ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى زادى كىملەر
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، يىراق شەرق خەلقئارالىق ھەربىي سوتى 28 نەپەر ياپونىيە بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى سوتلىدى، ئاخىرىدا، ياپونىيەلىك بەزى سىياسىيونلار بۇ سوتنىڭ كىسىمىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىنكار قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ئاقلىماقچى بولدى. بۇ ئۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەر خەلىقلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپى ۋە قاتتىق ئەيىپشىلىگە ئۇچرىدى. تېخىمۇ كىشىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى، ھازىرغا قەدەر يەنە 14نەپەر بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى دېگەن بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. بۈگۈن بىز بۇ يەردىكى ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ زادى قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
1،توجو خىدىكى
توجى خىدىكى، ياپون فاشىست گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى، رۇسىيەگە، جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشى ۋە تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغاشنى قارار قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. 1935-يىلى، ياپونىيە كانتون ئارمىيەسىنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان توجو خىدىكى، «ئامانلىقنى كۈچەيتىش» نامىدا «ئۇستىرا ئۈنۈمى»ناملىق ھەرىكەت بىلەن جۇڭگو شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى ئارمىيەسىنىڭ زور بىر تۈركۈم ئوفېتسېر-ئەسكەرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە قەتلى قىلغان؛ 7-ئىيۇل ۋەقەسىدە، ئۇ بىر پولك ياپون ئارمىيەسىنى باشلاپ چىڭدې، جاڭ جياكوۋ، داتۇڭ قاتارلىق جايلارغا باستۇرۇپ كىرگەن. 1940-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە، توجو خىدىكى ياپون قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ تەرغىب قىلغان. 1941-يىلى ئۆكتەبىردە، توجو خىدىكى ئىچكى كابىنتنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئورنىغا چىقىپ، «توجو دىكتاتورىسى»نى يۈرگۈزۈپ، ئىچكى جەھەتتىن فاشىست ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، سىرتتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتكەن. 1941-يىل 8- دېكابىر، توجو خىدىكى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1945-يىلى سېنتەبىردە، ئۇ ياپونىيەنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. 1948-يىلى 23-دېكابىر، يىراق شەرق خەلقئارالىق ھەربىي سوتىدا دارغا ئېسىلغان.
2) كېنجى دويھارا
كېنجى دويھارا، ياپون قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى. 1913-يىلىدىن باشلاپ كېنجى دويھارا جۇڭگودىكى 30 يىلغا يېقىن ئىشپىيونلۇق ھاياتىدا، جۇڭگونى پارچىلاش، جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشتەك جىنايى ھەرىكەتلەردە بولغان. ئۇ 18-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتناشقان، 1931-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۇيىنى گۆرۈگە ئېلىپ شەرقىي شىمالغا بېرىپ قورچاق مانجۇ ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي شىمالنىڭ 14 يىل ۋەتەندىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. 1935-يىلى ئىيۇندا، ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلاپ تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاتقۇزۇپ، چاخار رايونىنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان. 1935-يىلى ئۆكتەبىردە، ئۇ جۇڭگونى پارچىلاش مەقسىتىدىكى «شىمالى جۇڭگو ئاپتونومىيە ھەرىكىتى»نى پىلانلىغان. 7-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن، ئۇ ياپون ئارمىيەسىنىڭ 14-دىۋىزىيەسىنى باشلاپ جۇڭگوغا باستۇرۇپ كىرگەن. 1948-يىلى 23-دېكابىر جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش سۇيقەستچىسى كېنجى دويھاراغا يىراق شەرق خەلقئارالىق ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن.
3)ماتسۇي
ماتسۇي، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى. ماتسۇي جۇڭخۇا يۆنىلىشى قوشۇنىنىڭ قۇماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قول ئاستىدىكى قىسىملارنىڭ ھەر خىل ياۋۇزلۇقلىرىغا مەقسەتلىك يول قويغان، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا باش تارتىپ بولمايدىغان جىنايى مەسئۇلىيىتى بار. 1948-يىلى 23-دېكابىردا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ باش قاتىلى ماتسۇي ياپۇنىيەنىڭ توكيودىكى بىر تۈرمىدە دارغا ئېسىلغان.
4) خىيتارۇ كىمۇرا
خىيتارو كىمۇرا، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى، ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ياپون قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە دالا ئۇرۇشى قوراللىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ياپون قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ «توپچى ئەسكەرلەر مۇتەخەسسىسى». 1939-يىلى مارتتا، خيتارۇ كىمۇرا جۇڭخۇاغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ياپونىيە ئارمىيەسى 32-دىۋىزىيەسىنىڭ كوماندىرى بولغان. 1939-يىلى ئاپرېلدا، ئۇ ياپون ئارمىيەسىنى باشلاپ ئىلىمىزنىڭ جەنۇبىي شەندۇڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى جىنەندىكى شىنخۇا لاگېرىغا يالاپ ئاپىرىپ ئېغىر ئەمگەككە سالغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ھەر يىلى ئونمىڭلىغان جۇڭگو ئىشچىسىنى بۇ يەردىن شەرقىي شىمال ۋە ياپونىيەدىكى كانلارغا يەتكۈزۈپ تۇرغان. 1944-يىلى، خيتارۇ كىمۇرا بىرما يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇنداقلا «رانگون قىرغىنچىلىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، «بىرما جاللىتى» دەپ نام ئالغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كىيىن، بۇ ۋەھشىي جاللات ياپونىيە يىراق شەرق خەلقئارالىق ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلىنغان.
5)خىرۇتا كۇكى
خىروتا كۇكى، 1933-يىلى ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 1936-يىلى ئىچكى كابىنېت باش ۋەزىرى بولغان؛ 1937-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇ ياپون ئىمپىرىيەچىلىرىنىڭ جۇڭخۇاغا تۇلۇق تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشى قىلىش قارارى چىقىرىشىغا قاتناشقان، جۇڭخۇاغا تۇلۇق تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق جاۋاپكارلىرىنىڭ بىرى. خىرۇتا كۇكى قارىماققا ئاتالمىش «تېنىچلىق دىپلوماتىيەسى»نى تەرغىب قىلغاندەك تۇرسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئارمىيەنىڭ جۇڭگونى بېسىۋىلىشى، ئاسىيانى يالغۇز يۈتىۋېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كىيىن، خىرۇتا كۇكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە يىراق شەرق خەلقئارالىق ھەربىي سوتىدىن دارغا ئېسىلغان بىردىن-بىر مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇپ قالغان.
6)ئىتاگاكى سىيشىرۇ
ئىتاگاكى سىيشىرۇ، ياپون قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى، ئىلگىرى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ياپون قىسىمىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1931-يىلى 18-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلاشقا، قورچاق مانجۇ ھاكىمىيىتىنى تىكلەشكە قاتناشقان، 18 -سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق جاۋاپكارلىرىنىڭ بىرى. 1934-يىلى ئۇ ياپونىيە كانتون ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ۋاقتىدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ «ئازادلىقى» ۋەقەسى ۋە «سۈي يۈەن ۋەقەسى» قاتارلىقلارنى تۇغدۇرغان. 1936-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، كانتون ئارمىيەسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە بەشىنچى پولكىنىڭ كوماندىرى بولغان. 1939-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە، ئۇ ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان. 1941-يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كىيىن، ئۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى قىسىملارنى باشلاپ تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1948-يىلى 23-دېكابىردا، 18-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق جاۋاپكارلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىتاگاكى سىيشىرۇ يىراق شەرق خەلقئارالىق ھەربىي سوتىدىن دارغا ئېسىلغان.
7) مۇتۇ ئاكىرا
ياپون قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال لېيتېنانتى، 1937-يىلى ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش قىسىمىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى بولغان، شۇ يىلى دېكابىردا ماتسۇيغا ياردەملىشىپ نەنجىڭنى ئىشغال قىلغان، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق جاۋاپكارلىرىنىڭ بىرى. ياپون قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدە تۇرغان مۇتۇ ئاكىرا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچلىقىنى پىلانلاش ئىشلىرىغا قاتناشقان. 7-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن جۇڭگوغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقنى كېڭەيتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 13-ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كىيىن خاڭجۇ قولتۇقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشنى پىلانلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. 1942-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە، مۇتۇ ئاكىرا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، ھىندونېزىيە سۇماترا ياپون ئارمىيەسى ئىككىنچى قوغدىنىش پولكىنىڭ كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا، ئۇ يەرلىك خەلقلەرنى قىرغىن قىلىپ، «مانىلا چوڭ ۋەقەسى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇرۇشتىن كىيىن جۇڭخۇاغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشنى كېڭەيتىش ئۇرۇشىنىڭ «مەسلىھەتچىسى» مۇتۇ ئاكىراغا يىراق شەرق خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى زادى كىملەر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: نورۇز بايرىمى ۋە مىللىي خاسلىق
- ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەر
- نورۇز بايرىمى ھەققىدە
- روھىيەت ئايىمى - نورۇز
- نورۇز بايرىمى ۋە مىللىي خاسلىق
- خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن) تى
- سۇلتان ئۆۋەيسخان ھەققىدە بايان
- 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشل
- ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم غەربىي ئاسىيا خاندان
- ئاغزاكى بايان:يېڭى جۇڭگۇنىڭ تۇنجى ئاتوم
- زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنى
- ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش
- سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قانداق كېلىپ
- خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى
- ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار -يۈسۈ
- گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلى
- نورۇز بايرىمى ھەققىدە
- روھىيەت ئايىمى - نورۇز
- نورۇز بايرىمى ۋە مىللىي خاسلىق
- خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن) تى يۈنۈس
- سۇلتان ئۆۋەيسخان ھەققىدە بايان
- 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلى
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- ئۇيغۇر مائارىپ تارىغى
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار