ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

بىر كېچىدىكى خىزمەت

ۋاقىت : 2014-06-18 08:56 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئىخلاس خانىم | تەھرىر : قۇياش ئوغلى | كۆرۇلىشى : قېتىم
 ئۆگىنىش مەزمونى:          بىر كېچىدىكى خىزمەت
ئاپتورى:خې چىفاڭ
ژانىرى:بايان ماقالىسى
ئۆگىنىش سائىتى:    مۇستەقىل ئوقۇش تېكىستى بولغاچقا بىر سائەت ئۆتىلىدۇ.
ئۆگىنىش نىشانى:
1.      تېكىستنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا توغرا،ھېسسىياتلىق ئوقۇپ، يېڭى سۆزلەر تېپىپ،مەنىسىنى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئگىلەش. (مۇھىم ،قىيىن نۇقتا)
2.      جۇزۇڭلىنىڭ جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىش روھى ۋە ئاددىي –ساددا تۇرمۇش ئىستىلىدىن ئۇلۇغ پەزىلىتىنى ھېس قىلىش . (مۇھىم نۇقتا)
3.      تېكىستتىكى ئاددىي تىل،كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئالىجاناپ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشتەك يېزىش ئۇسۇلىنى ئگىلەش.( قىيىن نۇقتا)
ئۆگىنىش ۋاستىلىرى:
   دەرسلىك كىتاپ، دەرسلىك دېتالى،رەسىم قاتارلىق توپلىغان ماتېرياللار
ئۆگىنىش جەريانى:                 
 يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
ئوقۇغۇچىلار توپلاپ كەلگەن جۇزۇڭلى ۋە ئاپتورغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ،قىسقا خۇلاسە چىقىرىلدۇ. سىزلەر ناھايىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن كۆپچىلىكنى تەمىنلىدىڭىزلار .ئۇنداقتا بۇ سائەتتە ئۆگەنمەكچى بولغان تېكىستىمىزدە جۇزۇڭلىنىڭ يەنە قانداق ئىشى سۆزلىندىغاندۇ؟ نېمىشقا “بىر كېچىدىكى خىزمەت” دەپ ماۋزۇ قويغاندۇ؟قىزىقسىڭىزلار بىرلىكتە بۇ  تېكىستنى ئۆگىنىپ باقايلى،دەپ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن. ( ماۋزو دوسكىغا يېزىلىدۇ)
نىشاننى ئاشكارىلاش:
ئۆگىنىش نىشانى ئېكراندا كۆرسىتىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا كوللىكتىپ ئوقۇتىلىدۇ.
ئۆگىنىش نىشانىغا يېتىش:    1-قېتىملىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى
ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى:   تېكىستنى كۆللىكتىپ ھالدا توغرا ،ھېسسىياتلىق ئوقۇغاچ ، تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭلار،ئاندىن كىچىك گۇرۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ مەنىسىنى چۈشىنىڭلارھەم جۈملە تۈزۈڭلار.
 تەكشۈرۈش ۋە تۈزۈتۈش:
1) ئوقۇتقۇچى ئارىلاپ يۈرۈپ، قىينالغان سۆزلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
2) ھەر بىر گۇرۇپپا قايسى سۆزلەرنى ھەمكارلىشىپ چۈشەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گۇرۇپپا ئىچىدە ھەل قىلالمىغانلىرىنى كوللىكتىپ تەھلىل قىلىدۇ.
2-قېتىملىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى
ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى:  تېكىستنى ئۆزئالدىڭلارغا مۇستەقىل ھالدا  ئىچىڭلاردا ئوقۇپ چىقىپ، ياخشى كۆرگەن جۈملەڭلارنى،ھەم جۇزۇڭلىنىڭ سۆزى،ھەركىتى ،خىزمەت ئىستىلى تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى تېپىپ ئاستىغا سىزىڭلار،ئاخىرىدا كىچىك گۇرۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ جۈملىلەرنىڭ مەنىسى ئاساسىدا جۇزۇڭلىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىڭلار.
تەكشۈرۈش ۋەخۇلاسە:
ئالدى بىلەن گۇرۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەرنىڭ مەنىسى ئاساسىدا جۇزۇڭلىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىدۇ،ئاندىن ۋەكىل چىقىپ ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ،بىر نەپەر ئوقۇغۇچى دوسكىغا خۇلاسىلەپ يازىدۇ.
3-قېتىملىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى
ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى: تېكىستنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئابزاسىنى تېزدىن كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇپ،تېكىست مەزمۇنى بىلەن ئاپتورنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى زىچ باغلاپ تۇرۇپ،
 ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىڭلار. قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللانغان؟
تەكشۈرۈش ۋەخۇلاسە: ئالدى بىلەن گۇرۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ تەھلىل قىلىدۇ،ئاندىن ۋەكىل سۆزلەيدۇ.ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەيدۇ.( ئاپتور رېتورك سوراق بىلەن رېتورىك سۇئالنى قوللانغان.بۇئەسەرنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى روشەن ئالاھىدىلىكى، جۇزۇڭلىنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار ۋە ئاددىي تىل بىلەن گەۋدىلەندۇرۇشتىن ئىبارەت.)
دەرسىخانا مەشىقى:
1)    جۇزۇڭلىنىڭ قانداق پەزىلىتى سىزنى تەسىرلەندۈردى؟يېزىپ بېقىڭ.
2)    جۇزۇڭلىغا قانداق يۈرەك سۆزىڭىز بار ؟ يېزىپ بېقىڭ.
تاپشۇرۇق:
 ئۆزىڭىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بىر كىشىنىڭ ئاددىي ئىشى ئارقىلىق خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بىر پارچە ماقالە يېزىپ كېلىڭ.
  دوسكا لايىھىسى:
  بىر كېچىدىكى خىزمەت
 
                  خىزمەتتىكى جاپالىقى
        جۇزۇڭلى    تۇرمۇشتىكى ئاددىي-ساددىلىقى     خەلق چاكىرى
                    مەننىڭ مەدىھىسى                      
        
رېتورىك سوراق                                  رېتورك خىتاپ
                                              
                            تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار          خاراكتېرنى
يېزىلىش ئالاھىدىلىك          ئاددىي تىل                              ياراتقان
 
 
 
 
دەرستىن كېيىنكى خاتېرە:
 

(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

« بىر كېچىدىكى خىزمەت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئىخلاس خانىم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-02 20:11 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-06-18 08:06
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ