ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش خەلقنىڭ ئارزۇسىمۇ؟

ۋاقىت : 2014-02-10 01:23 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش خەلقنىڭ ئارزۇسىمۇ؟
 
گېڭ فۇشېڭ
 
دولان تەرجىمىسى
 
« جۇڭگو ياشلار گېزىتى »  جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ %94.5 ئى پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىشقا قارشى تۇرغان، %3.2 ئى قوللىغان، %2.3 ئى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خەلقنىڭ ئارزۇسى، پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلىشنىڭ ئۆلچىمى. ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئاشكارىلانغان، ئاۋامنىڭ پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىشقا قەتئى قارشى تۇرۇشى، بۇ سىياسەتنى قارىغۇلارچە يولغا قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىرقى باسقۇچتا پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ئاممىنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە قوللاش نېسبىتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
  بىراق « ئەمەلدار رايى » نى « ئەل رايى » قىلىۋالماسلىق كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش پەقەت « ئەمەلدار رايى » دەك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق باھانىسى پېنسىيە سوغۇرتىسىدىكى يوچۇق 2 تېرلىيۇن يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتمىغاندا، پېنسىيە پۇلىنى تارقىتالمايمىش.
  بۇخىل سەۋەب يوللىقتەك قىلسىمۇ، بىراق ئىنچىكە ئويلىغاندا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى پىنسىيە سوغۇرتىسىدىكى يوچۇقنى كېم پەيدا قىلغان؟ ئاۋامدىكى مەسىلىمۇ؟ ئەمەلىيەتە بۇ تارختىن قېپقالغان مەسىلە، چۈنكى پېنسىيە سوغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن بورۇن پېنسىيىگە چىققانلار، سوغۇرتا پۇلى تاپشۇرمىغان بولسىمۇ، بېراق پېنسىيە پۇلى ئېلىۋەرگەچكە، سوغۇرتىدا يۇچۇق پەيدا بولغان، ئەمەلىيەتتە بۇ تۈزۈلمىدىكى مەسىلە، شۇنداق ئىكەن نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى ئاۋام-پۇقرا بۇ زىياننى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؟ « ئۈچخىل چىقىم » نى ئازايتىپ ياكى دۆلەت مۈلكىدىن ئاجرىتىش ئارقىلىق بۇ يۇچۇقنى ئەتكىلى بولماسمۇ؟ سوغۇرتا سىستېمىسىدىكى تارىخى قەرز مەسىلىسىنى ھەلقىلىشتا، دۆلەتنىڭ زىممىسىگە ئالىدىغان قىسمى ئېنىق بەلگۈلىنىش بىلەن بىرگە سىياسەت ئارقىلىق تۆۋەن كېرىملىك كىشىلەرنى سوغۇرتىغا قاتنىشىشقا جەلىپ قىلىپ، سوغۇرتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سوغۇرتا كۆلۈمىنى زورايتىش يولى بىلەن ھەلقىلىشقا بولىدۇ، بىراق ھەدىگەندىلا ھەق ئېلىش نىسبېتىنى ئۆستۈرىش ياكى پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق مەبلەغگە كاپالەتلىك قىلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس.
  ئۇندىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ « پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆمۈر كۆرۇش يېشى ئۇزاردى، پېنسىيە يېشىنىمۇ تەبىئى ئۇزارتىش كېرەك » دېگەن سەۋەبى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئىنسانلار ئۆمرىنىڭ ئۇزۇرىشى ئىنسانلارنىڭ بەختى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ھىس قىلالايدۇ؛ بىراق پېنسىيە يېشى ئۇزارتىلسا، ئەشۇ ئۇزارغان ئۆمرىنىمۇ خىزمەتكە سەرپ قىلسا، ئۇنداقتا ئۆمرى ئۇزارغاننىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن؟ ھۆكۈمەت ئادەتتىكى ئاۋام-پۇقرانىڭ ھاياتتىن بەھىرلىنىش ھوقۇقىنى مەھرۇم قىلسا بولمايدۇ.
  نۆۋەتتە، پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىشنى قوللاۋاتقانلار پەقەت ھوقۇقدارلار قاتلىمى، ئۇلار ۋەزىپىدىكى ۋاقتىدا كۆپخىل پاراۋانلىققا ۋە ئاز بولمىغان غەيرى كېرىمگە ئىگە بولغاچقا، قولىدا ھوقۇقى، جەمئىيەتتە مەرتىۋىگە ئىگە، ناۋادا پېنسىيىگە چىقسا، كېرىمى ئازلاپلا قالماستىن بەلكى تەسىرىمۇ ئاجىزلايدۇ. بىراق پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىشقا قارشى تۇرغانلار ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەردۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالاھىيدە ھوقۇقى ۋە غەيرىي كېرىمى بولمايدۇ، پېنسىگە چىقسىمۇ ياكى خىزمەت قىلسىمۇ كېرىمىدە چوڭ ئۆزگېرىش بولمايدۇ، پېنسىيىگە چىقىش ئۇلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا « قوتۇلۇش » ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ئەمەلدارلارغا نەپ ئەپكەلگەن بىلەن، ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
  ئادەتتىكى كەڭ ئەمگەكچىلەر پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ئەمەس بەلكى مۇمكىن بولسا 50 ياشتا، ئەڭ ياخشىسى 40 ياشتا پېنسىيىگە چىقىشنى ئارزۇلايدۇ. ئەمەلدارلارچۇ؟ پېنسىيە يېشىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، مۇمكىن بولسا 80-90 ياشتا پېنسىيىگە چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاۋام پۇقرانىڭ 60 ياشتا پېنسىيىگە چىقىشنى ئۈمىد قىلىشى، تارىخى ئەنئەنىگە ۋە خەلقئارا قائىدىگىمۇ ئۇيغۇن.
  ناۋادا « ئەمەلدار رايى » بۇيىچە پېنسىيە يېشى مەجبۇرىي ئۇزارتىش، « ئەل رايى » غا ئېتىۋارسىز قارىغانلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز پايدىسىنى كۆزلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
  http://www.21ccom.net/articles/gsbh/article_2013120496481.html
 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ