۋەزىپە ئۆتىشى بەلگىلەنگەن.
12.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھىريتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىينىڭ تەشكىلى قانۇنىدا ئاپتۇنۇم رايۇن ، ئاپتۇنۇم ئوبلاسىت،ئاپتۇنۇم ناھيلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمىتنىڭ ھەر قىتىم 5يىل ۋەزىپە ئۆتىشى بەلگىلەنگەن.
13.ئالتاي تىغى شىنجاڭنىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ دۆلىتىمىزنى مۇڭغۇلىيە ، رۇسىيە قازاقىستاندىن ئايرىپ تۇرىدۇ.ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 2000كىلومىتىر،ئالتاي –مۇڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «ئالتۇن تاغ»
14. شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمى 1مىليۇن 660مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر،بۇنىڭ ئىچىدە بوز يەر7مىليۇن 33مىڭ گىكتار،تىرىلغۇ يەر مەيدانى 4مىليۇن 37مىڭ 200گىكتار بۇلۇپ
15. ھەر يىلى 5-ئاي مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىق ئىيى بۇلۇپ ،بۇ يىل 31-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىق ئىيى
16. 1983-يىلدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئىيى پائالىيتنى ئۆزلۇكسز قانات يايدۇرۇلۇپ كەلدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئىيى پائاليتىنى قانات يايدۇرۇش بولسا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تەجىربسى ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ يەكۈنىدۇر. بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق خىزمىتىدىكى  بىر تۈرلۈك ئىستىراتىگىيلىك ھەرىكەت بۇلۇپ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى نامايەن قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ئىشلىرىدا كۈچلۈك ھاياتى كۈچ ۋە ئەمىليەتچىل روھنى ئەكىس ئەتتۇردى.
17.شىنجاڭدا ئۇيغۇر،خەنزۇ،  قازاق، خۇيزۇ، مۇڭغۇل قاتارلىق 55مىللەت ياشايدۇ.ھەرمىللەت خەلقى باراۋەر ،ئىتتىپاق ، ئۆز-ئارا ياردەم بىرىدىغان ،ئورتاق ئىلىگىرلەيدىغان يىڭى تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۇردى.
18.كىشلەرنىڭ دەسلەپكى ئەخلاقى تەربىيەنى قۇبۇل قىلدىغان جاي –ئائىلە. سىېستىملىق ئەخلاقى تەربىيە ئالىدىغان مۇھىم بازا بولسا-مەكتەپ. پۇخراۋى ئەخلاقى تەربىيە ئىلىپ باردىغان دەرسىخانا بولسا–جەمئىيەت.
19.ئۈچ ئايرىلالماسلىقنىڭ مەزمۇنى –خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن ئايرىلالماسلىق .
20. مىللەتلەر خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى پىرىنىسپ –مىللەتلەر باراۋەرلىگى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىلگىرلىشى
21.مىللى تىرتۇريىلىك جايلار –ئاپتۇنۇم رايۇن ، ئاپتۇنۇم ئوبلاست، ئاپتۇنۇم ناھيىدىن ئىبارەت
22. دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلىقنىڭ مۇناسىۋىتى –ھەمنەپەس ، تەقدىرداش، قەلىبداش
23.شىنجاڭدا ئۇيغۇر، خەنزۇ ، قازاق، خۇيزۇ، مۇڭغۇل ، تاجىك ، قىرغىز، تاتار ،ئۆزبىگ،شىبە زاڭزۇ قاتارلىق ئاساسلىق مىللەتلەر بار.
24.شىنجاڭدا قىممەتلىك ئەنئەنۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ‹‹ئون ئىككى مۇقام››،‹‹ماناس داستانى››،‹‹جاڭغىر››، قاتارلىقلار بار.
25.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە كومتىتى ئوتۇرغا قويغان ماركىسىزىملىق بەش قاراش ئىددىيسى:ماركىسزىملىق دۆلەت قارشى ،مىللەت قارشى ،دىن قارىشى،تارىخ قارىشى،مەدەنىيەت قارىشىدىن ئىبارەت.
26.‹‹تۆتنى يۈكسەك بىلىش››:ۋەتەننى يۈكسەك بىلىش،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى يۈكسەك بىلىش،جۇڭخۈا مەدەنىيتىنى يۈكسەك بىلىش،جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتىسيالىزىم يولىنى يۈكسەك بىلىش.
27.دۆلىتىمىزدىكى بەش مىللى ئاپتۇنۇم رايۇن ـــــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى،شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى ،گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى،نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى،ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى.
28.‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىددىيسىنىڭ مەزمۇنى ــــ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى باشتىن ئاخىرى جۇڭگۇدىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلپىگە ۋەكىللىك قىلىش ، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى باشتىن ئاخىرى جۇڭگۇدىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشگە ۋەككىلىك قىلىش ، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى باشتىن ئاخىرى جۇڭگۇدىكى ئەڭ كەڭ خەلىق ئاممىسىنڭ تۈپ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىش.
29.‹‹بەشنى سۆيۈش››:ۋەتەننى سۆيۈش ،خەلىقنى سۆيۈش،ئەمگەكنى سۆيۈش ،ئىلىم پەنىنى سۆيۈش،سوتسىيالىزىمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت.
30.‹‹بەش بولۇش ››ـــ مەدەنىيەتلىك ،ئەدەپلىك،پاكىز ،ئەخلاقلىق ،تەرتىپلىك بولۇش .
31.‹‹تۆت گۈزەل بولۇش››ـــ قەلبى گۈزەل بولۇش  تىلى گۈزەل بولۇش ھەركىتى گۈزەل بولۇش،مۇھىيتى گۈزەل بولۇش.
32.‹‹تۆتكە ئىگە يىڭى كىشىلەر:ــــ غايلىك ئەخلاقلىق مەدەنىيەتلىك ئىنتىزامچان بولۇش.
33.‹‹ئۈچ ئىزىم ››ـــــ ۋەتەنپەرۋەرلىك ،سوتسىيالىزىم،كوللىكتىۋىزىم.
34.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بەش ئۆزئارا:ـــــ ئۆزئارا ئىشىنىش ،ئۆزئارا ھۆرمەتلەش،ئۆزئارا قولللاش،ئۆزئارا ئۆگىنىش ،ئۆزئارا چۈشىنىش.
35.‹‹ئۈچ بىر››ــــ يۈكسەك كوممۇنىزىملىق ئىتقادىنى مۇستەھكەم  تۇرغۇزۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلىق  ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسى مەقسەتنى مەڭگۈلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش،يىڭى دەۋىردە ئۇلۇغۋار ئىجادچانلىق روھىنى يارىتىش.‹‹بىر ئىتقاد،بىر ئاساسىى مەقسەت،بىر روھ››.
36.‹‹42311››ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:ــــ ھەر بىر ئادەم 4تىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى كىنو فىلىمى كۆرۈش،2پارچە ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا كىتاپ ئوقۇش ،3تىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە تىمىسدىكى ناخشا ئوقۇش،بىر قىتىملىىق ۋەتەنپەرۋەرلىك يۇرتىنى سۆيۈش تىمىسدىكى نوتۇق سۆزلەشكە قاتنىشش بىر قىتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى بازىسىنى كۆرۈش.
37.شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقىغا تەسىر كۆرسىتىغان ئاساسى خەۋىپ:ــــــ مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتتىن كىلىدۇ.
38.ج ك پ مەركىزى كومتىت گوۋۋۇيۈەننىڭ ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كۇچايتىش توغرىسدىكى بىر قانچە  پىكىرى ››ــــ 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىلان قىلىنغان.
39.ج ك پ نىڭ بىردىنبىر ئاساسى مەقسىتى:ـــ  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش .
40.خۇجىنتاۋ ئوتۇرغا قويغان سوتسىيالىستىك شەرەپ نۇمۇس قارشىنىڭ مەزمۇنى:ــــ ۋەتەننى سۆيۈش شەرەپ ،ۋەتەنگە خەۋىپ يەتكۈزۈش نۇمۇس.خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شەرەپ ،خەلىقتىن ئايرىلىپ يۈز ئۆرۈش نۇمۇس.ئىلىم پەنگە چوقۇنۇش شەرەپ ،خۇراپاتلىق بىلىمسىزلىك نۇمۇس. تىرىشچانلىق شەرەپ،ھورۇنلۇق قىلىش نۇمۇس،ئىتتىپاقىلىق ھەمكارلىق شەرەپ،باشقىلارغا زىيان سىلىپ ئۆزى پايدا ئىلىش نۇمۇس،سەممىيلىك شەرەپ ،ئىنساپسىزلىق نۇمۇس،قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش شەرەپ ،قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش نۇمۇس،
41.سوتسىيالىزىمنىڭ يادرۇلۇق قىمممەت سىېستىمسنىڭ مەزمۇنى –سوتىسيالىزىم نەزىريەسىنىڭ شەكىل ، پوزىتسيە ، ئەخلاقتا مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى.
42.جۇڭخۇا مىللەتلىرى روھىنىڭ ئىچكى مەنىسى –ۋەتەنپەرۋەرلىك ، بىردەك ئىتتىپاقلىشش تىنچلىقنى سۆيۈش، جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش
43.ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى دىگىنىمىز-بىر خىل ئىجىتمائى ئاڭ بۇلۇپ ،شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆسۈپ يىتىلىشى جەريانىدا ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر ھىسىياتى . ئۇ كىشلەرنىڭ ئىجىتمائى مەۋجۇتلىقى ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ ئىنكاسى ، مىللى مەدەنيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىچكى مەنىسى .
44.باراۋەر، ئىتتىپاق، ھەمكارلاشقان، ئىناق سوتسيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋتىنى قانداق مۇستەكەملىگىلى ۋە تەرەققى قىلىدۇرغىلى بولىدۇ؟
1) ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسيالىستك مىللەتلەر مۇناسىۋتىنى تىخىمۇ پوختا بولغان ماددى ئاساس بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش
2) مىللى رايۇنلاردىكى ئاپتۇنۇمىيە تۈزۈمىنى ئۆزلۇكسز كۈچەيتىش ۋە چىڭتىپ ، مەملكىتىمىزنىڭ سوتىسيالستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش
3)مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ سوتسيالستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى بولغان ئىجتىمائى مۇھىت بىلەن تەمىنلەش
45.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى نىمە؟
1)ماركىزىملىق بەش قاراش تەربيسى 2)دۆلەت ئەھۋالى تەربيسى ،پۇخرالار ئەھۋالى، قانۇن-تۈزۈم تەربىسي ، پۇخرالار ئەھۋالى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى بىلش تەربيسى 3)ئۈچ ئىزىم تەربيسى 4)پارتينىڭ مىللەتلەر نەزىريەسى ، مىللى سىياسىتى ، سىنى سىياسىتى ، مىللى رايۇنلاردىكى ئاپتۇنۇمىيە تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن –تۈزۈم تەربيسى  5) تۆتنى يۇكسەك بىلش تەربيسى 6) ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتپاقلىشىپ كۈرەىش قىلىش ،ئورتاق گۈللنىپ تەرەققى قىلىش تەربيسى 7)ئۈچ تارىخ تەربيسى 8) ئۈچنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش تەربيسى 9)ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ –ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش تەربيسى 10) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلار
46.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائاليتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى قايسىلار؟
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تىمىلىق ھۆججەت چۈشۇرۇش ،زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ، دوكىلات بىرىش ، نۇتۇق سۆزلەش، مۇزاكىرە تەشكىللەش، رەسىم كۆرگەزمىسى   قارادوسكا، سەنئەت، مەخسۇس تەربىيە قاتارلىق شەكىللەرنى ۋە باشقا ئىنتىرنىت تورى ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ،ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش قاتارلىق باسقۇچلاردىن پايدىلىنىپ ئىلىپ بىرلسا بولىدۇ.
47. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائاليتنى قانات يايدۇرۇشتا قانداق پايدىلىق شارائىتلار بار؟
ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربيە بازىسى ،موزىيخانا، ئىنقىلابى تارىخ خاتىرە سارىي،ئىنقلابى قۇربانلار باغچىسى قاتارلىق ئورۇرنلاردا ئىلىپ بىرىشقا بولىدۇ. شارائىت يار بەرگەن ئورۇنلار يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقدىكى ئۈلگۈلۈك ئورۇن ۋە تەربيە بازىللىرنى قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ.
48. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائاليتنى قانات يايدۇرۇشتا نىملەردە چىڭ تۇرۇش كىرەك؟
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائاليتنى قانات يايدۇرۇشتا ئادەمنى ئاساس قىلىش ،يۈز تۇرانە تەربيلەش ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش پىرنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداشنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتگە ئايلاندۇرۇش
49.ناھيە دەرجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رەھبەرلىك قىلىش تارماقلىرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيتى نىمە؟
1) تەشۋىق قىلىش ، پارتىينىڭ مىللى سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن –نىزاملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش
2)مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربيە پىلانلىرىنى تۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش  3) مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى تەربىيە خىزمىتنى تەشكىللەش، يتەكچىلىك قلىش ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۇرۇش 4)مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۇلگەن چوڭ مەسىللەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش  5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيتى نەتىجىللىرىنى خۇلاسىلەپ ۋە كىڭەيتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىغار ئورۇن ۋە شەخسىلەرنى تەقدىرلەش 6)مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائاليتىدىكى باشقا خىزمەتلەر
50.نىمە ئۈچۈن شىنجاڭدا ئىدىئولۇگىيە ساھەسىدە مىللى بۆلگۈنچىلككە قارشى كۈرەشنى ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە دەيمىز؟
ئىدىئولۇگىيە ساھەسىدىكى مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش بىر مەيدان ئۇزاق مۇددەتلىك مۇرەككەپ ،كەسكىن كۈرەش.ئاممىنى ، بازىنى ، كىشلەر قەلبىنى تالىشش بىلەن سوتسيالىستىك يادرۇ قىممەت سىېستىمىسنى مۇستەكەملەش ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن سىياسى كۈرەش، ۋەتەننىڭ بىرلىگى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ،ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۈرەش. شۇڭا ئىدىئولىگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۈش كۈرشى شىنجاڭدا ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە دەيمىز.
51.قانداق قىلغاندا سوتسىيالىستىك ئىدىئولىگىيەنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشچانلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟
1) تەربىيە ئارقىلىق يىتەكچىلىك قىلىپ سوتسىيالستىك ئىدىئولىگىيەنى ئىجتىمائى ئومۇميلىك ئىڭىغا ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش  2)جامائەت پىكىر ئىقىمى پەيدا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ ، سوتسىيالىستىك ئىدىئولىگىيەنىڭ ھەردەرجىلىك كۆپ تەرەپلىمە ۋاستىلار ئارقىلىق قاپىلنىشنى ئىلگىرى سۇرۇش
 3) مەدەنىيەتلىك كىشلەردىن بولۇشنى چىڭ تۇتۇپ ،سوتىسيالىتىك ئىدىئولىگىينىڭ كىشلەرنىڭ ماددى ، مەنىۋى ئىھتىياجىغا ئايلاندۇرۇش 4) سوتسىيالىستىك ئىدىئولىگىيە تەرەپلىرىنى كۇندىلىك خىزمەت ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۇرۇپ ، تەربيلەش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۇرۇش  5) كاپالەتلەندۇرۇش مىخانىزىمىنى كۈچەيتىپ سوتىسيالىستىك ئىدىئولىگىيە تەلەپلىرى ۋە كونكىرت تۈزۈملىرىنى لاھيلەپ قانۇن تۈزۈمىنى ئىجتىمائى باشقۇرۇش بىلەن بىرلەشتۇرۇش
52. قانداق قىلغاندا ماركىزىملىق مىللەت قارشىنى يىتەكچى قىلىپ شىنجاڭدىكى مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
مىللى تىرتۇرىيلىك ئاپتۇنۇمىيە تۈزۈمىنى ئۆزلۇكسز تۇردە يىڭىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇش ،مىللى تىرتۇريىلىك ئاپتۇنۇمىيە تۈزۈمى بولسا –پارتىيمىزنىڭ مىللى تۈزۈمىنى ھەل قىلشتىكى تۈپ سىياسى تۈزۈمى ، پارتىينىڭ مىللى سىياستىنىڭ تۈزۈملىششى ۋە قانۇنلىشىدۇر.
53.سوتىسيالىستىك شەرەپ –نۇمۇس قارشىنى تۇرغۇزۇش نىمە ئۈچۈن ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى دەيمىز؟
سوتىسيالىستىك شەرەپ –نۇمۇس قارشىنى تۇرغۇزغاندا 1)جۇڭخۇا ئوغۇل قىزلىرىنىڭ تەن ساپاسىنى ۋە ئىىسل ئەخلاقىنى تۇرغۇزۇپ ،كەڭ خەلق ئاممسنىڭ ئارزۇسىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.
2) خەلق ئاممسىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. 3) يىڭى تىپتىكى سوتسيالسىتىك ئەخلاق سېستىمىسنى بارىلىققا كەلتۇرۇپ ، كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.
54.«26-ئىيۇن»ۋەقەسى قانداق ۋەقە؟
55. «26-ئىيۇن»ۋەقەسىنىڭ خاراكىتىرى نىمە؟
56. «5-ئىيۇل»ۋەقەسىنىڭ خاراكىتىرى نىمە؟
57. «5-ئىيۇل»ۋەقەسىنىڭ مەخسىدى نىمە؟
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل » ۋەقەسنىڭ مەخسىدى؛ مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىش ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ،تىنچ ،مۇقۇم بولغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇش ۋە شىنجاڭنى ئۇلۈغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئورنۇشتىن ئىبارەت.
58. «5-ئىيۇل»ۋەقەسىگە قانداق كىشلەر قاتناشقان؟
1) رابىيە باشچىلىقىدىكى« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي» قاتارلىق تەشكىلاتلاردىكى ئۈچ خىل كۈچ شايكىللىرى ، بۇلار تەشكىللىگۈچى  2)دۆڭكۆۋرۇك ،سەنشىخاڭزا،سۇ ئۇستى باغچىسىدىن داۋەن يىزىسىغىچە ،بەيگە مەيدانى ، خىجىياشەندە ئولتۇراقلاشقان زوراۋانلار ۋە جەمئىيەت داشقاللرى  3) «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى»نىڭ تور ، تىلفۇن، تىلفۇن ئۇچىرى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يىغىپ توپلىغان باشقا رايۇن ۋە ئوبلاسلاردىكى بىكار تەلەپ كىشلەردىن ئىبارەت.  4) بىر قسىىم قايمۇققان ، ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان ئاممىدىن ئىبارەت.
59.«5-ئىيۇل »ۋەقەسى مىللى مەسىلىمۇ، دىني مەسىلىمۇ ئەمەس بەلكى بىر مەيدان كەسكىن سىايسى كۈرەش دەيمىز؟
«5-ئىيۇل »ۋەقەسى چىگرا سىرتىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى»ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»لەر قۇتراتقان ۋە پىلانلىغان ،چىگىرا ئىچى تەشىككىللىگەن ۋە يۇرگۈزگەن تەشكىللىك ، ئالدىدىن پىلانلانغان خاراكتىرى ئىغىر ،تەسىرى ئىنتايىن قەبھى بولغان سىياسى ۋەقە. ئۇ مىللى مەسىلىمۇ ئەمەس ،چۈنكى بىر كىچىككىنە مىللى بۆلگۈنچى ئۇنسىرلار ھەرگىزمۇ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.ئۇرۇش ،چىقىش بۇلاش ، كۆيدۈرۈش ۋەقەسى پەقەت خەنزۇ ئاممسىغىلا قارتىلغان ئەمەس. ناھايتى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسمۇ بۇ ۋەقەدە ئىغىر تالاپەتكە ئۈچىردى.بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ نۇرمال تۇرمۇش تەرتىۋى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملىقى ئىغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۈچىرىدى. ئۈرۈمىچىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت قەرىنداشلار بۇ زوراۋان ھەرىكەتنىڭ بىۋاستا زىيانلانغۇچىسى .
ئۇ دىنى مەسىلىمۇ ئەمەس؛ چۈنكى ئىسلام دىني تىنىچلقنى ،مۇقۇملۇقنى ،كشىلىك ئەخلاقنى سۆزلەيدۇ. زوراۋانلىق قىلىمىشى ئىسلام دىننىڭ ئاساسى روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق . شۇڭا بۇ ھەرقايسى مىللەت ئاممسىنىڭ كۈچلۈك ئەيىپلىشىگە ئۈچىردى. ئەمەلىيەتتە ،پىلانلىق تەشكىللەپ يۈرگۈزگەن «ئۈچ خىل كۈچ»لەر بولسا غەرىپتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غالچىللىرى بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مەخسىدى ۋەتەننىڭ بىرلىگى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەت ئاممسنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقان بەختىلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. بىز ئۇلار بىلەن قارشى ھالدا بىر مەيدان ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ، قەتئى يول بىرىلمەيدىغان ، ئۆتكۈر بىر مەيدان سىياىسى كۆرەش ئىلىپ بارىمىز.
60.دىني ئەسەبي كۈچ دىگەن نىمە؟
دىني ئەسەبي كۈچ دىگىنىمىز-دىني تونغا ئورنىۋالغان ، دۆلەتنى ،ۋەتەننى پارچىلايدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان دىني ئەسەبى قۇتراتقۇچ كۈچ.
61. نىمە ئۈچۈن «ئۈچ خىل كۈچ»نى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دەيمىز؟
«ئۈچ خىل كۈچ» -مىللى بۆلگۈنچى كۈچ، دىني ئەسەبي كۈچ ۋە زوراۋان تىرۇرچى كۈچلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئۇلار تار مەنىدىكى ئۇچىغا چىققان مىللەتپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىپ مىلللەتلەر زىددىيتىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. مىللى ئۆچمەنلىك ۋە مىللى قارشىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇلار دىني ئەسەبىيلىك قىياپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ دىنى قىزغىنلىق قوزغايدۇ. «غازات»نى كۈچەپ تەرغىپ قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ كىشلەرنى ئازدۇرسا ،يەنە بىر تەرەپتىن زوراۋان تىرۇرلۇق پائاليتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ جەمئيەت ئامانلىقىنى بۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈپ مەخسىدى شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش ، شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسدىن ئايرىپ چىقىش ھەمدە ئاتالمىش  «شەرقى تۇركىستان »قۇرۇپ چىقىش ، شىنجاڭ مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل »ۋەقەسى دەل چىگرا ئىچى –سرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر مەخسەتلىك پىلانلاپ كەلتۇرۇپ چىقارغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىگىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇرۇش ، چىقىش ، بۇلاش ،كۆيدۈرۈشدىن ئىبارەت ئىغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىدۇر. قانلىق پاكىتلار يەنە بىر قىتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر دۆلەتنڭ بىخەتەرلىگى ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە خەلق ئاممسنىڭ ھاياتى مال –مۈلۈكىگە، بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالىدى. شۇڭا ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۇشمىنىدۇر.
62. نىمە ئۈچۈن «5-ئىيۇل »ۋەقەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناق كەيپياتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ دەيمىز؟
شىنجاڭدا مىللى بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار مەڭگۇ پەقەت بىر ئۇچۇم كىشلەردىن ئىبارەت خالاس، ئۇلار بولسا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۇشمىنى . ھازىر سىياسى ھوقۇق  ھەربى قۇشۇن خەلقنىڭ كۆڭلى ھەممىسى ئۆز قولىمىزدا. دۇشمەنلەر مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەركىتى ئىلىپ بىرىپ بىرىشىغا پىتىنالىغان بىلەن ھامان بىشنى يەيدۇ. ھايات-ماماتلىقنى ئۆز قولىغا ئالالىشىمۇ ناھايتى مۈشكۈل .«5-ئىيۇل»ۋەقەسى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىىنى ئىغىر جاراھەتلەندۇردى زوراۋان تىرۇرچى ئۇنسۇرلار ، ئۇرۇش ،چىقىش ،بۇلاش ، ئوت قۇيۇشتىن ئىبارەت قەبھى ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ بىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋتىنى ،شىنجاڭنىڭ تەرەققى قىلۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزيتىنى قەسلىمەكچى ۋە شنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقى ۋە ئىقتىزادى تەرەققىياتىنى بۇزۇشنى پىلانلىماقتا. ئۇلار ھەر قانداق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق دۇشمىنى . ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ، ئىنسانيەتكە قارشى جىناي ھەركىتى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
63.شىنجاڭدىكى ئەسەبي ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟
1)ئەسەبي تەشكىلات بىلەن مەلۇم خىل مۇناسۋىتى بۇلۇش كىرەك.دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى ، مال –مۇلۇك بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ئەسەبي پائالىيەتلىك مەخسدى( مەيلى چەتئەل نۇپۇسى بۇلۇپ كەتكەن بولسمۇ)  2) يۇقىرقى شەرتكە ماس كەلگەن بۇلۇش ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرىىسى بۇلۇش كىرەك. (1)ئەسەبي تەشكىلاتنى تەشكىللىگەن ، رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان بولۇش (2)ئەسەبي پائالىيەتلەرنى تەرغىپ قىلغان ياكى تەشۋىق قىلغان،پىلانلىغان ،كۈشكۈرتكەن ۋە تەشكىللىگەن (3) ئەسەبي ئۇنسۇرلارنىڭ ئەسەبي پائالىيەتلىرنى ئىلىپ بىرشنى ۋە تەشكىللىشىنى قوللىغان ۋە ماددى ياردەم بەرگەن بۇلۇش.
يۇقىردا بايان قىلنغان ئەسەبي تەشكىلاتلارنى قۇبۇل قىلغان ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەسەبي تەشكىلاتلىرىغا ئىقتىزادى ياردەم قىلغان، مەشىققە قاتناشقان ، تەربيلەنگەن ياكى پائالىيەتكە قاتناشقان بۇلۇش .
64. نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق،مۇقۇملۇقنى بەخىت ، مىللى بۆلگۈنچىلىكنى ئاپەت دەيمىز؟
شىنجاڭنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق،جەمئىيەت مۇقىم بولغان مەزگىللەردە ئىختىزادى ئىجتىمائى تەرەققىيات تىز بولغان،ھەر مىللەت خەلقى كۆپ نەپكە ئىرىشكەن،جەمئىيەت مۇقۇمسىز بولغان ۋاقىتلاردا ئىختىزادنىڭ تەرەققىياتى چىكىنگەن،ھەر مىللەت خەلقى ئومۇميۇزلۇك ئاپەتكە ئۇچىرىغان. «5-ئىيۇل ۋەقەسى» بۇنى يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلاپ بەردى.مۇقۇملۇك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى.مۇقۇملۇق-بەخىت،مالمانچىلىق-ئاپەت،مۇقۇملۇق بولمىسا ھىچ ئىشنى باشقا ئىلىپ چىققىلى بولمايدۇ.پەقەت مۇقۇملۇق بولغاندىلا، ئاندىن دۇشمەن كۈچلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيقەستىنى ئىچىپ تاشلىغىلى،پەقەت مۇقۇم بولغاندىلا ئاندىن مىللى بۆلگۇنچى كۈچلەرگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگىلى، پەقەت مۇقۇم بولغاندىلا ئاندىن ، شىنجاڭنىڭ ئىختىزادى تەرەققىياتىنى قوغداپ،خاتىرىجەم ئىتتىپاق بولغان چوڭ ۋەزىيەتنى بارىلىققا كەلتۇرۇپ،ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن بەخىتلىك تۇرمۇشىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.
65.نىمە ئۇچۇن چوقۇم ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئىگىز كۆتۇرۇش كىرەك دەيمىز؟
ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان چۇڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ۋەتەنگە ئۆزىنى بىغىشلاش روھىدۇر.كوللىكتىۋىزىملىق پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىيتقاندىمۇ،شەخسنىڭ ۋەتەنگە بولغان كونكىرىتنى ئىپادىسى ۋە زۆرۇر تەلەپ،ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەككىللەنگەن ۋەتەنگە بولغان چۇڭقۇر مىھىر-مۇھەببەتتۇر.بۇ خىل چۇڭقۇر مۇھەببەت ئۆز ۋەتىننى،ئۆز خەلقىنى،ئۆز دۆلىتىنىڭ تىلىنى،مەدىنىيتىنى،مىللەتلەرنىڭ ئىسىل ئەنئەنە ۋە ئۆرۇپ-ئادىتىنى قىزغىن سۆيۇشنى،ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىخپالىغا كۆڭۇل بۆلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ۋەتەننى سۆيۇش بولسا ھەر بىر پۇقرا نىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرۇيتى ۋە مەسئۇلىيتىدۇر.ھەربىر پۇقرا چوقۇم بۇ مەجبۇرۇيتى ۋە مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ،ئۆزنىڭ بارلىقىنى ۋەتەننى گۇللەندۇرۇش ۋە قۇدىرەت تاپقۇزۇشقا تەقدىم قىلىشى،ئۆز ۋەتىننى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچىرىغان ۋاقىتتا كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىپ،دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كىرەك.ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولسا مىللى گۇللىنىشنىڭ تۇپ كاپالىتى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسا ئىجتىمائىي ئامانلىق،دۆلەتنىڭ گۇللەپ ياشنىشىنىڭ مۇھىم شەرتى،ھەر مىللەت خەلقى چوقۇم ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇندىغان ھەرىكەتلەرگە قارىشى تۇرۇشى،چوقۇم دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى،ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدشى كىرەك.
66.رابىيە باشچىلىقىدىكى «5-ئىيۇل » قۇتىراتقۇلۇق قىلىش  ۋەقەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى نىمە؟
رابىيە باشچىلىقىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى» قاتارلىق تەشكىلاتلار،چىگرا سىرتىىدىكى «ئۇچ خىل كۇچلەر» قەستەن ئويدۇرۇپ،پاكىتنى بۇرمىلاپ،يالغاننى ئويدۇرۇپ،ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ،كىشىلەرنى ئالداپ،مىللى ئۆچمەنلىكنى قۇتىراتقان.كونكىرىتنى ئىپادىسى بولسا :1.تور،تېلىفۇن،يانفۇن،ئۇچۇر ئەۋەتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەككىللەردىن پايدىلىنىپ،«26-ئىيون» ئامانلىق ۋەقەسىنى تۇتقا قىلىپ،«ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر كۆپ ئۆلۇپ كەتتى»،«ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاممىسىنى باستى»...دىگەن سەپسەتە؛2.خۇبېى ئۆلكىسىنىڭ شىشۇ شەھرىدە يۇز بەرگەنئاممىۋى ۋەقە سۈرىتى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرى شىياۋشەن رايۇننىڭ جىنچىڭ يولىدا يۇز بەرگەن بىر قىتىملىق قاتناش ۋەقەسى سۈرىتىنى كىرىشتۇرۇپ،جۇڭگۇ ساقچىللىرى «ئۇيغۇرلارنى بىسقتۇردى» دىگەن ساختا پاكىت ؛3.«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئاممىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى سۈرەتلەرنى كىرىشتۇرۇپ،«ئۇيغۇرلارنىڭ تىنىچلىق نامايىشى جۇڭگۇ ساقچىللىرى ۋە خەۋىپسىزلىك قىسىمى تەرىپىدىن قۇراللىق باستۇرۇلدى،مىڭلىغان ئادەم زىيانكاشلىككە ئۇچۇرىدى» دەپ داۋراڭ سالدى.
73. ئۈچ ئايرىلالماسلىقنى قانداق چۈشنىش كىرەك؟
ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىددىيسى دۆلىتىمىزدىكى 56مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن،ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدىغان يىقىن مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۇرۇپ ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۇردى.«ئۈچ ئاريرىلالماسلىق»ئىدديسى دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىلگىرلەش تارىخنى،مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىدەك ئەمەليتىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۇردى.بىز ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدديسىنى باشتىن –ئاخىرى مۇستەكەم تۇرغۇزۇپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ئىسلاھات ئىچىۋىتىش ۋە سوتىسيالستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈرتكە قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كىرەك
74.نىمە ئۈچۈن مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچنى دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال كۈچىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم بەلگە دەيمىز؟
مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى بىلەن ئىقىزادى كۈچ ،پەن تىخنىكا ئەمەلى كۈچى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە كۈچى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال كۈچىنى بارىلىققا كەلتۇردۇ.مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدىغان ،جەمئىيەت مۇقۇملۇقىنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ.ئۇ جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتىسيالىزىم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدىغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان قۇدرەتلىك كۈچ.ئىلگىرلەش يولدىكى ھەر خىل خىيمخەتەر ۋە ئىغۋارگەرچىلىكنى يىڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ.بىز زور كۈچ بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلرىنىڭ مەنىۋى ئائىلسىنى قۇرشىمىز.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنى ئۆزلۇكسز كۈچەيتىشمىز لازىم.
75.نىمە ئۈچۈن ھەر بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان دەيمىز؟
ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز 56قەرىنداش مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئومۇمى گەۋدە .دۆلەتنىڭ بىرلىگى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتىتپاقلىقى باشتىن –ئاخىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ تارىخ تەرەققىياتىدىكى ئاساسى ئېقىن .دۆلەتنىڭ بىرلىگى ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەتىدۇر. ھەرمىللەتنىڭ ياشاش تەرەققياتى گۈللىنىشى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ تەقىدىرىگە ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىل قۇدرەتلىك بۇلۇشىغا باغلىق.مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان خەلق ئەڭ بەختىلىك ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان دۆلەت ئەڭ قۇدرەتلىكتۇر.
76.قاچاندىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان؟
مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربى خەن سۇلالىسى غەربى يۇرىت قۇرۇقچى بەگ مەھكىمسىنى قۇرغاندىن باشلاپ.
77.مىللى تىرتۇريىلىك ئاپتۇنۇمىيە تۈزۈمى دىگەن نىمە؟
ج ك پ نىڭ رەھبەرلىگىدە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىگىدە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تىرتۇريلىك ئاپتۇنۇمينى يولغا قويۇپ ئاز سانلىق مىلللەتلەرنىڭ ئىقىتزادى ، سىياسى، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ دۆلەتنىڭ بىرلىگى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەركەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.
78. پارتىينىڭ مىللى سىياسىتى ئاساسلىق قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
مىللەتلەر باراۋەرلىكى سىياسىتى ، مىللەتلەر ئىتتتىپاقلىق سىياسىتى، مىللى تىرتۇريىلىك ئاپتۇنۇمىيە سسياسىىتى ، ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىقىزاد ، مەدەنيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياردەم بىرش سىىياسىتى ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربيلەش سىياسىتى ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل –يىزىقىغا ھۆرمەت قىلش سىياسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ -ئادىتىگە ھۆرمەت قىلش سىياسىتى،ھەرمىللەت خەلق ئاممىسنىڭ دىنى ئىتقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى مىللەتلەر ئارسىدىكى باراۋەر،ئىتتىپاق مۇناىسۋىتىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلىش سىياسىتى.
79. مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل تەشەببۇسنىڭ نەزرىيىۋى ئاساسى نىمە؟
فان ئىسلامىزىم ۋە فان تۈركىزىم
80. دۆلىتىمىزنىڭ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ سىياسىتى نىمە؟
مىللى تىرتۇريلىك ئاپتۇنۇمىيە سىياسىتى
81. پارتىيمىزنىڭ دىن مەسىلىسدىكى ئاساسى سىياسىتى نىمە؟
دىنغا ئىتقاد قىلىش ئەركىنلىك سىياسىتى، پۇخرالارنىڭ دىنغا ئىتقاد قىلىش ئەركىنلىگى ۋە دىنغا ئىتقاد قىلماسلىق ئەركىنلىگى بار.
82. شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق كۈچ نىمە؟
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممسىى شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق كۈچ
83. مىللى بۆلگۈنچىلىكنىڭ خەۋپى قايسىلار؟
1) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملۇقىغا خەۋىپ ئىلىپ كىلىدۇ.
2) دۆلەتنىڭ مال –مۇلۇكىگە ۋە ھەرقايسى مىللەت ئاممىسنىڭ مال –مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ۋە كىشلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ ئىلىپ كىلىدۇ.
3) ئىسلاھات ۋە ئىقتىزادنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىركۆرىستىدۇ.
84. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسر كۆرسىتىدىغان مەسىللەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلش كىرەك؟
1) پىرنىسپقا ، قانۇن-تۈزۈمگە، سىياسەتكە ، تاكىتىكىغا ئەھمىيەت بىرش ، زىددىيەتنىڭ ماھيتىنى ئايرىشتا قەتئى بولۇش ، كونكىرىت مەسىللەرنى كونكىرىت ھەل قىلشتا چىڭ تۇرۇش .
2) خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتكە قارىتا تەربىيە قىلىش ،راۋانلاشتۇرۇش ،چۈشەندۇرۇش يوللىرى بىلەن ھەل قىلش.
3) ئاز ساندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسر يەتكۈزدىغان جىنايەت ئۇنسۇرلىرى قايسى مىللەت قايسى دىنغا ئىتقاد قىلىشتىن قەتئى نەزەر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.
4) مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەسر كۈچىگە قانۇن بويىچە زەربە بىرىش ھەركىتىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللى مەسىلىدىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىش زىيانكەشلىك قىلش كۈرشىگە قاتتىق زەربە بىرىش كىرەك.
85. يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان بولۇپمۇ ئىسلاھات ئىچىۋىتىلگەندىن بۇيان دۆلىتىمىزدىكى مىللى رايۇنلارنىڭ سىياسى ، ئىجتىمائى تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى ئىلىگىرى سۇرۇش جەھەتلەردە قايسى پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى؟
يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان 60يىلدىن بۇيان بۇلۇپمۇ ئسلاھات ئىچىۋىتىلگەن 30يىلدىن بىرى مىللى رايۇنلارنىڭ ئىقىتزادى، ئىجتىمائى تەرەققىياتى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش تەرەققى قىلىپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. پارتىيە ۋە دۆلىتىمىز مىللى رايۇنلارنىڭ ئىقتىزاد ۋە ئىجىتىمائى تەرەققىياتىدا تارىخى خاراكتىرلىك ئىلگىرلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئاممسنىڭ ئىشلەپچىقىرش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش سەۋىيسىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرلەش تارىخى ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئاممسنىڭ ئەخلاق ساپاسى ، پەن مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى ئومۇميۇزلۇك يوقىرى كۆتۈرۇپ مىللى رايۇنلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ پارتيىمىزنىڭ مىللى سىياسىتى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىدىكى غايەت زور نەتىجىسى .
86. ئىلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك يىڭچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى قانداق شەككىللەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان؟
جاۋاپ : يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇشى بىلەن ئىلىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە يىڭى بۇرۇلۇش ياساپ  ،باراۋەر ئىتتىپاق ،ئۆزئارا ياردەم بىرىش قاتارلىق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى .ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ باي قۇدرەتلىك بولۇپ گۈللنىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشتى .پارتىيىمىز «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»ئىدىيىسىنى توغرا تۇرغۇزۇپ ،مەملىكىتىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئىلىمىي ھالدا شەرھىلەپ ،ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تىخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە تەرەققى قىلدۇردى .
87.مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىگە قانداق زەربە بىرىش لازىم ؟
مىللى بۆلگۈنچىلىك قەيەردە يۈز بىرىشىدىن قەتئىينەزەر ،ھەممىسى مەملىكىتىمىزنىڭ مۇقۇملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئىغىر زىيان يەتكۈزىدۇ .مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ تايانچ ئۇنسۇرلىرى ،دىنى ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلارغا قارىتا  «تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بىرىش ،بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش ،دۇشمەن كۈچلەرنى ئالدىن بايقاش»فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ ،ئۇلارغا قىلچىلىك ئىمكانىيەت بەرمەي ،باشتىن ئاخىر مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارىتا باش كۆتۈرەلمەيدىغان ۋەزىيەتنى يارىتىپ ،بايقىغان ھامان ئۇجۇقتۇرۇپ ،قىلچىمۇ باش كۆتۈرەلمەيدىغان چوڭ ۋەزىيەتنى يارىتش كىرەك .
88.«تۆت ھەممە»نىڭ مەزمۇنى نىمە ؟
ھەممەيلەندە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيىسى بولۇش ،ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقكىغا پايدىلىق گەپ سۆزلەرنى قىلىش ،ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ،ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش .
89.نىمە ئۈچۈن ئىلىمىزنى ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان ،بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دەيمىز ؟
ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرى 5000يىللىق مەدىنىيەت تارىخىىغا ئىگە .چىڭ سۇلالىسى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ تىرىتورىيەسىنى ئايرىپ ،كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردى .پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئىلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئورتاق سوتسىيالىزىم يولىدا مىڭىشقا يىتەكلەپ ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىنى كەڭ كۆلەملىك ،چۇڭقۇر ئىسلاھات ئىلىپ بىرىپ ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتەرگۈزدى . شۇڭا ئىلىمىزنى ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان ،بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دەيمىز.
90.ماركىسىزىمنىڭ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى نىمە ؟
مىللەتلەر باراۋەرلىكى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىدە چىڭ تۇرۇش .
91.مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ مۇرەككەپ خەلقئارا ئارقا كۆرىنىشى نىمە ؟
مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ مۇرەككەپ خەلقئارا ئارقا كۆرىنىشى:غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەملىكىتىمىزگە قارىتا «غەرپلەشتۈرۈش ،پارچىلاش»سىياسىتىنى يۈرگۈزىشى ،يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا پەيدا بولغان مىللى بۆلگۈنچىلىك خاھىشى ۋە «ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش»ھەركىتى ،ئۇندىن باشقا سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە شەرقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت .
92.يىقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى نىمە ؟
1.چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى مىللى بۆلگۇنچى ئۇنسۇرلار ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۇرگەن بولۇپ،خەلقئارالىق بىقىندىلىققا ئىگە.
2.جىھات قىلىشنى تەشۋىق قىلىپ، دىنى ئەسەبىيلىك خاراكتىرىگە ئىگە.
3.زوراۋان،تىرورچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش،تەلۋىلەرچە بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە.
4.كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش،زەھەرخەندىلىك قىلىشتەك ئالدامچىلىق خاراكتىرىگە ئىگە.
93.قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئىپادىللىرى قايسىلار؟
كىشلەرنى دىنغا ئىشىنىشكە ۋە دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىششقا زورلاش،دىن مەمۇرى ئىشلارغا ،تەلىم-تەربىيە،قانۇن-تۇزۇم،پىلانلىق تۇغۇت،ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن مەدەنىيەت نوىتىللىرىنى ئىچىش،ئۆز ئالدىغا تالىپ تەبىيەلەش،دىننى تەرغىپ قىلماق،دىننى ئەسەبىيلىككە قۇتىرىتىش،كۇچنىڭ بارىچە دىننى تەرغىپ قىلىش،مۇنبەرنى ئىگەللىۋىلىش،
مىللى بۆلگۇنچى كۇچلەر بىلەن تىل بىرىكتۇرىۋىلىپ،دىندىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش قاتارلىقلار.
94.كۆز ئالدىمىزدا ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ موھىم نوختىسى نىمە؟
1.ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇش،ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللى رايۇنلارنىڭ ئىختىزادى تەرەققىياتىنى تىزلىتىش.
2.مىللى رايۇنلارنى ئىچىش ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۇچايتىش.
3.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۇچايتىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش.
4.مىللى رايۇنلارنىڭ ئاپتۇنۇمىيە تۇزۇمنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇش كىرەك.
95.باش شۇجى جياڭ زىمىن ئوتتۇرغا قويغان دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۇپ مەنپەئەتى قايسى؟
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۇچايتىش،ئىجتىمائىي ،سىياسى مۇقۇملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش،مىللى بۆلگۇنچىلىككە قارىشى تۇرۇش،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى،شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۇپ مەنپەئەتىدۇر.
96.ھازىردىن باشلاپ 2010 –يىلغىچە ئىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى نىمە؟
دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ،پارتىيمىزىڭ سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرۇپ،ئىختىزادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ،ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللى رايۇنلارنىڭ ئىختىزادى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇپ،ئاز سانلىق مىللەت ئاممسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۇچايتىش.
97.«شەرىقنىڭ مۇزىكا گۆھرى» دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشكەن ناخشا مۇزىكا ئەسىرى قايسى؟
ئۇيغۇر خەلقى ئىجات قىلغان «12 مۇقامدۇر».
98.دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلىدا قايسى مىللەتلەرنىڭ يىزىقى بار؟
دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلىدا خەنزۇ يىزىقى،مۇڭغۇل يىزىقى،زاڭزۇ يىزىقى،ئۇيغۇر يىزىقى،جۇۋاڭزۇ يىزىقى يىزىلغان.
99.ئىلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئاساسى تەلىپى نىمە؟
1.ئىلىمىزنىڭ زىمىن پۇتۇنلۇكى بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە قەدىر-قىممىتىنى قوغداش،ئىلىمىزنىڭ زىمىن پۇتۇنلۇكىگە تاجاۋۇز قىلغان تاجاۋۇزچىلارغا قاتتىق زەرىبە بىرىش.
2.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداش،دۆلىتىمىزنى پارچىلاش غەرزىدە بولغان بۆلگۇنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قارىشى تۇرۇش.
3.تىرىشىپ دۆلەتنى گۇللەندۇرۇش،دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىزاد ۋە مەدىنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش،دۆلىتىمىزنى باي-باياشات،گۇللەنگەن،ئاۋات،قۇدىرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۇللىنىشى ئۇچۇن جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىش،تىگىشلىك تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.
100.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۇتۇن ئەندىزسىنى شەككىللەندۇرۇشنىڭ سەۋەبى نىمە؟
1. ئىختىزادى جەھەتتىن ئۆز-ئارا تولۇقلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنىڭ تۇپ ئاساسى.
2. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆز-ئارا قان بىلەن گوشتەك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ،بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر پۇتۇن گەۋدىسىنىڭ ئاساسى ھۆجەيرىسى.
3. جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز-ئارا تونۇشقا ئىگە. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۇتۇنلۇكىنىڭ ئاساسى شەرتى .
4.ھەر مىللەت خەلقى سىياسى جەھەتتە ئورتاق تونۇشقا ئىگە. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۇتۇنلۇكىنىڭ سىياسى ئاساسى .
5.ئورتاقلىق،تەقدىرداشلىق ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ باغلىنىشقا ئىگە قىلغان.
101.ۋەتەننىڭ بىرلكى ئىلىمىزدىكى ئىلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىلگىرلەش ۋە تەرەققى قىلىشىدا قانداق ئەھمىيەتكە ۋە مۇھىم رولغا ئىگە؟
1.ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئىلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلقىنى ئىلگىرى سۇرۇشكە پايدىلىق بولۇپ،باردى-كەلدى ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.
2. .ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولسا جۇڭخۇا مەدەنىيەت تەرەققىياتنىنڭ تەرەققى قىلىشىدىكى ئاساسى شەرت.
3. .ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولغاچقىلا ئىلىمىز تارىخىنىڭ گۇللىنش چوڭ ۋەزىيىتى بار بولغان.
4. .ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولسا مەركىزى ھۆكۇمەتنىڭ پۇتۇن كۇچنى مەركەزلەشتۇرۇپ،ماددى جەھەتتىن زور قۇرۇلۇشلارنى قىلىش،غايەت زور تەرەققىياتنى ئىلىگىرى سۇرۇشتىكى  ھەل قىلغۇچ كۇچ.
5. .ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولسا سىرتقى تاجاۋۇزچى كۇچلەرگە قارىشى تۇرۇشتىكى غايەت زور كۇچ.
102.شىنجاڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەزمۇنلىرى ۋەتەنگە بولغان سەممى-ساداقەت تەربىيەسى ۋە ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇش تەربىيەسى ئىلىپ بىرىشتىن باشقا يەنە قايسى تەربىيە مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
1.چىن،خەن دەۋىرىدىن تارتىپ، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك رايۇنلىرىدىكى خەلقلەرئىختىزاد-مەدەنىيەت جەھەتتە زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان.مىلادىدىن ئىلگىركى 60-يىلى خەن سۇلاسى ھۆكۇمىتى غەربىي رايۇننى بىرلىككە كەلتۇرۇپ،غەربىي رايۇن قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيەت جەريانىدا گەرچە كۆپ قىتىم ھوقۇق تارتىش كۇرىشى بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ،ئەمما شىنجاڭ دۆلىتىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئايىرلماس بىر تەكىۋى قىسمى بولۇش تارىخى ئۆزگەرمىگەن.
2.شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن بولۇش بىلەن بىرگە كۆپ خىل دىنلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايۇندۇر.شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ھالدا شىنجاڭنى ئاچقان.
3.كاپتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن بىر قىسىم تاجاۋۇزچى دۇشمەن كۇچلەرنىڭ  قۇتراتقۇلۇق ۋە سىڭىپ كىرىش كۈرەشلىرى سەۋەبىدىن،شىنجاڭنىڭ يىقىنىقى زامان تارىخىدا بىرلىككە كەلتۇرۇش ۋە پارچىلاش كۈرەشلىرى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان.
4. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جاھانگىرلىك ،فىئودال بۆلگۇنچىلىك كۈرەشلىرى جەريانىدا،بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ،جاپالىق كۈرەش قىلىپ،ئالدىنقىلار كىيىنكىلەرنىڭ ئىزىنى بىسىپ،قان تۆكۇپ كۈرەش قىلىش نەتىجسىدە «گوش بىلەن قان» دەك مۇناسىۋەتنى ئورناتقان.
5.مىللى بۆلگۇنچىلىك شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقىغا تەسىر يەتكۇزىدىغان ئاساسى خەۋىپ.
ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش،ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كەڭىيتىش بولسا بىر تۇرلۇك ئۇزاق مۇددەتلىك ،قەتئى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تىگىشلىك سىستىما قۇرۇلۇشىدۇر.
103.جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى يۇكسەك تونۇشنىڭ قانداق زور ئەھمىيتى بار؟
1. .جۇڭخۇا مەدەنىيتى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىدىيسىنى ئىلگىرى سۇرۇش داۋامىدا شەككىللەنگەن بولۇپ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىككە كىلىش ۋەزىيتىگە ئاساس سالغان.
2. جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى يۇكسەك تونۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىختىزاد،مەدىنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
3.مەدەنىيەتكە بولغان تونۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى تاۋلىدى.
 104. سوتسىيالىزىملىق مۇقەرەرلىك دىگەن نىمە؟
سوتسىيالىزىملىق مۇقەرەرلىك ،جۇملىدىن سوتسىيالىزىملىق مۇقەرەرلىك چوقۇم كاپتالىزىم ئۇستىدىن غەلبە قىلىدۇ،بۇ بولسا ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئوبىكىتىپ قانۇنىيتىدۇر.
105.نىمە ئۇچۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تونۇشنى كۇچايتىش كىرەك ؟
جۇڭخۇا مىللەتلىرى بولسا ئىلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ،ئۆز-ئارا مەۋجۇت بولۇپ،ئورتاق تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.ھەر بىر مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئايىرىلماس بىر تەركىۋى قىسمى،ھەممىسى كۆپ مىللەتلىك جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى،ھەممىسى «قان بىلەن گوش» تەك باغلانغان،ھالاۋەت ۋە جاپادا بىللە بولغان.ئىلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا «دۆلەت ۋەيران بولسا- ئائىلە خاراپ بولىدۇ،دۆلەت گۇللەنسە –ئائىلە روناق تاپىدۇ» دىگەن تەجرىبىنى چۇڭقۇر چۇشۇنۇپ،پەقەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۇللىنىشى بولغاندىلا،دۆلەتنىڭ قۇدىرەت تاپىدىغانلىقىنى،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاندىن كاپالەتكە ئىگە بولدىغانلىقىنى چۇڭقۇر چۇشۇنۇپ يەتكەن.ھەر مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دىگەن ئىدىينى تۇرغۇزغاندىلا،باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويالايدۇ.تارىختىن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى زور ئۇيۇشۇش كۇچىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەمگەكچان،ئەقىل-پاراسەتلىك ،باتۇر خەلق.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئىنتىلىش كۇچى ۋە توختاۋسىز كۈرەش قىلىش روھى بولغاندىلا دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا قەد كۆتۇرۇپ تۇرالايدۇ.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق سۇئال جاۋاپ

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:汉 语 常 用 同 义 词 表
كېيىنكىسى: 11-نومۇرلۇق ھۆججەت
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
mamattursun تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-15 16:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-13 18:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ