ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى

ۋاقىت : 2014-03-25 17:14 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
2013-يىلى گىتلېر تۇغۇلغانلىقىغا 124 يىل بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ئۈچىنچى ئىمپېرىيەنى قۇرغۇچى، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ نىجاتكارى، دەپ قارىسا، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىدىغانلار ئۇنى ئالۋاستى، دەپ ئەيىبلەيدۇ.
تارىخنىڭ قانداق باھا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تالانتىغا كۆز يۇمالمايدۇ، دەل مۇشۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئۇنى ئاخىرى ھالاكەت يولىغا باشلىغان، ئۇ ھاياتىدا 10 چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن.
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
1 .يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش. گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيەسى ياشلىق مەزگىلىدىلا شەكىللەنگەن، ئەينى چاغدا گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان، يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل مۇئامىلىدە «ھايانكەشلىك» بىلەن شۇغۇللىنىپ، گېرمانىيەنىڭ مارك پېرېۋوت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن، ناتسستلار پارتىيەسى كېيىن گىتلېر رەھبەرلىكىدە يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيەلەرنى پارتىيە نىزامنامىسگە كىرگۈزگەن. گىتلېر شۇ سەۋەبلىك پۈتكۈل دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
.شتورموۋكىنچىلارنى ساقلاپ قېلىش. گىتلېر تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن ناتسىستلار قوراللىق تەشكىلاتى شتورموۋكىنچىلارنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، گىتلېرنىڭ زۇڭلى بولۇشنى قوللاش » دېگەن مەزموندا كېلىشم تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن گىتلېر گېرىن، ھىملېرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن شتورموۋكىنچىلار كاتتىبېشى رومانى گېرمانىيە ئوفىتسېرلار بىرلەشمىسىدىن چىقىرىۋەتكەن.1934-يىلى 30-ئىيۇن كېچىدە ئالاھىدە ساقچىلار بىلەن گېستاپوچىلار شتورموۋكىنچىلارنى باستۇرغان، رما بىلەن شتورموۋكىنچىلارنىڭ 150 كاتتىبېشىنى ئېتىۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئېسئېسچىلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
.ئۇرۇش قوزغاشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ناتسىست گېرمانىيەسى 1939-يىلى 1-سېنتەبىر پولشاغا ئۇرۇش قوزغىغان، ئەينى چاغدا گېرمانىيە ئارمىيەسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتىنىڭ تەسىرىدىن تولۇق ئەسلىگە كېلەلمىگەن، يەنى دۇنيا ئۇرۇشغا تاقابىل تۇرغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىدى.
4.ئىتتپاقداشىنى خاتا تاللاش. گىتلېر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ ئالدىقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئالماي، ئىتالىيە بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئىشەنچىسىز دۆلەتنى ئىتتتىپاقداشلىققا تاللىغان، نەتىجىدە ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك گېرمانىيە مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالمىغان.
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
5. دونكىرىكتا يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بېرىش. گېرمانىيە ئارمىيەسى فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن قوغلاپ زەربە بېرىشنى توختىتىپ قويغان، بۇنىڭغا مۇنداق ئۈچ ئامىل سەۋەب بولغان ، بىرىنچىدىن ، گىتلېر گېرمانىيە ئارمىيەسى فىرانسىيە ئارمىيەسىگە ھۇ جۇم قىلىغاندىن بۇيان، فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىرەر قېتىممۇ كەڭ دائىرلىك قايتۇرما ھۇجۇم قىلمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، دۈشمەننىڭ پىستىرمىسىدىن ئەندىشە قىلغان. ئىككىنچىدىن ھاۋا ئارمىيەسىگە دونكىرىكتىكى دۈشمەننى يوقىتىش ۋەزىپسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، گىتلېرمۇ بۇنىڭغاقوشۇلغان، ئۈچىنچىدىن سىياسىي تىركىشىشتىن ئىبارەت.
6. بۈيۈك بېرىتانىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش پۇرستىنى قولدىن بېرىپ قويۇش. گېرمانىيە فىراسىيەنى تېزلىكتە بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىتلېر 1940-يىلى 10-ئىيۇل ئەنگلىيەنى بويسۇندۇرىدىغان «دېڭىز شىرى ھەرىكتى»نى قوزغىغان. گېرمانىيە ئارمىيەسى بۇ ھەرىكەتتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن 2669 سوقۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سالغان. گېرمانىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن لوندونغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغان، ئەمما بۇ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق سەۋەبلىك گېرمانىيە تېزلا مەغلۇپ بولغان.
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
. «باباروسا »پىلانىنىڭ سەۋەنلىكى. گىتلېر ئەنگلىيەگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغاچقا، كۆزىنى شەرققە تىككەن. 1940-يىلى يازدا گېرمانىيە ئارمىيەسى شەرققە ئەسكەر يۆتكەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلدىغان«باباروسا پىلانى»نى تۈزگەن.
8. موسكۋا ئۇرۇشى تاكتىكىسىدىكى خاتالىق. ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ھەر قايسى ئۇرۇش سەپلىرىدە چېكىنىشنى ئاساس قىلغان. گىتلېر تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ غەلبىدىن بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە، گېرمانىيە ئارمىيەسى ئالغا ئىلگىرىلەپ قىزل مەيدانغا ئاز قالغاندا، گىتلېر گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەنى جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھۇجۇم نىشانىنى 180 گىرادۇس بۇرىۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ گىتلېرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى بويسۇندۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشقان.
گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
9.ستالىنگراد ئۇرۇشىدىكى خاتا تاللاش. گېرمانىيە ئارمىيەسى موسكۋا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمدىن ۋاز كېچىپ، 1942-يىلى يازدا كاۋكاز ۋە ستالىنگرادنى ئىشغال قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ تاشلاشىنى پىلانلغان ، بىراق تاللاشنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك پىلان ئوخشاشلا سۇغا چىلاشقان.
10.زىگفېر مۇداپىئە سېپىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى. زىگفېر مۇداپىئە سېپىنى ماكىنو موداپىئە سېپىگە سېلىشتۇرغاندا قۇرۇلمىسى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن سانى 118 مىڭ 60 قا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ماكىنو مۇداپىئە سېپىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىگە 9مىليون 310 مىڭ توننا بېتون، 350 مىڭ توننا پولات ئىشلىتىلگەن. گېرمانىيە ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچىمۇ بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىنى ياساپ بولالمىغاچقا، بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىنىڭ گېرمانىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ