ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

ئەڭ قەدىمىي رەسىم

ۋاقىت : 2013-11-29 21:01 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئەڭ قەدىمىي رەسىم

20 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كىشىلەر تەبىئىي غارلاردا ياشايتتى، رەسساملىق ئەنە شۇ چاغلاردىلا بارلىققا كەلگەنىدى. 1879 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سانتاندېرنىڭ شەرقىگە 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئارتامىرا غارى بايقالغان. غار ئىچىدە نۇرغۇن رەسىملەر بار بولۇپ، غاردىكى قىيا تاشلارنىڭ ئېگىز-پەسلىكىگە ئاساسەن، بۇغا، ئات، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ رەسىمى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان. فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مونتېگنېكنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان راسىك غارى 1940-يىلى بايقالغان. غاردىكى قىيا تاشلارغا نۇرغۇن رەڭلىكرەسىملەر سىزىلغان، قىيا تاشلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ چىققان ھاك تېشى پاراشوكىنىڭ كرىستاللىرى رەسىملەرنىڭ يۈزىدە قېتىپ قېلىپ خۇددى سۈزۈك سۇۋالغۇ سۈرگەندەك پەردە ھاسىل قىلغاچقا، رەسىملەر ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان. رەسىملەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىردەك ئەمەس، سانى100 دىن ئاشىدۇ. رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ئات سىزىلغان رەسىم ھەممىدىن كۆپ. ئۇنىڭدىن قالسا كالا،بۇغا، كەركىدان، قۇش قاتارلىقلار سىزىلغان ھەمدە قوپال سىزىلغان ئادەم رەسىملىرىمۇ بار. بۇ رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى سىزىقلىرى قوپال ئىزنا رەسىم ۋە تەسۋىر رەسىم بولۇپ، قارا سىزىق ئىچىگە ئېلىنغان دائىرىگە قىزىل، قارا، قوڭۇر رەڭلەر ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭ رەسىمى ناھايىتى جانلىق سىزىلغان. قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇچى ئۆتكۈر ئەسۋاب ئارقىلىق جىجاپ سىزىلغان رەسىملەرمۇ خېلى كۆپ. رەسىملەرنى خىمىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندە، رەسىملەرنىڭ سىزىلغىنىغا 15 مىڭ يىل بولغانلىقى ئىسپاتلانغان. فرانسىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ غارنى تاقاپ غارنىڭ يېنىغا «راسىك غارى كۆرگەزمىخانىسى» ناملىق غار ياساپ قويغان.
 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئەڭ قەدىمىي رەسىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ