ۋاقىت : 2014-07-10 14:27 | مەنبەسى : بوزقىر مۇنبىرى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
شىنجاڭدىكى مىرەن قەدىمكى شەھىرى خارابلىقىنى قايتا قېزىشتا زوربايقاش قولغا كەلتۈرۈلدى
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
يېقىندا ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرى قۇملۇقتا مىڭ يىل ئۇيقىدا ياتقان شىنجاڭدىكى مىرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقىنى يەنە بىر قېتىم قېزىش ئارقىلىق ئۆتمۈشنىڭ سەلتەنىتىنى جاھانغا ئاشكارىلىدى.بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا بۇ يەردە ساقلىنىپ قالغان 36 ئېغىز ئاھالىلار تۇرالغۇسىدىن 300 دانىدىن كۆپرەك قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىۋېلىپ، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىش ئەھۋالىنى ئىسپاتلىدى.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان نوقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تۈرى بولغان مىرەن خارابىلىقىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇلتۇر ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئالدىنقى مەزگىللىك ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ 1973-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى باش بولۇپ مىرەن خارابىلىقىدا قېزىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئېنىقلاش ۋە قېزىش خىزمىتى ھېساپلىنىدۇ. ئىگىلىنىشچە، 2001-يىلى مىرەن خارابىلىقى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، قوغداش دائىرسى 44.49 كۇۋادراتكىلومېتىر كېلىدىكەن.
«قاناتلىق پەرىشتە» ناملىق تام سىزمىسى قەدىمكى شەھەرنىڭ شۆھرىتىنى جاھانغا تۇنۇتتى
1907-يىلى ئەنگىلىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى سىتەيىن مىرەن قەدىمكى شەھىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا كېسەكتىن قوپۇرۇلغان بۇددا مۇنارىنىڭ ئايلانما كارىدورىنىڭ تېمىدىن «قاناتلىق پەرىشتە» ناملىق بىر تام سىزمىسىنى بايقاپ، ياۋروپا مەدەنىيەت ساھەسىنى زىلزىلگە سالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىرەن قەدىمكى شەھىرى يىپەك يولىدىكى شەرق-غەرپ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىسپاتىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالغان. سىتەيىن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 9 مېتىردىن كېلىدىغان بۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىقىدىن «قاناتلىق پەرىشتە» ناملىق تام سىزمىسىنى قېزىۋېلىپ ئوغۇرلاپ كەتكەن، بۇ تام سىزمىسىدا قويۇق قەدىمكى گىرېتسىيە ۋە رىمنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى نامايەن قىلىنغان. ئۇ يەنە بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىقىدىن «ۋېيسادارونىڭ بەش پەرزەنتىنىڭ يارالمىش قىسسىسى» ناملىق تام سىزمىسى ۋە ئۇنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىن بىر گورۇپپا ياش ئەر-ئاياللارنىڭ كوللىكتىپ رەسىمىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن، ھازىر پارچە پۇرات ساپال پارچىلىرى ۋە ئوتتا كۆيگەن ئىزلار ساقلىنىپ قالغان. ئۈچىنچى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىقىدىن 0.9 مېتىر ئىگىزلىكتىكى بۇد بېشىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتكەن.
سىتەيىن ئۆز ئەسىرىدە مۇنداق دىگەن: «قاناتلىق پەرىشتە» ناملىق تام سىزمىسى سۇس كۆك رەڭدە يۇمۇلاق شەكىلدە سىزىلغان، شەك شۆبىسىزكى، بۇ بىر قاناتلىق ياش يىگىتنىڭ بېشى ۋە ئىككى مۈرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ سۇس كۆك رەڭدە سىزىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇ بۇددا دىنىدا ئېيتىلىۋاتقان پەرىشتە گىرېتسىيە ئۇسلۇبىدىكى قاناتلىق بالىنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشى، بۇ دەل بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، گەرچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر قېتىملىق قېزىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بۇ داڭلىق خارابىلىق يەنىلا قۇملۇقتا كۆمۈلۈپ، تالاي بوران چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى تاماق ئەتكەن ئىزنالار بايقالدى
يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېنىقلاش ۋە قېزىش داۋامىدا، ئارخېئولوگىىيە خادىملىرى ئەينى يىلى سىتەيىن نومۇر قويغان تۆت ئورۇندىكى بۇددا دىنىغا ئاىت ئىمارەتىنىڭ ئىزلىرى ۋە خارابىلىقنىڭ شەرقىدىكى قەلئەنى نوقتىلىق ئېنىقلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ 36 ئېغىز تۇرالغۇسى ئۇلارنى ھاياجانلاندۇردى. يېپىشقاق توپا قۇرۇلمىلىق تۇرالغۇلار قۇمنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقتىن مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، جايلىشىشى ۋە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنى ئېنىق پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ. يېرىم گەمە شەكىللىك تۇرالغۇلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر كەڭلىكى 4 مېتىر، كىچىكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى 1.5 مېتىر كېلىدۇ. ئوچاق، يارغۇنچاق، تۇرخۇن قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭدىن مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ئايال خوجايىنلارنىڭ تاماق ئەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئارخېئولوگلار شىمالىي سېپىلغا يانداش سېلىنغان تۇرالغۇلاردىن ئۆي ئىگىسىنىڭ قېلىن سېپىلدىن پايدىلانغانلىقى، ئۈستىگە تەكچە ۋە كىچىك ئىسكىلات ياسىغانلىقى، ھەمدە كالا تېرىسى بىلەن سېپىلنىڭ يۈزىنى ئورىغانلىقىنى بايقىدى. نەقمەيداندا ئېنىقلاش ۋە قېزىشقا قاتاشقان شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى داڭ جىخاۋ بۇلارنى يىمەكلىك ساقلاشقا ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
قەدىمكى ئاھالىلارنىڭ تۇرالغۇسى خەن تاڭ دەۋرىدىكى ئىلغار ياساش سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى
بۇ قېتىمقى قېزىش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يې جىيوڭنىڭ تۇنۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى ئاھالىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى دەسلەپكى قەدەمدە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ تۇرالغۇ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ خەن تاڭ دەۋرىدە ياسالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلغار ھۈنەر سەنئەت كۆزقارىشى ۋە پىششىقلاپ ياساش سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ناھايىتى جاپالىق ئېنىقلاش ۋە قېزىش خىزمىتىدە تۈبۈت يېزىقىدىكى نۇرغۇن تارشا پۈتۈك، خەت-چەك، ياغاش ئەسۋاپلار، يۇڭ توقۇلمىلار، شايى، خۇرۇم ۋە ئاز مىقداردا ساپال ئەسۋاپ، تاش ئەسۋاپ، مىس ئەسۋاپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن توڭباۋ خەتلىك مىس پۇلى، تام سىزمىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ 300 دىن كۆپرەك قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنغان. داڭ جىخاۋ مۇنداق دېدى: بۇلار ئەينى يىللاردىكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان مۇھىم بازار مىرەننىڭ ئىچكىرى بىلەن كۆپ قېتىم سىياسى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.
مىرەن خارابىلىقى لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى يولىدىكى بوغۇز ھېساپلىنىدۇ. خارابىلىقتا بۇددا ئىبادەتخانىسى، بۇدا مۇنارى، تۇرا، سۇغۇرۇش ئۆستىڭى قاتارلىقلار بولۇپ 15 ئورۇندا مۇكەممەل ساقلانغان خارابىىلىق بار. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەردە يەنە تۇرالغۇ خارابىسى، خۇمدان خارابىسى، تۈمۈر ئېرىتىش خارابىسى ۋە قەبرىستانلىق قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىزلىرى بايقالغان.
جۇڭگودىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشقا تاللاپ كىرگۈزۈلدى
2012-يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 20 دىن ئارتۇق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىىسىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق چاقىلىقتىكى مىرەن خارابىسى، تۇرپاندىىكى سىڭگىم مىڭئۆيى، بۇرچىندىكى بورات ئۈچىنچى نومۇرلۇق قەبرىلەر توپى 2012-يىللىق جۇڭگودىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشقا كىرگۈزۈلگەن. دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى باھالىغان 2012-يىللىق جۇڭگودىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش مەملىكەت بويىچە ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيە نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. مىرەن خارابىسى مەمىلىكەتلىك نوقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بولۇپ، بۇلتۇر بۇ خارابىلقتا ئېلىپ بېرىلغان نوقتىلىق ئېنىقلاش خىزمىتىدە 2 مىڭ كۇۋادرات مېتىرغا يېقىن كۆلەم ئېنىلانغان. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئارقىلىق مىرەن خارابىسىدىكى ھەرقايسى ئىزلاردىكى ئىمارەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، جايلىشىش شەكلى ئۈستىدە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، مىرەن خارابىلىقىنىڭ يىل دەۋرى، خاراكتېرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى ئەمەلىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مىرەن خارابىلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىشنى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ماتېرىيال
يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت مىرەن قەدىمكى شەھىرى
مىرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقى شىنجاڭدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 10 كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 80 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇم بارىخانلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان كروران قەدىمكى شەھىرىگە تەخمىنەن 260 كىلومېتىر كېلىدۇ. مىرەن قەدىمكى شەھىرى 2 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بولۇپ، يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت دەپ تەرىپلەنمەكتە. قەدىمكى شەھەر خارابىسى قەدىمكى قەلئە، شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانا ۋە غەربىي چوڭ ئىبادەتخانىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدن تەركىپ تاپقان.
قەدىمكى قەلئە-تۈبۈتلەر دەۋرىدىكى بىر ھەربىي قەلئە بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ گەنسۇ تاش يولىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىگە جايلاشقان، جەنۇبىي بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىكى 56 مېتىر، شەرقىي بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىر كېلىدۇ، قەدىمكى قەلئەنىڭ شەكلى تەرتىپسىز، تۆت چاسا، سېپىللىرى ئەگرى بۈگرى، ئادەتتىن تاشقىرى ئىگىز ۋە چوڭ كۆرۈنىدۇ. سېپىلنىڭ ئەڭ ئىگىز قالدۇقى 7 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، سېرىق توپا، سۆگەت چىۋىقى، بۇغداي غولى بىلەن قوپۇرۇلغان، مىڭ يىلدىمۇ ۋەيران بولمىغان. ئۇنىڭ ئىگىزلىكى ۋە ۋە دۈگلەك ھالەتتىكى كۆلىمى ئەينى يىللاردىكى باياشاتلىقىنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ. غەربىي سېپىلدا كەڭلىكى 5-6 مېتىر كېلىدىغان ئېغىز بولۇپ، بۇ شەھەر دەرۋازىسى بولۇشى مۇكىن دەپ قارىلىۋاتىدۇ. شىمالىي قىسمى پەلەمپەي شەكىللىك دۆڭ بولۇپ، تۆۋەندىن قەلئەنىڭ شىمالىي سىپىلىغىچە دۆڭگە يۆلەپ تۇرالغۇ سېلىنغان، تۇرالغۇ تەكشى ئۆگزىلىك بولۇپ، ئىشىكنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى شىزاڭدىكى بۇددالار سارىيىغا ئوخشايدۇ. قەلئەنىڭ شەرقىدە چوڭ تىپتىكى بىر تۇرالغۇ بولۇپ، جەنۇبىدا 13 مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان ئىگىز سۇپا بار، سۇپىنىڭ ئۈستىگە خادا ئورنىتىلغان بولۇپ، تۇراغا ئوخشاپ قالىدۇ. قەلئەنىڭ شەرق ۋە غەرپ ئىككى تەرپىدە نۇرغۇن بۇددا مۇنارى ۋە كۆلىمى غايەت زور ئىبادەتخانا خارابىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تارىخنامىلەردىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى داڭلىق راھىبى فاشىيەن قاتارلىقلار ئەنەتكەك(ھىندىستان)غا بېرىش ياكى شەرققە قايتىش يولىدا بۇ يەردە بۇدلارغا چوقۇنۇش ھەققىدە سۆزلىگەن.
شەرق چوڭ ئىبادەتخانسى ــ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر ئىمارەت بولۇپ، يۇقۇرى ۋە تۆۋەن ئىككى قاتلامغا ئايرىلىدۇ، سىرتقى ئايلانمىسىدا ئىگىز ھويلا سېپىلى بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى چوڭ بىر بۇد تەكچىسى بار. تەكچىنىڭ ئىچىدە بۇدساتىۋا ۋە تەڭرىلەر ھەيكىلى، ئاستىدىكى تۆت ئەتراپىدا تۈۋرۈك بېشى بار. بۇت قەسرى خارابىسىنىڭ شەرقىدىكى ئىمارەتنىڭ ئاستىدا چوڭ بۇتنىڭ ھەيكىلى ۋە يەرگە تاشلىنىپ قالغان بۇت بېشى بار.
غەربىي چوڭ ئىبادەتخانا ــ شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىغا قارمۇ قارشى قىلىپ سېلىنغان بۇددا ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ تۆت چاسا شەكىلىك ئۇلنى مەركەز قىلغان. ئىبادەتخانا ئۇلىنىڭ ئۈستىگە دىئامېتىرى 3 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان يۇمۇلاق شەكىللىك ئىمارەت سېلىنغان.ئىبادەتخانىدىكى بۇددا دىنى خارابىسى غەربىي يۇرتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ تىپى ھېساپلىنىدۇ.بۇددا ھەيكىلىنىڭ تەققى تۇرقى ناھايىتى جانلىق، نەقىشلىرى ۋە سىزمىلىرى تولىمۇ گۈزەل، ئىخچام بولۇپ جۇڭگو بىلەن غەرپنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ئەمەلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مىرەن قەدىمكى شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى بەگلىك ــ پىشامشان بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى بولغان مىرەن شەھرىدۇر. پىشامشان بەگلىكى ئەسلىدىكى كروران بەگلىكى بولۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە كروران ھۇنلارغا بېقىنغان، خەنۋۇدى ھۇنلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن غەربىي يۇرتنى قايتۇرۋالغاندا كروران خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان. ئەمما كروران غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى مۇھىم ئېغىزغا جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىدە بولغاچقا، خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار تالىشىدىغان زېمىن ئىدى. شۇڭا كروران ئىككى تەرەپتىن ياخشىچاق بولۇش تەدبىرىنى قوللۇنۇپ ئۆزىنى قوغداپ قېلىشقا ئورۇنغان. كروران خانىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك ھەركىتى خەن سۇلالىسىنىڭ نارازلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ خانى جاۋدې دېگەن كىشى فۇجېزىنى ئادەم باشلاپ تۇيدۇرماي كىرىپ كروران خانىنى ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىنىسىنى خان قىلىپ بېكىتكەن، ئاستانىنى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي قىرغىقى(كروران قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئەتراپى)دىن جەنۇبىي قىرغىقىدىكى مىرەن شەھىرى(يەنى بۈگۈنكى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى مىرەن)گە كۆچۈرۈپ، بەكلىك نامىنى پىشامشانغا ئۆزگەرتكەن.
1907-يىلى ئەنگىلىيەلىك سىتەيىن بۇ يەرنى قېزىپ ھەيكەل، تام سىزمىسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتكەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2-دېۋىزىيەسىنىڭ چارلاش ئەترىتى بۇ يەردە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇكەممەل ئۆستەڭ قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېستىمىسى ۋە قۇمغا كۆمۈلۈپ قالغان سالا ئېتىزلارنى بايقىغان. 1973-يىلى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى مىرەن قەدىمكى دەرياسىنىڭ يېنىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈبۈتلەرنىڭ قەدىمكى قەلئە خارابىسىنى قازغان.
بۇ ماقالە «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2013-يىلى 18-فېۋرالدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
(تەھرىر : سەپەر)