باي قېيىر يېزىسىدىكى «ئەكسىلئنقىلابى توپىلاڭ»نى باستۇرۇش كۈرىشى
1953-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى باي ناھىيسىنىڭ 7-رايۇنى (قېيىر گۇڭشى)نىڭ ئاراگەمە كەنىتىدە ئەكسىلئىنقىلابى توپىلاڭ يۈز بەردى. ئەكسىلئىنقىلابچى ھۈسەن ئايۇپ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، توپىلاڭ كۈتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلايدۇ،توپىلاڭ كۈتۈرۈلگەندىن كيىن غۇلىجىغا بېرىپ ئوزۇق-تۈلۈك،ئوت سامان ۋە ئاتلارنى توپلايمىز دەپ جار سالدى. توپىلاڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئاممىنىڭ ئاشلىقلىرى،قويلىرى ۋە ئاتلىرىنى مەجبۇرى يىغۋالدى. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە قېيىر گۇڭشىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن جامائەت خەۋىپسىزلكى خادىمى ئەزىز رۇزى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بېرىپ ئەھۋال ئىگلەيدۇ. ئۇنىڭ كەلگىننى سېزىپ قالغان توپىلاڭچىلار ئۇنى باغلاپ ئېسىپ قۇيۇپ ئۇرىدۇ ھەمدە تۇتقۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. توپىلاڭچىلارنىڭ سۈيقەستى ئاشكارلىنىپ قالغاندىن كېيىن ھۈسەن ئايۇپ توپىلاڭنى باشلاشنى قارر قىلىدۇ. ئۇ يەنە توپىلاڭچىلارغا قۇماندانلىق قىلىپ توپىلاڭنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن بەش كادىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. ھۈسەن ئايۇپ شۇئان توپىلاڭچىلارنى ھەقىقي ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان 358نەپەر ئاممىنى مەجبۇرلاپ توپىلاڭ كۈتۈرگۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ مال-مۇلىكىنى ھەدەپ بۇلايدۇ ، قوللىرىغا قارا مىلتىق، تاياق-توقماق ،دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى كۆتۈرۋېلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ۋە 3-رايۇن (سايرام)نىڭ پولات-تۆمۈر بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ رايۇن،يېزىدىكى پارتىيلىك كادىرلارۋە ئاممىنى ئۇرىدۇ ھەمدەتوپىلاڭچى قوشۇن تەشكىللەپ پارتىكومغا ۋە خەلىق ھۆكۈمتىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارىشلىق كۆرسىتىدۇ ، ۋەقە بارغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئەكسىيەتچىل شوئارلارنى توۋلاپ ،كىشلەرنى قايمۇتقۇرۇپ توپىلاڭچىلار قوشۇننى زورايتىشقا ئۇرۇندۇ. 3-رايۇن (سايرام)پولات-تۆمۈر بازىسىنىڭ يىتەكچىسى رېھىم قۇربان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال خەلىق ئەسكىرى ۋە ئامما بۇلۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىدۇ ھەمدە توپىلاڭچىلارنى تەڭىرتاغنىڭ ئىچكىرى جايلىرغىچە قىستاپ بارىدۇ. 3-رايۇن خەلىق ئەسكەرلىرىنىڭ يىتەكچىسى ئوسمان ئەزىز دەرھال 400دىن ئارتۇق خەلىق ئەسكىرى ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ قوغلاپ قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچۇرغان توپىلاڭچىلار تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلايدۇ ، يىتىم قالغان ھۈسەن ئايۇپ تاغقا قېچىپ ئىچكىرلەپ كىرىپ قۇتۇلماقچى بۇلىدۇ. ئوسمان ئەزىز تۆت ئادەمنى باشلاپ قېيىر تېغىنىڭ چۇققىسىغا چىقىپ تاش قاپتىلىغا مۆكۈۋالغان توپىلاڭچىلارنىڭ كاتتىبېشى ھۈسەن ئايۇپنى تۇتۇپ كىچىك كالبىرلىق مىلتىقتىن بىرنى قولغا چۈشۈردۇ،شۇنىڭ بىلەن توپىلاڭ تىنجىتىلدۇ. شۇ قېتىمقى توپلاڭنى تىنجىتىش كۈرىشىدە بىر ئوۋ مىلتىق ،10 دانە يەرلىك ئوۋ مىلتىق،توپىلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەن 70نەچچە ئات،150 تۆگە ۋە 50 ئىشەك قولغا چۈشۈرۈلدۇ،باندىتتىن ئىككىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدۇ،ئۇرۇپ يارلاندۇرۇلغان كادىر، ئاممىدىن 53 سى قوتۇلدۇرۋېلىندۇ.
1958-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى باي ناھىيسىنىڭ 7-رايۇنى (قېيىر گۇڭشى)نىڭ ئاراگەمە كەنىتىدە ئەكسىلئىنقىلابى توپىلاڭ يۈز بەردى. ئەكسىلئىنقىلابچى ھۈسەن ئايۇپ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، توپىلاڭ كۈتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلايدۇ،توپىلاڭ كۈتۈرۈلگەندىن كيىن غۇلىجىغا بېرىپ ئوزۇق-تۈلۈك،ئوت سامان ۋە ئاتلارنى توپلايمىز دەپ جار سالدى. توپىلاڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئاممىنىڭ ئاشلىقلىرى،قويلىرى ۋە ئاتلىرىنى مەجبۇرى يىغۋالدى. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە قېيىر گۇڭشىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن جامائەت خەۋىپسىزلكى خادىمى ئەزىز رۇزى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بېرىپ ئەھۋال ئىگلەيدۇ. ئۇنىڭ كەلگىننى سېزىپ قالغان توپىلاڭچىلار ئۇنى باغلاپ ئېسىپ قۇيۇپ ئۇرىدۇ ھەمدە تۇتقۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. توپىلاڭچىلارنىڭ سۈيقەستى ئاشكارلىنىپ قالغاندىن كېيىن ھۈسەن ئايۇپ توپىلاڭنى باشلاشنى قارر قىلىدۇ. ئۇ يەنە توپىلاڭچىلارغا قۇماندانلىق قىلىپ توپىلاڭنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن بەش كادىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. ھۈسەن ئايۇپ شۇئان توپىلاڭچىلارنى ھەقىقي ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان 358نەپەر ئاممىنى مەجبۇرلاپ توپىلاڭ كۈتۈرگۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ مال-مۇلىكىنى ھەدەپ بۇلايدۇ ، قوللىرىغا قارا مىلتىق، تاياق-توقماق ،دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى كۆتۈرۋېلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ۋە 3-رايۇن (سايرام)نىڭ پولات-تۆمۈر بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ رايۇن،يېزىدىكى پارتىيلىك كادىرلارۋە ئاممىنى ئۇرىدۇ ھەمدەتوپىلاڭچى قوشۇن تەشكىللەپ پارتىكومغا ۋە خەلىق ھۆكۈمتىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارىشلىق كۆرسىتىدۇ ، ۋەقە بارغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئەكسىيەتچىل شوئارلارنى توۋلاپ ،كىشلەرنى قايمۇتقۇرۇپ توپىلاڭچىلار قوشۇننى زورايتىشقا ئۇرۇندۇ. 3-رايۇن (سايرام)پولات-تۆمۈر بازىسىنىڭ يىتەكچىسى رېھىم قۇربان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال خەلىق ئەسكىرى ۋە ئامما بۇلۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىدۇ ھەمدە توپىلاڭچىلارنى تەڭىرتاغنىڭ ئىچكىرى جايلىرغىچە قىستاپ بارىدۇ. 3-رايۇن خەلىق ئەسكەرلىرىنىڭ يىتەكچىسى ئوسمان ئەزىز دەرھال 400دىن ئارتۇق خەلىق ئەسكىرى ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ قوغلاپ قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچۇرغان توپىلاڭچىلار تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلايدۇ ، يىتىم قالغان ھۈسەن ئايۇپ تاغقا قېچىپ ئىچكىرلەپ كىرىپ قۇتۇلماقچى بۇلىدۇ. ئوسمان ئەزىز تۆت ئادەمنى باشلاپ قېيىر تېغىنىڭ چۇققىسىغا چىقىپ تاش قاپتىلىغا مۆكۈۋالغان توپىلاڭچىلارنىڭ كاتتىبېشى ھۈسەن ئايۇپنى تۇتۇپ كىچىك كالبىرلىق مىلتىقتىن بىرنى قولغا چۈشۈردۇ،شۇنىڭ بىلەن توپىلاڭ تىنجىتىلدۇ. شۇ قېتىمقى توپلاڭنى تىنجىتىش كۈرىشىدە بىر ئوۋ مىلتىق ،10 دانە يەرلىك ئوۋ مىلتىق،توپىلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەن 70نەچچە ئات،150 تۆگە ۋە 50 ئىشەك قولغا چۈشۈرۈلدۇ،باندىتتىن ئىككىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدۇ،ئۇرۇپ يارلاندۇرۇلغان كادىر، ئاممىدىن 53 سى قوتۇلدۇرۋېلىندۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ بايانلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان باي تارىخ ماتىرياللىرى 5-تومدىن ئېلىنغان بۇلۇپ ۋەقە تەپسىلاتى قىسقاراق ، ئېنىق -كونكىرىت ئەمەسكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە ئەينى دەۋىردە ئاش ۋەقەسىگە ئوخشاشلا ناھايىتى زور سەلبىي تەسىر قوزىغىغان. ۋەقە باشچىسى ھۈسەن ئايۇپنىڭ نامى -ئىش پائاليەتلىرى ھۈسەن پايتىم نامى بىلەن خۇددى رىۋايەتتەك ئەل ئارسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە.ۋەقە تەپسىلاتىدىن خەۋىرى بار دوسىتلارنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئىلمىي ھالدا كەم جايلىرىنى تۇلۇقلاپ قۇيۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
(تەھرىر : سەپەر)
«باي قېيىر يېزىسىدىكى «ئەكسىلئنقىلابى توپىلاڭ»نى باستۇرۇش كۈرىشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: تۇرپاندىكى بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى
- تۇرپاندىكى بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىس
- باي قېيىر يېزىسىدىكى «ئەكسىلئنقىلابى ت
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھەرق
- مىسكەرلىك ۋە مىس بۇيۇملار
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- فىزىكا تارىخى
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر جاي ناملىرىنىڭ ئا
- يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەھمىي
- ئەڭ قەدىمىي رەسىم
- تارىخ بەتلىرى -غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى-قۇناق چۆ
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيك
- ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تىزىسلىرى2
- باي ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ يولباشچى
- سىرلىق شەخس ‹‹سېيىت ھۆججەت››
- يىپەك يولدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- بەدەلئارت
- تۇرپاندىكى بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى
- باي قېيىر يېزىسىدىكى «ئەكسىلئنقىلابى توپىلا
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھەرقايسى د
- مىسكەرلىك ۋە مىس بۇيۇملار
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- فىزىكا تارىخى
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر جاي ناملىرىنىڭ ئاتىلىش
- يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەھمىيىتى
- ئەڭ قەدىمىي رەسىم
- تارىخ بەتلىرى -غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى (962-1186)
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- ئۇيغۇر مائارىپ تارىغى
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيە
- «ش ت تارىخى» غا رەددىيە