ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل
ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل
جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى پىلانى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەم ئەمەلىي ياردەملىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭ سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىگە كىرىشىدە ئوينىغان رولى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت سىرلارنىڭ بىرىدۇر.
1958-يىلى ئاۋغۇست ۋە 1959-يىلى ئۆكتەبىردىكى ماو بىلەن خرۇشېۋ سۆھبىتى ئىككى كوممۇنىستنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
جۇڭگو-سوۋېت يادرو ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى بۈگۈنكى رۇسىيە ۋە جۇڭگو تارىخچىلىرى ھەم ئوقۇرمەنلىرىنى ئىزچىل جەلپ قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تېما بويىچە جۇڭگو ۋە رۇسىيىدە جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىدە كۆپلىگەن تەتقىقات، ئاممىباب ۋە ئۇچۇر خاراكتېرلىك ئەمگەكلەر مەيدانغا كەلدى.
رۇسىيە تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ موسكۋادا چىقىدىغان "ۋرېميا نوۋوستېي" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان " خرۇشېۋ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا يادرو بومبىسىنى بەرمىدى؟ ئاتوم مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى قانداق بۇزدى؟ ؟" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا خرۇشېۋ-ماۋزىدوڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئاتوم بومبىسى ئامىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتقان ئەسەردۇر. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگودىكى ھەر خىل توربەتلەر ئۇنى تەرجىمە قىلىپ، كەڭ تارقاتقان.
ماۋزىدوڭ زېدۇڭ ئاتوم بومبىسىغا باشتىلا قىزىققان
ئۇنداقتا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ماۋزىدوڭ زېدوڭنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلان قانداق تۇغۇلدى؟ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ماۋزىدوڭ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىلا ئاتوم بومبىسى ياساشقا قىزىققان بولۇپ، 1949-يىلى، باھاردا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى فىزىكا ئالىمى چيەن سيەنجاڭنى ياۋروپادا ئېچىلغان دۇنيا تىنچلىقى يىغىنىغا ئەۋەتكەن. كوممۇنىستلارنىڭ مەقسىتى فرانسۇز ئالىمى كىيورى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەلگۈسىدە قۇرماقچى بولغان ھازىرقى زامان فىزىكا ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ماتېرىياللار توپلاش ۋە ئەسلىھەلەرنى ھەل قىلىش ئىدى.
ئاپتور ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، 1946-يىلى، ماۋزىدوڭ زېدوڭ " ئاتوم بومبىسى ئامېرىكا ئەكسىيەتچىلىرى كىشىلەرنى قورقۇتىدىغان بىر قەغەز يولۋاس. قارىماققا ئۇ قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس." دېيىش ئارقىلىق ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ تۇنجى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رۇس تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى، 10-ئايدا جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ قارمىقىدا ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلغان. مەزكۇر ئىنستىتۇت كېيىنچە ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىنستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئارقىدىنلا 1953-يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى 26 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى موسكۋاغا يادرو تېخنولوگىيىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن بولۇپ، س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئالېكساندىر نېسمېيانوف سوۋېت ھۆكۈمىتىگە جۇڭگو ۋەكىللىرىنى ئاتوم ھەققىدە پەقەت ئومۇمىي چۈشەنچە خاراكتېرلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىدە، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماي قايتىپ كەلگەن.
ماۋزىدوڭ قەتئىي تۈردە جۇڭگو ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇش كېرەك دېگەن قارارغا كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشنى كېرەك ئىدىۈ زاتەن بۇ ۋاقىتتا بىردىن-بىر سوۋېت ئىتتىپاقىلا جۇڭگوغا يادرو تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشى مۇمكىن بولۇپ، باشقا يادرو دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ ياردىمىنى ئويلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 1954-يىلى، ئۆكتەبىردە خرۇشېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا ماۋزىدوڭ زېدوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خرۇشېۋتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، خرۇشېۋ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ۋەدە بەرمىگەن ھەمدە ئەكسىچە، ماۋزىدوڭنى ئاتوم پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىپ، "ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىسادىي چىقىم سەرپ قىلىنىدىغانلىقى"، جۇڭگونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك سانائەت ھەم ئىقتىسادىي كۈچى يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن.
مانا بۇ ماۋزىدوڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئاتوم بومبىسى ياساشقا ياردەم بېرىشنى رەسمىي يوسۇندا سورىشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىپ، تاماكىسىنى ئېغىر بىر شوراپ جىم بولغان.
ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ يېزىشىچە، بىراق، خرۇشېۋنىڭ ماۋزىدوڭنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشىغا قارىماي، 1955-يىلى، 20-يانۋار كۈنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلىكتە ئۇران كانلىرىنى تېپىش ۋە ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم بويىچە جۇڭگو تاپقان ئۇرانلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش بېكىتىلدى. جۇڭگو-سوۋېت گېئولوگلىرى بىرلىكتە شىنجاڭدىن ھەمدە پۈتۈن جۇڭگو بويىچە كەم ئۇچرايدىغان ۋە رەڭلىك مېتاللارنى جۈملىدىن ئۇران مەنبەلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە جۇڭگودا ئاتوم خام ئەشيالىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك رايونىدىكى ئۇران كېنىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلىندى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلى
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىق
- شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمىرانلى
- ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچ
- يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈست
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ب
- قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى
- چىرچىلنىڭ خەتەردىن قۇتۇلىشىنىڭ سىرى
- سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىق
- ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە سىتالىننى
- پىئارىل خاربورنى ۋەيران قىلىش -روزۋېلىت
- جياڭ چىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق ك
- چىڭ دەۋرىدە ”شىنجاڭ“دىن نەچچىسى بولغا
- ساچىر خانىم «دىڭ شياۋپىڭ ھەقىقەتەن رەھى
- سىرلىق تاش ئوردىدىكى ئېچىلمىغان سىرلار
- ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلىرى
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمىرانلىقنىنى
- ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك
- يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈستىدە ي
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇ
- قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى
- چىرچىلنىڭ خەتەردىن قۇتۇلىشىنىڭ سىرى
- سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىقلىرىن
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- ئۇيغۇر مائارىپ تارىغى
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار