ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسىلىلەر-نەبىجان تۇرسۇن
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسىلىلەر
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى)
يۇقىرىقى مىساللاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" شوئارىدىن پايدىلىنىش جەريانىنى كۆزەتكەندە شۇنداق خۇلاسىغا كېلىش مۇمكىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 40-يىللاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئىنقىلابىنى باشتىن ئاخىرى "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" دەپ بېكىتسىمۇ، بىراق مەزكۇر تەبىرنى مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، ئۇنىڭ تەبىرىنى سۇيىئىستېمال قىلغان . ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسەن بەزىدە "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" ئۇقۇمىنى "مۇستەقىللىق " بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ چۈشەندۈرگەن ھەم يەنە بەزىدە "ئازادلىق" ئۇقۇمى بىلەن تەبىر بەرگەن. "ئازادلىق" ئۇقۇمى بىراز ئابىستراكت بولۇپ، كېرەك بولغاندا ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەس، پەقەت بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئازادلىق ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىنمۇ شەرھىلىگەن. قىسقىسى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى"دىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ئاتالغۇنى سۆز ئويۇنى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى بولۇشنى قەتئىي قوللىغان ستالىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوۋېت رەھبەرلىكى 1949-يىلىدىن كېيىنمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى "دەپ ئاتاۋەردى شۇنىڭدەك ئۈچ ۋىلايەت خەلقىمۇ مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەسلىكى ھەمدە ستالىننىڭ ئەسلىدە شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى، پەقەت ئۇنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلانغانلىقىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىلىرىغا باشتىن ئاخىرى ئەنە شۇ ستالىن دەۋرىدە بېكىتىلگەن "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" تەبىرى بويىچە باھا بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى 30-يىللاردا شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجىم باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغاندا ۋە 1946-1947-يىللىرى "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق بىتىم تۈزۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش دەۋرىدە شۇنىڭدەك 1948-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا " مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" نىڭ مەقسىتىنىڭ " تەڭ ھوقۇقلۇق، دېموكراتىك سىياسەت قولغا كەلگەن ئازادلىق ئىكەنلىكى "نى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەقسىتىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ، ئېزىلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئازادلىقىنى تەمىن ئېتىش ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىلىرىنى ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشۋىق قىلىشىغا يول ئاچقان ھەمدە تەشەببۇس قىلغان ئىدى . شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن كېيىن، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ئوخشاشلا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ ئاتىغاچقا، سوۋېت تارىخچىلىرى مەزكۇر تەبىرنى ئىزچىل قوللاندى. مەيلى، 1949-1959-يىللىرىدىكى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ "شېرىن ئاي" مەزگىلىدىكى ئەسەرلەر بولسۇن ۋە ياكى 60-70-يىللاردىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى دۈشمەنلىك دەۋرىدىمۇ مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك ھالدا بۇ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" تەبىرى داۋاملاشتۇرۇلدى. سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى دۈشمەنلىك دەۋرىدىمۇ، سوۋېت تارىخچىلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىگە ئىجابىي باھا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىنقىلابنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ يەنىلا جۇڭگودىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىش ئەمەسلىكى، پەقەت دېموكراتىك ھوقۇق، مىللىي باراۋەرلىكنى ھەم دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان دەپ قاراپ ،" ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ" ئاخىرى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى رەھبەرلىك قىلغان جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بىردەك يەكۈننى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم ئۇنى ئۆزگەرتمىگەن ئىدى.(17)
ۋاھالەنكى، سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ، مۇناسىۋەت تازا ئۆتكۈرلەشكەندىن ، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا سوۋېت تارىخچىلىقىدىن بەزى پەرقلىق تەرەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر قىسىم جۇڭگو تارىخشۇناسلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئېلىپ بارغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىك سىياسەت ھەم مىللىي باراۋەرلىكنىلا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ، ئۇنى نوقۇل ھالدا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ "مۇستەملىكىچىلىككە قارشى، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ھەرىكىتى بولماستىن بەلكى، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى، دېموكراتىك ھوقۇق ۋە مىللىي باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پرىنسىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ مەسىلىدە پروفېسسور لى شېڭنىڭ قارىشى ۋەكىل خاراكتېرلىقتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنقىلاب "شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېكىسلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىچكى كۈرىشى"، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاتا ھالدا بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ چۈشىنىشى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتاش خاتا بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب مەزكۇر ئىنقىلابلارنىڭ ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىدۇر. ئەلۋەتتە، ئاپتورنىڭ يەكۈنى ھازىرقى زامان سىياسىي ئىدىيىسىدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بۇ تارىخىي رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەت بىلەن زىتلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئەۋجى ئالغان خەلقئارا خاراكتېردىكى ھەرىكەت بولۇپ، ئازاد بولغان ئۈچ ۋىلايەتتىكى خەلق ھەمدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئۆز ئىنقىلابىنى ئۈزۈل-كېسىل ئازادلىقنى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان " مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى"، "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ چۈشىنىپ، ئۇنى دۇنيا يۈزىدە داۋاملاشقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە جاھانگىرلىكنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ ھېسابلىغان ئەھۋال ئاستىدا(18)، مەزكۇر رىيال پاكىتنى ئىنكار قىلىش تارىخچىلىق ئىلمىغا ئۇيغۇن ئەمەس.
لى شېڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت دەپ ئاتىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ؛
"شىنجاڭ مۇستەملىكە زېمىن بولمىسىمۇ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت رۇسىيىسى دائىرىلىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمىغا قارشى ئىچكى سىياسىي كۈرەشلىرىنى خاتا ھالدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ بېكىتىۋالغان، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قارشى تۇرغىنى مىلىتارىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە دىكتاتورا تۈزۈم بولسىمۇ، لېكىن چېگرا سىرتىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا خەنزۇلارغا قارشى تۇرىدىغان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپ خاتا يېتەكچىلىك قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ، بىر مەيدان داغدۇغىلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتكە مۇناسىپ ئىنقىلابى ھاكىمىيەت بارلىققا كەلمەي، ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت شەكىللەنگەن. ئورنى خاتا بەلگىلەڭەن "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم نەزەرىيە- مەنبەسىدۇر".(19)
يەنە بىر پروفېسسور شۇئې شىئەنتىئەن بولسا پروف. لى شېڭ بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ھەم تەپسىلىيرەك خۇلاسە چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاتا ھالدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىدىيىسىنى بېكىتىشىنىڭ "بۆلگۈنچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس يارىتىپ بەردى" تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ؛
" شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھەر قايسى مىللەتلىرى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغاندىن سىرت يەنە بىۋاسىتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ فېئودال سىنىپىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار خەنزۇ خەلقىگە ئوخشاشلا جاھانگىرلىكىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالە ئۆز ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن پەقەت خەنزۇ خەلقى بىلەن بىرلىكتە جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىدىغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بولغاندىلا، مىللىي زۇلۇم ۋە مىللىي تەڭسىزلىك ئەھۋالىنى بىكار قىلالايدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى خەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ بېكىتىش ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ سىنىپىي مەزمۇنىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىنقىلابنى مىللىي قىرغىنچىلىقتەك يامان يولغا باشلاپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ چوڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشى ھەمدە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس تېپىشىغا ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت." (20)
دېمەك، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو تارىخشۇناسلىرىنى خاپا قىلغان نۇقتا، سوۋېت تارىخشۇناسلىرىنىڭ " ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىدىن "دىن ئىبارەت "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىرى، بولۇپمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ مەزكۇر "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" نىڭ "خەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مىللىي زۇلۇمى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى" ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت نۇقتىئىنەزەردىن ۋاز كەچمىگەنلىكىدۇر شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ ئاتالغۇلارنى كۆپلەپ ئىشلىتىشىدۇر. جۇڭگو سىياسىي كۆز قارىشى بويىچە ئالغاندا، "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگونىڭ تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ مۇستەملىكە زېمىن ئەمەس، تارىختىكى خەنزۇ مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىق ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دۇنيانىڭ باشقا مۇستەملىكىلىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش باھا بېرىشكە بولمايدىكەن. ئەمما، بىر نۇقتا ئېنىقكى، سوۋېت تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللاردىكى ئىنقىلابلىرىنىڭ ھەممىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا پەقەت ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىلا "مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى" دەپ باھالىنىپ، ئالدىنقىسى "دېھقانلار ئىنقىلابى، ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت" دەگەن باھالىنىپ، كېيىنكىسىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تاكى 1949-يىلى، 10-ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىلىك خەنزۇ تارىخشۇناسى دەيۋىد ۋاڭنىڭ يەكۈنى بويىچە ئالغاندا ئۇچ ۋىلايەت نامدا جۇڭگوغا تەۋە دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل سالاھىيىتى بار، ئۆزىنىڭ ئايرىم ھۆكۈمىتى، ئايرىم بايرىقى، ھەربىي قوشۇنى ھەم ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ئىگە "دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىدى" (21). بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن يېشىل بايرىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېسىشى، ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەريانلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، موسكۋا ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىي-مەمۇرىي ۋە باشقا بارلىق تەرەپلەردىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋە جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبى قىسىمى بولۇپ، شىنجاڭدا ماناس دەرياسىنى چېگرا قىلغان ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ بەش يىل تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا سەيپىدىن ئەزىزى، ئەسىھەت ئىسھاقوف قاتارلىقلارمۇ ئىچكى جەھەتتە بەلگىلىك مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىزى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشتى شۇنىڭدەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇستەقىل "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرغانلىقى ھەتتا توققۇز ماددىلىق خىتابنامە ئېلان قىلغانلىقىغا قارىماي، ئۇنى يەنىلا جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى دەپ ئاتاش ھەمدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت دەپ قاراش ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە قېلىشىدا ستالىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. شۇڭا، سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقى دەۋرىدە لى شېڭدەك بىرەر ئالىم چىقىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قېلىشىغا زور ھەسسە قوشقان ستالىنغا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوۋېت ئەربابلىرىغا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارغا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ باھا بېرىشنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى دادىللىق بىلەن ئېيتالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ستالىننىڭ شىنجاڭدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغۇزغانلىقىنى جىنايەت دەپ تەنقىد قىلىش سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ۋە يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىلا باشلانغان ئىش بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈش، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۇقۇمى ھەمدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى مەسىلىسى ھەققىدە جۇڭگو ئالىملىرى ئارىسىدا تېخى بىردەك قېلىپلاشقان يەكۈن چىقمىغاندەك، بۇ مۇنازىرە خەلقئارا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ.
يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى باشتىن ئاخىرى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئاتالغۇسىنى ئابىستراكىت ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللىنىپ، گاھىدا ئۇنى مۇستەقىللىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويسا، گاھىدا ئازادلىق ئۇقۇمى بىلەن تەڭ قويدى. باشتىن ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىستىقلالىيەت نىشانىغا يېتىشىگە يول قويماي، ئۇنى پەقەت جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇش يولىغا باشلىدى. گەرچە، سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ مەسىلىسىگە باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بولۇپ، بۇ جاينىڭ تەقدىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ زېمىندا جۇڭگودىن ئايرىم بىر ھاكىمىيەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشىغا يول قويماسلىق سىياسىتى بېكىتىلدى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي ئازادلىق شوئارلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق نىشانىدىن چىقىش قىلىنماي، ئەكسىچە ئۇنىڭ سىياسىي ئويۇن ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇملۇق ئىنقىلابقا قاتناشقان خەلقلەر ھەتتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق ھەم ئارىسالدىچىلىق ھەتتا ئالدىنىش كەيپىياتلىرىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، پەقەت 1949-يىلىدىن كېيىنلا مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ تۈپ مەزمۇنى ۋە مەقسىتىنىڭ ماھىيىتى ئايدىڭلاشتى. جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا بولسا، دەسلەپكى ماركىسىزىم ۋە لېنىنىزمچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تەبىرى بېرىش پىكرى قوبۇل قىلىنىپ، ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرى ئۇنى ئىنكار قىلىش كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. گەرچە، 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملاشقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئاساسلىقى ئۈچ ۋىلايەتتە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىلگىرى كېيىن قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدىمۇ ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملاشتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەزكۇر بەش يىل ئىچىدىكى ئىنقىلاب پەقەتلا ئۈچ ئازغىنا ئۈھ ۋىلايەتتىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ئەلىخان تۆرە دەۋرىدە بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىك مەزگىلى بولسۇن ئازاد بولغان ئۈچ ۋىلايەتتىكى خەلق ھېچ قاچان ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئىنقىلابىنى " ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى" دەپ ئاتىمىغان، بەلكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ياكى مىللىي ئىنقىلاب دەپ ئاتىغان ھەمدە شۇنداق دەپ چۈشەنگەن بولۇپ، گەرچە ئىنقىلابقا ياردەم بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىن كۆزلىگەن مەقسىتى باشقىچە بولسىمۇ، بىراق ئىنقىلاب قىلغۇچى ۋە ئىنقىلابنىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان خەلقنىڭ ئۈمىدى، نىشانى موسكۋانىڭ مەقسىتىدىن باشقىچە ئىدى خالاس!
ئىزاھاتلار؛
1 . بارمىن .ئا.ب . 1918-1941-يىلىدىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ. بارنائۇل، 1999-يىلى. بارمىن بۇ ئۇچۇرنى "رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ماتېرىياللىرىنى ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى،62-فوند.2- مۇندەرىجە،2209-جىلىت،9-10-پارچە"دىن نەقىل ئالغان. (رۇسچە)
2. ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ، "ئىستىبدات جۇڭگودا ئازادلىق ھەرىكىتى-ئۇيغۇرىستان"، يوقسۇل مەپكۇرىسىنى قايمۇقتۇرۇشقا قارشى" ۋە باشقا ماقالىلىرىغا قاراڭ.-خەلق ئۈچۈن كويىدۇ يۈرەك. جازۇشى نەشىرىياتى، 1997-يىلى، ئالمۇتا،111-129-بەتلەر.
3. ئابدۇمېجىت روزىباقىيېۋ، "تەڭرىقۇت قۇتلۇق"- پەرۋاز جۇرنىلى، 1994-يىلى،16-بەت. ئالمۇتا
4 . شۈي شىئەنتىئەن . جۇڭگو -سوۋېت مۇناسىۋەت تارىخى-1945-1949-يىللىرى. سىچۈئەن خەلق نەشىرىياتى . 2003-يىلى، 217-بەت . (خەنزۇچە)
5. رۇسىيە تارىخچىسى ئا.ب. بارمىننىڭ رۇسىيە ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىشىچە، 1921-يىلىدىن ئېتىبارەن كوممۇنىستىك ئىتېرناتسىيونال ۋە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيۇروسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنقىلاب قوزغاپ، بۇ رايوندا مۇستەقىل سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، 1921-يىلى، 6-ئايدا، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى،تۈركىستان بيۇروسى( كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيورىسى)نىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال شەرق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۇگزۇكتاك قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ تەشەببۇس موسكۋادا لېنىن، تاشقى ئىشلار كومىسسارى چىچېرن قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىپ، رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. بارمىن 1918-1941-يىللىرىدىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ . بارنائۇل ،1998-يىلى. (رۇسچە)
6. بارمىن، ئا. ب. 1941-1949-يىللىرىدىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ ، 1999-يىلى، بارنائۇل. 70-83-بەتلەر. ۋادىم .گ.ئوبۇخوۋ. سخۋاتكا شەستى ئىمپېرىيە ، بىتۋا زا سىنزيانا،( ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن كۈرەش). موسكۋا. ۋەچە نەشىرىياتى، 2007-يىلى، 273-331-بەتلەرگە قاراڭ. (رۇسچە)
7. بارمىن، ئا.ب. 1941-1949-يىلىدىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ، 1999-يىلى، بارنائۇل، 70 -90-بەتلەر.
8. "شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخى" ناملىق كىتابقا ۋە "شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى"گە قارالسۇن. 1995-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 67-68-بەتلەر.
9. ئالىمجان ھاكىمبايېۋ. 1931-1949-يىلىدىكى شىنجاڭدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى. 2 قىسىم، 2-قىسىم. س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مەخسۇس توپلىمى، 1974-يىلى،18-19-بەتلەر ۋە شىنجاڭدىكى ئاھالىلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى، س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى مەخسۇس توپلىمى، 1971-يىلى، 127-بەتلەر. (رۇسچە)
10. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ، شانلىق سەھىپە، -شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى،41-سان، 27-28-بەتلەر.
11. ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى بىلەن 2002-يىلى، 12-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى. ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ ئىبراھىمىڭ " يېڭى ھايات" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەسلىمىسىگە قارالسۇن
12. ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي مەسىلىدىكى بەزى خاتالىقلىرىمىز.(1949-يىلى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان). بۇ ماقالە شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتى ۋە ماقالىلىرىدىن تاللانما" ناملىق كىتابتا قايتا ئېلان قىلىنغان. ئەمما ئەسلى نۇسخىسى قولۇمدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئەسلىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. شۇ كىتاب، 105-بەت. 1997-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.
13. يەن دىئانچىڭ . شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قانۇنچىلىق تارىخى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى .1999.ئۇرۈمچى. 436-438-بەتلەر
14. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ ، شانلىق سەھىپە، شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى، 1999-يىلى، 41-سان،44-بەت . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى، 231-بەت.1995.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئۈرۈمچى
15. 1949-يىلى، 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى دېڭ لىچۈن بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ يېشىل بايرىقىنى ئاسماي، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ئاق رەڭلىك ئىسلام بايرىقىنى ئەسىش، دىنى بايراقنى پەقەت دىنىي تەشكىلاتلار ئېسىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەمدە 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىلى ۋالى مەھكىمىسى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېشىل ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى ئېسىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشتىن ئىبارەت 125-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان. دېمەك، ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر بايراق پەقەت13 كۈن بەش يىل ئېسىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ھەقتە "شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى" گە قاراڭ. شۇ كىتاب،443- ۋە 447-بەتلەر.
16. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى باشتا "ئازاد شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتالغان بولسا، مەزكۇر گېزىت 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىن " ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ياشلار تەشكىلاتىمۇ شۇ نامنى تاكى 1948-يىلى، 8-ئايدا "شىنجاڭدا تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئىتتىپاقى " قۇرۇلغان' غا قەدەر ئىشلەتكەن. "ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى" دە مۇنداق ئاتالغۇلار ماقالە-مۇلاھىزىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپ ئىشلىتىلگەن.
17. بۇ ھەقتە تۇرسۇن رەھىموفنىڭ " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىدىكى ئورنى" . - جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي مەسىلىلىرى ھەققىدىكى 2-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. موسكۋا، 1977-يىلى، 68-70-بەتلەر.( رۇسچە)
18. بۇ مەزمۇنلار ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئەسەرلىرىدە خېلى كەڭ ئورۇن ئالغان.
19. لى شېڭ باش تۈزگۈچى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى- ئۇيغۇرچە 358-بەت.2006.ئۈرۈمچى.
20. شۈي شىئەنتىئەن . شۇ كىتاب ،2003. 198-199-بەتلەر
21. David D. Wang. Clouds Over Tianshan, Essays on Social Disturbance in Xinjiang in the 1940s. NIAS.1999, Singapore
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسىلىلەر-نەبىجان تۇرسۇن»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ياقۇپبەگكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر
- ياقۇپبەگكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرە
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائى
- چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر-نەبىج
- قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- ناپالېئون چارروسىيىگە پۇل مۇئامىلە ئۇر
- ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم ۋە سۈرەتلەر
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپن
- قەدىمكى (لايسۇ) دىيارىدىكى يەر –جاي نام
- ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلى
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىق
- شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمىرانلى
- ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچ
- يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈست
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ب
- ياقۇپبەگكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسى
- چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر-نەبىجان تۇر
- قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى ئۆي
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- ناپالېئون چارروسىيىگە پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى قو
- ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم ۋە سۈرەتلەر
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە
- قەدىمكى (لايسۇ) دىيارىدىكى يەر –جاي ناملىرى
- ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلىرى
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- ئۇيغۇر مائارىپ تارىغى
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟