ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ياپۇنلارنى نېمىشقا بويسۇندۇرالمىغان؟

ۋاقىت : 2014-06-22 18:14 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ياپۇنلارنى نېمىشقا بويسۇندۇرالمىغان؟
چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ياپۇنلارنى نېمىشقا بويسۇندۇرالمىغان؟

جاھاندا ئۆزىنى بىر دەپ يۈرگەن موڭغۇللار ئىلگىرى ياۋروپا-ئاسىيا  قۇرۇقلۇقىنى بويسۇندۇرغان بولۇپ،ئۇلارغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمىگەن. لېكىن موڭغۇللار ياپونىيەگە ئىككى قېتىم تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان.چۈنكى ياپونىيە موڭغۇل ئىمپېرىيەسىگە تىز پۈكمىگەچكە، موڭغۇللار ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلغان.بۈيۈك خان قۇبلاي كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ، ياپونىيەدىن موڭغۇللارغا تىز پۈكۈپ، ئۇلپان تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان،كورېيە پادىشاھىمۇ ئارىغا چۈشۈپ ياپونىيەلىكلەردىن موڭغۇللارغا تىز پۈكۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،ياپونىيەلىكلەرئۇلارنىڭ تەلىپىنى قەتئى رەت قىلغان. ياپونىيەلىكلەر موڭغۇللارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاچقا، ئۆزىنى دۇنيانىڭ خوجا ئاكىسى دەپ يۈرگەن موڭغۇل بۈيۈك خانى قۇبلاي بۇنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ قاراپ،ياپونىيەگە ئىككى قېتىم زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان.
      موڭغۇللار مىلادىيە 1274-يىلى ياپونىيەگە تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلغان. ياپونىيەگە يۈرۈش قىلغان يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن چاۋشيەن ئارقىلىق دېڭىزدىن كيۇشۇغا قاراپ يولغا چىققان. 25 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ يېرىمى موڭغۇللار، يېرىمى كورېيەلىكلەر بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا يەنە جۇرجىتلار ۋە ئاز ساندا خەنزۇلار بار ئىدى. يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىغا موڭغۇللاردىن قۇدۇن باش سەركەردە، كورېيەلىكلەردىن خۇڭ چاچيۇ بىلەن خەنزۇلاردىن ليۇ فۇخېڭ ئورۇنباسار سەركەردە بولغان. يۈەن سۇلالىسى قوشۇنى دېڭىز ئارقىلىق بودو قولتۇقىغا بېرىپ، ئاۋۋال ماداۋ بىلەن ئىكى ئارىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ جايدىن كيۇشۇدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچ يولدىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن قوشۇنلارنىڭ بىرى ئاساسىي كۈچ بولۇپ، ئىككىسى ياندىن ماسلاشقان. ئاساسىي قوشۇن ناگاساكى ئەتراپىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. موڭغۇللارنىڭ تۇنجى شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ليەنساڭ قارارگاھى بەزى مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى توپلاپ، موڭغۇللارغا تاقابىل تۇرغان. كيۇشۇ دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەرقايسى ۋاسسال بەگلەرمۇ دەرھال سامورايلار ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللاپ، ئۇرۇشقا قاتناشقان. كەسكىن جەڭ 20 نەچچە كۈن داۋاملىشىپ، ليۇ فۇخېڭ جەڭدە قازا قىلغان، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىغا چېكىنىپ، زەمبىرەكلىرىگە تايىنىپ مۇداپىئەلەنگەن. يۈەن سۇلالىسى قوشۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، مەغلۇپ بولىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ يا ئوقى ۋە ئاشلىق تۈگەپ، ئىستىھكاملىرىنى داۋاملىق ساقلىغۇدەك مادارى قالمىغاچقا، كېمىلىرى بىلەن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
    موڭغۇللار مىلادىيە 1281-يىلى ياپونىيەگە 2-قېتىم تاجاۋۇز قىلغان. بۈيۈك خان قۇبلاي جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ياپونىيەگە 2-قېتىم تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلانغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ غايەت زور يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى جېجياڭ بىلەن چاۋشيەندىن تەڭلا يولغا چىققان. بۇ قېتىم يولغا چىققان قوشۇن بەك ھەيۋەتلىك بولۇپ، 5000غا يېقىن چوڭ-كىچىك كېمىسى، تەخمىنەن200 مىڭ ئەسكىرى بار. (بۇنىڭ ئىچىدە 45 مىڭ موڭغۇل، 50مىڭدىن كۆپرەك كورېيەلىك، تەخمىنەن 100 مىڭ خەنزۇ ئەسكەر بار ئىدى)، خەنزۇ ئەسكەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېڭى ئەسكەرلەر(يەنى ئەل بولغان جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى)بولۇپ، يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىدا موڭغۇللار تەبىئىيلا ئۇرۇشتىكى غوللۇق كۈچ ئىدى.ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىنى باشلىغان بولۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان جاي جيۇلوڭ تېغىدىكى ئالدىنقى قېتىملىق ئۇرۇشتا ئاساسىي قىسىم قۇرۇقلۇققا چىققان جايغا يېقىن ئىدى. يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى بۇ قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، كورېيە قوشۇنىنىڭ سەكەردىسى خۇڭ چاچيۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن، موڭغۇللارنىڭ بىرنەچچە سەركەردىسىمۇ كەينى-كەينىدىن جەڭدە قازا قىلغان. كەسكىن جەڭ بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان بولسىمۇ،يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تالاپەتكە ئۇچرىغان. ياپونىيە دېڭىز ساھىلىدا مۇستەھكەم تاش سېپىل سوقىۋالغاچقا، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنى كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن. ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىدا، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ يا ئوقى ۋە ئاشلىق تۈگىگەنلىكتىن، بۇ ئۇرۇش يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان.
     تور ئەھلى ليۇ جاۋشىڭ تارىخىي ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، موڭغۇللارنىڭ ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپمۇ ياپونىيەنى بويسۇندۇرالمىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى بۇنداق ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان:
     بىرىنچى،موڭغۇللار تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەسكىرىي كۈچى يېتەرلىك بولمىغان. ئەينى ۋاقىتتا،جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى تېخى ھالاك بولمىغان بولۇپ، موڭغۇللار شىمالىي جۇڭگونىلا تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتاتتى. ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇل ئىمپېرىيەسى نۇرغۇن ئەسكەر توپلاپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان بولۇپ، ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغان قوشۇندا 50 مىڭدىن كۆپرەكلا ئەسكەر بار ئىدى. زور قوشۇن بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغان موڭغۇللار دېڭىز ئاتلاپ ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر بولمىغاچقا، شۇنداقلا ياپون مىللىتى قەيسەر بولغاچقا، بۇنچىلىك ئەسكىرىي كۈچ يېتىشمەيتتى. ئەسكەر يېتىشمەسلىكتىكى سەۋەب شۇكى، ھەر قايسى سەپتلەردە ئۇرۇش قىلغاندىن سىرت،ئەڭ ئاساسلىقى ئاساسلىقى بۈيۈك خان قۇبلاي ئەينى چاغدا ھەربىي ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ياپونىيەنى كۆزگە ئىلمىغان.
     ئىككىنچى، موڭغۇللارنىڭ تاكتىكا جەھەتتە ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوق.    ياپونىيەلىكلەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، موڭغۇللارنىڭ جەڭگىۋار كۈچى تەسەۋۋۇردىكىدەك ئۇنداق كۈچلۈك ئەمەس. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ياپونىيەلىكلەر موڭغۇللار بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىش تاكتىكىسىنى قوللانغاچقا، موڭغۇللار ئوقيا ۋە زەمبىرەكلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىغان. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، موڭغۇل ئەسكەرلىرى جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلار ئات گۆشىنى خام يەپ، ئات قېنىنى ئىچىدۇ، ئۇرۇشتا ھەرىكەتچانلىقى بەك كۈچلۈك، ئۇلار ئادەتتە ئاشلىق ۋە يەم-خەشەكنى بەك ئاز ئېلىپ يۈرىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسى ئاساسلىقى ئۇرۇش بولۇۋاتقان جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا موڭغۇللار ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي،ئاھالىلەر رايونىغا بۆسۈپ كىرەلمىگەچكە، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان جاي تاپالمىغان. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ياپونىيەلىكلەر ناھايىتى ئاقىلانە تاكتىكا قوللانغان.
   ئۈچىنچى، موڭغۇللارنىڭ قورال-ياراغ جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىكى يوق. ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، موڭغۇللار تۇنجى قېتىم قورال-ياراغ جەھەتتە ئۆزىدىن قېلىشمايدىغان رەقىبكە دۇچ كەلگەن. ياپونىيەلىكلەرنىڭ قورال-ياراغ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى قىلىچ بولۇپلا قالماستىن، يەنە سامورايلارنىڭ تۆمۈر ساۋۇت-قالقانلىرىدىن ئىبارەت. ئېيتىلىشىچە، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئادەتتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچ-شەمشەرلىرى ياپون قىلىچىغا تەگسىلا ئۈزۈلۈپ كېتىدىكەن (ئەينى چاغدا ياپونىيەنىڭ مېتال تاۋلاش ۋە پىچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى ياساش تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ياپون قىلىچى شىمالىي ھىندىستان ۋە غەربىي ئاسىيادىن چىقىدىغان دەمەشق قىلىچىدىن قېلىشمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە پولاتلىرىنىڭ سۈپىتى جۇڭگونىڭكىدىن خېلىلا ياخشى ئىدى). ئارىلىق سەللا يىراق بولسا، موڭغۇللارنىڭ ئوقياسى ياپونىيە سامورايلىرىنىڭ ساۋۇت-قالقىنىنى تېشىپ ئۆتەلمەيتتى.
    تۆتىنچى، ياپونىيە سامورايلىرى كىچىكىدىنلا قاتتىق ھەربىي مەشىق قىلغانلىقتىن،  جەڭ ماھارىتى موڭغۇللاردىن خېلىلا ئۈستۈن تۇراتتى. موڭغۇللارنىڭ خاتىرىلىرىدە: ياپونلار يەكمۇ يەك ئېلىشىشقا ماھىر، دېيىلگەن.ياپونىيەلىكلەرنىڭ يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىدىكى خەنزۇلارنى ياراتمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خەنزۇلار بەك قورقۇنچاق ھەم جاسارەتسىز بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق يارىماس قىسىم ئىكەن.
     بەشىنچى، دېڭىز ئاتلاپ ئۇرۇش قىلغاندا، مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلىمىغان. ياپونىيەگە قىلغان ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم ياپونىيە تەييارلىقسىز تۇرغاندا قىلىنغان تۇيۇقسىز ھۇجۇم بولماستىن، ياپونىيە ئالدىنئالا ئىشەنچلىك خەۋەرگە ئېرىشكەچكە، ئۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرگەن. بولۇپمۇ 2-قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ياپونىيەلىكلەر يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرگەن. بۇ ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، ھوجو توكىمۇن ليەنساڭ قارارگاھىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كونترول قىلغان. شۇڭا ياپونىيەلىكلەر تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى ئىشقا سېلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرغان. قارارگاھ كيۇشۇدا نۇرغۇن كىشىنى ئىشقا سېلىپ، بودو قولتۇقى رايونىدىكى دۈشمەنلەر قۇرۇقلۇققا چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان دېڭىز ساھىلىدىكى جايلارغا موڭغۇل ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى توسايدىغان تاش سېپىل سوققان. شۇڭا موڭغۇل ئەسكەرلىرى بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن.
    ئالتىنچى، ھاۋا ياخشى بولماي، قارابوران ياپونىيەگە ياردەم بەرگەن. موڭغۇللار ياپونىيەگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا، كۈچلۈك قارابوران ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېچىنىشلىق زىيان تارتقان. مىلادى 1281-يىلى  1-ئاۋغۇست ياپونىيەگە 2-قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا، تىنچ ئوكياندا تۇيۇقسىز ئۇدا تۆت كۈن كۈچلۈك قارا بوران چىقىپ، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنى جەنۇب فىلوتىنىڭ كېمىلىرى ئاساسەن ۋەيران بولغان، شىمال فلوتىنىڭ كېمىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى زىيانغا ئۇچرىغان. شىمال فلوتىنىڭ قالغان كېمىلىرى سەركەردىلەر ھەم بەزى موڭغۇل ۋە كورېيە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ جەڭگاھتىن ئايرىلىپ كورېيەگە كەتكەن. جەنۇبتىكى قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى ۋە بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار غەلىبە قىلىشقا كۆزى يەتمەي، چوڭ قوشۇننى تاشلاپ، جەنۇب فىلوتىنىڭ قېپقالغان بىرنەچچە كېمىسى بىلەن قېچىپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا جيۇلوڭ تېغى ساھىلىدا يەنە يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ 100 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى قېپقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقى ۋە چېكىنىش يولى قالمىغاچقا، شۇنداقلا ياپونىيە قوشۇنىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەچكە، ئۈمىدسىز ئەھۋالدا قالغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، ياپونىيەلىكلەر قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قېپقالغان يۈەن قوشۇنىنى باجياۋ ئارىلىدىكى تار جايغا قىستاپ بارغاندىن كېيىن، ھەممە ئەسكىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتكەن. يۈەن قوشۇنىنىڭ كۆپ قىسمى قىرىلىپ، قېپقالغان 20 نەچچە مىڭ ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:تاماكىنىڭ تارىخى
كېيىنكىسى: موغۇلىستان خانلىقى
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ