چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلغان

چاغاتاي خانلىقى نامدا يۈەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ۋاسسال بەگلىكى بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ 2-ئوغلى چاغاتاي ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق قۇرغان. چاغاتاي خانلىقى ئەڭ روناق تاپقاندا، ئۇنىڭ تېررىتوسىيەسى شەرقتە تۇرپان، لوپنۇر، غەربتە ئامۇ دەرياسى، شىمالدا تارباغاتاي تېغى، جەنۇبتا ھىندىقۇش تاغلىرىغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، ئالتايدىن ماۋرائۇننەھر رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.(ماۋرائۇننەھر رايونى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئارىسىدىكى كەڭ رايونلارنى كۆرسىتىدۇ). ئۇنىڭ ئوردىسى ئالمالىق چېگرىسى ئىچىدىكى قۇياس(قۇياش)قا جايلاشقان. بارلاس، جالايىر ۋە كېرەيدىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلە بۇ خانلىقتىكى موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى بولۇپ، ئۇلارغا چاغاتاينىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
چاغاتايخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، چاغاتاي (ئوگاداينىڭ ئاكىسى) موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، زور مەسىلىلەردە بەلگىلىك قارار چىقىرىش رولىغا ئىگە ئىدى. ئۇ چىڭگىزخان ئۆزىگە بۆلۈپ بەرگەن ئۇلۇسلار ۋە قوشۇنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بېشبالىقتىكى (ھازىرقى شىنجاڭدىكى جىمىسار ناھىيىسى تەۋەسىدە)ئۆزىنىڭ خانلىقىدىمۇ يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە ئىدى. راشىدنىڭنىڭ «جامىئۇل تاۋارىخ»دېگەن كىتابىدا خاتىرىلىنىشىچە، «قاغان<بۈيۈك خان> دائىم ئەلچى ئەۋەتىپ، بارلىق چوڭ ئىشلارنى چاغاتاي بىلەن كېڭىشىدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن پىكىر ئالمىسا ياكى ئۇ قوشۇلمىسا، بۇ چوڭ ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلمايدىكەن».
چاغاتايخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نەۋرىسى قارا ھۇلاگۇ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. چاغاتاي بىلەن ئوگىداي مۆڭگۈنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا قارشى تۇرغاچقا، مۆڭگۈخان ماۋرائۇننەھر رايونىنى باتۇخاننىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان. قارا ھۇلاگۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايون شەرقتىكى رايونلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇ ئوردىغا يىتىپ بارماي تۇرۇپلا، يول ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن. مۆڭگۈخاننىڭ پەرمانى بويىچە، خانىش چاغاتاي خانلىقىغا 10 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مۆڭگۈخان ئۆلگەندىن كېيىن، چىڭگىزخان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا خانلىق ئورنىنى تالىشىپ ئۇزاق كۈرەش بولغان. قۇبلاي، ئالىبۇقا، قايدۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چاغاتاي خانلىقىنى ئىگىلەش ئويى بولغاچقا، بۇ رايون تالىشىدىغان مۇھىم جايغا ئايلىنىپ قالغان. قۇبلاي قول ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغاتاينىڭ ئەۋرىسى ئالخۇخانىڭ ئوغلى ھۆرلۈكنى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى قىلىپ ئەۋەتكەندە،بەختكە قارشى يول ئۈستىدە ئارىقبۇقا قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئارىقبۇقا چاغاتاينىڭ 6-ئوغلى بايدارنىڭ ئوغلى ئالغۇنى چاغاتاي خانى قىلىپ تەيىنلىگەن ھەم ھەربىي تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇبلاي قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ھەزەر ئەيلەشنى ئەسكەرتكەن. كېيىن ئالغۇ يەنە ماۋرائۇننەھر رايونىنى باتۇخاننىڭ قولىدىغان تارتىۋالغان بولۇپ، چاغاتاي خانلىقىنى ھەقىقىي مۇستەقىل قىلغان.
1264-يىلى ئالغۇ ئالەمدىن ئۆتكەن. 1265-يىلى قاراھۇلاگۇنىڭ ئوغلى مۇبارەكشاھ تەختكە چىققان. چاغاتاي خانلىقىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، قۇبلاي شۇ يىلى بالاخان بىلەن مۇبارەكخاننى چاغاتاي خانلىقىنى ئورتاق باشقۇرۇشقا ئەۋەتكەن. مۇبارەكشاھ ئىلىكخان خانلىقىدىكى ئاباقاغانغا مايىل بولغاچقا، بالاخاننى قارشى ئالمىغان. شۇڭا، بالاخان قۇبلاينىڭ پەرمانى بويىچە مۇبارەكشاھنىڭ مىرزا بېگى ۋە بەزى لەشكەرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇبارەكشاھنى ئاغدۇرۇۋېتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان.
موڭغۇللارنىڭ تۆت چوڭ خانلىقى قاچان يوقالغان؟
موڭغۇللارنىڭ 4 چوڭ خانلىقى موڭغۇل ئىمپېرىيەسى پارچىلانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئوگىداي خانلىقى، چاغاتاي خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى(قىپچاق خانلىقى) ۋە ئىلىكخان خانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قىپچاق خانلىقى، يەنى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجى قۇرغان «ئالتۇن ئوردا خانلىقى» تەخمىنەن 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قازان خانلىقى، قىرىمىيە خانلىقى، سىبېرىيە خانلىقى، ئاستىراخان خانلىقى قاتارلىق كىچىك خانلىقلارغا پارچىلىنىپ كەتكەن. رۇسىيە باش كۆتەرگەندىن كېيىن، 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە، رۇسىيە بۇ خانلىقلارنى يۇتۇۋالغان.
چاغاتاي خانلىقى چىڭگىزخاننىڭ 2-ئوغلى چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال يېرى بولۇپ، 1314-يىلى شەرقىي ۋە غەربىي چاغاتاي خانلىقىغا پارچىلىنىپ كەتكەن. شەرقىي چاغاتاي خانلىقى 1348-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 8 ئەۋلاد 15 خان ھۆكۈم سۈرگەن. 1514-يىلى يەكەن خانلىقى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، 166 يىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان. غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ سانغۇنى تۆمۈر 14 -ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھاكىيىتىنى تارتىۋالغان.
ئوگىداي خانلىقى چىڭگىزخاننىڭ 3-ئوغلى ئوگىداينىڭ سۇيۇرغال يېرى. 1260-يىلى قۇبلاي ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، قايدۇ ئۆزىنى خان ۋارىسى قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، ئارىقبۇقا، نايان ۋە دۇۋا بىلەن بىرلىشىپ، تەخت تالاشقان. 1301-يىلى قايدۇ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ خانلىق خاراپلاشقان. 1310-يىلى قايدۇنىڭ ئوغلى چاپار(جەبە)چاغاتاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان كۈبەكخان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خانلىقنىڭ بىر قىسىمى قىپچاق خانلىقىغا ئىتائەت قىلغان،يەنە بىر قىسىمى يۈەن سۇلالىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.
ئىلىكخان خانلىقىنى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ غەربكە يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن قۇرغان بولۇپ، 1388-يىلى تېمۇر ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان.
(تەھرىر : سەپەر)
«چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلغان»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمران
- ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆن
- «نىيە خارابىسى توغرىسىدا»
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىل
- ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى
- ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت
- «قاراخان»دىكى«قارا »نىڭ قىسقىچە تارىخى
- ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى
- كەشمىر تالاش – تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنب
- جۇڭگو نىمە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇر
- ناتسىستلارنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلىشى گې
- ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى
- روزۋېلت نىمە ئۈچۈن جياڭ جيېشىنى مەخپى ئ
- تارىختىكى بارچۇق ۋە مارالبېشى توغرىسىد
- ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمرانلىق ق
- ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆنەر سەن
- «نىيە خارابىسى توغرىسىدا»
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىللىقىغ
- ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققى
- ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت
- «قاراخان»دىكى«قارا »نىڭ قىسقىچە تارىخىي تەب
- ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى
- كەشمىر تالاش – تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنبەسى
- جۇڭگو نىمە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىللىقىغ
- ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى بار؟
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلى
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- فىزىكا تارىخى
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى