ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

2400 يىل ئىلگىرىكى سۇيۇقئاش

ۋاقىت : 2014-06-28 14:50 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

2400 يىل ئىلگىرىكى سۇيۇقئاش

ئابلىز مۇھەممەت سايرامى


    1992 – يىل 3 – ئايدا، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى سۇ بېشى كەنتىدىكى سۇ بېشى قەدىمكى قەبرىستانلىقىنى قازغاندا، 11 – نومۇرلۇق قەبرىدىن ساپال ھېجىرىغا ئۇسۇپ قويۇلغان قۇرۇپ كەتكەن سۇيۇقئاشنى بايقىغان. سۇيۇقئاش تېرىق ئۇنىدا قىلىنغان بولۇپ، چۆپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8.5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. ئىنسانىيەت يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى بۇ زور بايقىلىش 2011 – يىللىق دۇنيا ئارخېئولىگىيەسىدىكى ئون چوڭ بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
    سۇ بېشى قەدىمكى قەبرىستانلىقىنى قېزىشقا يېتەكچىلىك قىلغان شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى – ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۈئېنگونىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمكى قەبرىگە 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر، بىر ئايال دەپنە قىلىنغان، دەپنە بۇيۇملىرىدىن ساپال قاچا، ياغاچ، تۆمۈر، تاشتىن ياسالغان ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھەر خىل يېمەكلىكلەر بىلەن ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى تېپىلغان. قەبرىدىكى ئەر – ئايالغا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن چاپان – ئىشتان، باشلىرىغا ئۇچلۇق تۇماق كىيدۈرۈلگەن. بۇ قەبرىگە قويۇلغان ساپال قاچىلارغا تېرىق، پىشلاق قاتارلىق يېمەكلىكلەر قويۇلغان.
    2008 – يىلى كورېيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇرپاندىن تېپىلغان 2400 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە خاس سۇيۇقئاشتىن خەۋەر تېپىپ مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن. كورېيەلىكلەر ئۇنى ‹‹لەڭمەن›› دەپ ئاتىغان.
    تەتقىقاتچى لۈئېنگۇ بۇ قەدىمكى‹‹ لەڭمەن ›› ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان: ‹‹لەڭمەن (سۇيۇقئاش) نىڭ بايقىلىشى 2400 – 2500 يىللار ئىلگىرى سۇ بېشى ئەتراپىدا ياشىغان يەرلىك خەلقنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇيۇقئاش بايقالغان بۇ قەبرىدىن يەنە بىر قاچىغا قويۇپ قويۇلغان نان بايقالدى. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە››.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«2400 يىل ئىلگىرىكى سۇيۇقئاش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ