ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆنەر سەنئىتى
ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل

لەشكىرى قورال- ياراقلار قەدمىي ئىنسانلار ئۇرۇق، قەۋىم، قەبىلە بولۇپ ئويۇشقاندىن كېيىن، ئوۋ قوراللىرىنى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا ئىشلىتىشتىن بارلىققا كەلگەن. بۇ دەۋىرلەردىكى ئۇرۇشلار ئاساسەن يايلاق تالىشىش، زىمىن تالىشىشتىن تەرەققى قىلىپ، ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇق، قەۋىم بىلەن قەۋىم، قەبىلە بىلەن قەبىلە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىشتىن باشقا تۈرلۈك دۈشمەنلىشىكە تەرەققى قىلىپ، ئاخىرى قەبىلە ئىتىپاقى ۋە مىللەتلەر ئارىسىغىچە تەرەققى قىلغان. ئىپتىدائى دەۋىرلەردە قەبىلىلەرنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى ئادەم سانىنىڭ ئاز ياكى كۆپلىكى بەلگىلەيتتى. ئادەم سانى كۆپ قەبىلىنىڭ جەڭگە يارايدىغان ئەرلەر سانىمۇ كۆپ بولغاچقا، ئۇلار كۈچلۈك قەبىلە ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئادەم سانىنى كۆپەيتىش – ھەممە قەبىلىدىكى ئەڭ موھىم ئىش ھېسابلىناتتى. ئات – لەشكىرى ئىشلاردىكى ئىككىنچى موھىم ئامىل ھېسابلانغان. لەشكىرى قورال- ياراقلار ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا ئۇرۇش يۈز بەرسە، قارشى تەرەپكە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان، زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى قورال قىلىپ ئىشلىتەتتى. كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە، قەبىلىلەر ئىتىپاقى ۋە مىللەت شەكىلەنگەندىن كېيىن، مۇنتىزىم لەشكەر (ئەسكەر) تۇرغۇزۇش مەيدانغا كېلىپ، جەڭ قوراللىرى مەخسۇسلىشىش يولىغا كىرگەن. بۇنىڭ بىلەن مەخسۇس جەڭ قوراللىرى ياسايدىغان ئۇستىلار ۋە ئۇستىخانىلار بارلىققا كېلىپ، جەڭ قوراللىرى ياساش كەسىپلەشكەن. جەڭ قوراللىرىنىڭ تۈرى كۆپىيىپ، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ جىسمانى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قورال ئىشلىتىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. مەلۇم بىر خىل قورالنى ئىشلىتىشكە ماھىر جەڭچىلەر ئايرىم شەرەپ نامى بىلەن ئاتالغان، يەنى: قىلىچۋاز، نەيزىۋاز، كامانداز… دېگەندەك. ئەلبەتتە جەڭ قوراللىرىمۇ شۇ مىللەت ياشىغان رايۇننىڭ تەبىئى شارائىتىدىن ئايرىلالمىغان.
خوتەن رايۇنىغا مىلتىق ئىنتايىن كېيىن كىرگەن، مىلتىق ياسىيالايدىغان ئۇستىلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۈسكسنىلىرى قالاق بولغاچقا، ئۆلچەملىك مىلتىق ياساش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. شۇڭا يېقىنقى دەۋىرگىچە ئىپتىدائى جەڭ قوراللىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن. يېقىنقى زاماندىكى تۈرلۈك ئۇرۇشلاردا بىر نەچچە تال پەرەڭ مىلتىق، بىر نەچچە تال تەيپو (زەمبىرەك)نى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقيا، نەيزە، قىلىچ … دېگەندەك جەڭ قوراللىرىغا تايانغان. بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان لەشكىرى قورال- ياراقلار تۆۋەندىكىچە:
1) نەيزە: نەيزە – ئەڭ ئىپتىدائى ئوۋ قۇرالى بولۇپ، ئوقيا، يالمان، ئوغۇر، گۈرزە… قاتارلىق قوراللار نەيزە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققى قىلغان. نەيزە قەدىمىي تۈرۈك تىلىدا «سۈنگۈ» دەپ ئاتالغان. ئەڭ ئىپتىدائى نەيزە تۈز ۋە قاتتىق دەستە ياغاچنىڭ بىر ئۇچىنى ئۇچلاپ ئىشلىتىشتىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە تاشتىن نەيزە باشىقى ئورنىتىشقا، ئاندىن مىستىن، ئاخىرىدا تۆمۈردىن نەيزە باشىقى بېكىتىشكە تەرەققى قىلغان. نەيزە باشىقى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، يۇمىلاق، ئۇچى ئۇچلۇق ياسالغان. بۇ قەدىمىي تىلىمىزدا «باشاق» دەپ، باشاق ئورنۇتۇلغان نەيزە «باشاقلىغ سۈنگۈ»، باشاق ئورنىتىلمىغان نەيزە «باشاقسىز سۈنگۈ» دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى ياپىلاق، ئۇچى ئۇچلۇق، دەستىلەيدىغان جايى يۇمىلاق ياسالغان. بۇ خىل باشاق قەدىمىي تىلىمىزدا «كەسمە» دەپ ئاتالغان. خوتەن ۋادىسىدىسىدىكى ھەرقايسى قەدىمىي ئىزلاردىن تېپىلغان تېپىلمىلار ئارىسىدا تاش نەيزە باشىقى، مىس نەيزە باشىقى، تۆمۈر نەيزە باشىقى ۋە قاشتېشى نەيزە باشىقى بار بولۇپ، بۇ خوتەن بوستانلىقىدا تاش قوراللار دەۋرىدىلا باشاقلىق نەيزىنىڭ بارلىققا كېلىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تۆمۈر قۇراللار دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ قاشتېشىدىن نەيزە ياساپ، قەبىلە ئاق ساقاللىرى ھاكىمەت سىمۋولى سۈپىتىدە، پېرىخونلار دىنىي مۇراسىم بۇيۇمى سۈپىتىدە، قوماندان- سەركەردىلەر جەڭگە قوماندانلىق قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. ئاددى ئۇسۇلدا ياكى نەقىشلەپ كۆركەم ياسالغان قاشتېشى نەيزە باشاقلىرى ئاساسلىقى ئاق سۆڭەكلەر دەپىن قىلىنغان قەبرىلەردىكى ھەمدەپنە بويۇملىرى قاتارىدىن تېپىلغانلقى – بۇ نوقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2)ئوقيا: ئوقيا – نەيزە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئىپتىدائى ئىنسانلار ئەڭ ئاۋۋال نەيزىنى كەشىپ قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قېچىپ كېتىۋاتقان ھايۋانلارغا نەيزىنى ئېتىپ سانچىپ ئوۋلاشنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن، نەيزىنى تېخىمۇ زەرپ بىلەن ئاتقىلى بولىدىغان قورال ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يانى كەشىپ قىلغان. لېكىن نەيزە بەك چوڭ، يا بىلەن نەيزە ئېتىش قولايسىز بولغاچقا، نەيزىنى كىچىكلىتىپ، ئاخىر ئوقنى كەشىپ قىلغان ۋە بۇ ئىككى نەرسە بىرلەشتۈرۈلۈپ، «ئوقيا» دەپ ئاتالغان. «ئوق» قەدىمىي تىل بولۇپ، ئىنچىكە، تۈز ۋە قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان. قەدىمىي دەۋىردە ئوق تۆت خىل بولۇپ، بىرى: باشاقسىز ئوق. بۇ خىل ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچى ئۇچلۇنۇپ ياسالغان بولۇپ، كىچىك ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا، زۈرۈر تېپىلغاندا ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل ئوق قەدىمىي تىلىمىزدا «ئۇلۇن» دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى: باشاقلىق ئوق. باشاقلىق ئوق – ئۇچىغا ئوق بېشى ئورنۇتۇلغان ئوق بولۇپ، تاش قوراللار دەۋرىدە تاشتىن ئوق ئۇچى ياسىلىپ بېكىلگەن بولسا، مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىن ئوق ئۇچى ياساپ بىكىتىلگەن، تۆمۈر قوراللار دەۋرىدە تۆمۈردىن ئوق ئۇچى ياساپ بېكىتىلگەن. بۇ خىل ئوق قەدىمىي تىلىمىزدا «باشاقلىغ ئوق» دەپ، تۆمۈر باشاق «تەمۈركەن» دەپ ئاتالغان. ئوق باشىقى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى يۇمۇلاق ئۇچلۇق، يەنە بىرى ياپىلاق ئۇچلۇق بولۇپ، تۈۋى ئۈشكە بىلەن تېشىلىپ، ئوق ئۇچىغا بىكىتىلگەن. قەدىمىي تىلىمىزدا ئۇچلۇق ئوق بېشى «باشاق» دەپ، ياپىلاق ئوق بېشى «كەسمە» دەپ ئاتالغان. باشاقنىڭ تۈۋىدىن تۆشۈك ئېچىشنى «ئۈشدى» دەپ ئاتىغان. ئۈچۈنچىسى: مەشىق ئوقى بولۇپ، باشاق ئورنىغا يۇمىلاق ياغاچ بېكىتىپ ياسالغان. بۇ قەدىمىي تىلىمىزدا «قالۋا» دەپ ئاتالغان. تۆتىنچىسى ئاۋازلىق ئوق. بىر پارچە ياغاچ ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى توم قىلىپ يۇنۇلۇپ، ئىچى كاۋاك قىلىنىدۇ ۋە ئۇچ تەرىپىدىن تېشىلىپ، ئوقنىڭ قۇيرۇقىغا كىيدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوق ۋىڭىلداپ ئۇچىدىغان بولىدۇ. بۇ خىل قۇيرۇق قەدىمىي تىلىمىزدا «سوقىم» دەپ ئاتالغان. ئوقنى سىلىقلاش ۋە تەڭشەش (بىر خىل ئۆلچەمگە كەلتۈرۈش) ئۈچۈن مەخسۇس ئەسۋاپ ياسالغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ياغاچچىلىرى ۋاسا سىلىقلاشقا ئىشلىتىدىغان «نورەندە»نىڭ كىچىكى ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئەسۋاپ قەدىمىي تىلىمىزدا «قوغۇش» دەپ ئاتالغان.
ئوق – ياغاچ راستلنىپ بولغاندىن كېيىن، قۇيرۇق تەرىپىنى يىرىپ، قۇش پېيى ئورنۇتۇپ، ئىنچىكە يىپ بىلەن باغلاپ ياسىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئېتىلغان ئوق قېيىپ كەتمەي ئۇچىدۇ. ئوق باشقا رايۇنلاردا قىيىن دەرىخىگە ئوخشاش ياغاچ ماتېرىيالى قاتتىق دەرەخلەرنىڭ شېخىدا ياسالغان بولسا، خوتەن رايۇنىدا بۇ خىل دەرەخلەر ئاز ياكى يوق بولغاچقا، ئاساسلىقى يۇلغۇندا ياسالغان. خوتەن رايۇنىدىكى قەدىمىي ئىزلاردىن تېپىلغان ئوقلار ئارىسىدا يۇلغۇندىن ياسالغانلىرىمۇ، باشقا ياغاچلاردىن ياسالغانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەلبەتتە باشقا ياغاچتا ياسالغان ئوقلار باشقا رايۇندىن خوتەنگە بېسىپ كىرگەن قوشۇنلار بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئوقلاردۇر.
ئوق – يا ئارقىلىق ئېتىلىدۇ. يا ئىلاستىكىلىقى يوقۇرى ياغاچنى يايسىمان ئېگىپ، ئىككى ئۇچى زەي بىرلەن باغلىنىپ ياسىلىدۇ. يا قەدىمىي تىلىمىزدا «يا»، «كىرىش» دەپ ئاتالغان. ئوقيا ئېتىش ماھىرلىرى «مەرگەن»، «كامانداز» ناملىرى بىلەن ئاتالغان.
3) ئوقدان: ئوق سېلىنىدىغان، كۆن- خىرومدىن ياسالغان قاچا بولۇپ، «ساداق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوقدان – كۆن ياكى خىرومدىن ئۇزۇن ۋە كەڭ غىلاپ شەكىللىك ياسىلىپ، ئاستى ۋە ئۈستىگە تاسما بېكىتىپ، دۈمبىسىگە تېڭىۋالىدىغان قىلىپ ياسىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى ئوقتىن قىسقا بولۇپ، ئوقنىڭ بىر ئۇچى چىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ تىكىلىدۇ. ئوقدانغا ئوق ئۇچى ئاستىغا، قۇيرۇقى ئۈستىگە قىلىپ سېلىنىدۇ. سىغىمچانلىقى بىر دەك بولمايدۇ. ئوقدان قەدىمىي تىلىمىزدا «ئوقلۇق»، «كىش»، «قۇرمان»، «قۇرۇغلۇق» دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالغان. ھەم ئوقنى، ھەم كىرىچنى سالىدىغان قاپلار «كىش قۇرمان»، «كىش قۇرۇغلۇق» دەپ ئاتالغان.
4)قىلىچ: قىلىچنىڭ پەيدا بولۇشى نەيزە ۋە ئوقياغا قارىغاندا نىسبەتەن كېيىنرەك بولۇپ، مىستىن ياسالغان پىچاقلار ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ، مىس قىلىچ بارلىققا كەلگەن. تۆمۈر قوراللار دەۋرىدە تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، تۆمۈر قىلىچ، پۇلات قىلىچلار بارلىققا كەلگەن. قىلىچ يانغا ئېسىپ يالى بەلباغقا قىستۇرۇپ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغاچقا، تىز ئومۇملاشقان. تىلىمىزدا پىچاقتىن چوڭ، قوش بىسلىق، ئۇچلۇق سوقۇلغانلىرى «خەنجەر»، خەنجەردىن چوڭ ۋە ئۇزۇن، قوش بىسلىق، ئۇچلۇق سوقۇلغىنى «شەمشەر»دەپ ئاتىلىدۇ. «زۇلپىقار» ئاتالغۇسى شەمشەرنىڭ ئەرەپچە ئاتالغۇسىدۇر. تىغى كەڭ، تاق بىسلىق، ئۇچى ئەگمەچ (يايسىمان)، شەمشەردىن چوڭ قىلىپ سوقۇلغىنى قىلىچ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سېپى بىر قوللۇق (قىسقا) سوقىلىدۇ. قىلىچنىڭ ئۇزۇن ساپلىق قىلىپ، ئىككى قول بىلەن ئىشلىتىدىغانى يالمان دەپ ئاتىلىدۇ. قەدىمىي تىلىمىزدا خەنجەر «بۆگدە» دەپ ئاتالغان. قىلىچ قەدىمىي تىل بولۇپ، قەدىمىي دەۋىرلەردە ئىچىگە قىلىچ ئورنۇتۇلغان قامچا بارلىققا كەلگەن. بۇ قەدىمىي تىلىمىزدا «قىلىچ قامچى» دەپ ئاتالغان. خەنجەر، شەمشەر ۋە قىلىچلارغا غىلاپ تىكىلىپ، غىلاپقا سېلىپ يېنىغا ئېسىپ يۈرۈش ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، غىلاپ قەدىمىي تىلىمىزدا «قىن» دەپ ئاتالغان. «قوش قىلىچ بىر قىنغا سىغماس» دېگەن تەمسىل قەدىمىي دەۋىرلەردىن قالغان.قەدىمكى دەۋىرلەردە قىلىچ ئەڭ ئاساسلىق جەڭ قورالى بولۇپ قالغان بولۇپ، لەشكەرلىرىنىڭ قىلىچىنىڭ قانداق بولۇشى – شۇ قوشۇننىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇش ۋە جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان. شۇڭا «قىلىچ» ئاتالغۇچى قەدىمىي دەۋىردىن ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى بىر دەۋىرلەرگىچە ئەرلەرنىڭ ئىسمى قىلىپمۇ ئىشلىتىلگەن. بەزى قەبىلىلەر جەڭ بايراقلىرى، تۇغ- ئەلەملىرىگە كېسىشكەن قوش قىلىچنىڭ سۆرىتىنى كەشتىلەپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ شەرەپ بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.
5)مەنچاناق: بۇ ياغاچنىڭ ئىلاستىلىلىقىدىن پايدىلىنىپ تاش ئېتىش قورالى بولۇپ، كۆپىنچە سىپىلگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. مەنچاناق – چوڭ كۆتەكنىڭ بىر بېشىغا ئىلاستىكىلىقى يوقۇرى ياغاچ ياكى شاپنى تىك بېكىتىپ، ئۇچىغا تاش قويىدىغان چۆمۈچ شەكىللىك قۇرۇلما ئورنىتىپ، شالنى تارتىپ ئېگىپ تۇرۇپ، تاش سېلىپ قويۇپ بىرىش ئارقىلىق ئېتىلىدۇ. مەنچاناقنىڭ كىچىكلىرىنى بىر ئادەم، چوڭلىرىنى بەش~ئالتە ئادەم قايرىپ ئاتىدۇ. چوڭلىرىنى ئۇچىغا باغلانغان ئاغامچىنى تارتىپ ئىگىپ باغلىۋېلىپ، ئېتىلىدىغان تاشنى قويۇپ بولۇپ، ئاغامچىنى تىز سۈرئەتتە يېشىۋېتىش ئارقىلىق ئېتىلىدۇ. خوتەن ۋادىسىدىكى ھەرقايسى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن چاسىلاپ تەييارلانغان، كىچىكلىرى تۇخۇمدەك، چوڭلىرى مۇشتۇمدەك تاشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل تاش – يۇمىلاق قۇم قەدىمىي شەھەر خارابسىدا بىر قەدەر كۆپ. بۇ تاشلار – دەل مەنچاناقتا ئېتىلغان تاش ئوقلار بولۇپ، مەنچاناقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ئاساسەن چوڭ- كىچىك ياسالغان. كېيىنكى دەۋىرلەردە مەنچاناق ئارقىلىق پارتلاتقۇچ بومبىلار ئېتىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەنچاناق – زەمبىرەكنىڭ ئىپتىدائى شەكلىدۇر.
خەلق ئارىسىدا مەنچاناقنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇش تەييارلىقىدا، غەيرى دىندىكىلەرلارنىڭ قوماندانى بارلىق ياغاچچىلارنى يىغىپ، ”قايسىڭلار تاشنى يىراققا ئاتالايدىغان ھەم زەربە كۈچى يوقۇرى قورال ياسىيالايسىلەر؟“ دەپ سورىغان ئىكەن، «چاناق» لەقەملىك بىر ئاياقچى ئوتتۇرىغا چىقىپ ”مەن ياسايمەن“ دەپتۇ ۋە مەنچاناقنى ياساپ چىقىپتۇ. ئۇ دەۋىرلەردە ئاياق «چاناق» دەپ، ئاياقچىلىق «چاناقچىلىق» دەپ، ئاياق قىرىش «چاناقلاش» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئاياقچى «مەن ياساي» دېگەن سۆزنى «مەن چاناقلاي» دېگەن ئىكەن، شۇنىڭ بېلەن بۇ قورال «مەنچاناق» دەپ ئاتالغان ئىكەن. ئاياقچى مەنچاناق ياساپ دۇئايىبەد بولۇپ كەتكەچكە، ئاياقچىلىق بېلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەرۋەن روناق تاپمايدىكەن.
6)قالقان: قالقان – ئۇرۇش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىيە قورالى بولۇپ، قىلىچ، نەيزە، ئوقيالارنىڭ تىگىپ يارىلاندۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. «قالقان» قەدىمىي تىل بولۇپ، توسىغۇچ، مۇداپىيەلەنگۈچ دېگەن مەنىدە. قالقان ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتىرىيال ھەر خىل، قالقاننىڭ ياسىلىش شەكلىمۇ ھەر خىل بولغاچقا، قالقاننى تۈرگە ئايرىش قىيىن. ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىشلىتىلگەن ماتىرىيالغا ئاساسەن، ياغاچ قالقان ۋە مېتال قالقان دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. ياغاچ قالقان ئەڭ ئىپتىدائىسى بولۇپ، تاش قوراللار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. مېتال قالقان مىس قۇراللار دەۋرىدە مىستىن، تۆمۈر قوراللار دەۋرىدە تۆمۈردىن ياسالغان. ياغاچ قالقان يەنە ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى ياغاچ شال(تاختاي)دىن ياسالغان. چوڭ كۆتەكتىن شال تىلىپ، بىر شالدا بىرنى ياسىغانلىرىمۇ، بىر نەچچە شالنى جۈپلەپ ياسالغانلىرىمۇ بار. يەنە بىر خىلى چىۋىق، ئاساسلىقى يۇلغۇن، توغراق چىۋىقلىرىدا توقۇلغانلىرى، بۇ توقۇما قالغان دىيىلىدۇ.
قالقاننىڭ ياسىلىش شەكلى ھەر خىل بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغان شەكىللىرى: دۈگۈلەك (تۇۋاق شەكىللىك)، سوزۇنچاق، چاسا، يۈرەك شەكىللىك، تومۇزغا شەكىللىك. بۇ تۈرلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. قايسى خىل ماتىرىيالدىن ياسىلىشنى شۇ قوشۇن تۇرىۋاتقان تەبىئى مۇھىت ۋە ئىقتىزادى ئەھۋالى بەلگىلەيدۇ. قۇدرەتلىك قوشۇنلار بىر تۇتاش مېتالدىن ياسىغان قالقان ئىشلەتسە، ئاجىز، يىڭىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇنلارنىڭ سەركەردە- سەرۋازلىرى مېتال قالغان، لەشكەرلىرى ياغاچ ۋە چىۋىق قالقان ئىشلەتكەن. مەيلى قانداق ماتىرىيالدىن ياسالغىنى بولسۇن، شەكلى ۋە چوڭ- كىچىكلىكى قوشۇنلار بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. قالقاننى ئاساسلىقى نەيزە ۋە قىلىچ بىلەن جەڭ قىلىدىغانلار ئىشلەتكەن بولۇپ، ئوڭ قولىغا ياراغ، سول قولىغا قالقان ئېلىپ جەڭگە كىرگەن.
7) دۇبۇلغا: دۇبۇلغا – باشقا كىيىلىدىغان مۇداپىيە كىيىمى بولۇپ، قىلىچ، نەيزە، ئوقيالارنىڭ تىگىپ يارىلاندۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىشقا كىيىلىدۇ. دۇبۇلغا كۆن- خىرومدىن ۋە مېتاللاردىن ياسىلىدۇ. تۆمۈردە ياسالغان دۇبۇلغا قەدىمىي تىلىمىزدا «ئاشۇق» دەپ ئاتالغان. مېتال دۇبۇلغىلار باشنى ئاغرىتماسلىق ئۈچۈن، ئىچىگە كېگىزدىن تىكىلگەن ياكى يۇڭدىن توقۇلغان ئىچلىك كىيىلىدۇ. بۇ خىل ئىچلىك قەدىمىي تىلىمىزدا «كەدۈك» دەپ ئاتىلىدۇ.
دۇبۇلغىنىڭ كۆن- خىرومدىن تىكىلگىنىنىڭ ئارىسىغا مېتالدىن ياكى ياغاچتىن قات ئېلىنىپ، قاتتىق قىلىپ تىكىلىدۇ. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يۇمۇلاق قۇم قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئەتراپىدىن تېپىلغان بىر خىروم دۇبۇلغا قەدىمىي دەۋىردىكى دۇبۇلغىلارنىڭ بىر قەدەر ئاددىسى بولۇپ، ئىچى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك تۆت پۈرچە كۆندىن ئەستەرلىنىپ، ئۈستىگە نىپىز ۋە چوكىدەك ئۇزۇن تارىغا قارات تىزىلىپ قات قىلىنىپ، تېشى خورما رەڭ خىرومدا قاپلانغان. تېشىمۇ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك تۆت تالا خىرومدا قاپلانغان بولۇپ، ئومۇمى گەۋدىسى يېرىم كاسا تاۋۇزغا ئوخشاش تىكىلگەن. ئالدى تەرىپىگە كىچىك چىكىلىك، كەينىگە پۇپۇچ قادالغان، چوققىسىغا كىرىس شەكىللىك نەقىش تىكىلگەن. باشقا قەدىمىي ئىزلاردىن كەينى ئادەمنىڭ گەجگىسىگە كېلىدىغان، قۇلاقنى تولۇق ئورايدىغان، ئالدى تەرىپى ئادەمنىڭ چىرايىلا ئوچۇق تۇرىدىغان ئويما شەكىللىك تىكىلگەن دۇبۇلغىلار تېپىلغان.
مېتالدىن ياسالغان دۇبۇلغىلار ئاساسلىقى مىستىن ۋە تۆمۈردىن ياسالغانلىرى بولۇپ، مىستىن ياسالغانلى مىس قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولىدۇ. تۆمۈر دۇبۇلغىلارنىڭ شەكلى ھەر خىل، ئەڭ ئاددىلىرى قالپاق شەكىللىك بولۇپ، بۇنى لەشكەرلەر كىيىدۇ. ئەڭ ئېسىللىرىگە تۈرلۈك نەقىشلەر ئىشلىنىپ، چېكىسىگە ياقۇتتىن كۆز قويۇلىدۇ، چۇقىسىغا پۆپۈچ قادىلىدۇ. بۇ خىلدىكىلىرىنى سەركەردە، سانغۇنلار كىيىدۇ.
8)ساۋۇت: ساۋۇت مۇداپىيە كىيىمى بولۇپ، قىلىچ، نەيزە، ئوقيالارنىڭ تىگىپ يارىلاندۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىشقا كىيىلىدۇ. ساۋۇتنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىرى يۇلغۇن ياكى توغراق چىۋىقىدىن ئىككى پارچە قىلىپ توقۇلۇپ، كۆكرەك ۋە دۈمبىنى مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن كۆكرەك ۋە دۈمبىگە تېڭىۋېلىش شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن. مىس قوراللار دەۋىرگە كەلگەندە مىستىن، تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە تۆمۈردىن ياسالغان ۋە تەرەققى قىلىپ، كىيىم ھالىتىگە كىرگەن. ساۋۇتنىڭ ئەڭ ئاددىسى – مېتالنى كۆكرەك ۋە دۈمبىگە ماسلاشتۇرۇپ ياپىلاقلاپ سوقۇپ، بەدەنگە تېڭىۋالىدىغان شەكلى بولۇپ، بۇ خىلدىكىلىرىنى كۆپىنچە لەشكەرلەر كىيىدۇ. بۇ خىلدىكىلىرىنىڭ رەختكە قاداپ، يەڭ چىقرىپ تەييارلانغانلىرىمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا تىكىپ تەييارلانغان چاپانغا چاسا ۋە تەڭگەسىمان تۆمۈر ياپراقچىلارنى قاداپ تەييارلانغانلىرى؛ زەنجىر قاداپ تەييارلانغانلىرىمۇ بار. مۇكەممەللىرى تۆمۈردىن بوي، يەڭ، مۆرىلىك چىقىرىپ، بىر بىرىگە ھەرىكەتچان چېتىپ تەييارلىنىدۇ. تون ۋە ئىشتان شەكىللىك تەييارلانغانلىرى ئەڭ پۇختىلىرى ھېسابلىنىدۇ. دۇبۇلغا بىلەن ساۋۇت بىرلەشتۈرۈپ كىيىلىدۇ.
9)زەمبىرەك: زەمبىرەك – مىلتىق دورىسى كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، قەدىمىي تىلىمىزدا «تۈۋەكلىك» دەپ ئاتالغان تۈپەكلىك (پاختۇرمەك، پاختىۋەن مىلتىق) قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ بارلىققا كەلگەن قورال بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن قايەردە ئىجاد قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. خەنزۇچە تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، يۈەن سۇلىسى دەۋرىدە، تۇرپاندىن مەخسۇس ئۇيغۇر ئۇستىلار چاڭئەنگە تەكلىپ قىلىنىپ، زەمبىرەك ياساتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. «پو» زەمبىرەكنىڭ خەنزۇچە ئاتالغۇسى بولۇپ، يېقىنقى دەۋىردە خەنزۇچە «پاۋ炮» سۆزىدىن قوبۇل قىلىنغان. زەمبىرەكنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈپ يۆتكەيدىغىنى «تەيپو» دەپ ئاتالغان. چاق ئورنۇتۇلغانلىرى «چاقلىق پو» ياكى «چاقلىق زەمبىرەك» دەپ ئاتالغان. ئەڭ دەسلەپكى زەمبىرەكلەردە تاش ئېتىلغان بولسا، كېيىنچە بومبا ئېتىشقا تەرەققى قىلىپ، ئاخىرى سىلكىنىشتىن پارتلايدىغان مەخسۇس زەمبىرەك ئوقى كەشىپ قىلىپ ئېتىلغان. زەمبىرەك – بۇرۇنقى دەھىرلەردە زەربە بېرىش كۈچى ئەڭ زور قورال بولغاچقا، بىر قوشۇننىڭ زەربىدارلىق كۈچىنى نامايەن قىلىشتىكى موھىم قورال بولۇپ قالغان. 1932- يىلى خوتەندە دېھقانلار قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندە، بىر نەچچە تال زەمبىرەكنىڭ ھەيۋىسىدە باشقا ناھىيەلەر تىنچ ھالدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا
تەيپو بىلەن زەمبىرەك.
چەچەنگە كىلىپ چۈشتى،
كامال دىگەن دەڭگىرەك.
10) ئاتلىق لەشكەرلەر لازىمەتلىرى ھۈنەر سەنئىتى: قەدىمكى دەۋىردە، قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ۋە دۆلەتلەر مۇنتىزىم لەشكەر تۇرغۇزغاندىن كېيىنكى دەۋىرلەردە، لەشكىرى ئىشلار تەدرىجى تەرەققى قىلىپ، لەشكەرلەر سۇ لەشكەرلىرى، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇلغان ۋە شۇ تۈرلەر بويىچە جەڭگە سېلىنغان. شىنجاڭ، جۈملىدىن خوتەن رايۇنى دېڭىز- ئوكيانلاردىن يىراق، قېيىق- قولۋاقلار بىلەن جەڭ قىلغۇدەك چوڭ دەريا- ئېقىنلىرى يوق رايۇن بولغاچقا، سۇ لەشكەرلىرى كۆپ ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. ئاتلىق لەشكەرلەر ئۇرۇش جەريانىدىكى ئاۋانگارت، زەربىدار قوشۇن ۋە باش ھۇجۇمچى قوشۇن بولغاچقا، ئاتلىق لەشكەرلەر قىسمىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. شۇڭا ئاتلىق لەشكەرلەر قىسمىدا مەخسۇس ئات تاقىلاش، ئاتقا كېتەرلىك جابدۇقلارنى ياساش ۋە رېمۇنت قىلىشنى كەسىپ قىلغان كەسپى گۇرۇپپىلار تۇرغۇزۇلغاندىن باشقا مەخسۇس ئات كۆندۈرىدىغان ۋە باقىدىغان مىراخورلار (ئات باقارلار)مۇ تۇرغۇزۇلغان. «ئات» قەدىمىي تىلىمىز بولۇپ، مەھمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «ئەل» سۆزىگە تەبىر بېرىپ: ”ئەل، ئاتنىڭ يەنە بىر خىل ئىسمى. ئات تۈرۈكلەرنىڭ قانىتى بولغانلىقتىن، ئاتنى «ئەل» دەپمۇ ئاتايدۇ. «ئاتباقار»نى «ئەل باشى» دىيىش شۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ «ۋىلايەت باشلىقى» دېگەن سۆز بولسىمۇ، بۇنىڭدىن «ئاتباقار» دېگەن ئۇقۇم ئاڭلىنىدۇ.“ («دىۋان» 1- جىلىد 67- بەت) دەپ يازغان. قەدىمقى دەۋىرلەردە جەڭ ئاتلىرى خانلىق تەرىپىدىن مەخسۇس بېقىلىپ، جەڭ ۋاختىدا لەشكەرلەرگە بىرىپ، جەڭدىن كېيىن يەنە يىغىۋالغان. بۇنداق ئاتلار قەدىمىي تىلىمىزدا «تۇغزاغ» دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق ئاتلىق لەشكەرلەر لازىمەتلىرى تۆۋەندىلكىچە:
(1) تۆمۈر بۇيۇملار: تۆمۈر بۇيۇملار ئاساسلىقى تاقا، ئۈزەڭگە، يۈگەن، ھالقا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تاقا – ئات تۇيىقىغا ماسلاشتۇرۇپ، يېرىم چەمبەر شەكىللىك سوقۇلۇپ، ئاتنىڭ تۇيىقىغا مىقلىنىدىغان تۆمۈر بولۇپ، ئات تۇيىقىنىڭ ئۇپراپ كېتىپ، يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاتتىن باشقا يەنە ئېشەكمۇ تاقىلىدۇ. تاقا بەزى رايۇنلاردا «ئۈزەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خوتەن شىۋىسىدە مەخسۇس ئات- ئېشەك تاقىلايدىغان ئۇستىلار «تاقىچى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈزەڭگە – بىر پارچە ئۇزۇن تۆمۈرنىڭ ئىككى ئۇچىغا يېرىم چەمبەر شەكىللىك ئەگمە تۆمۈرنى بېكىتىپ، ئۈستىگە تاسما باغلىنىدىغان ھالقا چىقىرىپ سوقۇلغان بۇيۇم بولۇپ، ئىگەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن تاسما ياكى ئاغامچا بىلەن مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتا ساڭگىلىتىپ قويۇپ، ئاتقا مىنگۈچى پۇتىنى سېپىپ دەسسەپ ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. كونىلارنىڭ «ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگۈدىن چۈشمەپتۇ» دېگەن تەمسىلىدىكى «ئۈزەڭگى» دەل مۇشۇ قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. يۈگەن – ياي شەكىللىك سوقۇلغان تۆمۈرنىڭ ئىككى ئۇچىدىن تاسما ياكى ئاغامچا ئۆتكۈزىدىغان ھالقا چىقىرىپ سوقۇلغان بۇيۇم بولۇپ، ئاتنىڭ نوقتىسىغا چىگىپ ئېغىزىغا سېلىپ، ھالقىسىغا تاسما ياكى تانا باغلاپ، ئاتنىڭ بېشىنى ئوڭ- سولغا بۇراش، ئاتنى توختۇتۇش قاتارلىق باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. تاسما باغلانغان يۈگەن «تىزگىن» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خۇددى ھازىرقى زامان ماشىنىلىرىدىكى رول ۋە تۇرمۇزنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان سايماندۇر. قەدىمىي تىلىمىزدا يۈگەن «تىن» دەپ، تىزگىن «تىزگىن» ۋە «چەتكەن» دەپ، يۈگەن- تىزگىن «تىن- تىزگىن» دەپ ئاتالغان. ھالقا – ئىگەر، تىزگىن، ئۈزەڭگى، نوقتا (باشباغ) قاتارلىق جابدۇقلارنى بىر بىرىگە چېتىش، باغلاش ئۈچۈن تاسما ۋە ئاغامچا باغلىنىدىغان جايلارغا بېكىتىلىدىغان چوڭ- كىچىك ھالقىلاردۇر.
(2) ئىگەر: ئىگەر – ئاتنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ باغلاپ مىنىشكە ئىشلىتىدىغان جابدۇق بولۇپ، ئۇچىلىق، نېغىچاق ۋە ئۈزەڭگىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇچىلىق – بىر نەچچە قات كېگىزنى چاسا شەكىللىك تىكىپ، ئۈستى رەخت ياكى خىروم بىلەن قاپلىنىپ، ئۈستىدىن ئۈزەڭگى باغ تارتىلىپ، ئىككى يېنىغا تۆش تارتقۇ ئۈچۈن تاسما بېكىتىپ تەييارلىنىدۇ. نېغىچاق – ھىلال ئاي شەكىللىك ئويۇلغان ئىككى ياغاچنى سىرتىغا قىيپاش قىلىپ، ئۇچلىرى ئىككى تاختايغا مۇنتىزىم ئورنىتىلىپ، ئادەمنىڭ ئولتۇرۇشىغا ماس قىلىپ ياسىلىپ، ئۇچىلىق ئۈستىگە بېكىتىلىدۇ. ھىلال ئاي شەكىللىك ياغاچنىڭ ئالدى تەرىپىگە بېكىتىلىدىغىنى كەينىگە بېكىتىلىدىغىنىدىن چوڭراق ۋە ئىگىزرەك بولىدۇ. ئىزەڭگى تاسمىسىغا ئىزەڭگى بېكىتىلىدۇ. ئىگەر ئاتنىڭ ئۇچىسىغا ئارتىلىپ، تۆش تارتقۇ بىلەن ئاتنىڭ بەدىنىگە مەھكەم باغلاپ مىنىلىدۇ. جەڭ ئاتلىرىنىڭ ئىگەرلىرىگە نەيزە، يالمان، ئۇمۇت قاتارلىق قوراللارنى ۋاقىتلىق ئېلىپ قويىدىغان ھالقىلار بېكىتىلىدۇ. ئاتنىڭ تەرلەپ ھۆل بولۇپ، ئۇچىسى يېغىر بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىگەرنىڭ تىگىگە يۇمشاق كېگىزدىن تەرلىك تەييارلىنىپ، ئىگەرلەشتىن بۇرۇن ئىگەرنىڭ تىگىگە سالىدۇ. بۇ قەدىمىي تىلىمىزدا ۋە ھازىرقى زامان تىلىمىزدا «ئىچلىك» ياكى «تەرلىك» دەپ ئاتالغان. ئۈزەڭگى باغلىنىدىغان تاسما قەدىمىي تىمىلىزدا «قىسماق» دەپ ئاتالغان.
(3) نوقتا: نوقتا يەنە «باشباغ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوقتا تاسمىدا ئاتنىڭ چېكىسى، قوۋزى ۋە قۇلاق كەينىدىن باغلىنىدىغان قىلىپ، سوغۇرۇپ ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان قىلىپ ياسىلىدۇ. يۈگەن نوقتىغا ھەم بېكىتكىلى، ھەم ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان قىلىپ تەييارلىنىدۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئاتقا يۈگەن سېلىنمايدۇ، مىنگەن چاغدا سېلىپ مىنىدۇ. نوقتىنى ئاتنىڭ بېشىغا سېلىپ، تاسمىسىنى باغلىۋەتسە، چىقارغىلى بولمايدۇ. يۈگەننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۇزۇن تاسما ياكى تانا باغلىنىپ، ئاتنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. يۇقارقى قۇرۇلمىلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشتۈرۈلەگەندە نوقتا ياكى باشۋاغ ھاسىل بولىدۇ. نوقتا قەدىمىي تىلىمىزدا «ئۆرك» دەپ ئاتالغان.
11) جەڭ ھارۋىلىرى: ھارۋا چاقى – قۇياش ئېتىقادچىلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئىنسانلارئېڭىدا تۆت تەرەپ (شەرق، شىمال، غەرپ، جەنۇپ) ئۇقىمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇلار يەرنىڭ تۆت تەرىپىنى كىرىس (+) بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىگەن. كېيىن قوياشنىڭ يەر ئەتراپىنى ئايلىنىش قانۇنىيىتى (قەدىمىي ئىنسانلار شۇنداق دەپ قارىغان ۋە شۇنداق چۈشەنگەن)گە ئاساسەن، ئىمەكلىك كىرىس – گاممادىيون بەلگىسى شەكىللىنىپ، يەرنىڭ ۋە قوياشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. كىشىلەر ئېڭىدا «يەر يۈزىدە يەرنىڭ تۆت تەرىپى بار، يەرنىڭ تېگىدىمۇ يەرنىڭ تۆت تەرىپى بار، قۇياش كۈندۈزى يەر ئۈستىدىكى تۆت تەرەپنى يۇرۇتۇپ، غەرپتىن پاتسا، كېچىسى يەرنىڭ تىگىدىكى تۆت تەرەپنى يورۇتۇپ، شەرقتىن تۇغۇلىدۇ» دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولۇپ، يەرنىڭ سىمۋولى قىلىنغان كىرىس بەلگىسى ئۈستىگە يەرنىڭ تىگىنى ئىپادىلەپ يەنە بىر كىرىس بەلگىسى قوشۇپ، 8 تەرەپنى كۆرسىتىدىغان كىرىس بەلگىسى شەكىللىنىپ، «تۆت تەرپ، سەككىز ياق» ئەقىدىسىگە سىمۋول قىلىنغان. قۇياشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان گاممادىيون (ئىلمەكلىك كىرىس)مۇ ئوخشاشلا 8 تەرەپنى كۆرسىتىدىغان شەكىلگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، تەبىئى ھالدا ئەتراپىدىكى ئىلمەكلەر دۈگۈلەكلىشىپ، ھارۋا چاقىنىڭ شەكلى كېلىپ چىققان. ئىنسانلار قوياشنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلىنىپ، ئىلمەكلىك كىرىس شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ھارۋا چاقىنى ئىجاد قىلغان. ھەم قوياش ئىلاھى توغرىسىدا: ”قوياش ئىلاھى ئوت ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، كۈندبزى ئاسماننى كېزىپ، يەرنىڭ ئۈستىنى يورۇتىدۇ، كېچىسى يەرنىڭ تىگىدىن شەرققە ئۆتۈدۇ، بۇ جەرياندا يەرنىڭ تىگىدىكى جىن- ئالۋاستىلار قوياش ئىلاھىنى يەر يۈزىگە چىقارماسلىق ئۈچۈن تۇتۇۋېلىش كويىدا بولىدۇ، قۇياش ئىلاھى جىن- ئالۋاستىلار بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئەرتىسى شەرقتىن كۆتۈرۈلىدۇ، ئەتىگەنكى شەپەق ئۇرۇش جەريانىدا چېچىلغان قاندۇر. بىزگە كۆرۈنىدىغىنى قوياش ئىلاھى ئولتۇرغان ئوت ھارۋىسىنىڭ چاقىسىدۇر“ دېگەن ئەپسانە مەيدانغا كەلگەن. چاقنىڭ ئوتتۇرۇسىدا ئوق بېكىتىلىدىغان تۆشۈك بولمىسا بولمىغاچقا، تەسۋىرى يېزىقتا «قۇياش» سۆزى قۇياشنىڭ سىمۋولى بولغان دۈگۈلەك (چەمبەر) ئىچىگە چېكىت قويۇش ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
ھارۋا چاقى ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن، تەبىئى ھالدا ھارۋا كەشىپ قىلىنغان. ھارۋا ئاساسىدا جەڭ ھارۋىسى كەشىپ قىلىنغان. جەڭ ھارۋىسى – يۈك ھارۋىلىرغا ئوخشىمايدۇ. ئىككى چاقنى ئوق بىلەن چېتىپ، بىر ئات قېتىلىدىغانلىرىغا ئىككى ياغاچنى شوتا قىلىپ ئورنىتىپ، ئىككى ئات قېتىلىدىغىنىغا بىر ياغاچنى تارتقۇ قىلىپ ئورنىتىپ سۆرۈتىدۇ، ئوق ئۈستىگە تاختاپەر بېكىتىلىپ، بىردىن ئۈچكىچە ئادەمنى سۆرەيدۇ. يۈك ھارۋىسىدىن كىچىك بولۇپ، ئادەملەر ھارۋا ئۈستىدە ئۆرە تۇرىدۇ. بىر ئادەم ھارۋىنى ھەيدەشكە مەسئۇل بولسا، باشقىلار ھارۋا ئۈستىدە تۇرۇپ جەڭ قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغان قىياتاش سۆرەتلىرى ئارىسىدا بۇ خىل ھارۋىنىڭ تەسۋىرى بىر قەدەر كۆپ. ھەرقايسى ۋادىلاردىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدىن تېپىلغان ۋە قېزىۋېلىنغان تېپىلمىلار ئارىسىدا ھارۋا چاقى ۋە جەڭ ھارۋىسىنىڭ باشقا قۇرۇلمىلىرى بار. بۇلار قەدىمىي دەۋىردە رايۇنىمىزدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى كەڭ تۈردە ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆنەر سەنئىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆن
- «نىيە خارابىسى توغرىسىدا»
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىل
- ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى
- ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت
- «قاراخان»دىكى«قارا »نىڭ قىسقىچە تارىخى
- ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى
- كەشمىر تالاش – تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنب
- جۇڭگو نىمە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇر
- ناتسىستلارنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلىشى گې
- ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى
- روزۋېلت نىمە ئۈچۈن جياڭ جيېشىنى مەخپى ئ
- تارىختىكى بارچۇق ۋە مارالبېشى توغرىسىد
- ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى
- ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆنەر سەن
- «نىيە خارابىسى توغرىسىدا»
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىللىقىغ
- ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققى
- ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت
- «قاراخان»دىكى«قارا »نىڭ قىسقىچە تارىخىي تەب
- ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى
- كەشمىر تالاش – تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنبەسى
- جۇڭگو نىمە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا
- ناتسىستلارنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلىشى گېتلىرن
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىللىقىغ
- ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى بار؟
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلى
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- فىزىكا تارىخى
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى