روھىيەت ئايىمى - نورۇز
روھىيەت ئايىمى - نورۇز
ئابلىز ئۆمەرھاجى
تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا خەلق تۈركۈملىرى قاتارىدا روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئەنئەنىۋىي ئايەم سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىلى 1400 يىلدىن ئاشتى. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن 600 يىلچە كېيىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغانلىقى، مىلادى 1697- يىلدىن 1930- يىلغىچە جەمئىي 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە ئاساسەن بېكىنمە ھالەتتە ياشىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇمۇللۇقلار ياشاش ئۇسۇلى، ئۆرپ- ئادەت، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، پىسخىك خۇسۇسىيەت ... جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مەيلى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى بىر يىلدىكى ئىككى چوڭ ئايەم دەپ قاراپ، بىر قاتار تەييارلىقلار بىلەن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئىككىلا ئايەمنى ئۆز خاسلىقلىرى ئاساسىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى بايرام ئۆتكۈزمەيتتىمۇ؟ بۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك ماھىيەتلىك مەسىلە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئايەملەردىنمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان، مەزمۇن- خاسىيەتلىرى تېخىمۇ مول بىر بايرىمى بولغان، ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمىدۇر!
تەتقىقاتچىلار نورۇز بايرىمىنى «ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، قۇتلۇق بايرام، تەبىئەت بايرىمى» دېگەندەك ناملاردا سۈپەتلەپ ھەم تەرىپلەپ كەلدى. ھازىر بىرقەدەر ئومۇملاشقىنى بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇنى ماھىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، «نورۇز - روھىيەت بايرىمى» دەپ ئاتاشنى خوپ كۆردۈم.
نورۇز بايرىمى تەتقىقاتچىلىرىمىز سۈپەتلىگەندەك بىرقاتار ناملارغا مۇناسىپ، چۈنكى بۇ بايرام شۇ مەزمۇنلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ھەم شۇ خۇسۇستا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەرخىل ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار سەۋەبىدىن بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بۇ قۇت بايرىمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپ قايتىدىن ئاستا- ئاستا جانلىنىشقا، ھاياتىي كۈچىنى ئانچە- مۇنچە تىرىلدۈرۈشكە باشلىدى. 90- يىللاردىن باشلاپ نورۇز تەتقىقاتى چوڭقۇرلاشتى. بۇ خۇسۇستا مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئىمىن تۇرسۇن، ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ ئەجىرلىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولدى. نورۇز تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن ئۇ سەھنىلەرگىمۇ ئېلىپ چىقىلدى. ھالبۇكى، تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش جەھەتلەردە ھەركىمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نورۇزنىڭ ھەقىقىي خاسىيەتلىك مەزمۇنلىرى ئۆز خاسلىقى خۇسۇسىدا نامايان بولالمىدى. ھەتتا بەزى «تەتقىقاتچى» لىرىمىز قىسمەن خاتا قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. نورۇز پائالىيەتلىرىدە بۇ خىلدىكى خاتا قاراشلار ئاساسىدا شەرھىلەر بېرىلدى. ئالايلۇق، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر نورۇز پائالىيىتىدە كۆچە «نورۇز ئېشى» دېيىلدى. نەتىجىدە، نورۇزنى چۈشەنمەيدىغان ھەم چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشقا ئىشەندى. قۇمۇلدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمىگىلى ئۇزاق يىللار بولغان، بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەتبۇئات ياكى سەھنىلەردە خەلقنى قايمۇقتۇرىدىغان مۇنداق مۇجمەل، خاتا قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا بولمايدۇ.
دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئۇسۇللىرى ئاساسەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، ۋاقىت ھېسابى ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى باھار يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىگە تەڭ كەلمەيدۇ. جۇڭگو ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر مىلادىيە كالىندارى بويىچە 1- ئاينىڭ 1- كۈنىنى يېڭى يىل بايرىمى قىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان كۈنلەرنى ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل بايرىمى قىلغان. ئالايلۇق، فىلىپپىنلىقلار مىللىي قەھرىمانى خېسەي لىساڭ قۇربان بولغان كۈن ـــ مىلادىيە 12- ئاينىڭ 30- كۈنىنى «يېڭى يىل» دەپ تەبرىكلەيدىكەن. ھىندونېزىيەدىكى كرابىت خەلقى يىل ھېسابىدا ئاسرىلىدىغان قۇشلارنىڭ كېلىش ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ، قۇشلارنىڭ تۇنجى كەلگەن كۈنىنى يېڭى يىلنىڭ بېشى - نورۇز قىلىدىكەن. ئۇگاندادا كىشىلەر بىر يېغىن پەسلى ياكى قۇرغاقچىلىق پەسىلىنى بىر يىل ھېسابلايدىكەن. بىر يىل ئىچىدە (مىلادىيە كالىندارى بويىچە) ئىككى يېڭى يىل بولىدىكەن. ئۇلار بۇ ئىككى «يىل» نى «يېغىن نورۇزى» دەپ ئاتايدىكەن. تۈركىي مىللەتلەرمۇ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ھەم نەچچە ئەسىرلىك كۈزىتىش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە نورۇز، يەنى يىل بېشىنى بېكىتكەن. بۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى باشتا دېگىنىمىزدەك، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتلاردىن خېلىلا ھالقىپ كېتىدۇ. «نورۇز» سۆزى خۇددى «مۇقام» سۆزىگە ئوخشاشلا تاللاش، تاۋلىنىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى مۇقىملاشقان. شەرقىي ئىران - تاجىك تىلى تەلەپپۇزىدا «نەۋ» يېڭى، «رۇز» كۈن مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، «نورۇز» نى ئەسلى تەلەپپۇزى «نەۋرۇز»، كېيىنكى يىللاردا «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتالغان غەربىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بايرام- باراۋەتلىرىنى «مەشرەپ» دەپ ئاتىغاندەك يېڭى يىل - باش باھار بايرىمىنى زارائاسترىزم دىنىدىن كېيىن شەرقىي ئىران - تاجىك تىلى بويىچە «نەۋرۇز بايرىمى» دەپ ئاتاشتى. شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ ئايەمنى ئۇزاق ئەسىرلەردىن تارتىپ، «كۆك بۇرناق، سۈمۈك ئايىمى، كۆك مەشرىپى» دېگەندەك ناملاردا ھېلىھەم قوللىنىۋاتىدۇ ھەم نورۇز بايرىمىنى مۇشۇ ناملاردا ئاتاپ كەلدى. قۇمۇلدا «زارا خەتمە، كۆك مەشرىپى» دېگەندەك ناملاردا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەك، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى خېلى كېيىن قوبۇل قىلغاچقا، بۇ ناملار نورۇزنىڭ ساقىندىلىرى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى مۇشۇ ناملار ۋە «ئۈندۈرمە» (ھەقىقىي نورۇز ئېشى) ئارقىلىق نورۇزنىڭ قەدىمىيلىكىنى ئەينەن دېگۈدەك ساقلاپ كەلگەن.
ئەڭ كونا زارائاسترىزم قۇياش كالىندارى بويىچە نورۇز كۈنى كېچە- كۈندۈز تەڭشەلگەن چاغ (ھازىرقى كالىندار بويىچە بىر قەرنىدىكى چوڭ- كىچىك يىللارنىڭ 9- ۋە 21- مارت ئارىسىدىكى كۈنلىرىدىن بىر قىلىپ بېكىتىلدى) بىر يىل 365 كۈن دەپ قارالغان ئەنئەنە بويىچە كونا يىلغا 360 كۈن توشۇپ، يېڭى يىلغا 5 كۈن قالغاندا نورۇز پائالىيىتى باشلىناتتى. بارلىق ئاتەشپەرەسلەر بىرقانچە قاچىغا بۇغداي، ئارپا، ماش تېرىپ ئىسسىق جايدا ئۆستۈرەتتى. ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىغا ئوت قالاپ، «ئۇستا» دىكى قىرائەت سۈرىلىرىنى تەلقىن قىلاتتى. ئۆيگە قۇياشقا قارىتىپ ئەينەك تىكلەپ قوياتتى. نورۇز كۈنى كىرگەندە، سىرتقا چىقىپ 12 كۈن بايرام ئۆتكۈزەتتى. «كۆك مەشرىپى» دەسلەپتە «سۇما» (تۈركىي تىللار دىۋانى 3- توم، 133- بەت) ئۈندۈرمە نامىدا ئاتالغان، «سۇما» (كۆك) مەشىرىپىدە تەييارلىنىدىغان نورۇز ئېشى «سۇمۇلەگ» دەپ ئاتىلاتتى. ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ نورۇز ئەنئەنىسى داۋاملىشىپ كەلدى. ئىلگىرى «سۇمۇلەگ» دەپ ئاتالغان بۇ تاماق ھەقىقىي «نورۇز ئېشى» بىزنىڭ تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ قالغان «ساراخەتمە، سەھرا خەتمە» لەر «زارا خەتمە» دۇر.
ماقالىنىڭ بېشىدا نورۇز بايرىمى «روھىيەت بايرىمى» دېيىلدى. نورۇزنىڭ خاسىيىتى ۋە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇنى «روھىيەت بايرىمى» دېسەك تامامەن بولىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. ① نورۇزدا ناغرا- سۇنايلار چېلىنىپ، شەھەر- بالىق ۋە يېزا- سەھرالار بايرام كەيپىاتىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ ② كىشىلەر شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقى قىلىدۇ. بۇ «ئارىخ توقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ③ سوغۇق قوغلاش، ئىللىق ئاپتاپ- باھارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ④ كىشىلەر بىر- بىرىنى يوقلىشىدۇ، ئىگە- چاقىسىز، قېرى- چۆرىلەر ۋە يېتىم- يېسىرلارنىڭ كۆڭلى ئاۋۇندۇرۇلىدۇ. قەبرە باشلىرىدا دۇئا- تىلاۋەت قىلىنىدۇ؛ ⑤ نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ؛ ⑥ نورۇز سەيلىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ⑦ تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ⑧ يۇرت- يۇرتلاردا نورۇز مەشرىپى بولىدۇ؛ ⑨ كىشىلەر ئارا ياخشى تىلەكلەر تىلىنىپ مېھرىبانلىق تەرغىپ قىلىنىدۇ. كىشىلەر تەڭرىدىن بەرىكەت، ئاسايىشلىق تىلەيدۇ، زىددىيەت- ئارازلىقلار تۈگىتىلىپ، ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن كىشىلەر ۋە ئەر- خوتۇنلار «ئۆتكەنگە سالىۋات» دەپ ئەپلىشىپ قالىدۇ.
قىسقىسى، نورۇز بايرىمى بارلىق كىشىلەر روھىي ئازادىلىككە، خۇشاللىققا چۆمۈلىدىغان، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان روھىيەت بايرىمىدۇر. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بۇ بايرامنى «كۆك مەشرىپى» سارا خەتمە (توغرىسى «زارا خەتمە») دېگەن ناملاردا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. كىشىلەر مەسچىت ۋە ئۆي- ئۆيلەردە «نورۇز ئېشى» (ئۈندۈرمە) تەييارلاپ، «نەزىر» نامىدا نورۇزنى تەبرىكلەيدىغان ئادەت 80- يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردا بۇ ئەنئەنە ئۇنتۇلۇپ، «كۆك مەشرىپى» لا ئانچە- مۇنچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخى ئۇزۇن، ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى زور، مەزمۇن خاسىيەتلىرى مول بۇ پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ خاسىيەتلىك «روھىيەت بايرىمى» نى ئەۋلادسېرى داۋاملاشتۇرۇش بىزنىڭ ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى. نورۇز بايرىمى ئىلگىرىكى زامانلاردا ھەپتە ئون كۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ھازىر ئاساسەن 3- ئاينىڭ 21- كۈنى بىر كۈنلا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. نورۇز تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتى چوڭقۇر ھەم ئىلمىي بولمىغانلىقتىن، نورۇز بايرىمى ئادەتتىكى كۈنلەردەكلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. تەتقىقات ۋە تەشۋىقات چوڭقۇرلاشسا، نورۇز بايرىمى ھەقىقىي ماھىيىتى بويىچە باشقىدىن ھاياتىي كۈچىنى، تارىخىي قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ.
ئاپتور: «قۇمۇل گېزىتى» ئىدارىسىدە
(تەھرىر : ئىزدەن)
«روھىيەت ئايىمى - نورۇز»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەر
- نورۇز بايرىمى ھەققىدە
- روھىيەت ئايىمى - نورۇز
- نورۇز بايرىمى ۋە مىللىي خاسلىق
- خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن) تى
- سۇلتان ئۆۋەيسخان ھەققىدە بايان
- 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشل
- ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم غەربىي ئاسىيا خاندان
- ئاغزاكى بايان:يېڭى جۇڭگۇنىڭ تۇنجى ئاتوم
- زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنى
- ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش
- سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قانداق كېلىپ
- خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى
- ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار -يۈسۈ
- گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلى
- نورۇز بايرىمى ھەققىدە
- روھىيەت ئايىمى - نورۇز
- نورۇز بايرىمى ۋە مىللىي خاسلىق
- خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن) تى يۈنۈس
- سۇلتان ئۆۋەيسخان ھەققىدە بايان
- 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلى
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- ئۇيغۇر مائارىپ تارىغى
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار