يورۇقلۇق يىلى
يورۇقلۇق يىلى
ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يورۇقلۇقنىڭ ھاۋا بوشلىقىدا بىر يىلىدىكى تارقىلىش ئارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، تەخمىنەن 9.46 تىرىليون مېتىر.
يورۇقلۇق يىلى ئادەتتە ئاسترونومىيە ئىلمىدا ناھايىتى چوڭ ئارىلىقنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، قۇياش سىستېمىسىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارلىقى. يورۇقلۇق يىلى ۋاقىتنىڭ بىرلىكى ئەمەس. پارسېك ئاسترونومىيەدە دائىم ئىشلىتلىدىغان يەنە بىر بىرلىك بولۇپ، بىر پارسېك 3.26 يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ.
مەسىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 11 مىڭ 260 كىلومېتىرغا يەتسە، مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا بىر يورۇقلۇق يىلىنى 95 مىڭ 948 يىلدا بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئايروپىلان سائىتىگە تەخمىنەن 885 كىلومېتىر ئۇچسا، مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ بىر يورۇقلۇق يىلى مۇساپىنى بېسىپ تۈگىتىش ئۈچۈن بىر مىليون 220 مىڭ 330 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
يورۇقلۇق يىلىنىڭ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ بىر سان ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.
مىساللار
1676-يىلىدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئاساسەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت زۆرۈر ئەمەسلىكىگە ئىشىنەتتى. 1676-يىلى، دانىيە پەن-تېخنىكا ئالىمى رومېر ئالدى بىلەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى قىياس قىلدى. 1671-يىلى، رومېر يۇپىتېرنىڭ ھەمراسىنى (ئىئو) كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ يۇپىتېرنىڭ توسۇلۇش ۋاقتىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى بايقىدى. يۇپىتېر يەر شارىدىن يىراقراق ئورۇندىكى ۋاقىتتا ئايلىنىشقا كەتكەن ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن ئىدى. 1675-يىلى فرانسىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى كاسسىنى (Giovanni Domenico Cassini) بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنىڭ يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىش مۇمكىنلىقىنى قىياس قىلدى. ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بۇ قىياسىدىن ۋاز كەچتى.
ئەينى چاغدا كاسىنىنىڭ پەن-تېخنىكا ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان رومېر ۋاز كەچمىگەنىدى. ئۇ نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇر تېزلىكى ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ دىئامېتىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە 22 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 214 مىڭ كىلومېتىر دەپ قارالغان.
بىراق 18 ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە، ئاندىن ئاساسىي ئېقىم پەن-تېخنىكا دۇنياسى نۇرنىڭ سۈرئىتى چەكلىك بولۇش قىياسىنى قوبۇل قىلدى. 1728-يىلى، ئەنگلىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى برادلېي جامېس (Bradley·James) نۇرنىڭ تېزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قويۇپ، نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ سېكۇنتىغا تەخمىنەن 301 مىڭ كىلومېتىر بولدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1838-يىلى، گېرمانىيە ئاسترونومىيە ئالىمى فرىيېدرىچ ۋىلخېلم بېسسېل (Friedrich Wilhelm Bessel) تۇنجى قېتىم نۇر يىلى دېگەن سۆزنى ئاسترونومىيەدە ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇ ئاققۇ يۇلتۇز تۈركىمى 61 بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ 10.3 يورۇقلۇق يىلى ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان.
قۇياشنىڭ ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 تىرىليون كىلومېتىر بولۇپ، كىشىلەر كۆزىتەلەيدىغان ئەڭ يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ ئارىلىقى بۇ ساننىڭ 30 ھەسسىسىگە باراۋەر. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يورۇقلۇق يىلى ئىشلىتىلسە قولايلىق بولىدۇ، قۇياشنىڭ سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.545 يورۇقلۇق يىلى، ئەڭ يورۇق تۇرغۇن يۇلتۇز سىرىئوس يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8.6 يورۇقلۇق يىلى، پادىچى يىگىت يۇلتۇزى ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16.63 يورۇقلۇق يىلى ۋە 26.3 يورۇقلۇق يىلى، رىگېل يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 850 يورۇقلۇق يىلى، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئارىلىقى 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تەكشۈرەلىگەن ئەڭ يىراق يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 مىليارد يورۇقلۇق يىلى-ئەگەر بۇ يۇلتۇزنى 15 مىليارد يىل ئىلگىرى ئالەم پارتىلىغان چاغدا بارلىققا كەلدى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى پەقەت ئۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا تارقالغان نۇرى.
ئۇنىڭدىن باشقا، قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئالىملار يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى «بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بىرلىك بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەش ئىنتايىن قولايلىق. قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى، مېركۇرىي بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.4 ئاسترونومىيە بىرلىكى، ۋېنېرا بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.7 ئاسترونومىيە بىرلىكى، پلۇتون بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 ئاسترونومىيە بىرلىكى قاتارلىقلار.
(تەھرىر : سەپەر)
«يورۇقلۇق يىلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: تاتلىق ئىچىملىك كۆپ ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق
- 2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا م
- تاتلىق ئىچىملىك كۆپ ئىچىش سالامەتلىككە
- يورۇقلۇق يىلى
- دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى سا
- ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان يىمەك
- 2014-يىللىق ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچى ئى
- 2014-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچى ئىمتى
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان
- جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
- ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ق
- ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىس
- ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟
- سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىت
- نېرۋا ئاجىزلىقىنى دااۋالاش ئاددىي رېتى
- يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاپ ئىئانە قىلام
- باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىم
- 2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇناسى
- تاتلىق ئىچىملىك كۆپ ئىچىش سالامەتلىككە زىيان
- يورۇقلۇق يىلى
- دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى سانلى
- ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان يىمەكلىكلى
- 2014-يىللىق ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھا
- 2014-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغ
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇ
- جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
- ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل ق
- 2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇناسى
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇ
- ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟
- يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاپ ئىئانە قىلامسىز
- 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرى
- قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلدى
- يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوق
- 2013-يىللىق قۇربان ھېىيتلىق دەم ئىلىش ئۇقتۇرشى
- دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش
- 2013 – يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش توغرى
- دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى لىكسىيىسى
- «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئوم
- مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى
- دۇنيا دۈچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى
- مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر
- ئۇيغۇرتىلى 2-قىسىم
- 学校教学日常管理制度
- بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى