ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

ئۇيغۇرتىلى 2-قىسىم

ۋاقىت : 2014-02-25 14:17 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : قەشقەرلىك | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئۇيغۇرتىلى 2- قىسىم
1.باب گىرامماتىكا ھەققىدە ئۇمۇمى چۈشەنچە
1§  گراماتىكا ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى
گىرامماتىكا تىلدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى ۋە جۈملە ھەققىدىكى قائىدە قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان    پەن.گىرامماتىكا - مورفولوگىيە ۋە
 سىنتاكسىستىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
گىرامماتىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى - مىللىي ئالاھىدىلىككە،ئۇمۇمىيلىققا،ئابىستىراكىتلىققا،مۇئەييەن بىر تىل ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە.
گىراماتىكىلىق بىرلىك - مورفىما،سۆز،سۆ بىرىكمىسى،جۈملە قاتارلىق بىرىكمىلەر.
گىرامماتىلىق شەكىل - بەلگىلىك گىرامماتىكىلىك مەنىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى تاشقى بەلگە.م:«گۈللەر ئېچىلدى» دىگەن جۈملىدىكى باش كىلىش مەنىسى
 «نۆل» شەكلى ئارقىلىق كۆپلۈك مەنىسى «لار» ئارقىىلق ئىپادىلىنىدۇ.بۇلار«گۈل» سۆزىنىڭ گىراماتىلىق شەكلىدۇر.
گىرامماتىكىلق مەنە – گىرامماتىلىق شەكىل ئارقىلق ئىپادىلەنگەن مەنە.م:« گۈللەر ئېچىلدى »دىگەن جۈملىدىكى «گۈل»سۆزىنىڭ ئىسىم
بولغانلىقى،كۆپلۈك مەنىسى ئىسى، بولۇپ كىلىش گىرامماتىكىقىلق مەنىسىدۇر.
گىرامماتىكىلق كاتىگورىيە – گىرامماتىكىلق شەكىلدە ئىپادىلەنگەن گىرامماتىكىلق مەنىلەرنىڭ ئىخچام يىغىندىسى.م:ئىسىملارنىڭ«لار،لەر»
 قوشۇمچىسى ئارقىلىق كۆپلۈك مەنىسىنى ئىپادىلەش،پېئىللارنىڭ «ما،مە»قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولۇشسىزلىقنى ئىپادىلەش گىرامماتىكىلق مەنىسدۇر.
گىرامماتىكىلق ۋاستە – گىرامماتىكىلق شەكىللەرنى ھاسىل قىلغۇچى ئۇسۇل ۋە ۋاستىلەر.ئۇلار تۈرلىگۈچى قوشۇمچە،سۆز تەرتىۋى،ياردەمچى سۆز ،
ئىنتوناتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2§مورفولوگىيە
سۆزلەرنڭ ياسىلىشى،تۈرلىنىشى ۋە تۈركۈملەرگە بۆلۈنىشى توغرىسىدىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى ئۆگىتىدىغان ۋە تەتقىق قىلىدىغان ئىلم مورفولوگىيە دەپ
ئاتىلىدۇ . سۆزلەر سۆز بىرېىكمىسى ۋە جۈملىلەرنىڭ تەركىبىگە كىرگەندە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەردە بولىدۇ. م: «مەكتەپ ئوقۇ» دىگەن  ئىككى سۆزنى ئالساق،بۇ مەكتىپىمىز،مەكتەپلەردەئوقۇدۇم،ئوقۇدۇڭ،ئۇقۇدى،ئوقۇيمەن،ئوقۇغان...قاتارلىق  مورفولوگىيىلىك  تۈرلىنىشلەرگە كىرىپ
 ھەرخىل گىرامماتىلىك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.مورفولوگىيە سۆزلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق تۈرلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى    تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ،شۇنىقڭدەك سۆزلەرگە ھەرخىل سۆز  ياسىغغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ  قوشۇلۇشى بىلەن يېڭى لىكسىكىلىق  مەنە  بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ ياسىلىش قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.م:ئىش-چى=ئىشچى،ئىش-خانا=ئىشخانا، ئىش-چان=ئىشچان.... مورفولوگىيە سۆزلەرنىڭ لىكسىكىلىق ۋە گىراماتىكىلىق مەنىلىرى ۋە تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن،ئۇلارنى تېخىمۇ ئىخچام ئىپادىلەش ئاساسىدا تۈركۈلەرگە ئايرىش ھادسىسنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.
 
 
 
3§ سۆز ۋە ئۇنىڭ مەنىلىك بۆلەكلىرى(مورفىما)
مورفىا ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى
مورفىما تىلدىكى يەنى مەنىلىك بۆلەككە ئاجراتقىلى بولمايدىغان مەنە ئىپادىلىگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك.
ئالاھىدىلىكى:چوڭ كىچىك بولىدۇ،بەزىدە بىر فونىما بىر مورفىما بولىدۇ،م:قارا-ي=قاراي...
بەزى مورفىمىلار مۇستەققىل مەنە بىلدۈرىدۇ،بەزىللىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل مەنە بىلدۈرەلمەيدۇ.يۇقارقى مىسالدىكى ئاستى سىزىلغىنى مۇستەققىل سۆز  مەنە بىلدۈرەلمەيدۇ. مورفىما سۆز ھاسىل قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل، مورفىمىلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كىلەلەيدۇ.م:يات-اق-لار-غا=ياتاقلىرىمىزغا....
مورفىمىنىڭ تۈرلىرى:رولى ئىتىدارىغا ئاساسەن مۇستەققىل مورفىما(باش مورفىما)،ياردەمچى مورفىما(ئەگشمە مورفىما)دەپ ئىككى تۈرگە بولىنىدۇ،
مۇستەققىل مورفىما جۈمىلىدە مۇستەققىل كوللىنىشقا بولىدىغان ۋە باشقا مورفىمىلارنىڭ بىرىكىشى ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان مورفىما. م:  «ئىمتىھان بار»دىگەن جۈملىدىكى ھەربىر سۆز مۇستەققىل مورفىما ھىسابلىنىدۇ.ياردەمچى مورفىما مۇستەققىل قولىنىشقا بولمايدىغان مۇستەققىل مورفىمىلار بىلەن بىرىكىپ مەلۇم مەنە ئىپادىلەيدىغان مورفىما. م: زاۋۇتتا ئىشچىلار ئىشلەيدۇ.
 
4§ سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى
ئەگشمە مورفىمىلار رولىغا قاراپ ياردەمچى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئۆز ئالدىغا ئايرىم تۇرۇپ بەلگىلىك لىكسىكىلىق مەنە بىلدۈرمەيدىغان، سۆز يىلتىزىغا ئۇلىنىپ مەلۇم لىكسىكىلق  مەنە ياكى  گىرامماتىكىلىق
 مەنە ئىپادىلەيدىغان تەركىبلەر قوشۇمچە دەپ ئاتىلىدۇ .   م :-پەرۋەر،-نا،-دان،-زار،-خور...
ياردەمچى مورفىمىنىڭ تۈرلىرى:سۆز ياسىغۇچى مورفىما(سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە)سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېڭى سۆز ياسايدىغان قوشۇمچىلارسۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار دەپ ئاتىلىدۇ.م:ئىش-چى؛تەلەي-لىك؛...
سۆز تۈرلىگۈچى مورفىما (سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە)
سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ لىكسىكىىلق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەي،ئۇنىڭغا مەلۇم لىكسىكىلىق مەنە قوشىدىغان قوشۇمچە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە
 دەپ ئاتىلىدۇ.ئىسىمنىڭ شىەخىس، كىلىش،سان،قوشۇمچىللىرى،سۈپەتنىڭ دەرىجە ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى،پېئىللارنىڭ زامان،شەخس،راي قوشۇمچىللىرى...قاتارلىقلار سۆز تۈرلىگۈچى مورفىمىدۇر؛م:ئۆي-لەر،بازار-غا...
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بىلەن سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىنىڭ پەرقى:
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا قوشۇلۇپ يېڭى لىكسىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى بارلىققى كەلتۈرىدۇ.م:ئورۇن-دۇق=ئورۇندۇق،نەمۇنە-
چى=نەمۇنىچى....
سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا لىكسىكىلىق مەنە قوشماي،،پەقەت سۆزنىڭ جۈملىدىكى مۇناسىۋىتىدىن ھاسىل بولغان گىرامماتىكىلق
مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.م:دەپتەر-ى=دەپتىرى،قارار-ى،قارارى...
 
5§ تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆز
ئۇيغۇرتىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆز لەر تۈزۈلىشىگە قاراپ تۈپ سۆز،ياسالما سۆز دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.بىرلا مەنىلىك بۆلەكتىن تۈزۈلگەن سۆزلەر
 رۈپ سۆز دەپ ئاتىلدۇ.م:مەكتەپ،ئادەم،سىنىپ......
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەنىلىك بۆلەكلەرنىڭ مەلۇم گىرامماتىلىك ئۇسۇلللار ئارقىلىق بىر-بىرىگە قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر
 ياسالما سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.م:ئاشقازان،ئىلىم پەن،تاشپاقا...
 
6§جۈپ سۆز ،بىرىككەن سۆز ،قىسقارتىلغان سۆز
1. جۈپ سۆز ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى
ئىككى سۆزنىڭ مەلۇم تەرتىپتە  قاتارلىشىپ ئېيتىلىشىدىن تۈزۈلگەن ھەم يېڭى،ھەم كەڭ مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆز جۈپ سۆز دەپ ئاتىلىدۇ.
م: ئىلم-پەن،ئاددى-ساددا،ئويۇن-كۈلكە،ئاش-پاش...
جۈپ سۆزلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1) جۈپ سۆزلەرنى تەشكىل قىلىدىغان تەركىبلەر مەنە جەھەتتىن ئۆزئارا ئالاقىدار يېقىن بولىدۇ ھەم ئۇلار بىر-بىرىگە بېقىنمايدۇ،پەقەت تەڭ
 دەرىجىدە بىرىكىش بىلەن ھەر ئىككىسىگە ئورتاق بولغان بىر ئۇمۇمى مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.م:ئات-ئۇلاغ،ياش-قېرى،ئاغرىق-سىلاق...
2) جۈپ سۆزلەرنى جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنىڭ قېلىپلىشىشى،تۇرغۇن ھالەتكە كىلىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولغان دىيىشكە بولىدۇ چۈنكى 
 تىلىمىزدىكى نۇرغۇن جۈپ سۆزلەر بەزىدە تەڭداش بۆلەك ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ،بەزىدە جۈپ سۆز شەكلىدە قوللىنىلىدۇ.م:پەن-تېخنىكا،   ئىلىم-پەن،پەن-مەدەنىيەت......
3) جۈپ سۆزلەر تەركىبىدىكى ھەر ئىككىلا سۆز ئۆزىنىڭ فونتىكىلىق شەكلى جەھەتتىن ئۆز مۇستەققىللىقىنى نىسبەتەن ساقلاپ قالغان بولىدۇ،ھەر
 ئىككىلا سۆزنىڭ ئۇرغۇسى بىر تۇتاش ئىنتوناتسىيە بىلەن ،بىر پائۇزا بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىقتا سۆز ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ.
جۈپ سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:
1)بىرخىل ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان ئىككى مەنىداش سۆزنىڭ قاتار ئېيتىلىشىدىن تۈزىلىدۇ.م:خۇشال-خۇرام،   بوران-چاپقۇن،كۈچ-قۇۋەت.....
2)مەنىللىرى ئۆزئارا يېقىن بولغان ئىكى سۆزنىڭ قاتار ئېيتىلىشىدىن تۈزۈلىدۇ.م: پارتىيە-گوروھ،ئوق-دورا...
3)قارمۇ-قارشى مەنىسىدىكى ئىككى سۆزنىڭ قاتار ئېيتىلىشىدىن تۈزۈلىدۇ.م: ئەر-ئايال.ئېگىز-پەس...
4)بىرى مەنىلىك،يەنە بىرى مەنىسىز ئىككى سۆزنىڭ قاتار ئېيتىلىشىدىن تۈزۈلىدۇ .م: ئۇزۇق-تۈلۈك،ئاغرىق-سىلاق...
5)ئايرىم تۇرغاندا مەنە ئاڭلاتمايدىغان،پەقەت قوشۇلۇپ ئېيتىلغاندىلا مەنە ئاڭلىتىدىغان ئىككى سۆزنىڭ قاتار ئېيتىلىشىدىن تۈزۈلىدۇ.م: ئاپاق-
چاپاق،ئوڭتەي-توڭتەي...
6)تەقلىد سۆزلەردىن تۈزۈلىدۇ.م: قاراس-قۇرۇس،تاراڭ-تۇرۇڭ...
7)تىلىمىزدىكى بىرقىسىم سۆزلەرنىڭ تەكرارلىنىپ كىلىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
2. بىرىككەن سۆز ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى:
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ بېقىندىلق باغلىنىشتا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولۇپ،بىرلا شەيئى ياكى ئورۇننى بىلدۈرىدىغان سۆز بىرىككەن سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. بىرىككەن سۆزلەر پارچىلانماسلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ،ئۇلارنىڭ بىرقىسىمى زاماننىڭ ئۆتىشى  بىلەن فونتىكىلىق ئۆزگىرىشكە ئۇچراپ،تۈپ سۆزلەرگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.تىلىمىزدىكى «بۈگۈن»(بۇ كۈن)،«سەكسەن»(سككىز ئون)...دىگەندەك سۆزلەر ئەنە شۇنداق سۆزلەردۇر. خۇسۇسىيىتى:1) بىرىككەن سۆزلەر مەيلى كونكىرىت،مەيلى ئابىستىراكىت مەنە بىلدۈرسۇن،ئۇلار جۈپ سۆلەرگە ئوخشاش تۇتۇق،گۇڭگا ئەمەس،بەلكى ئېنىق بىرلا ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.م: گۈلباغ،ئاقسۇ،تەرجىمان...
2) بىرىككەن سۆزلەرنىڭ بىلدۈرگەن مەنىللىرى قارىماققا تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىللىرىنىڭ يىغىندىسىدەك كۆرۈنسىمۇ،لىكىن بەزىدە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنىسىنى يوقىتىپ يېڭى مەنە ئىپادىلەيدۇ.م: مارالبېشى،ئۈچتۇرپان،ئاقسۇ...
3) بىرىككەن سۆزلەر لۇغەت تەركىبىنىڭ بىرقىسىمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.چۈنكى بىرىككەن سۆزلەر يەككە سۆزلەرگە ئوخشاش قۇرۇلۇش ماتىريالى بولۇپ ،جۈملىدە بىر سۆزگە ئوخشاش خىزمەت قىلىدۇ.
4) بىرىككەن سۆزلەر ئىگىلىگۈچى ئىگىلەنگۈچى،ئېنىقلىغۇچى-ئېنىقلانغۇچى،ئىگەخەۋر،ھالەتخەۋەر،تولدۇرغۇچىتۇلۇقلانغۇچى مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇنداق ياسىلىدۇ.لىكىن بىرىككەن سۆزلەر ئۆزىنىڭ تەكبىدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپىنچە فونتىكىلىق شەكىل ۋە مەنە جەھەتتە بىر گەۋدە تەشكىل قىلىشى،يەنى بىر ئۇرغۇغا بويسۇنىشى،بىر سۆزدەك تەلەپپۇز قىلىنىشى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.گىرامماتىلىق جەھتتىن قارىغاندا بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرىدىغان گىرامتىكلىىق مۇناسىۋەت ئاجىز بولۇپ،ئارىسىغا باشقا تەركىبلەرنى قوشقىلى بولمايدۇ.م:« قارا چىكەتكە »نى قارا رەڭلىك چىكەتكە دىيشكە بولمايدۇ...دېگەنگە ئوخشاش.
بىرىككەن سۆزلەر تۆۋەندىكىدەك يېزىلىدۇ:
1)      ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بىرىككەن سۆزلەر فونتىكىلىق پىرىنسىپ بويىچە قوشۇپ يېزىلىدۇ.م: ئاشخانا،ئاشقازان،ئاشتاختا...
2)      ئىككىنجى تەركىبى «ب» بىلەن باشلىنىدىغان بىرقىسىم بىرىككەن سۆزلەردە «ب»تاۋۇش ئېغىزدا «ۋ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، يېزىقتا ئىپادە قىلىنىدۇ. م :  موزايۋېشى،بەلۋاغ،
3) ئىككى سۆزنىڭ بىرىكتۈرۈش يولى بىلەن قويۇلغان كىشى ئىسىملىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ ھەم ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سوزۇق ۋە  ئۈزۈك
  تاۋۇشلارنىڭ فونتىكىلىق ئۆزگىرىشى ساقلانمايدۇ.م: گۈلسۈمئاي،تۇرسۇنمۇھەننەت....
4) ئۈچ ياكى تۆت سۆزدىن تۈزۈلگەن بىرىككەن سۆزلەردە بىرىكىش دەرىجىسىگە قاراپ تاكى ئالدىنقى ئىككى سۆزى،ياكى كىيىنكى  ئىككى 
 سۆزى قوشۇپ يېزىلىدۇ.م: ياۋا قامچىگۇل،كۆزەينەكلىك يىلان....
3.قىسقارتىلما سۆز
شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرىغان سۆز بىرىكمىللىرى تەركىبىدىكى ھەربىر سۆزنىڭ بېشىدىن بىر تاۋۇشنى (يېزىقتا ھەرپنى)ييكى بىر بوغۇمنى
ئېلىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر قىسقارتىلما سۆز دەپ نئاتىلىدۇ.
1)ھەرپ بويىچە قىسقارتىلما سۆزلەر ھەرپلەرنىڭ يەككە شەكلى بىلەن يېزىلىدۇ.م: ش ئۇ ئا ر (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى)،  ب د ت
 (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)...
2)بوغۇم بويىچە قىسقارتىلما سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ.م: پارتىكوم - پارتىيە گوروھى،ئوبكوم – ئوبلاستلىق كومىىتىت.
3)كىشى ئىسىم فامىللىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرپتىن كىيىن چىكىت قويۇلىدۇ.م: ئا.ت.ئۆتكۈر،ز.قادىر...
 
2.باب سۆز تۈركۈملىرى
1 § سۆزلەرنىڭ تۈركۈلەرگە بۆلۈنشى
سۆزلەرنىڭ ئىپادىلىگەن لىكسىكىلىق مەنىللىرى ۋە گىرامماتىلىكىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن توپلارغا ئايرىلىشى سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ.
 ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆزلەر لىكسىكىلىق مەنىسى ھەم تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىشى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ مۇستەققىل سۆزلەر ۋە ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
مۇستەققىل سۆزلەر ـــــ لىكسىكىلىق ھەم گىرامماتىكىلىق مەنىگە ئىگە بولغان جۈملىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ،ئۇلار مەنىسىگە،تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكىگە  ۋە باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ،ئىسىم،سۈپەت،سان،مىقدار،ئالماش،پىئىل،رەۋش،تەقلىد سۆزلەردىن ئىبارەت سەككىز تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ياردەمچى سۆزلەر ـــــ ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان،پەقەت مۇقستەققىل سۆزلەرگە ياكى جۈمىلەرگە قوشۇلۇپ قوشۇمچە مەنە بىلدۈرىدىغان سۆز ۋە جۈملىلەرنى باغلاش رولىنى ئوينايدىغان سۆزلەر بولۇپ ئۇلار تىركەلمە،باغلىغۇچى،يۈكلىمىدىن ئىبارەت ئۈچ تبركۇمگە بۆلىنىدۇ.
ئىملىق سۆزلەر بولسا مۇستەققىل سۆزلەر بىلەن ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرىدىغان ئالاھىدە سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ.                
مىسال سۆز تۈركۈملىرى مۇستەققىل سۆزلەر
تاغ   تىل   ئاشلىق   ھەسەن ئىسىم
يەتتە   سەككىز   توققۇز  ئون سان
چىڭ  ئاۋات  تەمبەل  قارا سۈپەت
چاقىرىم  كىلوگىرام   مىتىر تۈپ مىقدار
مەن   سىز   ئۇ  قايسى   ھىچقانداق ئالماش
ماڭ   تۇر   يۈگۈر ئىزدە پىئىل
دائىم   قېرىداشلارچە   ئەڭ  بەك رەۋش
غىل-پال  پىژ-پىژ تەقلىد سۆز
بىلەن  ئۈچۈن  قارىماي  ئۈستىدە  دائىر تىركەلمە ياردەمچى سۆزلەر
ۋە ھەم بىلەن شۇڭا ئەگەر لىكىن ئەمما باغلىغۇچى
لا غۇ مۇ  دۇ  دە  دۈ رە ھە چۇ تە يۇ چېغى  تېخى يۈكلىمە
ئاھ  ئۇھ  پاھ ھەي ئاپلا  ھە  بارىكاللا  ھەببەللى تۈ-تۈ   پىش-پىش  مەھ-مەھ ئۈندەش سۆزلە
ر(ئىملىق سۆزلەر)
 
2 § ئىسىم توغرىسىدا ئۇمۇمى چۈشەنچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ،شەيئى،ۋەقە،ھادىسلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزتۈركۈمى ئىسىم دىيىلىدۇ.«كىم؟نىمە؟قەيەر؟»دىگەن سوئاللارغا
 جاۋاب بولۇپ كىلىدۇ.
ئىسىملار تۆۋەندىكىدەك گىرامماتىلىكىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:
1. ئىسىملار ئۆزىگە خاس سان،تەۋەلىك كىلىش كاتىگورىيسىگە ئىگە؛
بىرلىك سان       كۆپلۈك سان     شەخس    كىلىش
مەكتەپ         مەكتەپلەر       مەكتىپىم    مەكتەپنىڭ
شەھەر          شەھەرلەر         شەھرىم     شەھەرگە
2. ئىسىملار جۈملىدە سۈپەت،سانلار بىلەن،شۇنىڭدەك سۈپەتداشلار بىلەن ئېنىقلىنىدۇ.م: چوڭ مەيدان،ئىگىز تاغ،يىقىلغان بالا.. 3. ئىسىملار
جۈملىدە ئىگە،خەۋەر،تولدۇرغۇچى،ئېنىقلىغۇچى ۋە ھالەت بولۇپ كىلىدۇ.م: بايا كەلگەن ئادەم بىزنىڭ مۇئەللىم.      4. ئىسىملار ئۆزىگە خاس ياسىغۇچى قوشۇمچىلارغا ئىگە.م: يولداش،كەپتەر ۋاز...
 
 
 
3 § خاس ئىسىم ۋە ئۇمۇمى ئىسىم
تىلىمىزدىكى ئىسىملار مەنە جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ خاس ئىسىم ۋە ئۇمۇمى ئىسىم دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.بىر تىپتىكى
 شەيئىلەرنىڭ ئورتاق نامى ياكى بىرخىل ئابىستىراكىت چۈشەنچىنى بىلدۈرىغان ئىسىملار ئۇمۇمى ئىسىم دەپ ئاتىلىدۇ.م: تاغ،ئادەم.. بىر تىپتىكى شەيئىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان ئوينايدىغان مەخسۇس ناملار خاس ئىسىم دەپ ئاتىلىدۇ، خاس ئىسىملارغا كىشى   ئىسىملىرى،يەر-جاي ناملىرى،پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى،ھايۋانلارنىڭ مەخسۇس ناملىرى،ئىدارە ۋە خەلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ناملىرى،تارىخى ۋەقەلەرنىڭ
ناملىرى،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خاس ناملىرى قاتارلىقلار كىرىدۇ.
ئادەتتە ئۇمۇمى ئىسىملار بىلەن خاس ئىسىملارنى پەرقلەندۈرۈش خېلى تەس،چۈنكى بىر سۆز مەلۇم شارائىتتا بىرخىل شەيئىگە ئورتاق بولغان
 ئۇمۇمى چۈشەنچىنى ئىپادىلىسە،مەلۇم شارائىتتا يەنە بىرخىل شەيئىگە خاس بولغان ئۇقۇمنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. م: «ئەر ۋە ئايال»دىگەن ئىسىملار «ئادەم» دىگەن ئىسىمغا نىسبەتەن خاسراق خاراكتىرگە «ئوغول ۋە قىز» دىگەن ئىسىملار «بالا»دىگەن  ئىسىمغا قارىغاند ا خاسراق   خاراكتىرگە ئىگە.
 
4 § تۈپ ئىسىم ۋە ياسالما ئىسىم
ئىسىملار ئۆزىنىڭ تۈزۈلىشى ھەم تەركىبىگە قاراپ تۈپ ئىسىم ۋە ياسالما ئىسىم دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.مەنىلىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنەيدىغان،
سۆزنىڭ ئاساسى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم تۈپ ئىسىم دىيىلىدۇ.م:كەپتەر،ئاش،كىتاب...
تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى ھەم  ئىككىدىن  ئارتۇق  ئىسىمنىڭ  بىرىكىشى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىملار  ياسالما
 ئىسىم  دىيىلىدۇ.م: كەپتەرۋاز،ئاشپەز،كىتاپپۇرۇچ،دەرسخانا....
5 § ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىللىرى
ئىسىملار بەزىدە بىرلا شەيئىنى،بەزىدە كۆپخىل شەيئىنى بىلدۈرىشىگە قاراپ جۈملىدە بىرلىك ھەم كۆپلۈك شەكىلدە كىلىدۇ.م:ئىشچى-ئىشچىلار،دېھقان-
دېھقانلار.يېزا-يېزىلار...   بىرلىك ساندىكى ئىسىملار بىرلا شەيئىنى بىلدۈرىدۇ.م: ئادەم،كىشى،ئالىم...
كۆپلۈك ساندىكى ئىسىملار ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق شەيئىنى بىلدۈرىدۇ.م: ئادەملەر،بالىلار،كىشىلەر...
ئىسىمنىڭ بىرلىك ھەم كۆپلۈك شەكلى شۇ ئىسىمغا «لار،لەر»قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «لار،لەر» قوشۇمچىسى
 قوشۇلمىغان ئىسىملار بىرلىك ساندىكى ئىسىملار ،«لار،لەر» قوشۇمچىسى قوشۇلغان ئىسىملار كۆپلۈك ساندىكى ئىسىملار  ھىسابلىنىدۇ.
ئىسىملارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «لار» قوشۇمچىسى ،تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «لەر»
قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.م: يول-يوللار،ئۆي-ئۆيلەر...
ئىسىملارغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى تۆۋەندىكىدەك ئۇلىنىدۇ؛
1.ساناق سانلار بىلەن بىۋاستە ئېنىقلىنىپ كەلگەن ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى«لار  لەر»نى قوشقىلى بولمايدۇ.
  م: «20 ئادەم،10 ماشىنا» دىگەنلەرنى «20 ئادەملەر،10 ماشىنىلار دىگىلى بولمايدۇ.
2.جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى بولۇپ كەلگەن ئىسىملار ئالاھىدە تەكىتلەنمىسە،كۆپلۈك قوشۇمچىسى ھەربىر تەڭداش بۆلەككە قوشۇلماستىن،ئاخىردىكى بىرىگىلا ئۇلىنىدۇ.م:باغدىكى ئالما،شاپتۇل،ئۈۈرك،نەشپۈتلەر پىشىپ قالدى.
3.بەزى ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئادەتتە كۆپلۈك قوشۇمچىللىىرى ئۇلانمايدۇ،ئەگەر قوشۇلسا كۆپلۈك ئۇقۇمىنى ئەمەس،شۇ شەيئى تۈرىنىڭ ياكى
  مىقدار بىرلىكىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.م: «سۇلار»دىسەك،ئېرىق-ئۆستەڭنىڭ سۈيى،دەريا سۈيى،تۇربا سۈيى...دىگەندەك بىرقانچە خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
4.ئابىستىراكىت چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەيدىغان بەزى ئىسىملارغا ئادەتتە كۆپلۈك قوشۇمچىللىرى قوشۇلمايدۇ.ئەگەر قوشۇلسا،كۆپلۈك ئۇقۇمىنى
 ئەمەس شۇ سۆزنىڭ كەڭلىكى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ،م:«تىنىچلىق»دىگەن سۆزگە كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى قوشقىلى بولمايدۇ.
5.خاس ئىسىملارغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلمايدۇ، ئەگەر قوشۇلسا كۆپلۈكنى ئەمەس شۇخاس ئىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شەيئىلەرنى قوشۇپ بىلدۈرىدۇ.م: «قاسىملار كەلدى»دىسەك قاسىمنىڭ كۆپلۈكىنى ئەمەس،قاسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كىىشىنىڭ كەلگەنلىكىنىى بىلدۈرىدۇ.
6.جۈپ شەيئىلەرگە ياكى پەقەت بىرلا شەيئىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا كۆپلۈك قوشۇمچىللىرى قوشۇلمايدۇ.ئەگەر قوشۇلسا مەنىنى
 كۈچەيتىش،تەسۋىرنى ئاشارۇش،تەكىتلەش قاتارلىق مەنىلەر بىلدۇرىدۇ.م: كۆزلىرىم تېلىپ كەتتى،يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى.
6 § ئىسىملارنىڭ شەخىس قوشۇمچىللىرى
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ قايسى شەخسكە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچىلار شەخىس قوشۇمچىللىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرتلىدا  
 ئىسىملارنىڭ شەخىس(ئىگىلىك)قوشۇمچىللىرى ئۈچ  شەخىستە، بىرلىك  ھەم  كۆپلۈكتە  كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ  ھەرقايسىسىسنىڭ  ئۆزئالدىغا     مەخسۇس قوشۇمچىللىرى بار؛
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
ئىسىملارنىڭ شەخىس كاتوگورىيىسى
 
ئىسىملارنىڭ شەخىس كاتوگورىيىسى(شەخىس قوشۇمچىللىرى)
مىسال قوشۇمچىللرى شەخىس تۈرى
دادام  سىڭلىم  قولۇم  كۆزۈم -م/ىم/-ۇم/-ۈم بىرلىك 1-شەخس
ئۆيىمىز   سىڭلىمىز -مىز/-ىمىز كۆپلۈك
داداڭ   سىڭلىڭ  قولۇڭ  كۆزۈڭ -ڭ  -ىڭ  -ۇڭ  -ۈڭ بىرلىك
ئاددى تۈرى
2-شەخس
داداڭلار  سىڭلىڭلار  قولۇڭلار  -ڭلار –ىڭلار  -ۇڭلار  -ۈڭلار كۆپلۈك
ئاددى تۈرى
دادىڭىز  قولىڭىز -ڭىز   -ىڭىز بىرلىك
سىپايە تۈرى
دادىللىرى   قوللىرى -لىرى ھۆرمەت تۈرى
 
دادىسى   سىڭلىسى -ى   -سى بىرلىك ۋە كۆپلۈك
 
3-شەخس
 
7 § ئىسىملارنىڭ كىلىش قوشۇمچىللىرى
ئىسىملار جۈملىدە شەخس قوشۇمچىللىرىدىن باشقا كىلىش قوشۇمچىللىرى بىلەنمۇ تۈرلىنىپ،ھەرخىل شەكىلدە كىلىدۇ. ئىسىملارنى جۈملىدە باشقا سۆزلەر 
 بىلەن باغلاش رولىنى ئوينايدىغان قوشۇمچىلار كىلىش قوشۇمچىللىرى ديىلىدۇ.ئۇيغۇرتىلىدا ئالتە كىلىش بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەربىرى مەلۇم مەنىگە ئىگە، بۇ  كىلىشلەر(باش كىلىشتىن باشقىسى)ئۆزىگە خاس قوشۇمچىلارغا ئىگە بولۇپ بەلگىلىك سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ:
مىسال قوشۇمچىسى كىلىش نامى
ئىشچى   يول   يولۋاس ــــــ باش كىلىش
ئىشنىڭ   مىنىڭ   سىنىڭ   ئۇنىڭ نىڭ ئىگىلىك كىلىش
ئىشچىنى   يولۋاسنى   مىنى   كىتابنى نى چۈشۈم كىلىش
ئىشچىغا   يولۋاسقا   كىتابقا غا  قا  گە كە  قە يۈنىلىش كىلىش
ئىشچىدا   يولۋاستا  ئۆيدە  تالادا دا  دە  تا  تە ئورۇن-پەيت كىلىش
ئىشچىدىن   يولۋاستىن   ئۆيدىن دىن  تىن چىقىش كىلىش
كىلىش قوشۇمچىللىرىرنىڭ رولى ۋە قوللىنىشى؛
1. باش كىلىش ـــــ باش كىلىش جۈملىنىڭ خەۋىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنى ئورۇندىغۇچى شەخس ياكى نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. باش
 كىلىشتە كەلگەن ئىسىملار كىم؟كىملەر؟نىمە؟نىمىلەر؟دىگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كىلىدۇ.م: بالا،بالىلار،بالاڭ،بالىسى...
2. ئىگىلىك كىلىش ــــــ ئىگىلىك كىلىشتە كەلگەن ئىسىملار كىمنىڭ؟نىمىنىڭ؟قەيەرنىڭ؟دىگەن سوئاللارغا جاۋەب بولۇپ ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ كىمگە،نىمىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.م: ئاممىنىڭ مۈلىكى،ۋەتەننىڭ بايلىقى،ھەسەننىڭ ئايىغى...
3. چۈشۈم كىلىش ـــــ  چۈشۈم كىلىشتە كەلگەن ئىسىملار كىمنى؟قەيەرنى؟نىمىنى؟دىگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ جۈملىنىڭ خەۋەرىدە
 ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەت ياكى ئوي-پىكىرنىڭ چۈشۈم كىلىشتە كەلگەن ئىسىمغا باغلىنىدىغانىقىنى بىلدۈرىدۇ.م: مەن قادىرنى كۆردۈم.
 4. يۈنىلىش كىلىش ـــــ  يۈنىلىش كىلىشتە كەلگەن ئىسىملار كىمگە؟نىمىگە؟قەيەرگە؟دىگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ جۈملىنىڭ خەۋەرىدە
ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەت ياكى ئوي-پىكىرنىڭ يۈنىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.قوشۇمچىسى « غا  قا  گە كە  قە»بولۇپ ،ئۇلار سۆزلەرگە تۆۋەندىكىدەك   ئۇلىنىدۇ.تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن ياكى ئاخىرقى بوغۇمىدا تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرى كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش ياكى
 جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولسا،«غا»،جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بولسا«قا»،قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.م: بازار-بازارغا،بىنا-بىناغا...
تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن ياكى ئاخىرقى بوغۇمىدا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلىرى كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش
ياكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولسا،«گە»،جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بولسا«قە»،قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.م:ۋەتەن-ۋەتەنگە...
5. چىقىش كىلىش ـــــ چىقىش كىلىشتە كەلگەن ئىسىملار كىمدىن؟نىمىدىن؟قەيەردىن؟ دىگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ  جۈملىنىڭ  خەۋەرىدە
ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ چىقىش ئورنىنى ھەم ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغان نەسىنىڭ كىمدىن،نىمىدىن،قەيەردە ئېلىنغانلىقىنى   بىلدۈرىدۇ.ئاخىرى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان ياكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە«دىن» ، جاراڭسىز  ئۈزۈك     تاۋۇش
 بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە«تىن» قوشۇمچىللىرى ئۇلىنىدۇ.م: باغدىن كەلدىم،ياغاچتىن ياسىدىم.
6. ئورۇن-پەيت كىلىش ـــــ ئورۇن-پەيت كىلىشتە كەلگەن ئىسىملار كىمدە؟نىمىدە؟قەيەردە؟ دىگەن  سوئاللارغا  جاۋاب  بولۇپ  جۈملىنىڭ
 خەۋەرىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى،پەيتىنى ۋە بىرەر نەرسىنىڭ كىمدە،نىمىدە ئكنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.(1) تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرى
 بىلەن تۈزۈلگەن ياكى ئاخىرقى بوغۇمىدا تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرى كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش ياكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولسا،«دا»،جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بولسا«تا»،قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.م:بالا-بالىدا،دەريا-دەريادا....(2) تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن ياكى ئاخىرقى بوغۇمىدا تىل ئارلدى سوزۇق تاۋۇشلىرى كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش ياكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولسا،«دە»،جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بولسا«تە»،قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.م:مەكتەپ-مەكتەپتە،شەرق-شەرقتە...
8 § ئىسىملارغا قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى
جۈملىدە ئىسىملارغا ئادەتتە بىرقانچە خىل قوشۇمچە قاتار ئۇلىنىپمۇ كلىدۇ،لىكلىن ئۇلار ھەرگىز قاليمىقان ئۇلانماستىن بەلگەلىك تەرتىپ بويىچە قائىدىلىك ئۇلىنىدۇ.ئىسىملارغا ئاۋۋال ياسىغۇچى قوشۇمچە،ئۇنىڭدىن كىيىن تۈرلىگۈچى قوشۇمچە ئۇلىنىدۇ.تۈپ سۆزگە ئىككى ياسىغۇچى قوشۇمچە چە بىرقانچە تۈرلىگۈچى قوشۇمچە
 قاتار ئۇلىنىپ كىلىۋىرىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ئاۋۋال كۆپلۈك قوشۇمچىسى،ئاندىن كىلىش قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ.م: دەرسلىرىمىزنى،ئۆيىمىزدە...
ئىسىم ۋە باشقا سۆز تۈركملىرىگە قوشۇلۇپ يېڭى مەنە بىلدۈرىغان ئىسىملارنى ياسايدىغان قوشۇمچىلار ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە دەيىلىدۇ. م: ئىش-ئىشچى،
 ئاش-ئاشپەز،يول-يولداش...
9 § ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسى
ئىسىملارنىڭ جۈملىدە ھەرخىل كىلىلەردە كىلىشى ئۇلارنىڭ جۈملىدىكى ھەرخىل ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىدۇ؛
1.باش كىلىشتە ياكى كۆپلۈك،شەخس قوشۇمچىللىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىملار جۈملىدە ئىگە بولۇپ كىلىدۇ.م:ئۈرۈمچى ئاپتونوم
 رايونىمىزنىڭ مەركىزى...
2.باش كىلىشتە ياكى شەخس (ئىگىلىك)قوشۇمچىللىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىملار جۈملىدە خەۋەر بولۇپ كىلىدۇ.م:بىززنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز-
جوڭگۇ...
3.ئىگىلىك كىلىشتە كەلگەن ئىسىلار جۈملىدە ئۆزىنىدىن كىيىنكى ئىسىمنى ئېنىقلىغۇچق بولۇپ كىلىىدۇ.م: خوتەننىڭ گىلىمى دۇنياغا داڭلىق،
شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول...
4. چۈشۈم كىلىش،ئورۇن-پەيت كىلىش،چىقىش كىلىش ۋە يۈنىلىش كىلىشلەرر جۈملىدە تولدۇرغۇچى بولۇپ كىلىدۇ.م: دۈشمەن سۆزۈڭنى توغرىلايدۇ.دوستۇڭ خاتايىڭنى توغرىلايدۇ...
5.ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان بىرقىسىم ئىسىملار سۈپەت ۋە سانلار بىلەن كەلگەندە ھالەت بولۇپ كىلىدۇ.م: نۇرغۇن يىللار جاپالىق كۈرەش قىلدۇق....
10 §سۈپەت توغرىسىدا چۈشەنچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ بىلگىسىنى(رەڭگىنى،تۈرىنى،تەمىنى،شەكلىنى،ھىدىنى،خۇسۇسىيىتىنى)بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ.
 م: تاتلىق،ئىگىىز،قىزىل،قىڭغىر...  
سۈپەتلەر مەنە ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ  تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
سۈپەتلەرنىڭ تۈرلىرى
1.تۈپ سۈپەت ــــــ بىرلا تومۇردىنتۈزۈلگەن سۈپەتلەر.م: قارا،ئاق،چوڭ،كىچىك...
2.قوشما سۈپەت ــــــ ئىككى تومۇردىن تۈزۈلگەن سۈپەتلەر.م: غۇنچە،بويلۇق،سېرىق....
3.ياسالما سۈپەت ـــــ قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ،كۆپرەك ئۇچرايدىغان قوشۇمچىلار:غىچە،گىچە،كىچە.
سۈپەت دەرىجىللىرى
ئادەم ۋە نەرسىلەردە بولىدىغان بىرخىل تۈردىكى سۈپەتلەرنىڭ بىر-بىرىىدىن ئارتۇق ياكى كەملىك دەرىجىسىنىڭ پەرقلىنىشى سۈپەت دەرىجىللىرى
 دىيلىدۇ.ئۇيغۇرتىلىدا سۈپەتلەر بەش دەرىجىگە بۆلىنىدۇ؛(1)ئەسلى دەرىجە (2)سېلىشتۇرما دەرىجە (3) ئاشۇرما دەرىجە (4) كىڭەيتمە دەرىجە
 (5) ئەركىلەتمە دەرىجە.
 
مىسال قوشۇمچىسى تۈرى
خۇشخۇي  ئىسىل   قارا ـــــ ئەسلى دەرىجە
ئاقۇچ  كۆكۈش  قارامتۇل  قىزغۇچ -ۇچ  -ۈش  -غۇچ  مىتۇل كىڭەيتمە دەرىجە
ئاپئاق   چوپچوڭ  قاپقارا ـــــ ئاشۇرما دەرىجە
يۇمشاققىنا   ئۇماققىنا   كىچىككنە غىنا   قىنا   گىنە   كىنىە ئەركىلەتمە دەرىجە
ئىگىزرەك  قاۋۇلراق راق   رەك سېلىشتۇرما دەرىجە
دىققەت: سۈپەتلەرنىڭ دەرىجە كاتىگورىيىسىنى مۇشۇ جەدۋەلدىن پايدىلىنىڭ.
11 §   سۈپەتلەرنىڭ ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلىشى
تىلىمىزدا بىرقىسىم سۈپەتلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سۈپەتلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ،ئىسىم سۆز تۈركۈىگە كۆچۈپ،ئۆزى ئىپادىلىگەن بەلگنىڭ نامىنى
 ياكى شۇ بەلگە ئىگە بولغان مەلۇم بىر شەيئىنى ئىپادىلەيدۇ...بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار پۈتۈنلەي ئىسىمغا ئوخشاش تۈرلىنىپ ، جۈملىدە  ئىسىم  ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.ئىسىم ئورنىغا قوللىنىلغان سۈپەتلەر ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ بەلگىسىنى ئەمەس،بەلكى ئۆزىنى بىلدۈرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار سۈپەتكە بىرىلىدىغان سوئالغا جاۋاب بولماي،ئىسىملارغا بىرىلىدىغان سوئالغا جاۋاب بولىدۇ.م: ئىشچان ئېشىنى يەر،ھۇرۇن بېشىنى،  ياخشىلار  ھەممە  يەردە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە…  ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن سۈپەتلەر ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك،شەخس ۋە كىلىش قوشۇمچىللىرى بىلەن تۈرلىنىپ    كىلىدۇ.م:كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى،چوڭلار كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى لازىم.
12 § سۈپەتلەرېنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسى
سۈپەتلەر ئادەتتە ئىسىلارغا باغلىنىپ ئۇلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كىلىدۇ.
سۈپەتلەر ئۆزلىرى باغلىىپ كەلگەن ئىسىملار بىلەن كەلگەندە، باغلىىپ كەلگەن ئىسىملار كۆپلۈك،شەخس،كىلىش قوشۇمچىللىرى بىلەن تۈرلىنىپ  كىلىدۇ.م: ياخشى بالا  ياخشى بالىلار  ياخشى باللىرىمىز…  سۈپەتلەر جۈملىدە تولىراق ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كىلىدۇ. ئېنىقلىغۇچى    بولۇپ كەلگەندە ،
ئىسملارنىڭ ئالدىدا كىلىپ،شۇ ئىسىملارنىڭ ھەرخىل بەلگىلرىنى ئېنىقلاپ كىلىدۇ.م: بىزنىڭ مەھەللىگە يېڭى ئىمارەت سېلىندى،كەڭ ئېتىزلارنى  ئاپئاق قارلار
 قاپلىدى…   سۈپەتلەر جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەندە ئىگىنىڭ ھەرخىل سۈپەتلىرىنى بىلدۈرۈپ خەۋەر بولۇپ كىلىدۇ.م:  بۇيەرنىڭ   مەنزىرسى
 گۈزەل،ئادىلنىڭ خېتى چىرايلىق…  سۈپەتلەر ئىسىم مەنىسىدە كەلگەندە جۈملىدە ئىگە ھەم تولدۇرغۇچى بولۇپ كىلىدۇ. سۈپەتلەر ئىگە بولۇپ كەلسە چۈشۈم كىلىش،چىقىش كىلىش، يۈنىلىش كىلىش، ئورۇن-پەيت كىلىشلەرنىڭ قوشۇمچىللىرى بىلەن  تۈرلىنىپ كلىدۇ. م:  ئىشچان  تېپىپ يەيدۇ،
ھۇرۇن يېتىپ يەيدۇ.شەرەپ قەھرىمانلارغا مەنسۈپ…
13 § سان توغرىسىدا چۈشەنچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ سانىنى،ھىسابىنى،سان جەھەتتىكى تەرتىپىنى بىلدۈرىغان سۆزلەر سان دىيىلىدۇ.جۈملىدىكى رولىغا قاراپ جاۋاب بولۇپ كىلىدىغان سوئالمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
 
مىسال قوشۇمچىسى تۈرى
بىر   .ىككى  ئۈچ   تۆت ـــــ ساناق سان
بىرىنچى   ئىككىنچى -نچى  ىنچى تەرتىپ سان
يۈزچە ئىككىيۈزدەك چە  دەك  تەك مۆلچەر سان
ئىككىدىن بىر   ئوندىن بەش ــــــ كەسىر سان
ئىككەيلەن  ئنەيلەن ەيلەن  يىلەن ئۆملۈك سان
مىڭلاپ   بىرلەپ-بىرلەپ لاپ   لەپ رەۋش سان
دىققەت:  سانلار كاتوگورىيىسىنى يۇقارقى جەدەۋەلدىن كۆرۈڭ.
سانلارنىڭ يېزىلىشى:
بىر خانىلىق سانلار تىىكىسىت ئىچىدە كەلگەندە خەت بىلەن يېزىلىدۇ.م: ئىككى،ئۈچ،تۆت خانىلىق سانلار رەقەم بىلەن يېزىلىدۇ.دەرىجە سانلار
رەقەم بىلەن يېزىلغاندا «ىنجى،نىنىجى» قوشۇمچىللىرىىڭ ئورنىغا سىزىقچە (-) قويۇلىدۇ.رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىغان سانلادىن كىيىن سىزىقچە (-) قويۇلماي چىكىت (.) قويۇلىدۇ.دەرىجە سانلار رىم رەقىقمى نىلەن يېزىلغاندا رەقەدىن كىيىن سىزىقچە بىلەن چىكىتنىڭ ھىچقايسىسىسى قويۇلمايدۇ.جۈپ سۆز تەرىقىسىدە كەلگەن مۆلچەر سانلار رەقەم بىلەن ياكى خەت بىلەن يېزىلغاندا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ.م:بەش-ئالتە ئادەم.دىققەت:ۋاقىت ئارلىقىنى بىلدۈرىدىغان سانلار سىزىق ئارقىلىق ئپادىلىنىدۇ.م:50ــ60-يىللاردا...
14 § سانلارنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسى
1.جۈملىدە باش كىلىشتە كەلگەن سانلار ھەم شەخس قوشۇمچىللىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن سانلار ئىگە  بولۇپ كىلىدۇ. م:  ئەللىك  بەشكە
  پۈتۈن بۆلىنىدۇ.
2.سانلار جۈملىدە ئاخىرىدا كىلىپ خەۋەر ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.شەخس قوشۇمچىللىرى ئۇلىنىپ كەلگەن سانلارمۇ جۈملە ئاخىرىدا خەۋەر  بولۇپ
كىلىدۇ.م:بۈگۈن 2-ئايغا يىگىرمە ئىككى.
3.سانلار جۈملىدە كىلىش قوشۇمچىللرى بىلەن تۈرلىنىپ تولدۇرغۇچى بولۇپ كىلىدۇ.م:سەككىزنى بەشكە كۆپەيتسەك قىرىق بولىدۇ.
4.سانلار جۈملىدە ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كىلىپ ئېنىقلىغۇچى بولىدۇ.بۇنداق سانلارغا قوشۇمچىلار ئۇلانمايدۇ.م: بۈگۈن كۆچەت تىكىشكە 200  چە ئوقوغۇچى  قاتناشتى.
5.سانلار جۈملىدە ئىسىمارنى ئېنىقلاپ،ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈرۈپ ھالەت بولۇپ كىلىدۇ.م: ئاتا-ئانىلار  مەكتەپك ە سائەت ئۈچتە
  يىغىلدى.
15 § مىقدار توغرىسىدا ئۇمۇمىي چۈشەنچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ،ھەرىكەتنىڭ ھىسابلاش بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر مىقسدار دىيىلىدۇ.م:نەپەر،دانە،تۇياق...
 مىقدارنىڭ تۈرلىرى ـــ كىلىش مەنبەسىگە قاراپ خاس مىقدار ۋە كۆچمە مىقاەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
 
مىسال تۈرى مىقدارنىڭ بۆلۈنىشى
ساپ  مو  تۇتام  تۈپ   دانە شەيئى مىقدارى بىرىكىش ۋە ئىقتىدارقغا ئاساسەن
قېتم   نۆۋەت   مەرتىۋا   قۇر ھەرىكەت مىقدارى
مىتىر  لىتىر  كۇب مىتىر   تۇياق ئەسلى مىقدار(خاس مىقدار) كىلىش مەنبەسىگە ئاساسەن
بىر چىلەك سۇ بىر تەخسە ئاش كۆچمە مىقدار
ئونتاغ  بىر ئىشەك  ئالتە ماشىنا ساناق مىقدارى شەيئى مىقدارى مەنىسىگە قاراپ
بىر قاپ دورا ئۆلچەم مىقدارى
دىققەت:مىقدارلار كاتوگورىيىسىنى يۇقارقى جەدىۋەلدىن كۆرۈڭ.
مىقدارنىڭ گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى ـــــــ 1.مىقدارلار ھىسابلاش بىرلىكىنى بىدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە سانلار
  بىلەن بىرىكىپ سان-مىقدار بىرىكمىسى شەكلىدە قوللىنىلىدۇ.
2.سان-مىقدار بىرىكمىسى مىقدارلارغا ساناق سان ۋە مۆلچەر سانلارنىڭ ئېىقلىغۇچى بولۇپ كىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.م: بەش كىلو ئۇن...
3.دەرىجە سانلارمۇ بەزى مىقدارلارنى ئېنىقلاپ ،سان-مىقدار بىرىكمىسىنى ھاسسىل قىلىدۇ.م: ئۈچىنچى نۆۋەت،بىرىنجى قېتىم...
4.سان-مىقدار بىرىكمىسى جۈملىدە ئىسىم،ئىسىم بىرىكمىسىگە بېقىنىپ ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كىلىدۇ؛پىئىل،پىئىل بىرىكمىلىىرىگە بېقىنىپ ھالەت
بولۇپ كىلىدۇ.م:يۈزتال سەرەڭگە،بەش جىڭ ماي....
5.سان-مىقدار بىرىكمىسى ئىسىمنىڭ 3-شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن بىرىكىپ ئالماش بولىدۇ؛جۈملىدە مەلۇم بولغان شەيئىنىڭ ياكى
 ئىگىلىك كىلىشتە ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كەلگەن  ئىسىم ئىپادىلىگەن  شەيئىنىڭ  شۇ سان-مىقدار  بىرىكمىسى ئىپادىلىگەن كۆپلۈك قىسىمىغا ۋەلىكىللىك قىلىپ ئىسىم رولىنى ئوينايدۇ.م: بۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى ئوقۇغۇچى،سەككىز نەپىرى ئوقۇتقۇچى ئىكەن...
6.ئۇيغۇرتىلىدا شەيئىلەرنىڭ بىرلىك مىقدارىنىڭ باھاسى ئۈستىدە سۆز بولغاندا،شۇ مىقدارنىڭ «بىر»سانى بىلەن بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان
  سان-مىقدار بىرىكمىسىنىڭ ئالماشقان شەكلى قوللىنىلىدۇ.ۋە كۆپ ھاللاردا «بىر»سانى چۈشۈپ قېلىپ مىقدارنىڭ ئۆزىلا كىلىدۇ.م:كۆمۈرنىڭ توننىسى 150 يۈەن...دىگەندەك.
7.بىرقىسىم مىقدارلار «لاپ لەپ»قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن رەۋىشلىشىدۇ ۋە ھالەت سۈپىتىدە پىئىللارغا بېقىنىپ كىلىپ،پىئىل ئىپادىلىگەن
 ھەرىكەتنىڭ شۇ مىقدار بويىچە ئورۇندىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.م: كۆمۈر ئەتىگە ۋاگونلاپ توشۇلدى...
16 § ئالماش ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى
ئۆزىدىن باشقا سۆز تۈركۈمىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كىلىدىغان سۆز تۈركۈمى ئالاش دىيىلىدۇ.م:ئوتنى كىم تۇتسا،شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ.
ئالماشلار ئىسىم،سۈپەت،سان،مىقدار،رەۋشلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كىلىدۇ، لىكىن  شەيئىلەرنى، شەيئىلەرنىڭ  بەلگىسىنى ، سان-مىقىدارىنى،
ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالەتلەرنى كوكىرىت ئاتاپ ئىپادىلىمەي،مەلۇم جەھەتتىن ئابىستىراكتلاشتۇرۇپ ئىپادىلەيدۇ.
م:
 
دىققەت: ئالماشلار كاتىگورىيىسىنى يۇقارقى جەدىۋەلدىن كۆرۈڭ؛
مىسال تۈرى
مەن   بىز  سەن  ئۇ ئۇلار شەخس ئالماشلىرى
بۇ  شۇ  ئاۋۇ  ماۋۇ  مانا كۆرسىتىش ئالماشلىرى
ئۆز  (ئۆزۈم   ئۆزۈڭ ...) ئۆزلۈك ئالماشلىرى
كىم  نىمە  قايسى  نىچۈك   قانچىلىك سوئال ئالماشلىرى
ھەممە بارلىق   پۈتكۈل   ھەركىم بەلگىلەش ئالماشلىرى
ئاللىكىم   ئاللىنىمە    بەزىبىر   بىراۋ ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرى
ھىچكىم   ھىچنىمە   ھىچقايسى بولۇشسىزلىق ئالماشلىرى
 
شەخس ئالماشلىرى ــــ شەيئىلەرنى سۆزلىگۈچى،ئاڭلىغۇچى ۋە سۆزلەنگۈچى نوقتىسىدىن ئابىستىراكتلاشتۇرۇپ ئىپادىلەيدىغان ئالماشتۇر؛
 
شەخس ئالماشلىرى
مەن بىرلىك 1- شەخس
بىز كۆپلۈك
سەن بىرلىك ئاددى تۈرى 2-شەخس
سىلەر كۆپلۈك ئاددى تۈرى
سىز بىرلىك سىپايە
ھەرقايسىللىرى،ھەربىرلىرى ھۆرمەت تۈرى
ئۇ ئۇلار ئى  سى بىرلىك ۋە كۆپلۈك 3-شەخس
17 § پىئىل توغرىسىدا ئۇمۇمى چۈشەنچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىش-ھەركىتىنى ھەم ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى پىئىل دەپ ئاتىلىدۇ
پىئىلنىڭ تۈرلىرى:پىئىللار تۈزۈلىشىگە قاراپ تۈپ پىئىل ۋە ياسالما پىئىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1.پىئىلىنڭ ئەسلى مەنەىسىنى بىلدۈرىدىغان ،مەنىىلىك بۆلەكلەرگە ئاجراتقىلى بولمايدىغان پىئىللار تۈپ پىئىل دەپ ئاتىلىدۇ.م:كۆر،تۇر،ياز...
 
2.ياسالما پىئىل
 
ياسيالغان سۆزلەر پىئىل ياسىغۇچى قوشۇمچىلار
داۋالا  گۈللە  جىڭلا  كەلمە  سالاملاش لا  لە  لاش  لەش
غەزەپلەن  قۇراللان   ئۈمىدسىزلەن  سانا  ئوينا لان  لەن  نا  نە
قانسىرا  زوراي  ئازاي  كۈچۈەي  پەسەي سىرا  سىرە  -ئاي  -ئەي
ئاقار   ياشار  كۆكەر  قىسقار   كېمى   يېڭى -ئار  -ئەر  ر  ى
سىلاشتۇر   يىغىشتۇر   تۈزەشتۈر  كىلىشتۈر شتۇر  شىتۇر  شتۈر  شىتۈر
جىمىق   زورۇق  قاراي مەرە  بىرىك ىق  ۇق  ي رە  ىك
تاراقشى   ھارشى  شارقىرا   يالتىرا شى  قىرا  ىرا  كىرە  ۇلدا
سۇغار   باشقۇر  گۈرۈلدە  پىژىلدا غار  قۇر ۈلدە  ىلدا
كەمسىت   چىڭقىل  ياشنا   كۈلۈمسىرە سىت  قىل  نا  ۈىسىرە
ئورۇندا   ئىزدە   خاڭدا دا    دە
باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە پىئىل ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان پىئىللار ياسالما پىئىل دەپ ئاتىلىدۇ.م:تەقدىرلە...
3.قوشما پىئىل ـــــ  ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ تاۋۇش جەھەتتىن ياكى مەنە جەھەتتىىن ئايرىلماس بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىدىن
   ھاسىل بولۇپ بىر لىكسىكىلىق مەنە بىلدۇرىدىغان پىئىللار قوشما پىئىل دىيىلىدۇ.م: يېزىۋالدىم(يېزىپ ئالدىم )،كۆرۈۋالدىم(كۆرۈپ ئالدىم)..... قوشما پىئىللار پىئل بىلەن پىئىلنىڭ ياكى باشقا سۆز تۈركمىدىكى سۆزلەر بىلەن پىئىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ.كۆپرەك قوللىنىلىدىغان قوشما پىئىللار تۆۋندىكىچە؛
1)رەۋشداشلارغا «قوي،ئال،كەت،چىق،ئەت،يات»قاتارلىق ياردەمچى پىئىللارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ.م:كۆرۈپ بولدى،يېزىپ چىقتى
 2)سۈپەتداش،رەۋشداش،ئىسىمداشلارغا «ئىدى،ئىكەن،ئىمىش»قاتارلىق ياردەمچى پىئىللارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ.م:يازغانىدى،ئوقۇغانمىش... 3)ئىسىمداشلارغا ھەم بەزىدا قاتار كەلگەن رەۋشداش بىلەن ئىسىمداشلارغا «لازىم،كىرەك،مۇمكىن»دىگەن سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.م: بېرىشىمىز لازىم،كىلىشى مۇمكىن   4)باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە پىئىللارنىڭ قوشۇلۇشى ىلەن ياسىلىدۇ.
م: نەزەر تاشلىماق،كۆڭۈل قويماق....
4.مۇستەققىل پىئىل ۋە ياردەمچى پىئىل؛
پىئىللار ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇش-بولماسلىقىغا قاراپ مۇستەققىل پىئىل ۋە ياردەمچى پىئىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1) مۇستەققىل پىئىل ــــ ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇپ كىلەلەيدىغان پىئىللار.م:گۈللەر ئېچىلدى،تىرىشىپ ئۆگىنىش كىرەك...
2) ياردەمچى پىئىل ـــــ  ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇپ كىلەلمەيدىغان ،باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ گىرامماترىكىلىق مەنە  بىلدۈرىغان 
 پىئىللار ياردەمچى پىئىللار دەپ ئاتىلىدۇ.م:بارغانىدىم(بارغان ئىدىم).  دىققەت : پىئىلللار «ئىدى،ئىكەن،ئىمىش،بول،ئەت،كەت،قىل،تۇر،يۈز،يۈر،ئال،بەر»قاتارلىق رەۋشداشلار بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەندە ياردەمچى پىئىل رولىدا كىلىدۇ.م:  ھاۋا ئىسسىپ كەتتى...
5.ئۈنۈملۈك ۋە ئۈنۈمسىز پىئىل؛
پىئىللار تولدۇرغۇچى تەلەپ قىلىش-قىلماسلىق خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئۈنۈملۈك پىئىل ۋە ئۈنۈمسىز پىئىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1) ئۈنۈملۈك پىئىل ــــ مەلۇم شىەيئىگە  ئۆتۈنىدىغان ھەرىكەتنى بىلدۈرىغان پىئىللار ئۈنۈملۈك پىئىل دەپ ئاتىلىدۇ.بۇنداق پىئىللار ھەردائىم  
 ئىسىم ياكى ئىسىم رولىدا كەلگەن سۆزنىڭ چۈشۈم كىلىش شەكلىدە ياكى چۈشۈم كىلىش خاراكىتىرىدە ئۆزىگە تولدۇرغۇچى بولۇپ كىلىشنى     تەلەپ قىلىدۇ.م:ھەمەيلەن،كىتبنى،قەلەمنى،ئال... 2) ئۈنۈمسىز پىئىل ــــ مەلۇم شىەيئىگە  ئۆتۈنمەيدىغان ھەرىكەتنى بىلدۈرىغان پىئىللار ئۈنۈمسىز پىئىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈنۈمسىز پىئىللار ئۆزى باشقۇرۇپ كەلگەن سۆزنىڭ چۈشۈم كىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.م: كەل،ئۆت،تۇر،ئولتۇر....
بەزى پىئىللار بىزىدە ئۈنۈملۈك كەلسە بەزىدە ئۈنۈمسىز مەنىدە كىلىشى مۇمكىن.م:توپنى ئوينا(ئۈنۈملۈك)،مەكتەپتە ئوقۇ(ئۈنۈمسىز). شەخسلىك پىئىل ۋە شەخسسىز پىئىل بۆلىكى ۋە بولۇشلۇق-بولۇشسىز كاتوگورىيىسى قىسقارتىلدى.
 
18 § پىئىللارنىڭ سان ــ شەخس كاتوگورىيىسى
جەدىۋەلنى كۈزىتىڭ:
 
پىئىللارنىڭ شەخس تۈرلىرى
يازدىم بىرلىك تۈرى 1-شەخس
يازىمىز كۆپلۈك تۈرى
يازدىڭ ئاددى تۈرى بىرلىك 2-شەخس
يازدىڭىز سىپايە تۈرى
يازدىلا ھۆرمەت تۈرى
يازدىڭلار ئاددى تۈرى كۆپلۈك
يازدىلا ھۆرمەت تۈرى
يېزىشتىڭ سەتلىمە تۈرى
يازدى بىرلىك ۋە كۆپلۈك 3-شەخس
ئىش-ھەرىكەتنىڭ لوگىكىلىق ئىگىسىنىڭ (ئىش-ھەرىكەتنى قىلغۇچى)قايسى شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىغان گىرامارتىكىلىق كاتوگورىيەپىئىلنىڭ
 سان-شەخس كاتوگورىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ خەۋەرنى ئىگە بىلەن سان،شەخس جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
19 § پىئىللارنىڭ زامان كاتوگورىيىسى
ئىش-ھەرىكەتنىڭ سۆز قىلىنىۋاتقان ۋاقىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىغىان گىرامماتىكىلق كاتوگورىيە پىئىللارنىڭ زامان كاتوگورىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
1.ھازىرقى زامان ــــ ئىش-ھەرىكەتنىڭ سۆز قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا بولىۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىغان زامان شەكلى.م: يېزىۋاتىمەن.
قاراۋاتىمەن...
2.ئۆتكەن زامان ــــ ئىش-ھەرىكەتنىڭ سۆز قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن بۇرۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى.م:كۆردۈم،
ئاڭلىدىم،باردىم...
3.كىلىدىغان زامان ــــ ئىش-ھەرىكەتنىڭ سۆز قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن كىيىن بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى .
م:
يازىسەن،كۆرىدۇ،ئىشلەيمەن...
20 § پىئىللارنىڭ راي كاتوگورىيىسى ۋە تۈرى
پىئىلدا ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتكە نىسبەتەن سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە ئىكىنلىكىنى بىلدۈرىدىغان گىراماتىكىلىق كاتوگورىيە پىئىلنىڭ راي
كاتوگورىيىسى دىيىلىدۇ. 1) خەۋەر رايى ــــ سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدىكى پىئىلدا ئىپدىلەنگەن ھەرىكەت توغرىسىدىكى بايانىنى بىلدۈرىدىغان  راي شەكلى.خەۋەر رايىدىكى پىئىللارنىڭ ئۆزىگە خاس مۇھىم خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ زامان كاتوگورىيىسى بىلەن تۈرلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت.     خەۋەر رايىدىكى پىئىللار مۇشۇ ئالاھىدىككە ئاساسەن ئۈچ خىل زامان شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.
2)شەرت رايى ــــ مەلۇم بىر ھەرىكەتكە قارىتا ئىككىنجى بىر ھەرىكەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان راي شەكلى . پىئىلنىڭ شەرت رايى
 شەكىللىرى مۇرەككەپ جۈملىلەردە قوللىنىلىدۇ،پىئىل ئۆزىكىگە «سا سە»قوشۇمچىللىرىنىڭ ئۇلىنىشى ىلەن ئىپادىلىنىدۇ.م: سەن كەلمىسەڭ مەن   بارمايمەن...
3)بۇيرۇق رايى ـــ ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىلىش ياكى ئورۇندالماسلىققا نىسبەتەن سۆزلىگۈچىنىڭ بۇيرۇقىنى،خاھىشىنى،تەلىپىنى،ئىلتىماسىنى،ئارزۇسىنى
 ئىپادىلەيدىغان پىئىل رايى پىئىلنىڭ بۇيرۇق رايى دىيىلىدۇ..م:رۇخسەت قىلىڭ،يۇقىرى ئۆتسىلە...
دىققەت : پىئىللارنىڭ دەرىجە كاوتفورىيىسى قىسقارتىلدى.
21 § شەخسسىز پىئىللارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تۈرلىرى
شەخسسىز  پىئىل ئايرىم تۇرغاندا مەلۇم  شەخسكە تەۋە  ئىش ھەرىكەتنى  ئىپادىلىمەيدىغان،شەخس بىلەن تۈرلەنمەيدىغان، باشقا سۆز
 تۈركۈملىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئېلىپ شۇ سۆز تۈركۈملىرىنىڭ رولىدا كىلىدىغان پىئىللاردۇر.
خۇسۇسىيىتى ـــــ (1)شەخسسىز پىئىللار پىئىلنىڭ شەخس سان كاتوگورىيلىرى بىلەن تۈرلەنمەيدۇ.يەنى ئۇلاردا پىئىلغا خاس بولغان ھىچقانداق
 شەخس،سان ئۇقۇمى ئىپادىلەنمەيدۇ.
(2)شەخسسىز پىئىللار باشقا پىئىللارغا ئوخشاش پىئىلنىڭ ئۆزەك قىسىمىدا ئىپادىلىنىدىغان دەرىجە،بولۇشلۇق،بولۇشسىز،راي،تۈس قاتارلىق
 گىراماتىكىلىق كاتوگورىيە بىلەن  تۈرلىنىدۇ.
(3)شەخىسىز پىئىللارنى شەكىللەندۈرگۈچى قوشۇمچىلار پىئىللارنىڭ بىرخىل تۈرلىگۈچى قوشۇمچىللىرى ھىسابلىنىدۇ،بۇ قوشۇمچىلار يۈكسەك
 دەرىجىدە ئابىستىراكىتلاشتۇرۇلغان بولۇپ پىئىللارنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك قوشۇلالايدۇ.
شەخسسىز پىئىللارنىڭ تۈرلىرى : ئۇيغۇرتىلىدىكى شەخسسىز پىئىللار تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە قايسى سۆز تۈكۈمىنى ئۆزىدە ئۇمۇلاشتۇرغانلىقىغا
 قاراپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1)ئىسمداش ـــ پىئىلنىڭ شەخس سان كەتوگورىيىسىگە ئىگە بولمىغان ،جۈملىدە ئىسىمنىڭ رولىدا كىلىپ ،ئىسىمنىڭ گىرامماتىكىلىق كاتوگورىيىسى بىلەن
 تۈرلىنىپ،ئىسىمغا ئوخشاش قوللىنىلىدىغان شەخسسىز پىئىلدۇر. 
2)سۈپەتداش ــــ پىئىلغا ھەم سۈپەتكە خاس خۇسۇسىيىەتكە ئىگە بولغان ،جۈملىدە سۈپەتكە ئوخشاش رول ئويناپ،ھەرىكەتنى نەلگە سۈپىتىدە
ئىپادىلەيدىغان شەخسسىز پىئىل تۈرىدۇر.سۈپەتداشلار ئىسىم رولىدا كىلىپ ئىسىملارنىڭ گىرامماتىكىلىق كاوتگورىيىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ جۈملىدە ئىسىمغا ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.م:كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سىنىپتىن (ئېنىقلىغۇچى)،چارە كۆرۈلگەنلەرنى تىزىملاپ چىقىڭ (تولدۇرغۇچى).
3)رەۋشداش ــــ جۈملىدە پىئىلغا بېقىنىپ ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى،يۈنىلىشىنى،ئورنىنى،ۋاقتىنى،ئۇسۇلى ۋە  مەقسىدىنى  بىلدۈرۈپ  كىلىدىغان
شەخسسىز پىئىللاردۇر.مىسال :
 
مىسال قوشۇمچىسى تۈرى
ئوقۇش  ئۆتۈنۈش  باماق  بىلمەك ش،ئىش،ۇش،ۈش،ماق،مەك،غۇ،قۇ،گۈ،كۇ،لىق ئىسم -داش
ئوقۇغان بىلگەن ئىچكەن يانماس -غان،قان،گەن،كەن،ار،ەر،ماس،مەس،غۇدەك،كۈدەك سۈپەت -داش
ئوقۇپ  بارغۇچە ئاڭلىغىلى  ئۈزۈپ پ،ىپ،ۇپ، رەۋش -داش
 
 
22 § رەۋش ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسيىيتى
شەيئىلەرنىڭ ھەركىتىنىڭ ۋاقتى،ئورنى،ئۇسۇلى،ھالىتى،سۈپىتى ۋە بەلگىسىنىڭ دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى رەۋش دەپ ئاتىلىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: (1) رەۋشلەر پىئىللارغا باغلىنىپ كىلىپ ھەرىكەتنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلرىنى (يەنى ھەرىكەتنىڭ ھالىتى،ۋاقتى،ئورنى،مەقسىدى،
 سەۋەبى ۋە ھەرىكەتنىڭ بەلگىسىنى)ئىپادىلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.(2)ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس گىرامماتىكىلىق كاتوگورىيىسى يوق،شۇڭا ئاساسەن   تۈرلەنمەيدۇ.ئاز بىرقىسىم رەۋشلەر سۈپەتلەتنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى بىلەن تۈرلىنىپ ئەسلىدىكى ھالىتىدىن سەل ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.م:ئۇ ھېلىراق قايتىپ كەلدى. (3)بەزى رەۋشلەر ئىسىملىشىپ ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.م:بۈگۈنكى ئىشىنى ئەتىگە قويما.(4) رەۋشلەر  ئۆزىگە خاس ياسىغۇچى قوشۇمچىلارغا ئىگە.م: ئۇيغۇرچە،مەردلەرچە،ھىلىغىچە... (5) رەۋشلەر جۈملىدە ھالەت بولۇپ كىلىدۇ.م: ئۇ مەردلەرچە قۇربان بولدى.(6)بەزى دەرىجە رەۋشلىرى ئايرىم تۇرغاندا مەنە ئاڭلاتمايدۇ.م: ناھايىتى،بەك،قەۋەت...
رەۋششنىڭ تۈرلىرى؛
 
مسال تۈرى مەنە جەھەتتىكى تۈرى
باتۇرلارچە   ھەرگىز  زادى  دادىل ھالەت رەۋشى
دەرھال  ھازىرچە  بۇرۇن  كىيىن  دائىم  ۋاقىت رەۋشى
نېرى  بېرى  ئىچكىرى  يۇقىرى  ئاستى ئورۇن رەۋشى
تېخىمۇ  ئاران  سەل  بەك  ئاساسەن دەرىجە رەۋشى
ئەتەي  قەستەن  ياخشى بولسۇن دەپ مەقسەت رەۋشى
ئىنتايىن  چاپسان  كۆپ خېلى  ھامان تۈپ رەۋش  تۈزۈلۈش      جەھەتتىكى  تۈرى
ئالمان-تالمان،سەل-پەل،ئاز-تولا قوشما رەۋش
خالىغانچە،ئۇيغۇرچە،ھېلىغىچە،تاغارلاپ ياسالما رەۋش
 
رەۋش بىلەن سۈپەتنىڭ پەرقى:
1)مەنە جەھەتتىكى پەرق ـــ سۈپەت شەيئىنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرسە، رەۋش ھەرىكەتنىڭ بىلگىسىنى بىلدۈرىدۇ.(2)سۈپەت ئىسىمغا بېقىنسىمۇ
  ئاز بىر قىسىمى ئىسىم ۋە پىئىلغا بېقىنىدۇ،بۇ تەرىپى رەۋشكە ئوخشاپ قالىدۇ.(3)سۈپەت ئىسىمغا بېقىنىپ شەيئىنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرىدۇ،ئېنىقلىغۇچى بولىدۇ.ئىسىمنىڭ كىلىش قوشۇمچىللىرى بىلەن تۈرلىنىپ ئىسىم ئۈسىگە ئالغان ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ، رەۋش پىئلغا بېقىنىپ ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ.(4)بىرقىسىم رەۋشلەر سۈپەتنىڭ ئالدىدا كىلىپ سۈپەت ئىپادىلىگەن بەلگىنى كۈچەيتىدۇ.مەلۇم بىر سۆز ھەم پىئىلغا ھەم ئىسىمغا بېقىنسا سۈپەت دەپ ئايرىۋەتسەك خاتا بولمايدۇ.مەلۇم بىر سۆز پىئىل، رەۋش،سۈپەتكە بېقىنىپ ئىسىمغا بېقىنىپ كەلمىسە ئۇ سۆزنى رەۋش دەپ ئىسىمغا،پىئىلغا بېقىسا سۈپەر دەپ ئايرىۋەتسەك بولىدۇ
 
2-باب  ياردەمچى سۆز
1 § ياردەمچى سۆزلەر ھەققىدە ئۇۇمى چۈشەنچە
ياردەمچى سۆز ـــــ تىلىمىزدا ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان،پەقەت مۇستەققىل سۆزلەرگە ياكى جۈملىلىلەرگە قوشۇلۇپ قوشۇمچە
 مەنە بىلدۈرىدىغان سۆزلەر. ياردەمچى سۆزلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى :(1) ياردەمچى سۆزلەر ئۆزىگە خاس گىراماتىكىلق كاتوگورىيىگە ئىگە ئەمەس، شۇنىڭدەك باشقا سۆز تۈركۈملىرىنىڭ گىرامماتىكىلىق كاتوگورىيىلىرى بىلەنمۇ تۈرلەنمەيدۇ.(2) ياردەمچى  سۆزلەر  مۇستەققىل  ئۇرغۇغا  ئىگە   بولۇپ ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن سۆز ۋە جۈملىلەر تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئايرىم ئېيتىلىدۇ.بەزى ياردەمچى سۆزلەر قارىماققا ياردەمچى  سۆزلەردىن پەرقى يوقتەك تۇرسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنىڭ مۇستەققىل ئۇرغۇغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە باشقا سۆزلەر بىلەن بىللە كەلگەندە ،ھەرھالدا قوشۇمچىلارغا نىسبەتەن ئايرىلىپ ،تنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئېيتىلغانلىقى جەھەتتىن قوشۇمچىلاردىن پەرقلىنىدۇ.
ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرى :«1»تىركەلمە ــــ ئىسىملارغا قوشۇلۇپ شۇ ئىسىمنىڭ جۈملىدە باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان ھەرخىل مۇناسىۋىتىنى
 بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆزلەر.تىركەلمىلەر ئىسىم،سۈپەر،سان،ئالماش،رەۋش،ئىسىمداش،سۈپەتداشلارغا ياندىشىپ كىلىپ ،ئۇ سۆزلەرنىڭ    جۈملىدە باشقا سۆز بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.«2»باغلىغۇچى ـــــ جۈملە بىلەن جۈملىنى ياكى جۈملىدىكى سۆزلەرنى ئۆزئارا باغلاپ كىلىدىغان ياردەمچى سۆزلەر.  باغلىغۇچىلار جۈملىدە ئۆتەيدىغان خىزمىتى جەھەتتىن تۈرلىگۈچى قوشۇچىلارغا ئوخشاپ كىتىدۇ.لىكىن سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار سۆززلەرنى ئۆزئارا بېقىندۇرۇش يولى بىلەن باغلىسا،باغلىغۇچىلار سۆزلەرنى ۋە جۈملىلەرنى تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلايدۇ،يەنى؛
‹1›بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچى : ۋە  ھەم  بىلەن تەنە             ‹2›قارمۇقارشى باغلىغۇچى: ئەمما لىكىن بىراق
‹3› ئايرىغۇچى باغلىغۇچى:يا  ياكى   نە                        ‹4›سەۋەب باغلىغۇچى : شۇڭا چۈنكى  شۇڭلاشقا
‹5›كۈچەيتكۈچى باغلىغۇچى : بەلكى  ھەتتا  بەلكى             ‹6›شەرت باغلىغۇچى : ئەگەر  گەرچە  مۇبادا
«3»يۈكلىمە(ئۇلانمىلار)ـــــ سۆز ھەم سۆز بىرىكمىللىرىگە ياكى جۈملىلەرگە قوشۇلۇپ قوشۇمچە مەنە بىلدۈرىدىغان سۆلەر.م:غۇ،مۇ،لا،چۇ.....
ئۇ ئايرىم سۆز ياكى جۈملىلەرگە تۈرلۈك گىرامماتىكىلىق مەنىلەرنى يەنى تەستىقلاش،سوراق قىلىش،يېلىنىش،تەكىتلەش،كىشىلەرنىڭ ئىچكى
قاراشلىرىنى،پوزىتسىيىسىنى قوشۇپ ئىاپدىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.خۇسۇسىيىتى : ئۇلانمىلار ئۆزى ئۇلىنىپ كىلىدىغان سۆزلەرنىڭ مەلۇم كىلىشتە كىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.قارىماققا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىدەك قىلغاندەك قىلغان بىلەن ئۇلاردىن پەرقلىنىدۇ،مەيلى قانداق سۆز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر    قوشۇلىۋىرىدۇ.ئۇلانمىلار باغلىغۇچىلاردىن جۈملىدىكى رولى ۋە ئىپادىلىگەن مەنىسى جەھەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
3- باب ئىملىق سۆزلەر
1 § ئىملىق سۆزلەر ۋە خۇسۇسىيىتى
ئىملىق سۆزلەرــــــ ئادەمنىڭ ھېس تۇيغۇسىنى ،خاھىشىنى ۋە بۇيرۇقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر. خۇسۇسىيىتى : ئىملىق سۆزلەر شەيئى ياكى  نەرسىلەرنىڭ نامىنى ،خۇسۇسىيىتى،سانى ۋە ئىش-ھەركىتى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇقۇم ئىپادىلىمەي ،كىشىلەرنىڭ ھاياجانلىشىش،ھەيران قېلىش،قايغۇ
 ھەسرەتلىنىش،غەزەپلىنىش ۋە ھەرخىل ھايۋان ،جان-جانىۋارلارنى چاقىرىش،قوغلاش،توختىتىشقا ئوخشاش خلمۇخىل ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.ئۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ،جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ. ئىملىق سۆزلەرنىڭ ئۆزىگە خاس     گىرامماتىكىلق كاتوگورىيىلىرى بولمايدۇ.
ئىملىق سۆزلەرنىڭ تۈرى:
‹1›ھېس-تۇيغۇ ئىملىقلىرى:ئادەملەتنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر؛
‹2›قاراتما ئىملىقلار : ئادەمنىڭ تەلەپ-خاھىشىنى بىلدۈرىدىغان ئىملىقلار؛
‹3›بۇيرۇق ۋە چاقرىق ئىملىقلىرى:ئادەم ۋە ھايۋانلارغا قارىتا تۈر؛لۈك خىتابنى بلدۈرىدۇ.
 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئۇيغۇرتىلى 2-قىسىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
قەشقەرلىك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-10-16 17:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-02-25 19:02
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ