ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

چىڭ دەۋرىدە ”شىنجاڭ“دىن نەچچىسى بولغان؟

ۋاقىت : 2014-01-03 15:37 | مەنبەسى : لوپنۇرى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


چىڭ دەۋرىدە ”شىنجاڭ“دىن نەچچىسى بولغان؟

       شىنجاڭ قەدىمدە ”غەربىي يۇرت“دەپ ئاتالغان، لېكىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يەنە بىر نەچچە رايۇن ”شىنجاڭ“دەپ ئاتالغان.

      تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى جاۋتۇڭ، يۇڭشەن،گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئەنشۈن شەھىرى ۋە جېننىڭ ناھىيەسى، سىچۇەن ئۆلكىسى دادۇخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى جىنچۈەن رايۇنى ئەينى چاغدا ”شىنجاڭ“دەپ ئاتالغانىكەن.

     چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چوڭ-كىچىك غوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن غەربىي يۇرتنى ”شىنجاڭ“دەپ ئاتىغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىلدە ، غەربىي يۇرت ۋە ”شىنجاڭ“دىن ئىبارەت ئىككى نام بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان. چىڭ سۇلالىسى ”شىنجاڭ“دەپ ئاتالغان باشقا جايلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي چېگراسىغا جايلاشقان شىنجاڭنى ”غەربىي يۇرتتىكى شىنجاڭ“دەپ ئاتىغان بولىشى مۇمكىن.

      پادىشاھ داۋگۇاڭ 1820-يىلى ئېلى جاڭجۈنگە ”شىنجاڭنى تېنچلاندۇرغۇچى تەدبىركار“ دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ”غەربىي يۇرت“، ”غەربىي يۇرتتىكى شىنجاڭ“ دېگەن ناملار ئاستا-ئاستا ”شىنجاڭ“دېگەن نامغا ئۆزگەرگەن.

     چىڭ ھۆكۈمىتى 1730-يىلى يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ باش ۋالىسى ئەرتەينىڭ مەلۇماتىغا جاۋاب قايتۇرغاندا: ”ۋۇمىڭ نامى شىنجاڭغا ئۆزگەرتىلىپ ، ۋېينىڭ بىلەن تۇتاشقاي“دەپ پەرمان بەرگەن. ”چىڭ تارىخى تىزىسى. جۇغراپىيە تەپسىراتى“ غا ئاساسلانغاندا، جاۋتۇڭ، ۋۇمىڭ مەھكىمىلىرى بۈگۈنكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى جاۋتۇڭ، يۇڭشەن بولۇپ، سىچۈەن، يۈننەن ئۆلكىلىرى بىلەن تۇتىشىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، پادىشاھ يۇڭچىڭ دەۋرىدە بۇ رايۇنلار ”شىنجاڭ“دەپ ئاتالغان.

    خاتىرلەردە كۆرسىتلىشىچە، گۇيجۇنىڭ باش ۋالىسى جاڭ گۇاڭسىنىڭ مەلۇماتىدا دېيىلگەن“يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى ئېقىمدىكى شىنجاڭ“ ئىككى جاينى كۆرسىتىدىكەن. بىرى، گۇيجۇنىڭ جەنۇبىيدىكى شىنجاڭ؛ يەنە بىرى گۇيجۇنىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ بولۇپ، بۈگۈنكى ئەنشۈن شەھرى ۋە جېننىڭ ناھىيەسىگە يېقىن جايلارغا توغرا كېلىدىكەن.

     سىچۇەننىڭ باش ۋالىسى 1779-يىلى ئوردىغا يوللىغان مەلۇماتتا تىلغا ئېلىنغان شىنجاڭ_ دادۇخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، سىچۈەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق جىنچۈەن يەرلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.

    ”شىنجاڭ“ دەپ ئاتالغان رايۇنلار ئىككى ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. بىرى ، بۇ رايۇنلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ ھۆكۈمرانلىق ئاپراتلىرى تەسىس قىلىنىپ ئىدارە قىلىنغان رايۇنلار ئىكەن؛ يەنە بىرى يۇقىردا بايان قىلىنغان  يەرلەر ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلار ئىكەن.

      1864-يىلى قوقانلىق ياقۇپبەگ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت قۇرغان. چاروسىيە 1871-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلى رايۇنىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1878-يىلى زوزۇڭتاڭ، ليۇ جىنتاڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى ياقۇپبەگنى مەغلۇپ قىلغان، 1882-يىلى چارۇسىيەدىن ئېلىنى قايتۇرۋالغان.

     چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ باشقا رايۇنلاردىكى ”شىنجاڭ“دېگەن نام ئاستا-ئاستا ئىستىمالدىن قالغان.

    ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:خەنزۇچە ”شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى“

    ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ مەنبەسى: ”بايىنغۇلىن گېزىتى“2013-يىللىق 19-دىكابىردىكى سانى

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ