پىئارىل خاربورنى ۋەيران قىلىش -روزۋېلىتنىڭ <قىيناق ھىلىسى >
پىئارىل خاربورنى ۋەيران قىلىش -روزۋېلىتنىڭ <قىيناق ھىلىسى >
پىئارىل خاربور ۋەقەسىدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ ئېچىنىشلىق زىيىنىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى كەلتۈرۈرپ چىقارغانلىقىدىن ھېچكىممۇ گۇمانلىنىپ باقمىغان. ھەتتا ھەربى ئىشلار ئالىملىرى بۇنى دەرىسلىك قىلىپ يازغانىدى.
ئەكىسچە بۇ ۋەقەنىڭ گۇمانلىق يەرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى، مەسلەن: ئەينى يىللاردىكى ئامېركا تەرەپنىڭ «سېھرىگەر» نامىلىق تېلگىرامما تەرجىمە ئاپراتى ياپۇنىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ نۇرغۇن تېلگىراممىسىنى غەلبىلىك تەرجىمە قىلىپ چىققان بولسىمۇ، بۇنداق مۇھىم خەۋەرلەر ئەجەبلىنەرلىك ھالدا ئامېركا ئاخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتۋارسىز قارالدى.
ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، تىنىچ ئوكيان ئۇرۇش پارتىلاشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قىل ئۈستىدە تۇراتتى، مۇشۇنداق بىر جىددى ۋەزىيەتتە ياپۇنىيە زىمىنغا ئەڭ يېقىن بولغان تىنىچ ئوكيان فىلوتى«قورال-ياراغلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئاتلارنى يايلاققا قويۇۋېتىپ»، ھەپتە ئاخىرىنى بىخارامان ئۆتكۈزۋاتاتتى. يەنە ياپۇنىيە پىئارىل خاربورغا ھۇجۇم قىلغان كۈنى يىل بويى پورتتا تۇرىدىغان ئامېرىكا تىنىچ ئوكيان فىلوتىنىڭ تايانچ كۈچى بولغان 3 ئاۋىئاتماتكىسىنىڭ ھەممىسى ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن دېڭىزغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. نەتىجىدە بۇ زور بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى.
ئەھۋالنى بىلگۈچىنىڭ قىزىنىڭ ئىچكى ئەھۋالنى ئاشكارلىشى
1995-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھەيران E ئىسىملىك بىر خانىم ئامېركا زۇڭتۇڭى كېلىنتونغا بىر پارچە خەت يېزىپ، پىئارىل خاربور ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارلىغان.
بۇ ھېيمان خانىمنىڭ دادىسى دېئن C شىمىس ئەپەندى ئەينى چاغدا ئامېركا قوشۇنى لاۋازىم قىسىمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئىدى، ياپۇنىيە ئارمىيەسى پىئارىل خاربوغا تۇيۇقسىز ھوجۇم قىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، شۇ ۋاقىتتىكى ئامېركا زۇڭتۇڭى روزۋېلت ئۇنى، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئالى مەخپىيەتلىك يىغىنىغا چاقىرغان. يىغىندا روزۋېلىت زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ياپۇنىيەنىڭ پات ئارىدا پىئارىل خاربورغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئالدىن بايقىغانلىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولسا زور بىر تۈركۈم ئادەم ۋە بايلىقلارنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېلاان قىلغان. ئۇ شىمىسقا دەرھال بىر تۈركۈم داۋالاش خادىمى ۋە زاپاس ماددى ئەشيالارنى ئامېركىنىڭ غەربى دېڭىز ياقىسىدىكى مەلۇم بىر پورتقا يۆتكەپ، ھەرۋاقىت يولغا چىقىشقا تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن.
ئەمما زۇڭتوڭ روزۋېلىت بۇ خەۋەرنى پىئارىل خاربوردا تۇرۇشلۇق ھەربى قوماندان ۋە يەرلىك قىزىل كىرست ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرۇشنى رەت قىلغان. ئۇ يىغىندىكى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ، پەقەت ئامېركا زىمىنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىلا ئامېركا خەلقى ياۋروپاغا بېرىپ جەڭ قىلىشقا قوشۇلىدۇ دىگەن.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەت ئامېرىكا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ناھايىتى زور زىلزىلە پەيدا قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئىشقا بىۋاستە ئالاقىدار كىشى شىمىس ئەپەندى 1990-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرمىغان. بۇنىڭ بىلەن پىئارىل خاربور ۋەقەسى يەنىلا بىر چىگىش سىر بولۇپ قېلىۋەرگەن.
يېقىندا، ئامېرىكا قىزىل كىرىست جەمىئىيىتى ھاۋاي شۆبىسىنىڭ 1941-1942-يىللىرىدىكى مالىيە يىللىق دوكىلاتنىڭ بىر كۆپەيتمە نۇسقىسى ۋە ئامېركىنىڭ بەزى دۆلەت ئارخىپلىرىدىكى قىزىل كىرىست جەمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر يەنە بىر چوڭ غەۋغا قوزغىۋەتتى. بۇ ماتېرياللانى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1.ئامېرىكا قىزىل كىرىست ئەترىتى ھاۋاي شۆبىسىنىڭ 1941-1942-يىللىرىدىكى مالىيە دوكىلاتىدا پىئارىل خاربور ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ھاۋاي شۆبىسى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن ئىلگىرى مۇنتىزىم يول بىلەن 25000دوللار قىممىتىدىكى داۋالاش، جىددى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۋېلىش بىلەن بىرگە يەنە مەخپى يوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ قىزىل كىرىست جەمىيىتى باش شىتابىدىن 50000دوللار قىممىتىدىكى دورا ۋە ماددى ئەشيالارنى تاپشۇرۋالغانلىقى خاتىرلەنگەن.
2.ئامېرىكا دۆلەتلىك قىزىل كىرىست جەمىيىتىنىڭ 1941- يىلى 11- ئايدىكى ئايلىق دوكلاتىغا ھاۋاي شۆبە جەمىيىتىنىڭ مۇشۇ ئايدا 2543 نەپەر داۋالاش خادىمى قۇبۇل قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 1505 نەپەر خادىم مەخپى يۆتكەپ كىلىنگەن ۋاقىتلىق داۋالاش خادىمى ئىكەنلىكى ئېنىق خاتىرلەنگەن.
3.ئامېرىكا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئاخبارات مەركىزى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى پىئارىل خاربور ۋەقەسىنىڭ 2-كۈنى، پىئارىل خاربوردا ئەينى ۋاقىتتا 10 داۋالاش پونكىتى بارلىقىنى ئېلان قىلغانىدى، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا كۆپەيتىپ 24 يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1400 كىشلىك كۆچمە قىزىل كىرىست قوشۇنى قۇرۇلغان.
4.ئەينى ۋاقىتتىكى ھاۋاي شۆبە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئارفىلد كاسىرنىڭ خاتىرىسىدە: 12-ئاينى 6-كۈنى ھاۋاي شۆبە جەمئىيىتىدىكى بارلىق خادىملار ئۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرغان دەپ خاتىرلەنگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، شۇ كۈنى ئامېركا تىنىچ ئوكيان فىلوتىدىكى ئەسكەرلەر بىخارامان ئويناپ يۈرگەن. بۇ خىل داۋالاش خادىملىرىنىڭ يۈكسەك ھۇشيارلىقتا تۇرۇشى بىلەن جەڭ قىلغۇچى قىسىملارنىڭ بىخارامان يۈرۈشىدەك غەيرى نورمال ئەھۋالنى ئادەتتىكى داۋلىلار بىلەن چۈشەندۈرمەك تەس. ئەگەر يۇقارقى ماتېرياللار بىلەن ھېيمان خانىمنىڭ ھېلىقى خېتىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرسەك، روزۋېلت زۇڭتۇڭنىڭ ياپۇنيە قوشۇنىنىڭ پىئارىل خاربورغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدىغانلىقى، پارلامېنىتنى قايىل قىلىپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ بالدۇرراق ياۋروپاغا بېرىپ جەڭ قىلىشى ئۈچۈن تىنىچ ئوكيان فىلوتىنىڭ بىر قىسىم پاراخوتلىرىنى چىقىم قىلىشتەك«قەيناق ھىيلىسى» ئىشلەتكەنلىكىنى بايقايمىز. زور ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە «قىيناق ھىيلىسى»ئىشلەتكەنلىكىنى بايقايمىز. زور ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە«قىيناق ھىيلىسى»نىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ مەخپى يوللار ئارقىلىق پىئارىل خاربورغا زور تۈركۈمدە داۋالاش خادىملىرى ۋە دورىلارنى يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىلوتىنىڭ ئاساسلىق پاراخوتلىرىنى پىئارىل خاربوردىن يۆتكەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
مەنبە:باغداش مۇنبىرى
(تەھرىر : سەپەر)
«پىئارىل خاربورنى ۋەيران قىلىش -روزۋېلىتنىڭ <قىيناق ھىلىسى >»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە سىتالىننىڭ <يۈز ئۆرۈگەنلىكى > نىڭ سىرى
- ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلى
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىق
- شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمىرانلى
- ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچ
- يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈست
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ب
- قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى
- چىرچىلنىڭ خەتەردىن قۇتۇلىشىنىڭ سىرى
- سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىق
- ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە سىتالىننى
- پىئارىل خاربورنى ۋەيران قىلىش -روزۋېلىت
- جياڭ چىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق ك
- چىڭ دەۋرىدە ”شىنجاڭ“دىن نەچچىسى بولغا
- ساچىر خانىم «دىڭ شياۋپىڭ ھەقىقەتەن رەھى
- سىرلىق تاش ئوردىدىكى ئېچىلمىغان سىرلار
- ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلىرى
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمىرانلىقنىنى
- ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك
- يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈستىدە ي
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇ
- قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى
- چىرچىلنىڭ خەتەردىن قۇتۇلىشىنىڭ سىرى
- سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىقلىرىن
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- ئۇيغۇر مائارىپ تارىغى
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار