ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق قىيىن
ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق قىيىن
گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان ھەم گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. ئىنسان گۈزەللىككە ئىنتىلگەن ۋە گۈزەللىكنى سۆيگەندىلا، گۈزەللىكتىن بەھر ئالالايدۇ ھەم باشقىلارغا گۈزەللىك ئاتا قىلالايدۇ.
تەبىئەت دۇنياسىدا جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى ھەم گۈزەللىكتىن بەھر ئېلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئەمما گۈزەللىك ئاتا قىلىش ۋە گۈزەللىكتىن بەھر ئېلىش ئۇسۇللىرى، يوللىرى ئوخشاش بولمايدۇ. مەۋجۇداتلار ئىچىدە ئىنسان ئۈچۈن گۈزەللىك ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ قىممەتلىك. ئىنسان قەلب گۈزەللىكىگە ماسلاشقان سىرتقى گۈزەللىكى بىلەن ئىززەتلىكتۇر. ئادەمدە گۈزەللىكنىڭ ئىپادىسى تولىمۇ كەڭ دائىرىدە بولۇپ، ئۇ يۈرۈش - تۇرۇش، سۆز - ھەرىكەت، ئوزۇقلۇنۇش، كىيىنىش، كەسىپنى سۆيۈش، كەسىپتە نەتىجە قازىنىش، ئىجتىمائىي پائالىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە سىڭگەن بولىدۇ. ئىنسان تەبىئىي مۇھىت ھەم تەربىيە ئارقىلىق گۈزەللىكنى يارىتالايدۇ ھەم تاپالايدۇ. گۈزەللىكنى تەرتىپلىك ئائىلە تەسىرى، مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەتنى كۆزىتىش، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن ياراتقىلى، ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆز، كەسىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەت ھەم مۇناسىۋەتتە قوللىنىش ئارقىلىق تىكلىگىلى بولىدۇ.
تەبىئىي گۈزەللىك كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت، ئائىلىۋى تەرتىپ، كەسىپنى سۆيۈش، ئىلمىي پوزىتسىيە، ئەستايىدىل ئىش - ھەرىكەتتە تەدرىجىي يېتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئىزدىگەندىن كۆرە، ئەڭ ياخشىسى، گۈزەللىكنى قانداق يېتىلدۈرۈش ۋە قانداق قەدىرلەش ھەققىدە ئىزدەنگەن تۈزۈك.
بىزگە مەلۇم، ئەخلاقلىق ئادەم مەدەنىيەتلىك كېلىدۇ، مەدەنىيەتلىك ئادەم گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ. ئادەمدە بىلىم بولۇپ، ئەخلاق بولمىسا، ئۇنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ. كونىلار«ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق قىيىن» دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئادەم ئەخلاقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا بىلىم بولمىسا، ئۇ بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىدۇ، ئىگىلىگەن بىلىمى ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئۆزگىنى يېتەكلەيدۇ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق قىيىن»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ھەق تەلەپ قىلمايدىغان قىممەتلىك نەرسىلەر
- ھەق تەلەپ قىلمايدىغان قىممەتلىك نەرسىل
- ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق قىيىن
- ياخشى بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت ئورنتىشى
- ئورالغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئو
- ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۈزۈندىلەر
- ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ........
- ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئانالىزى توغرىسىدا
- ئاسپىرانتلىق مائارىپى ھەقسىز بولۇش بىك
- ئوقۇغۇچىلار سالاھىيەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇ
- مۈشۈك بىلەن ئادەم كۆزىنىڭ كۆرۈش پەرقى
- دۇنيادىكى مىليادېر مەكتەپداشلار ئەڭ كۆ
- ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى
- ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەس
- 2014-يىلى يېڭى يىللىق قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇ
- يان تېلېفون بانكىسى تەرەققىياتىدا ساقل
- يان تېلېفون بانكا كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكلى
- ھەق تەلەپ قىلمايدىغان قىممەتلىك نەرسىلەر
- ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق قىيىن
- ياخشى بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت ئورنتىشىنى ئۆگ
- ئورالغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئوزۇقلۇ
- ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۈزۈندىلەر
- ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ........
- ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئانالىزى توغرىسىدا
- ئاسپىرانتلىق مائارىپى ھەقسىز بولۇش بىكار قىل
- ئوقۇغۇچىلار سالاھىيەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىس
- مۈشۈك بىلەن ئادەم كۆزىنىڭ كۆرۈش پەرقى
- 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرى
- قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلدى
- يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوق
- 2013-يىللىق قۇربان ھېىيتلىق دەم ئىلىش ئۇقتۇرشى
- دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش
- 2013 – يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش توغرى
- 2013-يىللىق تاۋۇز چاغىنىلىق قويۇپ بېرىش ئۇقتۇر
- بىلىمنىڭ قەدرىنى قىلايلى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى لىكسىيىسى
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت
- دۇنيا دۈچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى
- مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر
- مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى
- ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئوم
- 学校教学日常管理制度
- كەڭ قورساق، لىللا بولۇش ــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئ
- ئۇيغۇرتىلى ____فونتىكا