ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

جۇڭگودىكى قۇملۇقلار

ۋاقىت : 2014-05-21 14:08 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

جۇڭگودىكى قۇملۇقلار

جۇڭگودىكى قۇملۇقلار

    ▲ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى رۇب خالى قۇملۇقىدىن قالسىلا  دۇنيادىكى 2 - چوڭ  كۆچمە  قۇملۇق  ھېسابلىنىدۇ. قۇم  بارخانىلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىزى 200 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 25  دىن - 50 مىللىمېتىرغىچە، بەزى جايلىرىنىڭ ئون مىللىمېتىر بولۇپ، ئۆسۈملۈك ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون، دەپ قارىلىدۇ.
    ▲  قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 48 مىڭ 800 كىۋادرات  كىلومېتىر  بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان. تۇرغۇن، يېرىم تۇرغۇن بارخانلىق قۇملۇق بولۇپ، 1958 - يىلىدىن بۇيان كۆچمە قۇم بارخانىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
    ▲   بادان جارىن قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 44 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئالشا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. «بادان جارىن» بۇرۇن «بادان جارىنگ» دەپ ئاتالغان، موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئېنىق ئەمەس. بادان جارىن قۇملۇقىنىڭ قۇم بارخانلىرى كۆچمە بارخان بولۇپ، ئادەتتە ئېگىزلىكى 300 - 200 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 500 مېتىر ئەتراپىدا، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇم بارخىنى ھېسابلىنىدۇ.
    ▲  تىنگىل قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 42 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالشا ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. »تىنگىل« موڭغۇلچە »تەڭرى« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە بارخاننى ئاساس قىلغان تىنگىل قۇملۇقى دۆلىتىمىزدىكى كۆچۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ.
    ▲ -چەيدام قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 34 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چەيدام ئويمانلىقىدىكى كۆچمە قۇملۇق. تارقىلىشى تارقاق، كۆپى چۆللۈك بىلەن تۇتىشىدۇ، قۇم بارخانلىرى ھىلال ئاي شەكلىدە، ئېگىزلىكى    5 دىن 10 مېتىرغىچە  مېتىرغىچە كېلىدۇ.
    ▲ -قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 22 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى، لوپنۇرنىڭ جەنۇبىي، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹قۇمتاغ›› ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ‹‹قۇملۇق تاغ›› دېگەن مەنىدە. كۆپى كۆچمە بارخان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قوشۇلۇش يۆنىلىشىدە غەربىي جەنۇبقا تېزلىكتە كۆچمەكتە.
    ▲  ئۇلانبۇخ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 9900 كىۋادرات  كىلومېتىر  بولۇپ، ئالشا  ئېگىزلىكىنىڭ  شەرقىي  شىمالى  قىسمىدا. »ئۇلانبۇخ« موڭغۇل تىلىدا قىزىل بۇقا دېگەن  مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قۇملۇق بۇزۇش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە بارخاننى ئاساس قىلغان. ئېگىزلىكى   10  دىن 30مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى   50  دىن 100  مېتىرغىچە كېلىدۇ.
    ▲ قۇبۇچ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 16 مىڭ 100 كىۋادرات كېلو مېتىر بولۇپ، ئېردوسنىڭ شىمال قىسمىغا جايلاشقان، خۇاڭخې دەرياسىغا يېقىن. كۆچمە بارخاننى  ئاساس  قىلغان، ئېگىزلىكى 10  دىن  15مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 50  دىن 100 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
     ▲ ماۋ ۋۇ سۇ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 32 مىڭ 100 كىۋادرات  كىلومېتىر  بولۇپ، ئېردوسنىڭ  جەنۇبىغا جايلاشقان. تۇرغۇن ، يېرىم تۇرغۇن بارخاننى  ئاساس  قىلغان  بولۇپ، ئېگىزلىكى  5  دىن 10 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى  10 دىن  20 مېتىرغىچە  كېلىدۇ.
    ▲ -خۇنشەنداك قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 21 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىدا. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە »يىخايالۇ قۇملۇقى« دەپ ئاتالغان، چوڭ قارىياغاچقا ئاساسەن بۇ نام قويۇلغان. بۇ قۇملۇق تۇرغۇن، يېرىم تۇرغۇن بارخاننى ئاساس قىلىدۇ، جەنۇبىدىكى دولۇن ناھىيەسىدىكى قۇمنىڭ كۆچۈشى تېزرەك، شۇڭا »كىچىك تىنگىل قۇملۇقى« دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    ▲ قۇرتچىن قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 42 مىڭ 300 كىۋادرات  كىلومېتىر  بولۇپ، شىلياۋخى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. تۇرغۇن ، يېرىم تۇرغۇن بارخاننى ئاساس  قىلغان  قۇملۇق  بولۇپ، ئېگىزلىكى  10  دىن  20 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزى 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
    ▲ خۇلۆنبۇير قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 7200 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بەزىدە قۇملۇق، بەزىدە قۇم يەر دېيىلىدۇ. ئالىملار قۇرغاق رايوندىكى قۇم دۆۋىلىرىنى قۇملۇق، يېرىم قۇرغاق رايوندىكى قۇم دۆۋىلىرىنى قۇم يەر، دەپ ئاتىغان. شۇڭا قۇملۇق ۋە قۇم يەرنىڭ ئايرىلىشىغا قاراپ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايوننى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.
    ▲ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدىكى قۇملۇق كۆلىمى 2 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 2يېرىم   ھەسسىسىگە توغرا  كېلىدىكەن.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«جۇڭگودىكى قۇملۇقلار»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ