ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

مەھەللەمنىڭ بالىلىرى

ۋاقىت : 2014-06-17 19:20 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئىخلاس خانىم | تەھرىر : قۇياش ئوغلى | كۆرۇلىشى : قېتىم
 ئۆگىنىش مەزمونى:         مەھەللەمنىڭ بالىلىرى
ئاپتورى:ۋاھىتجان ئوسمان
ژانىرى:بالىلار شېئىرى
ئۆگىنىش سائىتى:    مۇستەقىل ئوقۇش تېكىستى بولغاچقا بىر سائەت ئۆتىلىدۇ.
ئۆگۈنىش نىشانى :
1.كۇپلىتلار مەزمونى ئاساسىدا شېئىردا ئاپتورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيىۋى ھېسياتىنى چۈشىنىش .
2. ئاپتورنىڭ يېزىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىش .
3.بالىلار شېئىرىدىكى ئالاھىدىلىكنى بىلىۋېلىش.
4.بالىلىق دەۋىردىكى شاد -خوراملىقنى ھېس قىلىش.
ئۆگىنشتىكى مۇھىم نۇقتىلار :
 1.كۇپلىتلار مەزمونى ئاساسىدا شېئىردا ئاپتورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيىۋى ھېسياتىنى چۈشىنىش .
4.بالىلىق دەۋىردىكى شاد -خوراملىقنى ھېس قىلىش.
ئۆگىنىشتىكى قىيىن نۇقتا :
ئاپتورنىڭ يېزىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىش .
3.بالىلار شېئىرىدىكى ئالاھىدىلىكنى بىلىۋېلىش.


ئۆگىنىش ۋاستىلىرى:
 كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى،  دەرسلىك كىتاپ، دەرسلىك دېتالى،ئوقۇغۇچىلار  توپلىغان ماتېرياللار.
ئۆگىنىش جەريانى:                 
 يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
سۆيۈملۈك ساۋاغداشلار ،سىلەر بىلەن  كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن!
بۈگۈن سىلەرگە ئۆزەڭلەرگە خاس خوشاللىق ئاتا قىلىشنى خالايمەن ،بالىلىقىڭلاردىن ھوزۇرلىنىپ بېقىڭلار !
1.ئېكراندا مەھەللىسىدە خوشال ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ كۆرىنىشى كۆرسىتىلىپ ،تەسىراتى سورىلىپ ،دەرس تېمىسى كەلتۈرىلىدۇ.
2.سىلەرمەھەللەڭلەردە قانداق ئويۇنلارنى ئوينايسىلەر؟  چوڭلاردىن قانداق چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ باققان؟(ئەمىلىيىتىگە باغلىنىدۇ )
 
نىشاننى ئاشكارىلاش:
ئۆگىنىش نىشانى ئېكراندا كۆرسىتىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا كوللىكتىپ ئوقۇتىلىدۇ.
ئۆگىنىش نىشانىغا يېتىش: ئالدىن ئىزدىنىپ باقتىم!
   1-قېتىملىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى
ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى: (ئېكراندا كۆرسىتىلىدۇ )  1. «مەھەللەم»دېگەن سۆزنى قانداق چۈشىنىسىز؟
2.بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى كىم ؟ ئاپتورى توغۇرسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز ؟                            
3.بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمە ؟
4.«گۈلدۈرمە،ئەزىم »دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى    چۈشىنەمسىز ؟  (ئېكراندا گۈلدۈرمىگە دائىر كۆرىنىش كۆرسىتىلىدۇ )                                  

 تەكشۈرۈش ۋە تۈزۈتۈش:
ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارىي جاۋاپ بېرىدۇ ،ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەر تولۇقلايدۇ .
2-قېتىملىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى
قىلالايمەن!  
ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى:                    
ھەربىر گۇرۇپپا ئەزالىرى بىرلىكتە مۇھىم مىسرالارنى ۋە ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەرنى تۇتقا قىلىپ كۇپلىتلار مەزمونىنى خۇلاسىلەپ چىقىڭلار !                      
    (يەتتە گۇرۇپقا يەتتە كۇپلىت تەقسىم قىلىنىدۇ ،  ئالدى بىلەن گۇرۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە ئوقۇپ چىقىدۇ ،ئاندىن تەھلىلنى باشلايدۇ )
جەريان ۋەخۇلاسە: ئالدى بىلەن گۇرۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ تەھلىل قىلىدۇ،ئاندىن ۋەكىل سۆزلەيدۇ.ئوخشىمايدىغان پىكىردىكى باشقا گۇرۇپپا ئەزالىرى تولۇقلايدۇ .خۇلاسە چىقىلىدۇ .ھەربىر گۇرۇپپا خۇلاسە چىقارغاندا ئېكراندا مۇھىم مىسرالار كۆرسىتىلىدۇ .مەزمۇنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىشقا ،ئەمىليىتىگە باغلاپ چۈشىنىشكە يىتەكلىنىدۇ .
 خۇلاسە سۇئال :كۇپلىتلار مەزمنىدىن ئاپتورنىڭ قانداق ئىدىۋى ھېسياتىنى چۈشىنىۋالدىڭىز ؟
3-قېتىملىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى
ھەمكارلىشالايمەن !
ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى:
   گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاپتورنىڭ يېزىش ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىڭلار،ھەم يېزىلىش ئالاھىدىلىكىگە مىسال كەلتۇرۈڭلار !        
 
تەكشۈرۈش ۋەخۇلاسە: ئالدى بىلەن گۇرۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ تەھلىل قىلىدۇ،ئاندىن ۋەكىل سۆزلەيدۇ. خۇلاسىلىنىدۇ. ( 1.تىلى گۈزەل،ئوخشىتىش ،جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەردىن ياخشى قوللانغان.
2.پېئىللارنى ناھايىتى جايىدا قوللانغان.)
 
دەرسىخانا مەشىقى: دادىل پىكىر قىلالايمەن !
 1.بۇ شېئىرنى ئوقۇپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن مەنزىرىلەر ۋەبۇ مەنزىرلەردىن ھېس قىلغانلىرىم:
1)   2.بالىلار شېئىرلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم:(ئوقۇغۇچىلار ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەيدۇ ،خۇلاسىلىنىدۇ )
2)    بالىلار شېئىرلىرىدىن دېكىلماتسىيە قىلىپ باقاي!
3)    بىر كۇپلىت بالىلار شېئىرى يېزىپ باقاي!                                  
تاپشۇرۇق:
ئورۇندىيالايمەن !
1.خالىغان تېمىدا بالىلار شېئىرى يېزىپ باقاي !
2.پېئىللارنىڭ ئالاھىدىلىكى توغۇرسىدا ئىزدىنىپ باقاي!
  دوسكا لايىھىسى:
8.مەھەللەمنىڭ بالىلىرى
ئاپتورى:ۋاھىتجان ئوسمان
ژانىرى:بالىلار شېئىرى
 
    ‹‹مەن›› مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ شوخلىقى ،كەپسىزلىكىدىن ھوزۇرلانغان ،مەدىھلىگەن ،بالىلىق مەزگىلىنى ئەسلىگەن .
بالىلار شېئىرلىرى - ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تۇرمۇشى،ئىدىيىۋى ھېسياتى،  شەيئىلەرگەبولغان كۆزقارىشى ئىپادىلەنگەن،ئۆسمۇر   بالىلارنىڭ يېشى ۋە ،ھەۋىسى ۋەزېھنى قاتارلىق      ئالاھىدىلىكلىرىگەئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئىجات قىلىنغان    شېئىرلاردۇر. 
 
 
 
 
 
 
 
 
دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:
1.‹‹ تىل –ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى››دە  ئېنىق قىلىپ تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا تىل –ئەدەبىياتنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە ئونۋىرساللىقىنى تىرىشىپ گەۋدىلەندۈرۈش دەپ بەلگىلەنگەن ،شۇڭابۇ دەرسنى ئۆتكەندە بۇ دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەن تىل - ئەدەبىياتنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن  دەرس مەزمونىنى ئوقۇغۇچىلار ئەمىليىتىگە باغلاپ چۈشىنىشكە يىتەكلىدىم ،يەنە ئوقۇش ، يېزىش ،ئىزدىنىش ،تەپەككۇر قىلىش قاتارلىق ئونۋىرسال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سېلىشقا تىرىشتىم .مەن شۇنى ئويلىدىمكى تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم ‹‹ تىل –ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى›› نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ،ھەر بىر دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكىنى دەرس ئۆلچىمىگە تەدبىقلاپ ئۆتسە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن.
2.بۇ تېكستنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەقسىتى بۇ تېكست ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بالىلىق دەۋىردىكى شاد -خوراملىقنى ھېس قىلدۇرۇشتىن باشقا يەنە بالىلار شېئىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللىتىش بولغاچقا ، بالىلارنى ئالدى بىلەن مەزمون ئارقىلىق ،ئېكراندىكى كۆرىنىشلەر ئارقىلىق ،شېئىرنى ھېسياتلىق ئوقۇتۇش ئارقىلىق ،مۇھىم مىسرالارنى ئېكراندا كۆرسىتىپ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسوللاردىن پايدىلىنىپ بالىقىقىدىن ھەقىقىي شاتلىق ھېس قىلدۇرۇپ ، ئاندىن مۇشۇ خىل ھوزۇرنى قانداق كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ھېس قىلغانلىقىنى سوراپ ،بالىلار شېئىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردۇم، دېمەك مەنچە ئۆگىنىش ئەندىزىسىنى تۈزەشتىن ئىلگىرى ئۆگىنىش نىشانىغا قايسى قاتلاملار بويىچە ،قانداق ۋاستىلەر بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ئاسان ئىگەللىيەلەيدىغان ،چۈشىنەلەيدىغان يوللارنى ئويلىنىپ ئاندىن تەييارلاش ،دەرسىاخانە ئوقۇتىىشىدىمۇ ئۆگىنىش ئەندىزىسىگە ئۆلۈك ئېسىلۋالماي ،بالىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرھال ئۇسۇل قوللىنالايدىغان ئىقتىدار بولۇش كېرەك ئىكەن.

(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«مەھەللەمنىڭ بالىلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئىخلاس خانىم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-02 20:11 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-06-18 08:06
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ