2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلارقوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن،«ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش پىكرىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(ش س ئا ئى ت[2010]108-نومۇرلۇق)،«ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىملىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۈش»(ش ئا ج ت[2013]141-نومۇرلۇق)تىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلوق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىقتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە 2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
بىرىنچى، تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى
«ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش»پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى، تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ۋە شەرتى
1.تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى
(1)شىنجاڭ نوپوسىدىكى ياكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى شىنجاڭدا بولغان ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛
(2)شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئىچكى ئۆلكىلەردە بولغان ئوقۇغۇچىلار؛
(3)شىنجاڭدا ئىستۇدېنلارنىڭ پىدائىي بولۇپ غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش پىلانىغا قاتنىشىپ مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان(مۇلازىمەت ۋاقتى بىر يىلدىن يۇقىرى بولغان)ھەمدە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان پىدائىيلار؛
(4)شىنجاڭدا«ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ۋە ئىستۇدېنلارنىڭ پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشنى باشتىن كەچۈرگەن خادىملار؛
(5)ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىدە شىتاتقا كىرمىگەن، ئەمما تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقان، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە ئىش ھەققى تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار؛
(6)شىنجاڭدا قېپقالغان ئەسكەرلەرنىڭ جورىلىرى.
تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:
(1)ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلام يېزا-بازارلارغا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن تېخى مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان خادىملار؛
(2)ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ شىتاتتىكى ئوقۇتقۇچىلار(ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)ۋە2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كېيىن ئىستىپا بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەن ئوقۇتقۇچىلار؛
(3)يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەمۇرلىق، كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىملىرى قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش جەريانىدا كۆچۈرمىچىلىك، ساختىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار:
(4)مەمۇرىي جازاغا ئۇچراپ تېخى جازاسى بىكار قىلىنمىغان خادىملار؛ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار ياكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەلگەنلەر، شۇنداقلا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللىرى بار خادىملار.
2.تىزىملىتىش شەرتلىرى
(1)سىياسىي ساپاسى ياخشى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھېمايە قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، يەسلى مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان بولۇش؛
(2)26ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇش(1988-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇش)؛
(3)خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان تەن ساپاسى شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛
(4)تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسىپ تەلىپى ۋە ئوقۇش تارىخى تەلىپى:
بىرىنچى، كەسىپ تەلىپى:تىزىملاتقۇچى خادىملارنىڭ ئوقۇغان كەسپى چوقۇم يەسلى مائارىپى تۈرىدىكى كەسىپلەر(ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا كەسپى تەلىپى يەسلى مائارىپى، يەسلى قوش تىل مائارىپى، بالىلار مائارىپى كەسپى)بولۇش؛
ئىككىنچى، ئوقۇش تارىخى تەلىپى:پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخى بولۇش(بۇنىڭ ئىچىدە:مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى پەقەت مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپتا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئوقۇش تارىخى،«3+2»ئالىي كەسپىي مائارىپ بويىچە پىداگوگىكا تۈرى كەسپى ئوقۇش تارىخىنى ئىچىگە ئالىدۇ)؛
ئۈچىنچى، كەنت دەرىجىلىك يەسلىلەرگە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا ئوقۇغۇچى مەنبەسى شىنجاڭدا بولغان چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشتىن ئايرىلىپ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرستا ئوقۇپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار(ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)تىزىملاتسا بولىدۇ.
(5)تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ۋە پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ:
بىرىنچى، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار HSKنىڭ 5-دەرىجىسىدىن يۇقىرى ياكىMHKنىڭ 3-دەرىجىنىڭ Bدەرىجىسىدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ھازىرلىشى، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملارنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 2-دەرىجىنىڭ Bدەرىجىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.بۇنىڭ ئىچىدە:ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان2014-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا MHKدەرىجە سەۋىيەسى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولسا، 2014-يىلى 9-ئايدا رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا چىقىپ بىر يىل ئىچىدە چوقۇم تەكلىپ قىلىنغان ئىش ئورنى بەلگىلىگەن MHKدەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، تەكلىپ قىلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛
ئىككىنچى، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش مىللەت ئايرىمىسى شەرتى خەنزۇ دېيىلگەن تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ.
(6)تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تەلىپى:ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلىپىنىڭ مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلاش بولسا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى ئوقۇش تارىخى تەلىپىگە چوقۇم ئۇيغۇن كېلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ياكى پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 5-تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئۆلچەمگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
(7)كونكرېت تەلەپلەرنى«2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى
2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش نىزامى، ئىمتىھان ئىزاھاتى، ھۆججەت ئۇقتۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى-«ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش»ئىستونىدا ئېلان قىلىنىدۇ.«2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى(تور ئادرىسى:http://www.xjedu.gov.cnتۆۋەندىمۇ ئوخشاش)،ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى(تور ئادرىسى:http://www.xjrs.gov.cn تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)دە ئېلان قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى
1.توردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ(2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 16:00دىن 5-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 18:00گىچە، بېيجىڭ ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)
تىزىمغا ئالدۇرۇش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ تىزىملىتىدۇ ھەمدە«2014- يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى توردىن چۈشۈرىدۇ ھەم بېسىپ چىقىرىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش ئۇچۇرىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، يالغان، ساختا ئۇچۇر بىلەن تىزىملاتقانلارنىڭ تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىنىدۇ.
2.سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش(2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە)
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش خىزمىتى بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدى بىلەن سالاھىيىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ، ئاندىن نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش ئېلىپ بېرىشى شەرت(مەسىلەن:ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا، چوقۇم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاشقا قاتنىشىدۇ).كونكرېت ئورۇن، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
(1)سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى مەسئۇل بولىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك:بىرىنچى، ئىناۋەتلىك كىملىك؛ئىككىنچى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى.ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنى تېخى ئالمىغان 2014-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ ئىلمىي بۆلۈمى چىقىرىپ بەرگەن 2014-يىلى 7-ئايدىن ئىلگىرى نورمال ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يازمىچە ئىسپات ماتىرىيالىنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، ئىسپاتتا ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، ئوقۇغان كەسپى ۋە تەربىيەلىنىش شەكلى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بىجىرىش ئىسپاتىنى جايلاردىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى چىقىرىپ بېرىدۇ؛ئۈچىنچى، ئۈنۈملۈك مۇددەت ئىچىدىكىHSK(MHK)دەرىجە گۇۋاھنامىسى، پۇتۇڭخۇا دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك؛تۆتىنچى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى يوقلار چوقۇم تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، ئۈنۈملۈك مۇددەت ئىچىدىكى HSK)MHK)دەرىجە گۇۋاھنامىسى ۋە پۇتۇڭخۇا دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تەمىنلىشى كېرەك؛بەشىنچى،«خەنزۇچە ئىمتىھان بەرگەن مىللىي»ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي بۆلۈمى چىقىرىپ بەرگەن«خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي»ئوقۇغۇچى ئىسپاتىنى تەمىنلىشى كېرەك؛ئالتىنچى،«2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىشقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى تەمىنلىشى كېرەك؛يەتتىنچى، شەخسىي ئارخىپى(مۇشۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ)نى تەمىنلىشى كېرەك.
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە نەق مەيداندا ئىمتىھان بەرگۈچىگە ئۇقتۇرۇلىدۇ.
(2)نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بېكىتكەن نۇقتىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ئېلېكترونلۇق سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق ئۇچۇر توپلاش ئىشلىرىنى ئورۇنلىشى ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى نومۇرى(12خانە)نى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈپ بېقىشى ھەم ئىمتىھان ئورۇنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى ۋەيازما ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىشى كېرەك.تورغا چىقىپ بېسىپ چىقىرىش شارائىتى يوق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ.
تورغا چىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى ۋە يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىدىغان ۋاقىت:2014-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10:00 گىچە
3.يازما ئىمتىھان
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم يازما ئىمتىھان بېرىش كېنىشكىسىدە ئەسكەرتىلگەن ۋاقىت، دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن ئۈنۈملۈك ۋاقىتلىق كېملىك، ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى ئېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك.يۇقىرىقىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەر ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
يازما ئىمتىھان ۋاقتى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10:00دىن سائەت 12:00گىچە
(2) ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى
ئاپتونوم رايوندىكى13ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە كۇيتۇن شەھىرىدە يازما ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھان بېرىدىغان ئىمتىھان نۇقتىسىنى ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ.
(3)يازما ئىمتىھان پەن تۈرى
يازمىچە ئىمتىھان پەن تۈرى بىر بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ خەنزۇ تىلى بىلىملىرى ۋە بالىلار تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش سەۋىيەسى تەكشۈرۈلىدۇ، سىناشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان بالىلار تەربىيەسى ئاساسىي بىلىملىرى ھەمدە ئۇلارنى قوللىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ(تەپسىلاتىنى ئىمتىھان چۈشەندۈرۈشىدىن كۆرۈۋېلىڭ).
(4)ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش
«2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش يازما ئىمتىھان سۇئالى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش چىقىرىدۇ، ئىمتىھان سۇئاللىرى خەنزۇچە چىقىرىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىمتىھان سۇئالىنىڭ تولۇق نومۇرى100نومۇر بولىدۇ.
(5)يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ھەم يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى بىرتۇتاش بېكىتىدۇ.2014-يىلى7-ئاينىڭ 10-كۈنى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ،7-ئاينىڭ 15-كۈنى يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدۇ.يازما ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلار يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
4.يۈزتۇرا ئىمتىھان
(1)يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى:2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە
(2)يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتى.كونكرېت يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر2014-يىلى7-ئاينىڭ15-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورىغا چىقىپ تەكشۈرسە ياكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
(3)يۈزتۇرا ئىمتىھان تەشكىلى:يۇزتۇرا ئىمتىھان خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرتۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
(4)يۈزتۇرا ئىمتىھان خادىملىرىنى بېكىتىش:
يازما ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان خادىملار ئىچىدىن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ ۋە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ1:3نىسبىتى بويىچە(ئەگەر1:3نىسبىتىگە يەتمىسە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن،1:2ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن نىسبەتكە تەڭشىسە بولىدۇ)يۈز تۇرا ئىمتىھان خادىملىرى بېكىتىلىدۇ.
(5)يۈزتۇرا ئىمتىھان مەزمۇنى:
تەپسىلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورىنىڭ«ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش»ئىستونىدا ئېلان قىلىنغان يۈزتۇرا ئىمتىھان چۈشۈندۈرۈشىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.
(6)يۈزتۇرا ئىمتىھان تەلىپى
بىرىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، بىركۈن بۇرۇن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە رەسمىي يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىشتىن 30مىنوت بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئورنىغا يىغىلىشى كېرەك.يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلسە، يۈزتۇرا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كېملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە يۈزتۈرا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى تەمىنلىشى كېرەك.گۇۋاھنامىلەر تولۇق بولمىسا، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھان تىل تۈرى چوقۇم يازما ئىمتىھان تىل تۈرى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تولۇق نومۇرى 100نومۇر، لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى60نومۇر.
تۆتىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئەگەر ساختىلىق قىلغانلىقى بايقالسا يۇزتۇرا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
5.ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش(2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى)
ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى:ئومۇمىي نەتىجە=يازما ئىمتىھان نەتىجىسى×%50+يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى×%50.يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ.
6.سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش(2014-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە)
سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ئادەم سانىغا ئاساسەن1:1نىسبەت بويىچە ۋە ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ.سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر كۈن ئىلگىرى(كونكرېت سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ)ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ تىزىملىتىدۇ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ.سالامەتلىك تەكشۈرۈش«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغان خادىملارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش چارىسى(تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»(ش م ئو[2010]8-نومۇرلۇق)،«يەسلى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە ئىلتىماس قىلغان خادىملارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش»(ش ئو ئى[2011]14-نومۇرلۇق)بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە گۇمان تۇغۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋىرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، قايتا تەكشۈرۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار تەكلىپ قىلىنمايدۇ، ئىش ئورنىدا بوشلۇق كۆرۈلسە، ۋىلايەت، ئوبلاست، سەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىكتە بوش قالغان ئىش ئورنىغا يۇزتۇرا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلار ئىچىدىن ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلايدۇ.
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا بەلگىلىمە بويىچە سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ، ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئاپتونوم رايونۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بۇ ئىش ئورنىغا ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلايدۇ.
7.تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش(2014-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە)
يۇزتۇرا ئىمتىھانغا كىرىپ ھەم يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇپ، تىزىملاتقان ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنالماي قالغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئومۇمىي نەتىجە بويىچە يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان جاي ياكى باشقا جايدىكى بوش ئىش ئورنىغا تەڭشىلىدۇ. تەڭشەشكە قوشۇلۇشنى ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىلار توردا تىزىملاتقان ۋاقىتتىلا تاللاپ بېكىتىشى كىرەك، تەڭشەيدىغان ۋاقىتتا شەخسنىڭ پىكرى ئېلىنمايدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشنى بېكىتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەكلىپ قىلىنىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىلەن يازما كېلىشىم ئىمزالاپ تەڭشەش سالاھىيىتىنى ھازىرلىشى كېرەك.تەڭشەلگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان بوش قالغان ئىش ئورنى قايتا تولۇقلانمايدۇ.
8.ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش(2014-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە)
ئاپتونوم رايون بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بويىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى پۈتۈنلەي لاياقەتلىك بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملار دەپ بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ پىكىر ئالىدۇ.
9.تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش(2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى)
سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندا باشقىچە پىكىر بولمىغان تەكلىپ قىلىنغان خادىملار تىزىملىكىنى ئاپتونوم رايون تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
10.ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش(2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە)
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەككىز كۈنلۈك يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
11.ئىش ئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش(2014-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە)
يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىرتۇتاش تارقاتقان«تەكلىپ قىلىنغانلىق تىزىملىتىش قەغىزى»، كېملىكى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، گۇۋاھنامىلەر تولۇق بولمىسا تىزىمغا ئالمايدۇ.تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى:ئالدى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ بىرتۇتاش تىزىملىتىپ تەكشۈرۈپ ئەلەمىيلەشتۇرگەندىن كېيىن، ئاندىن ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك مائارىپ ئىدىرىلىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكلىپ قىلىنغان مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چوقۇم 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تەكلىپ قىلغان ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا تاپشۇرۇش كېرەك.
ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە سەۋەبسىز قاتناشمىغان ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان شۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
بەشىنچى، نازارەت قىلىش ۋە باشقا تەلەپلەر
ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قارىتا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھە ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، تەكلىپ قىلىشنىڭ ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملار بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە پىرىنسىپلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغانلارغا قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ئەھۋال ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە قارىتا، ئەدىلىيە ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛تەكلىپ قىلىنىپ بولغانلار بولسا، تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
تەكلىپ قىلىنىپ ئىش ئورنىغا چىققان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنىغا چىقىپ ئۈچ يىلغىچە تەڭشەلمەيدۇ ھەمدە مەمۇرلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغىمۇ بولمايدۇ.
يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىناق ئىشلىتىش ۋاقتى بىر يىل بولۇپ، سىناق ئىشلىتىش ۋاقتى توشقاندا ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن بىرتۇتاش باھالاشقا قاتنىشىپ، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىيلەشتۈرۈلىدۇ، لاياقەتسىزلەرگە ئىستىپا بەرگۈزىدۇ.
ئالتىنچى، ئالاقىدار ئىشلار
بۇ«نىزام»دا بېكىتىلگەن ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقا ئىشلار ئالاھىدە ئىشلار يۈز بېرىش سەۋەبلىك ئۆزگىرىش بولسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
بۇ«نىزام»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى:0991-7606250، 7606258، 7606272
نازارەت قىلىش تېلېفونى:
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى:0991-7606199
تورنى قوللاش تېلېفونى:0991-7606092، 7606209
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى
تىزىملىتىش ئېغىزى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
(تەھرىر : admin)
«2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
- 2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا م
- 2014-يىللىق ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچى ئى
- 2014-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچى ئىمتى
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان
- جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
- ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ق
- ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىس
- ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟
- سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىت
- نېرۋا ئاجىزلىقىنى دااۋالاش ئاددىي رېتى
- يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاپ ئىئانە قىلام
- باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىم
- دەرستىن قاچقان بالىسىنى كەمەر بىلەن ئۇر
- ۋۇخەن باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ
- 第一单元百分数
- 11-نومۇرلۇق ھۆججەت
- 2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇناسى
- 2014-يىللىق ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھا
- 2014-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغ
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇ
- جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
- ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل ق
- ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىسلاھ قى
- ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟
- سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتلىر
- نېرۋا ئاجىزلىقىنى دااۋالاش ئاددىي رېتىسىپى
- 2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇناسى
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇ
- ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟
- يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاپ ئىئانە قىلامسىز
- 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرى
- قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلدى
- يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوق
- 2013-يىللىق قۇربان ھېىيتلىق دەم ئىلىش ئۇقتۇرشى
- دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش
- 2013 – يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش توغرى
- دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى لىكسىيىسى
- «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئوم
- مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى
- دۇنيا دۈچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى
- مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر
- 学校教学日常管理制度
- كەڭ قورساق، لىللا بولۇش ــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئ
- بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى