كورېيەنىڭ شىنجاڭغا ئائىت تەتقىقاتلىرى
تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن
كورىيەدە شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئەمەس ھەم تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ كۆپ ئەمەس. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سەۋەبلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى. بىرىنجىدىن، جۇغراپىيۋى جەھەتتە، كورىيە بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارلىقى 5000 كېلومىتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ مۇقەررەركى بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى چەكلەپ قويغان. ئىككىنجىدىن، ئۇزۇندىن بىرى شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئېدىئولوگىيە جەھەتتىكى قارشىلىقلار (دۈشمەنلىشىشلەر) كورىيە، جوڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نۇرمال ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلغان. ئۈچىنچىدىن، كورىيە بىلەن جوڭگۇ 1992-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەسمىي بىرىش-كېلىش قىلىشقا باشلىغان.
تارىخقا قارايدىغان بولساق، بۇددا دىنى كورىيەگە تارقالغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان راھىبلار جوڭگۇغا ياكى غەربى يۇرتقا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرىنى قالدۇرغان. ئەمما بۇلار ناھايىتى ئاز بولۇپلا قالماستىن، كورىيە يېزىقىدىمۇ يېزىلمىغان. بۇلارنى پەقەت جوڭگۇ يازما ماتېرىياللىرىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاملاشقاندىن كېيىن بولۇپمۇ 9-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، چاۋشىيەن يىرىم ئارىلى كىدان، جورجىت، مۇڭغۇل قاتارلىق شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بولۇپمۇ يۇەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرغان يۈز يىل جەرياندا ئاتالمىش كۆپ مىقداردىكى «رەڭدار كۆزلۈكلەر» چاۋشىيەن يىرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولمىغان.
چاۋشىيەندە جۇ ئىقىمى (تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كورىيە بىلەن جوڭگۇنىڭ مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغان، جەنۇبى سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن پەيلاسوپ جۇشى 朱喜) ) كوڭزىچىلىق، بۇددا دىنى ۋە تويىن دىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىپ بىر ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئېقىم كورىيەگە تارقالغاندىن كېيىن بىر مەزگىل كورىيە ئىدىيە ساھەسىدە يىتەكچى ئورۇندا تۇرغان - تەرجىماندىن ئىزاھات) يىتەكچىلىكى دەۋرىدە جوڭگۇ، ياپۇنىيە ۋە جورجىتلار بىلەن بولغان ئالاقىدىن باشقا، سېرت بىلەن ئالاقىمۇ قىلمىغان. غەربى يۇرت ھەققىدىكى تەتقىقاتمۇ يوق دىيەرلىك.
19-ئەسىردىن كېيىن چاۋشىيەن يىرىم ئارىلى غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇ خىل شارائىتتا شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مومكىن بولمىغان، شىنجاڭ ھەققىدە مۇناسۋەتلىك بىلىملەرنى جوڭگۇ يازما ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىلغان. ياپۇن جاھانگىرلىكى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ ئۇلار ئارقىلىق شىنجاڭنى بىلىش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەرب ئالىملىرىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر قېسىم ئۇنۋېرسىتىتلاردا «شەرق-غەرب مەدەنىيەت تارىخى» دېگەندەك دەرسلەر تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ تارىخى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاتالمىش «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى» باشلانغان. 1950-يىلى چاۋشىيەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. كورىيەنىڭ شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتىمۇ تەبىئىي ھالدا ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرىغان.
جوڭگۇدا ئىسلاھات ئېلىپ بىرىلغاندىن كېيىن، كورىيەلىكلەر شىنجاڭغا ئەركىن ھالدا ساياھەتكە كىلەلەيدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان دىققىتى قوزغىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىپەك يولىنىڭ جوڭگۇدىكى قېسىمى دېگۈدەك شىنجاڭدا بولغاچقا ھەمدە «يىپەك يولى» دېگەن بۇ نام كىشىگە بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. بۇ مۇقەررەركى كىشىلەردە بۇ نامەلۇم جايغا بولغان قىزىقىشنى قوزغايدۇ. 1980-يىلى كورىيەنىڭ KBC تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ياپۇنىيەدە ئىشلەنگەن «يىپەك يولى» ناملىق فىلىمنى قويغاندىن كېيىن، كىشىلەر شىنجاڭغا تېخىمۇ دىققەت قىلغان ۋە «غەربى يۇرت» دېگەن نامنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن.
1990 -يىلى كورىيە مۇڭغۇلشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى، كورىيە ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى دېگەندەك ئىلمىي جەمئىيەتلەر قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كورىيە ئىلىم ساھەسىدە شىمالدىكى رايونلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ خېلى جانلىنىشقا باشلىغان.
كورىيە ئىلىم ساھەسى شىنجاڭنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ھەر قايسى تىللارغا ئائىت ماتېرىياللار ئىنتايىن كەم ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن. ھازىر خېلى ياخشى تەتقىقاتلار ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. جوڭگۇ ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش ئىستىراتىگىيسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كورىيە كارخانىلىرى جوڭگۇغا كىرىشكە باشلىدى. بۇ كارخانىلارنىڭ غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشى بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق ، چۈنكى مۇكەممەل ئىلمىي تەتقىقات كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى . شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كورىيەدىكى شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى چوقۇم ئالغا قاراپ تەرەققى قىلىپ، تېىخمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسى.
1. تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتە:
1 .جىن بىڭ مو ( كورىيانچە ئىسمى، كىم بىيۇڭ مو)
« قەدىمكى كورىيە بىلەن غەربى يۇرتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»، «كورىيانشۇناسلىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1988-يىللىق 14-سانىغا بېسىلغان.
2. جىنروڭ خەن ( كورىيانچە ئىسمى،كىم يوڭ بۇم)
«خەن لېرەن تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە»، «مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
خەن لېرەن : چاۋشىيەن مىللىتىدىن ، لوڭجىڭدا تۇغۇلغان،شاڭخەي گۈزەل-سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، فىرانسىيەدە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭدا گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى زور.
3. جىن خاۋدوڭ (كورىيانچە ئىسمى، كىم خو دوڭ)
« 1864-يىلىدىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى جەريانى»، «شەرقىي ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1986-يىللىق 24-سانىغا بېسىلغان.
«20-14 ئەسىرلەردىكى شىنجاڭ ۋە كورىيە مۇناسىۋىتىگە ئائىت يازمىلار». «شەرقى ئاسىيا مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 1987-يىللىق 25-سانىغا بېسىلغان.
« تۈرك-ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مەسىلە»، «شەرقىي ئوكيان تارىخ ئىلمىي تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1987-يىللىق 25-سانىغا بېسىلغان.
« ‹ خۇاشىياچە - بەدەۋىيچە سۆزلۈكلەر قوللانمىسى› (‹مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان يات تىللار› دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ ـــ تەرجىماندىن) دىكى نامۇم كوراگان يازمىلىرى ھەققىدە ئىزاھات»، « ئالتايشۇناسلىق ئىلمى » ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇسۇلمانلار توغرىسىدا»، «تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 119-سانىغا بېسىلغان.
«مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ ۋارىسلىق تالاش-تارتىشلىرىدىن شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئالاھىدىلىكىگە نەزەر»، «شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1990-يىللىق 33-سانىغا بېسىلغان.
«زوزوڭتاڭنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ يېمىرىلىشى»، «شەرقى ئاسىيا مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 1991-يىللىق 29-سانىغا بېسىلغان.
«ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇسۇلمان ئەلچىلەرگە چوقۇنۇش ئىدىيىسى توغرىسىدا»، «جىندەن ئىلمىي ژورنىلى» ژورنىلىنىڭ 1991-يىللىق 74-سانىغا بېسىلغان.
«16-15 ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى كۆچمەنلەر گورۇھىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى»، « سئول ئۇنۋېرسىتىتى روس تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1993-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.
« 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قەشقەر بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»، « ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق تۇنجى سانىغا بېسىلغان.
1997-يىلىدىكى غەربى ۋە شەرقى ئاسىيا تەتقىقاتىغا نەزەر»، «تارىخشۇناسلىق ژورنىلى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 159-سانىغا بېسىلغان.
« تارىخشۇناس شاھ مەھمۇت جورراسنىڭ ‹تارىخ› ناملىق ئەسىرىدىكى تارىخ قاراش ۋە ئۇنىڭ چەكلىمىلىكى»،
« گۇننار ياررىڭ توپلىغان ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت يازما ماتېرىياللار»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان.
« غەربى يۇرتتا پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىغا ( خوجىلارنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مومكىن - تەرجىماندىن ئىزاھات) بولغان چوقۇنۇش - تۇرپاندىكى ئالىپ ئاتا ھەققىدە»، 1992-يىلى جوڭگۇنىڭ تەيبىي شەھرىدە ئېچىلغان 35-قېتىملىق خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان.
« مۇسۇلمان پەيغەمبەرلىرىنىڭ (خوجىلارنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مومكىن ـــــ تەرجىماندىن ئىزاھات) 14-16-ئەسەرلىرىدىكى غەربى يۇرتتتىكى پائالىيىتى توغرىسىدا»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« مۇڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تارىخى : چاغاتاي خانلىقى ئابىدىسى»، 1998-يىلى
4. نەنشاڭ گېڭ ( كورىيانچە ئىسمى، نام ساڭ گاڭ)
« تۇرغۇتلارنىڭ شىمالىي شىنجاڭغا تارقىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەريانى»، «مۇڭغۇلشۇناسلىق» ژورنىلىنىڭ 2005-يىلى 2-ئايدىكى كورىيە مۇڭغۇلشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىنىدا ئوقۇلغان.
« مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى»، «مۇڭغۇلشۇناسلىق» ژورنىلىنىڭ 18-سانىغا بېسىلغان. 2005-يىلى 2-ئايدىكى كورىيە مۇڭغۇلشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىنىدا ئوقۇلغان.
« مىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇداپىئە سىياسىتى»، 1996-يىلى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇر شەھىرىدە ئېچىلغان 10-قېتىملىق مۇڭغۇلشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدا ئوقۇلغان.
« 18-ئەسىرنىڭ بېشىدا مۇڭغۇل-توڭگۇس قەبىللىرىنىڭ مانجۇرىيەدىن غەربكە كۆچۈشى ھەققىدە»، 2000-يىلى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇر شەھىرىدە ئېچىلغان 10-قېتىملىق مۇڭغۇلشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدا ئوقۇلغان.
« 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مۇڭغۇل-توڭگۇس تىللىق مىللەتلەرنىڭ غەربكە كۆچۈش جەريانى ھەققىدە تەتقىقات»، « 14-نۆۋەتلىك كورىيە مۇڭغۇلشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلەر توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن.، 2001-يىلى 7-ئاي.
5. بەننىشۈن (كورىيانچە ئىسمى، مىن بىيۇڭ خۇن)
«تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار ھەققىدە قىسقىچە بايان»، « مەركىزي تارىخ ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1989-يىللىق 6-سانلىرىغا بېسىلغان.
« غەربى يۇرتتىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى»، « مەركىزي تارىخ ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1999-يىللىق 13-12 سانلىرىغا بېسىلغان.
« دۆلەتلىك مەركىزىي مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان ئابى تاكىئو يىغما بويۇملىرى ھەيئىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات ئەھۋالى»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان.
6. پۇجوڭپىڭ (كورىيانچە ئىسمى،ۋۇ جىڭ پىك)
« مۇسۇلمانلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە جايلاشقان ئورۇنلىرى »، « ئوتتۇرا شەرق تەتقىاتى» نىڭ 1999-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
7. شىن باۋجى (كورىيانچە ئىسمى،شىن خىيۇڭ شىك)
« سىللا ۋە غەربى يۇرت»، « سىللا مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 1991-يىللىق 8-سانىغا بېسلغان.
8. يۈ دېشەن (كورىيانچە ئىسمى، ۋۇ دوك چان)
« ئىككىنجى تۈرك خانلىقىدىكى قەبىلە قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەركەتلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان.
« قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا تىلغا ئېلىنغان Tatabi لار ھەققىدە تەتقىقات»، « فۇشەن تارىخشۇناسلىقى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« تۈرك تارىخى ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە تەتقىقات»، « چەتئەل ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1996-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« 7-6 ئەسىرلەردىكى كۇگرىيۇ (گاۋگالى دەپمۇ تەرجىمە قېلىنىدۇ - تەرجىماندىن ئىزاھات) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە تەتقىقات»، « كورىيە ئوتتۇرا شەرقى ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى » نىڭ 2004-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
« رورەن ۋە ئاۋارلارنىڭ ئورتاق ئەجداد قارىشى ھەققىدە قايتا تەكشۈرۈش»، « چەتئەل ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 2003-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
« شەرقى تۈركىستاندىكى كۆچمەن ئىمپېرىيىلەر بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىش ھەققىدە تەتقىقات»، « جوڭگۇ ئوتتۇرا شەرق ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1999-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« رورەن تەتقىقاتىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى»، « چەتئەل ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 2001-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
9. لىيۇبىڭ سەي (كورىيانچە ئىسمى،رۇن بىيۇڭ جەي)
« قايدۇ ئۇلۇسىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە تالاس قۇرۇلتىيىنىڭ بىكىتىلىشى»، « مۇڭغۇلشۇناسلىق » ژورنىلىنىڭ 18-سانىغا بېسىلغان.
10. لى لەنيىڭ (كورىيانچە ئىسمى،يى ران يۇڭ)
« بىرلىككە كەلگەن سىللا ۋە غەربى يۇرت»، « شىتاڭ ماقالىلىرى توپلىمى» نىڭ 1994-يىللىق 20-سانىغا بېسىلغان.
11. لىچېڭ گۈي ( لى چېڭ گيۇڭ)
« خەن ۋۇدىنىڭ غەربى يۇرتقا يۈرۈش قىلىشى، تەختنى ئۆتۈنۈپ بىرىش، خۇاڭخى دەرياسىنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەش ۋە يۈ، غەربى ئوماي ئانا رىۋايىتى » ، « شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» نىڭ 2000-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
12. لى لوڭفەن (كورىيانچە ئىسمى،يۇڭ بۇم فان)
« كۇگرىيۇ (گاۋگالى دەپمۇ تەرجىمە قېلىنىدۇ - تەرجىماندىن ئىزاھات)نىڭ غەربى لىياۋ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تۈركلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى»، « تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1959-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان.
13.لى يۈ خۇا (كورىيانچە ئىسمى،لې ۋۇ خۇا)
« 16-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇڭغۇل ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ۋارىسلىق تۈزۈمى ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 9-سانىغا بېسىلغان.
14. چۈەن جىڭ شىيەن (كورىيانچە ئىسمى، كىم جىڭ شۈن)
« زوزوڭتاڭنىڭ شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇشى ھەققىدە»، « فۇدا تارىخشۇناسلىقى» ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 19-سانىغا بېسىلغان.
15. چۈەن دېزەي (كورىيانچە ئىسمى،كىم دوك جەي)
« كورىيەلىكلەرنىڭ قەدىمكى غەربى يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ، « تارىخ ۋە چىگرا» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 58-سانىغا بېسىلغان.
16. جىڭ شۇيى (كورىيانچە ئىسمى،جۇڭ سۇ يىل)
« كورىيە ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى چەمبىرىنىڭ ئۇچرىشىشى»، « گۇمانتار پەنلەر» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 85-سانىغا بېسىلغان.
« خۇيچاۋنىڭ غەربكە ساياھەت خاتىرىسى ۋە بەش دۆلەت تەزكىرىسى»، « كورىيە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 27-سانىغا بېسىلغان.
« يىپەك يولى ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىشى - ھاياتلىق ۋە دىن»، « مەركىزىي ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى» ژورنىلىغا بېسىلغان. 2005-يىلى كۈزدىكى كورىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چوڭ يىغىنى.
« ئىككى شائىرىنىڭ غەربى يۇرتقا ساياسىتى»، « كورىيە ئوتتۇرا شەرق ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1989-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« غەربى يۇرت ھەققىدە تەتقىقات»، « تارىخ تەزكىرىسى» ژورنىلىنىڭ 1990-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« كورىيە ۋە غەربى يۇرت كېيىم-كىچەكلىرىدىكى ئورتاقلىق »، «كورىيەكېيىم-كىچەكلىرى» ژورنىلىنىڭ 1993-يىللىق 11-سانىغا بېسىلغان.
« خۇيچاۋنىڭ غەربى يۇرت خاتىرىسى ھەققىدە تەتقىقات»، « شەرقشۇناسلىق » ژورنىلىنىڭ 1990-يىللىق 68-سانىغا بېسىلغان.
« يىپەكنىڭ غەربكە تارقىلىشى»، «خۇكجەينى خاتىرلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1997-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
17. دىڭ زەيشۈن (كورىيانچە ئىسمى،جۇڭ جەي خۇن)
« دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ياغلاقار-ئۇيغۇر ئىمپېرىيەلىرى(795-744) خانلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ھەققىدە»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.
«ئۇيغۇرلارنىڭ بىشبالىققا كىرىشى ۋە ئادىئىز ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى»، « شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 64-سانىغا بېسىلغان.
« ئۇيغۇر خانلىقى تەتقىقاتىغا نەزەر»، « تارىخشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 160-سانىغا بېسىلغان.
« ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىشى»، « شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 68-سانىغا بېسىلغان.
« ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مانى دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ خارەكتىرى»، « تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2000-يىللىق 168-سانىغا بېسىلغان.
« ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىللىنىشى»، « شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 76-سانىغا بېسىلغان.
« ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى قارا بالاساغۇن ھەققىدە»، « شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 84-سانىغا بېسىلغان.
« تۈرك خانلىقىدا تۇنيۇقۇق ئوبرازىنىڭ ئورنى»، « شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان.
« سۈي ۋىندىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش غايىسى ۋە ئىچكى-تاشقى سىياسىتى»، «جوڭگۇ تارىخ تەتقىقات» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
18.سۈي شىياۋزى (كورىيانچە ئىسمى، چۈي سو جا)
« چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيىتى ھەققىدە تەتقىقات»، « مىڭ، مىڭ تارىخى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« ئىلى ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش»، «لىدوك تارىخ مەجمۇئەسى» نىڭ 1964-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان.
19.خوڭزەي شۈەن (كورىيانچە ئىسمى،خۇك جەي خۇن)
« تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن خەنزۇ ۋە چىگرادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»، « جوڭگۇ گۇمانتار پەنلىرى» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 26-سانىغا بېسىلغان.
2. تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى جەھەتتە :
20. گاۋدوڭفىڭ (كورىيانچە ئىسمى،گو دوڭ خۇ)
« شىبە تىلىنىڭ تاۋۇش سىستېمىسى ھەققىدە تەتقىقات»، « ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 14-سانىغا بېسىلغان.
21. جىن دوڭجاۋ (كورىيانچە ئىسمى،كىم دوڭ سو)
« شىنجاڭدىكى توڭگۇس تىللىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلى»، « ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« شىبە تىلى تەتقىقاتىغا كىرىش»،
« ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
22. چىن شىياۋ جىڭ (كورىيانچە ئىسمى، كىم خيۇ جىڭ)
« ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.
23. لىيۇ يۈەنشىيۇ (كورىيانچە ئىسمى،رىيان ۋۇ سۇ)
« چۆچەك ئاشىر داغۇرلىرىنىڭ شىۋىسى ھەققىدە تەتقىقات»، « ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 200-يىلى كۈزدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان.
24. جىنتىڭ لوڭ (كورىيانچە ئىسمى،كىم دوڭ جو)
« قەدىمكى كورىيە تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»، « ئۇلۇغ ئوكيان مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ (تۈرك، مۇڭغۇل، توڭگۇس ، مانجۇ ۋە كورىيە تىللىرى) بايان پېئىلى ھەققىدە سىلىشتۇرما تەتقىقات»، « ئۇلۇغ ئوكيان مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
25. سۈي خەنيۈ (كورىيانچە ئىسمى،چۈي خەن ۋۇ)
« تارىخى سىلىشتۇرما تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن كورىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئالتايشۇناسلىق ئىلىمى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىنىڭ بۈگۈنى ۋە تەتقىقاتى تېمىلىرى»، « خەلقئارا رايون تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىن ۋە مىللەت مەسىلىسى»، « ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 14-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇغراپىيىۋى مەدەنىيەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتى»، « خەلقئارا رايون تەتقىقاتى» نىڭ 2002-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
« تۈرك تىلىنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىدىكى تىل ئالدى تاۋۇشىe ھەققىدە»،«تىلشۇناسلىق» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« كورىيە تىلىغا تۈرك تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر»، « ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى» ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان. « تۈرك تىلى بىلەن كورىيە تىلىنىڭ فونتىكىلىق سىلىشتۇرمىسى»،« ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي » ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتچىلىك ھەركىتى ۋەگاۋلىلىقلار گورۇھى مەسىلىسى»، « ئوتتۇرا ئاسىيا تېنچى ئوكيان رايون تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغانغاندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھالىتى ۋە كورىيەلىكلەر مەسىلىسى»، « جەمئىيەت ۋە تارىخ» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 48-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسى ھالىتى ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى»، « دىنىي جەمئىيەت ۋە كورىيە مەسىلىلىرى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 24 -سانىغا بېسىلغان.
26. سۈي خىڭ يۈەن (كورىيانچە ئىسمى،چۈي خيۇن ۋۇن)
« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانىلىرى»، « مۇڭغۇلشۇناسلىق» ژورنىلىنىڭ 15-سانىغا بېسىلغان.
« ‹گىسار› داستانىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تەتقىقات»، « مۇڭغۇلشۇناسلىق» ژورنىلىنىڭ 1-سانىغا بېسىلغان.
« تۈرك ۋە مۇڭغۇل تىلىدىكى رەڭنىڭ سىمىۋۇللىقى ھەققىدە»، «ئالتايشۇناسلىق ئىلمى » ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« مانجۇ ۋە مۇڭغۇل يېزىقىدا يېزىلغان بۇرۇنسىكىي(Burinsk) شەرتنامىسى ھەققىدە»، «ئالتايشۇناسلىق ئىلمى » ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
« 18-ئەسىردىكى قالماق ماتېرىياللىرىدىكى سۆزلۈكلەر ھەققىدە تەتقىقات»، «ئالتايشۇناسلىق ئىلمى » ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
3. گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتى جەھەتتە :
27. جۈن نىڭ بى (كورىيانچە ئىسمى،كۋۇن نيۇڭ پىل)
« شۈەنزاڭنىڭ رەسىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ‹ھايۋانات ئۇرۇشى› شەكلىدىكى گۈزەل-سەنئەت شەكىللىرى»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 1-سانغا بېسىلغان.
« كورىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخېئولوگىيىسى ۋە گۈزەل –سەنئەت تارىخى تەتقىقاتى» ، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 65 -سانغا بېسىلغان.
« خەنلېرەننىڭ سەنئەت ھاياتى»، « كورىيانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1993-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان.
28. جىن نەنيۈن (كورىيانچە ئىسمى،كىم نام يۇم )
« بېزەكلىك مىڭئۆيىنىڭ 38-غارىدىكى مانى دىنىغا ئائىت تام رەسىمى ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 10-سانىغا بېسىلغان.
29. ۋىنشىشۈن(كورىيانچە ئىسمى ، مىن بىيۇڭ خۇن)
« شىنجاڭدىكى ھەر قايسى دىنلار ۋە خارابىلەر»، «گۈزەل-سەنئەت تارىخى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 13-سانىغا بېسىلغان.
« شەرق-غەرب مەدەنىيەت تارىخىدىكى ‹خىيالى سەنئەت› » ،« گۈزەل سەنئەت تارىخى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 10-سانىغا بېسىلغان.
30.لى رىن شۇ (كورىيانچە ئىسمى ،يى يىن سوك)
« ئالتۇن ۋە ئەينەك ـــــــ 5-4 ئەسىرلەردىكى قەدىمكى كورىيە ۋە يىپەك يولى بويۇملىرى»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
31. لىنلىڭ ئەي (كورىيانچە ئىسمى ، يى رىيۇڭ ئەي)
« قەندەھارنىڭ سىۋات (Swat) دېگەن يىرىدىكى بۇددىزىم شەكىللىرىنىڭ شەرققە تارقىلىشى ھەققىدە قايتا ئىزاھات»، « بۇددىزىم سەنئىتى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 4-3 سانلىرىغا بېسىلغان.
« غەربى يۇرت ئويمىلىرى ئارقىلىق شەرق-غەرب مەدەنىيەت، گۈزەل-سەنئەت ئالماشتۇرۇش تارىخى»، « بۇددىزىم سەنئىتى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
32. لىن فەنشاڭ (كورىيانچە ئىسمى ،يىم بۇم جەي)
«يىپەك يولى گۈزەل-سەنئەت تارىخى ھەققىدە قىسقىچە بايان»، «ئېستىتىكا ۋە سەنئەت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان.
33.چىنزەي خۇي (كورىيانچە ئىسمى ،سېيۇڭ جەي شا)
«تۇرپان ئاستانا قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى نۈۋانىڭ رەسىمى ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 8-سانىغا بېسىلغان.
4. كېيىم-كىچەك تەتقىقاتى جەھەتتە :
34،جىنيوڭ سەي (كورىيانچە ئىسمى ،كىم يۇڭ جەي)
كۈسەن كېيىم-كىچەكلىرىدىكى يۇمىلاق شەكىللىك يەڭلەر ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
35.جىن روڭۋېن (كورىيانچە ئىسمى ، كىم يۇڭ مان)
«شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى كېيىم-كىچەكلەر ھەققىدە تەتقىقات»، «كېيىم-كىچەك مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
« تاجىك ۋە كورىيەلىكلەرنىڭ كېيىم-كىچىكى»، «مۇزىكا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 9-8 سانىغا بېسىلغان.
«كۈسەن كېيىملىرى»، «كېيىم-كىچەك» ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 24-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چاچ شەكلى ۋە باش كېيىملىرى»، « كورىيە كېيىم-كىچەكلىرى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 12-سانىغا بېسىلغان.
« تۇرپاندىن تېپىلغان كېيىم-كىچەكلەر ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1966-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.
« تاجىكلارنىڭ چاچ تاراش ئۇسۇلى ھەققىدە تەتقىقات»، « تۇرمۇش مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.
« كىروران توقۇلما بويۇملىرى»، « تۇرمۇش مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 18-سانىغا بېسىلغان.
36. پۇ جىڭزى (كورىيانچە ئىسمى ،پارك گىيۇڭ جا)
« كىروران پادىشاھلىرىنىڭ كېيىم-كىچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
37. بۇ شىيەن جۇ (كورىيانچە ئىسمى ،پارك خىيۇن جۇ)
« كۈسەندىكى بۇددىزىمچە كېيىم-كىچەكلەر ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
38. سىنېىن سو
« قازاق، قىرغىز ۋە تاجىكلارنىڭ كېيىم-كىچەكلىرى ۋە توقۇلما بويۇملىرى ھەققىدە تەتقىقات»، « كورىيە كېيىم-كىچەك ئىلمىي جەمئىيىتى تەزكىرىسى» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
39. يىلاڭ لاۋ (كورىيانچە ئىسمى ،يۇن ياڭ رو)
« شىنجاڭدىن تېپىلغان كېيىم-كىچەك ۋە يۇڭ توقۇلمىلار»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان.
5. مۇزىكا تەتقىقاتى جەھەتتە :
40. ۋۇ جېىخۈەن (كورىيانچە ئىسمى ،ئوخ چۇل خۋان)
« قەدىمكى كۈسەن مۇزىكىسى ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
41. يىگۇاڭ فىڭ (كورىيانچە ئىسمى ،يۇن گىيۇڭ بوڭ)
« غەربى يۇرت مۇزىكا شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە»، « بەيلۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1987-يىللىق 4-3 سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
42. لى خۇيچۇ (كورىيانچە ئىسمى ،يى خىيې گۇ)
« كۇگرىيۇ (گاۋگالى دەپمۇ تەرجىمە قېلىنىدۇ - تەرجىماندىن ئىزاھات) ۋە غەربى يۇرت مۇزىكىلىرى»، « ماقالىلەر توپلىمى» نىڭ 1995-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.
43. چۈەن رېن پىڭ (كورىيانچە ئىسمى ،كىم يىڭ پىيۇڭ)
« ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە تەتقىقات»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.
« ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ مۇزىكىلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى»، « كورىيە مۇزىكا تارىخى ئىلمىي ژورنىلى » نىڭ 1991-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان.
6. ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى جەھەتتە :
44. پۇ ياڭجېن (كورىيانچە ئىسمى ،پارك ياڭ جىن)
« جوڭگۇ شىنجاڭنىڭ مىس قوراللار مەدىنىيىتىنى تەكشۈرۈش»، « مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 7-سانىغا بېسىلغان.
7. ئىلمىي ، تەرجىمە ئەسەرلەر ۋە ساياھەت خاتىرىلىرى
45. جىن خاۋ دوڭ (كورىيانچە ئىسمى ،كىم خى دوڭ)
« ئوتتۇرا ئاسىيا يىقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىنقىلاب ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار»، 199-يىلى، ( ئىلمىي ئەسەر)
« سېرىق دېڭىزدىن تەڭرىتېغىغىچە»، 1999-يىلى، ( ئەسلىمە)
« شەرقتىكى خىرىستىئان دىنى ۋە شەرقى-غەرب مەدەنىيىتى»، 2002-يىلى ئىلمىي ئەسەر.
ھەمكارلاشما ئەسەر:
« ياۋرو-ئاسىيانىڭ مىڭ يىلى»، 2002-يىلى نەشرى
جىن خاۋ دوڭ، لىيۇ يۈەنشىۇ، دىڭزەي شىيەن قاتارلىق بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەر:
« ياۋرو-ئاسىيادىكى كۆچمەن ئىمپېرىيەلەر تارىخى»، 2000-يىلى نەشرى.
« ماركوپولۇ ساياھات خاتىرىسى»،
« شەرقتە كۆرگەنلىرىم»، 2000-يىلى نەشرى.
« قەبىلە ، مىللەتلەر تەزكىرىسى» (1-توم)، 2002-يىلى نەشرى.
« چىڭگىزخان خاتىرىلىرى»( تارىخى ماتېرىياللار 3-توپلىمى) ، 2003-يىلى نەشرى.
« قاغاننىڭ ئەۋلادلىرى» ( 3-توم)، 2005-يىلى نەشرى.
46. نەنشاڭگېڭ (كورىيانچە ئىسمى ، نام ساڭ گاڭ)
ھەمكارلاشما تەرجىمە ئەسەر :
« مۇڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»، 1997-يىلى نەشرى.
47. جاۋ بىڭشۆ (كورىيانچە ئىسمى ، جو بىيۇڭ خاك)
« ئەڭ ئاخىرقى مۇڭغۇل كۆچمەن ئىمپېرىيەسى»، ئاق تاغ نەشرىياتى، 2008-يىلى نەشرى.
« شىنجاڭدىكى 15 كۈنلۈك ساياھەت»( ساياھەت خاتىرىسى)، « كورىيە ئىلمىي ئۇچۇرلىرى» غا بېسىلغان، 2005-يىلى،
48.شۈي شىشۈ (كورىيانچە ئىسمى ،خۇخ سەي ۋۇك)
« يىپەك يولى مەدەنىيىتى ساياھەتچىلىكى»(ساياھەت خاتىرىسى)، 1996-يىلى.
49. پۇ يۈەنجى (كورىيانچە ئىسمى ،پارك ۋۇن گىل)
« ياۋرو-ئاسىيا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە فولكلورى»، « فولكلور» ئىلمىي ژورنىلىغا بېسىلغان، 2001-يىلى ( ئىلمىي ئەسەر).
« ياۋرو-ئاسىيا يايلاق ئىمپېرىيەلىرىدىكى شامان دىنى»، « فولكلور» ئىلمىي ژورنىلىغا بېسىلغان، 2001-يىلى ( ئىلمىي ئەسەر).
50. جىڭ شۇ يىن (كورىيانچە ئىسمى ،جۇڭ سو يىل)
« قەدىمكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلۇش تارىخى»، 2002-يىلىنەشرى،
« يىپەك يولىشۇناسلىق ، ئىجادىيەت ۋە تەنقىد»، 2002-يىلى نەشرى
« مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى تەتقىقاتى»، 2004-يىلى نەشرى، (تەرجىمە ئەسەر)
« ھىندىستاندىكى بەش دۆلەت خاتىرىسى» ( ئىلمىي ئەسەر )، 2004-يىلى
تەرجىمە ئەسەرلىرى :
« جوڭگۇغا نەزەر»، 2002-يىلى
51. لىپىڭ لەي (كورىيانچە ئىسمى ،يى پىيۇڭ رەي )
« مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى»، 2005-يىلى نەشرى
52. چۈەننىڭ بى (كورىيانچە ئىسمى ،كۋۇن يۇڭ پىل)
« يىپەك يولىدىكى گۈزەل-سەنئەت - ئوتتۇرا ئاسىيادىن كورىيەگىچە»، 1997-يىلى
53. دىڭ زەيشۈن (كورىيانچە ئىسمى ،جۇڭ جەي خۇن)
« ئۇيغۇر كۆچمەن ئىمپېرىيە تارىخى (840-744)»، ئەدەبىيات ۋە بىلىم، 2005-يىلى
54. يۈدېشەن (كورىيانچە ئىسمى ،ۋۇ دوك چان)
« مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىن قىسقىچە بايان»، فۇشەن چەتئەل تىلى ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 1998-يىلى 6-ئاي نەشرى
55. لىسو يۇڭ
تەرجىمە ئەسەر :
« تەكلىماكان»، دورۇۋۇرى نەشرىيات چەكلىك شىركىتى، ( تەكشۈرۈش دوكلاتى)
56. كىم سۇكخى
تەرجىمە ئەسەر :
« يىپەك يولى»، يەسان نەشرىيات چەكلىك شىركىتى، ( تەكشۈرۈش دوكلاتى)
57. گاۋ سۇجىن (كورىيانچە ئىسمى ،گو يىك جىن)
« يىپەك يولى ( 1-تومدىن 10-تومغىچە) »، 1987-يىلى، ( ساياھەت خاتىرىسى)
58. ۋىنمىڭ دا (كورىيانچە ئىسمى ،مۇن ميۇڭ دەي)
« پروفېسسور ۋىنمىڭ دانىڭ يىپەك يولىنىڭ جوڭگۇ بۆلىكىدىكى ساياھىتى» ( ساياھەت خاتىرىسى) ، كورىيە تىل ماتېرىياللىرى مەقمۇئەسى كېڭىشى، 1993-يىلى.
59.لىگۇي تەي (كورىيانچە ئىسمى ،يى گيۇ تەي)
« ئەلچىلەر يولى - يىپەك يولى» (ساياھەت خاتىرىسى) ، شەرقى نۇرى مەدەنىيەت شىركىتى، 1985-يىلى .
60. زامان –ماكان تەھرىر بۆلۈمى نەشىرگە تەييارلىغان :
« يىپەك يولى ــــ قۇملۇقتىكى تەۋەككۈلچىلەر» ( تەكشۈرۈش دوكلاتى)
، زامان –ماكان بايقالما كىتابلىرى مەجمۇئەسىگە بېسىلغان، زامان –ماكان نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشرى.
61. لىچىڭ زەي (كورىيانچە ئىسمى ،يىجەي سۇڭ)
« يىپەك يولى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى»، مىللەتلەر مەجمۇئەسى، 1994-يىلى.
ماقالىدىكى كورىيە يەر ناملىرى ۋە شەخسلەر ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مەكتىپىمىزنىڭ تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىسىتوتى مىللەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ساخ يان ساكنىڭ (كورىيان مىللىتىدىن) ياردىمىگە ئېرىشتىم، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ ماقالە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان « شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ( شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقاتى ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى، تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى تىيەنۋېجىياڭنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشىرگە تەييارلانغان) ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن ( شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)
بۇ ماقالە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
(تەھرىر : سەپەر)
«كورېيەنىڭ شىنجاڭغا ئائىت تەتقىقاتلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ياپۇنلارنى نېمىشق
- تاماكىنىڭ تارىخى
- كورېيەنىڭ شىنجاڭغا ئائىت تەتقىقاتلىرى
- 1930-يىللاردىكى ئۆزبېك قوشۇنى ۋە ئۇنىڭ ئا
- چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمران
- ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆن
- «نىيە خارابىسى توغرىسىدا»
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىل
- ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى
- ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت
- «قاراخان»دىكى«قارا »نىڭ قىسقىچە تارىخى
- ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى
- كەشمىر تالاش – تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنب
- جۇڭگو نىمە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇر
- ناتسىستلارنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلىشى گې
- ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى
- چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ياپۇنلارنى نېمىشقا بوي
- تاماكىنىڭ تارىخى
- كورېيەنىڭ شىنجاڭغا ئائىت تەتقىقاتلىرى
- 1930-يىللاردىكى ئۆزبېك قوشۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى
- چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمرانلىق ق
- ئۇيغۇرلاردا لەشكىرى قورال ياراغلار ھۆنەر سەن
- «نىيە خارابىسى توغرىسىدا»
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىللىقىغ
- ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققى
- ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت
- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 6 يىللىقىغ
- ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى بار؟
- ياسۇكۇمى ئىبادەتخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلى
- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
- تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە
- ئۇيغۇر چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- قۇربان ھېيت ھەققىدە
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى ت
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى كىم؟
- موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
- فىزىكا تارىخى
- قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاما
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى
- يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار