ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى 4 ئارال زېمىن ماجراسى

ۋاقىت : 2014-07-17 16:41 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى 4 ئارال زېمىن ماجراسى
 
رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى 4 ئارال زېمىن ماجراسى
 
شىمالدىكى تۆت ئارال رۇسىيەدىكى كۇرىل ئارىلى بىلەن ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلى ئارىسىدىكى كۇناشىر، ئىتۇرۇپ، خابوماي، شىكوتاندىن ئىبارەت تۆت ئارالنى كۆرسىتىدۇ، بۇ تۆت ئارالنى رۇسىيە جەنۇبىي كۇرىل ئارىلى دەپ ئاتايدۇ، ياپونىيە شىمالىي ئارال دەپ ئاتايدۇ، بۇ تۆت ئارال شىمالىي پاراللېل 43 گىرادۇس 23 مىنۇت بىلەن 45 گىرادۇس 33 مىنۇت، شەرقى مېرىدىيان 45 گىرادۇس 23مىنۇت بىلەن 148 گىرادۇس 52 مىنۇت ئارىلىقىغا جايلاشقان، شەرقتە تىنچ ئوكيانغا، شىمالدا ئوخوتسىك دېڭىزىغا، شەرقى شىمالدا ئىتۇرۇپ بوغۇزىغا، غەربى جەنۇبتا نېمۇرۇ بوغۇزى بىلەن خوككايدا ئارىلىغا تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4994 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياپونىيەنىڭ چىبا ناھىيەسىنىڭ يەر كۆلىمى بىلەن تەڭ كېلىدۇ.
شىمالدىكى 4 ئارالنىڭ بايلىقى مول، بۇ تۆت ئارالدا جەنۇب شىمالدىكى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى بىلەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۇچراشقاندىن باشقا، بۇ سەۋەبلىك ئىسسىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدا بېلىق تۈرىدىكىلەر ئۇچرىشىدىغان سورۇن شەكىللەنگەن، شۇڭا بۇ يەر بېلىق تۈرىدىكىلەر خەزىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىتۇرۇپ ئارىلى بىلەن كۇناشىر ئارىلى يانار تاغ بەلبېغىغا تەۋە بولۇپ، مول ئارشاڭ ۋە يەر ئىسسىقلىق بايلىقى بار.
كۇناشىر ئارىلى 4 ئارال ئىچىدىكى 2-چوڭ ئارال بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، كەڭلىكى4 كىلومېتىردىن 30 كىلومېتىرغىچە، يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان ماددىلار قاپلىغان، ئۇنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 1845 مېتىر ئېگىز بولۇپ، گۈزەل يانار تاغ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئارالدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق كۆلىمى تەخمىنەن 120 مىڭ گېكتار كېلىدۇ، بۇ يەردە كۆللەر ۋە ئارىشاڭلار بار. ئالتۇن، كۆمۈش قاتارلىق نۇرغۇن كان بايلىقلىرى بار.
ئىتۇرۇپ ئارىلى كۇناشىر ئارىلىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 203 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، يەر كۆلىمى تەخمىنەن 3200 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ تۆت ئارال ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. بۇ يەردە دېڭىز يۈزىدىن مىڭ مېتىردىن ئارتۇق ئېگىز كېلىدىغان يانار تاغ چوققىسىدىن 7سى بار. ئارالدا كۆللەر كۆپ، ئورمان كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. خابوماي ئارىلى خىرۇستال ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر كۆلىمى 102 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
شىكوتان ئارىلى خابوماي ئارىلىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر، كەڭلىكى 9 كىلومېتىر، يەر كۆلىمى تەخمىنەن 260 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارالدا يايلاق كۆپ بولۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان.
شىمالدىكى 4 ئارالنىڭ يەنە ناھايىتى زور ھەربىي قىممىتى بار، بۇ يەر ئۆزگىچە يوشۇرۇنۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
ياپونىيە تارىخىدا، شىمالدىكى 4 ئارال ئالاھىدە ھەربىي رول ئوينىغان. 1941-يىلى 11-ئايدا، ياپونىيە ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق دېڭىز كۈچىنى ئىتۇرۇپ ئارىلىغا توپلىغان، ئاندىن كېيىن بۇ يەردىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھاۋايدىكى پىيورىل خاربور ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شىمالدىكى 4 ئارالدا ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرغان. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالدىكى 4 ئارالنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى كەسكىن تىركىشىشى شىمالدىكى 4 ئارالنىڭ ھەربىي قىممىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى 4 ئارالغا بولغان ئىگىلىك مۇناسىۋىتى 1855-يىلى بېكىتىلگەن. ياپونىيە رۇسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە رۇسىيەنىڭ ساخارىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلغان، 1945-يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى «يالتا كېلىشىمى»دە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ساخارىن ئارىلىنىڭ جەنۇبى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بارلىق ئاراللارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم. شۇ يىلى 8-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر ئەۋەتىپ يۇقىرىقى 4 ئارالنى ئىشغال قىلدى. 1946-يىلى 2-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ئالدىغا كۇرىل ئارىلى، جەنۇبىي ساخارىن ئارىلى، خابوماي ئارىلى، شىكوتان ئارىلىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشى ۋە سىرتىدىكىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. 1956-يىلى 10-ئايىنىڭ 19-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە موسكۋادا بىرلەشمە بايانات ئىمزالىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، شىمالدىكى 4 ئارال ئىچىدىكى خابوماي ئارىلى بىلەن شىكوتان ئارىلىنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي مىراسىغا ۋارىسلىق قىلدى.
ياپونىيە مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيەنىڭ ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، 4 ئارالنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش. 4 ئارال ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ياپونىيە رۇسىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكە قوشۇلىدۇ. رۇسىيە بولسا 4 ئارالنى ئىشغال قىلىش 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتىش- 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئىنكار قىلغانلىق دەپ قارىدى. رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە 1956-يىلى ئىمزالىغان « ياپونىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە خىتابنامىسى»غا ئاساسەن، رۇسىيە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان ئەھۋالدىلا ئاندىن خابوماي ئارىلى بىلەن شىكوتان ئارىلىنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە يول قويمىغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى بولغان تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىيالمىدى.
2009-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتى بىر تۈزىتىلگەن قانۇن لايىھەسى ماقۇللاش ئارقىلىق، تۇنجى قېتىم شىمالدىكى تۆت ئارالنى ياپونىيەنىڭ ئۆزىگە خاس زېمىنى دەپ بېكىتتى، بۇ لايىھە ئوتتۇرغا چىققاندىن كېيىن، رۇسىيە بۇنىڭغا دەرھال كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈردى.
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىدىكى كۇناشىر ئارىلىغا چىقتى. بۇ رۇسىيە دۆلەت باشلىقىنىڭ رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ماجىرا بولىۋاتقان ئارالنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشى. ياپونىيە بۇنىڭدىن كۈچلۈك نارازى بولدى. ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى دېڭىز قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ ئايروپىلانىدا ئولتۇرۇپ، ماجىرا بولىۋاتقان بۇ ئارالنى ھاۋادىن تەكشۈردى. 13- دېكابىر رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى شۇۋاروف ياپونىيە بىلەن ماجىرا بولىۋاتقان جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىدىكى ئىتۇرۇپ ئارىلى ۋە كۇناشىر ئارىلىنى تەكشۈردى. شۇ كۈنى كەچتە ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-يىلى 2-ئايدا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ زىيارەتكە بارغان ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مائېخارا بىلەن موسكۋادا سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە زور ئىختىلاپى بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ بۇندىن كېيىن داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ، زېمىن مەسىلىسىنى ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قوشۇلدى.
شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باشلىقى دېڭىز قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ ئايروپىلانىدا ئولتۇرۇپ شىمالدىكى 4 ئارالنى ھاۋادىن تەكشۈردى، شۇندىن كېيىن يەنە خوككايدودىكى نېموروشى شەھىرىدىن شىمالدىكى 4 ئارالنى كۆزەتتى.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ