ۋاقىت : 2014-03-25 17:26 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان
پاك ئپىتىقاد ۋىجدان غۇرۇر داھىسى ئىپارخان،
ئۇيغۇر قىزى باتۇرلىقى شاھىتى ئىپارخان.
ئوردا چاڭگىلدا ئىپپەت ساقلىغان مۆجىزىدەك،
پەزىلەتلىك قىزلىرىمىز غايىسى ئىپارخان.
ئۇيغۇر پەخرى بولغىدەك تارىخ قالغان ئىپارخان،
دۈشمەن سېپىنى باھادىردەك يارغان ئىپارخان.
بىراق قۇمدەك تولا چىرىكلەر ئالدىدا ئاخىر،
ئەسىر بولۇپ چىڭ ئوردىسىغا بارغان ئىپارخان.
تا ئۆلگىچە جەڭ كىيىم بىلەن كەتكەن ئىپارخان،
ئىپپەت دىيانەتتە ۋايىغا يەتكەن ئىپارخان.
ئەجدادى تۇمارىستەك، ۋارىسى نۇزۇگۇمدەك،
تارىخىمىزغا شەرەپ بەخىش ئەتكەن ئىپارخان.
ئىسمىڭىز نۇرئەلانۇر ئىكەن ئەسلى ئىپارخان،
خۇشپۇراقلار چاچاركەن كۆرگەن پەسلى ئىپارخان.
شۇنىڭ بىلەن مانجۇلار‹ئىپارخان›دەپ ئاتاپتۇ،
بولغاچ بىزيەنە پاك ياشار خەلق نەسلى ئىپارخان.
پاكلىقنى ساقلاپ ئۆلگەن ئەرگە سادىق ئىپارخان،
ئىتىقادى ئۈلگىلىك ئەلگە سادىق ئىپارخان.
يولدىشى ئىدى شۇ مەردۇ-مەردان خوجا جاھان،
ئەل ئەركىسى يولدىشى ھەققە سادىق ئىپارخان
2013-3
ئىپارخان
گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتاپتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرىق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. .ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسۇندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەلىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسىبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بۇياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوشۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جوڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:
ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن. ...
تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بۇغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
بېيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىكىلەرنۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۇكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان.
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.
گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،
پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،
- ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.
مەنبە: شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ
ئاپتورى: نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى ھەققىدە يەنە بىر راۋايەت.
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى تاللاپ ئۇنىئوردىغا ئەكىرگەن. خاننىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرگە تەلپۈنگەن. يۇرتىنى زارىقىپ سېغىنغان؛ خان ئوردىسىدا نازۇنېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، يۇرتىنىڭجىگدىسىنى سېغىنغان. خان ئىپارخاننىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكىيۇرتىدىن جىگدە ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن. ئىپارخان يەنەھىدلىق جىگدە چېچىكىنى سېغىنغاندا خان ئۇنىڭغا ئىچئاغرىتىپ ئامالسىز ئۇنى يۇرتىغا ئەۋەتكەن. يول بەك يىراق بولغاچقا، 100 نەچچە ئادەم تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈچ يېرىم يىلدا ئىپارخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن (ئىپارخان بەختكە قارشى يولدا قازا قىلغان). ئۇيغۇرلار ئىپارخاننى تولىمۇ قەدىرلىگەچكە، ئۇنى ئۆز نەسەبلىرىنىڭقەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان. كېيىنكىلەر ئۇنىڭمەقبەرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولغان. مانا بۇ قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر.
تارىخىي مەنبەلەردە قەيتقىلىنىشىچە، ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ بانۇسى بولۇپ، ئۇنىڭبەدىنىدىن گۈپۈلدەپ جىگدە ھىدى پۇراپ تۇرغاچقا، «ئىپارخان»دەپ ئاتالغان ھەم ئۇ ئۇيغۇر بولغاچقا تولىمۇ ھۆرمەتلەنگەن. پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ ئىسلامىيەتچە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە دىنىيئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەز ۋە كېنىزەكلەرنى سەپلەپ بەرگەن، ئىپارخاننىڭئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىگە ئىجازەت قىلغان. ئىپارخان خان ئوردىسىدا توپتوغرا 28 يىل ھايات كەچۈرۈپ ۋاپات بولغاندىنكېيىن، زۇنخۇادىكى شەرقىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئاپاق خوجا يۈسۈپ ئۈچۈن سېلىنغان قەبرىستانلىقتۇر. بۇ قەبرىستانلىق 1640-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە يۈسۈپ خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئاپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكىنوپۇزى ۋە دىنىي ئورنى ئاتىسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، بارا-بارا ئاپاق خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقالغان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بۇ قەبرىستانلىق ئىپارخان مەقبەرىسى دەپمۇ ئاتالغان.
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىنبەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوغان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي يۇرتتا ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت – ئىپارخان مەقبەرىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئىسلام مەقبەرە قۇرۇلۇشى ئۆزگىچەئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قەبرە ئۈستىگە سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق گۈمبەز ياسالغاندىن باشقا، ئەتراپقا مەسچىت ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلار قەبرىستانلىقىبىنا قىلىنىپ مۇكەممەل ھالەتتىكى ئىمارەتلەر توپى شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىپارخان مەقبەرىسى تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھويلىنىڭ غەربىدە ھېيت ۋە جۈمە نامازلىرى ئوقۇلىدىغان چوڭ مەسچىت، ئوتتۇرىسىدا گۈمبەز شەكىللىك مەدرىس، ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك مەسچىت، كىچىك مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا ئېگىز گۈمبەز بار. سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق بۇ چوڭ گۈمبەزنىڭ ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىرچە بولۇپ، تۆت بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگەتامغا پاتۇرۇپ يۇمۇلاق تۈۋرۈك قويۇلغان. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگەيەنە يېرىم ئاي شەكلى چىقىرىلىپ ناھايىتى سىپتا، نەپىس ئەزان مۇنارى ياسالغان. گۈمبەز ئۆگزىسىنىڭ دىئامېتىرى17 مېتىركېلىدۇ. ئۆگزىنىڭ چوققىسىغا كارناي شەكىللىك كىچىك راۋاق ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ھىلال ئايغا 50 سەر ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى قەشقەرنىسورىغان ماشاۋۋۇ ئوغرىلىۋالغان. كېيىنكىلەر ھىلال ئاينى ئامالسىز مىستىن قايتا ياساپ قويغان.
گۈمبەزنىڭ تام-تورۇسلىرىغايېشىل چاقچۇق چاپلانغان، ھېكمەتلىك سۆزلەر پۈتۈلگەن سېرىق، كۆك فار-فۇر خىشلارمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، گۈل-نەقىشلەر چىقىرىلغان. يوغان زالغا ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈدەك سۇپا ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 72 ئادەمنىڭ قەبرىسى قاتۇرۇلغان. رىۋايەتتىكى ئىپارخاننىڭ قەبرىسى سۇپىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە بولۇپ، باشقا قەبرىلەردىن پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما كىشىنى ئالاھىدە جەلپقىلىپ تۇرىدۇ. ئىپارخان مەقبەرىسىدىن يۇقىرى ماھارەتلىك ئۇيغۇر مىمارچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
(ئىپارخان ھەققىدە ئىككى شېئىر )
ئىپارخان
(يەن جىڭ)
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا ،
چۆمۈلدى جىگدىلەر چاچقان پۇراققا .
گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى ،
ھالقىپ تەڭرىداغدىن كېتەر ئۇزاققا .
ئوتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس ،
قەشقەردىن چىققانتى بىر ئۇيغۇر قىزى .
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ - ،
پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى .
كۆتۈرلۈپ قۇملۇقتا قۇيۇن دۇچ كەلدى
قەشقەر زور ئاپەتكە ، مەنچىڭنىڭ خېنى ،
ئەسىر قىپ بېيجىڭغا قىزنى ئېپ ماڭدى .
تاشلىدى ئوردىنىڭ تېگىگە ئۇنى .
ۋەھشى خان تەلمۈرەر شۇم نىيەت بىلەن ،
لېكىن قىز قەلبىدە خانغا ئورۇن يوق ،
سۆيگۈگە قارا كۈچ بولالماس ھاكىم ،
مۇھەببەت ئالدىدا مەغلۇپتۇر زورلۇق .
ئالماقچى بولۇپ قىز مەيلىنى ، تۆكەر -
ئالتۇننى ، قىزىتار نەغمە – بەزمىنى .
قالدىمۇ بىر چارە خان قوللانمىغان !؟
قىز قەلبى رەت قىلىدى ھەممە – ھەممىنى .
شايىگە ، ئۈنچىگە ، زىبۇ – زىننەتكە ،
قىيا كۆزىدىمۇ قويمىدى قاراپ ،
ئۇ ، گويا باش ئەگمەس بىر باتۇر لاچىن ،
پايانسىز ئاسماندا يايغان كەڭ قانات .
ئاقىدۇ سۈپ – سۈزۈك قەشقەر دەرياسى ،
ھەر كېچە شۇ قىزنىڭ ياستۇقىن بويلاپ .
ئېگىز تام ئورىغان ئوردا ئىچىدە ،
سوقىدۇ يۈرىكى يۇرتىنى ئويلاپ .
ئىزدەيدۇ ئاندا ئۇ ، ئۆز ئېلى بىلەن ،
بىرلىكتە ئۆتسە دەپ قايغۇ – كۈلكىسى .
بوزەك قىپ بولمايدۇ باتۇر مىللەتنى ،
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى .
يېنىغا شەمشەردەك خەنجەرنى ئاسقان ،
تىكەنلىك قىزىلگۈل گوياكى تۇرقى .
خان قانچە ۋەھشىلىك قىلسىمۇ ئاڭا ،
قىز دادىل تۇردى ، تېز چۆكمىگەن بويى .
ياتقا باش ئىگىشتىن ئەلا دەپ ئۆلۈم ،
دۈشمىنى كۆزىگە مىق بوپ قادالدى .
شۇڭلاشقا سەمىمىي داغسىز يۈرىكى ،
تۇلۇن ئاي ھۆسنىدەك نۇر تۆكۈپ قالدى .
ئەسىرلەر تىلىدا بۇ قىز تەرىپى ،
قەۋرىدىن چېچىلار ئالتۇن زىياسى .
ئادەملەر كېلىدۇ ئۆزۈلمەي يادلاپ ،
كۈيلەيدۇ شەنىگە قەشقەر دەرياسى .
﹡
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا ،
چۈمۈلدى جىگدىلەر چاچقان پۇراققا ،
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى ،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا .
رەخىم قاسىم تەرجىمىسى
( 1962 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ
« تاڭ جىلۋىسى » ناملىق كوللىكتىپ شېئىرلار توپلىمىدىن )
ئىپارخانغا
سابىت مۇقانوۋ ( قازاقىستان ، قازاق شائىرى )
ئۇيغۇرنىڭ كۆپ تېتىپ يىدىم تۇزىنى ،
جېنىم بىلەن ئۆتىمەك بولۇپ قەرزىنى .
تۇتقۇزدى قولغا قەلەم ، قوشاققا قاتتىم
مۇشۇ ئەلىنىڭ ئارزۇلۇق بىر قىزىنى .
رىۋايەت ئەمەس بۇ قىز ئويدىن چىققان ،
سېھىرلىك چۆچۆك ئەمەس توقۇپ تاپقان .
تارىختا ئۆتكەن قىز بۇ ، ھۆرمەت قىلىپ
پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىسمىنى تۇغ قىلىپ تۇتقان .
بۇ ۋەقە بولغانلىقى چىن ھەقىقەت ،
باش ئەگدىم ئىززەت قىلىپ مەنمۇ ئەلۋەت .
ماڭا قەلەم تۇتقۇزۇم ئىلھام بەرگەن ،
ۋەتەنپەرۋەر ئەشۇ قىز ۋە مۇھەببەت .
مەنبە:(« پەرۋاز » ناملىق مەجمۇئەدىن )
ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش تەييارلىغان
باغداش مۇنبىرىدىكى «سەدەف»نىڭ ئىنكاسى:
ئىپارخان مانجۇ خانغا خوتۇن بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرگەن.سەۋەبى:
1.ئىپارخان ئاتا تەرەپ نەسلىدىن ئاپپاق خوجا ئەۋلادى.دېمەك،ئۇ تولۇق ئىسلام ئائىلە مۇھىتىدا،ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە تەربىيىلەنگەن.ئىسلام ئىدىئولوگىيىسى مۇتلەق ئۇستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئۇ زامانلاردا بىر ئىپپەتلىك مۇسۇلمان ئايالنىڭ يات دىندىكى بىرەۋنى ئەرلىككە قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇنىڭغا دەلىلىمىز يالغۇز ئىپارخان ئەمەس.‹‹يەتتە قىزلىرىم››، ‹‹نازۇگۇم›› ...قاتارلىق قىز-چوكانلىرىمىزمۇ بۇ قارىشىمىزنى دەلىللەيدۇ.
2.ئۇنداقتا ئىپارخان ئۆزىنى ئۆلتۈۇۋالغانمۇ؟ ياق! ئىسلام شەرىئەتلىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھارامدۇر.
3.ئىپارخانغا ئاشىق بولغان مانجۇ خانىنىڭ پەيلىدىن خاننىڭ ئانىسى ئەنسىرىگەن. يەنى ئەگەر كۈنلەردىن بىر كۈن ئىپارخان خانغا مەيلىنى بېرىپ قالسا،ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يات مۇسۇلماننىڭ خانلىق تەختىگە ۋارس بولۇشىدىن،ئاندىن دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن ۋە ئىپارخاننى ئۆلتۈرگەن.(بوغۇپ ياكى زەھەرلەپ دېگەندەك 2 خىل قاراش بار.)
4.ئەينى چاغدا خان ئوردىسىدا تۇرغان ئىتالىيىلىك رەسسام لىئون سىزغان ئىتالىيە رېتسارلىرى قىياپىتىدىكى ئىپارخان رەسىمى 1911-يىلى مانجۇ خانى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن گوگۇڭ خان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە قويۇلغان ۋە ئاستىغا:غەربىي يۇرتلۇق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى--دەپ ئىزاھات يېزىلغان.ئەگەر مانجۇ خانغا تەگكەن بولسا،مانجۇ خاننىڭ پالانچىنچى خوتۇنى دەپ يېزىلماي،يەنە غەربىي يۇرتلۇق ئېرى ئەسكەرتىلەتتىمۇ؟
5.ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى--مەمۇرە ئەزىزە خېنىم. ھەربى سەركەردە جاھان خوجىغا ياتلىىق بولغاندىن كېيىن ئىسمى--نۇرئەلانۇرخېنىم ئاتالغان.
6.ئىپارخان دېگەن ئىسىمنى--1952-يىلى بېيجىڭغا مىللەتلەر نەشرىياتىنى قۇرۇش مەسلىھەتى ئۈچۈن بارغان ئىبراھىم مۇتىئى،توختى باقى ئارتىشى ۋە ئۇيغۇر ئالىم جىيەن بوزەنلەر بېيجىڭدە ئوينالغان‹‹ئىپارخاننىڭ ئۆچ ئېلىشى››،‹‹ئىپارخاننىڭ غەزىبى››دېگەن تىياتىرلارنى كۆرگەندىن كېيىن،ئۇلار ئاتاۋاتقان شىياڭفېي دېگەن ئىسىمنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتاش ئۈستىدە تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن --ئىپارخان دەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.
(تەھرىر : ئىزدەن)