زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ___ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىللىرىدىن بىرى، ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار شائىر. ئۇ 1901- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇرپان شەھىرىدە ئابدۇراخمان ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مۇھىم ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ، شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن، بەش ياش چېغىدىلا ساۋادىنى چىقىرىشقا كىرىشكەن، 12 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا دىنىي ئىلىم ئىگىلىگەن، بۇ جەرياندا ئەرەب- فارىس تىللىرى، شەرق ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. كېيىن، تۇرپاندىكى خەنزۇچە مەكتەپ- شۆتاڭغا كىرىپ ئوقۇغان. 1916-يىلى ئۇ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن روسىيەگە بارغىنىدا، شەمەي شەھىرىدە روس تىل يېزىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگەنگەن، 1923-يىلى مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا 2- قېتىم بارغىنىدا، ئۇ يەردە 3 يىل تۇرۇپ، ھازىرقى زامان پەن- بىلىملىرى ۋە روس تىل- يېزىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىگىلىگەن. ئۇزۇن يىللىق ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۇ ئۆزىگە ئىلغار، دېموكراتىك ئىدىيىنى سىڭدۈرۈپ، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ جەڭگىۋار قورال ئارقىلىق ۋەتەننى، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولىغا قەدەم قويغان.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دەسلەپكى ئىجادىي پائالىيەتلىرىدە،19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى،20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۆتۈرۈلگەن ئىسلام ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن يېڭى مەرىپەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تەسىرى. شۇنداقلا، ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئويغىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تاتار يېڭى زامان ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىياتنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ئابدۇللا توقاينىڭ تەسىرى روشەن كۆرۈلىدۇ. ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئوغلىنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىشىمۇ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە بالدۇر ئويغىنىپ، ئۆزىنى تونۇغانلىقى ھەمدە مىللىتىگىمۇ ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا يېڭى ئەسىر ۋە يېڭى تارىخىي دەۋرگە يۈزلەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەزمۇن، ئىجادىيەت ئۇسۇلى، تېما ئالاھىدىلىكى، شەكىل ۋە تىل جەھەتتىن يېڭىلاش يولىدا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ تونۇلدى. شائىرنىڭ ھازىرغىچە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن 60 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئىچىدە «ئىستىمەس»، «باردۇر»، «ئويغان»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «يېقىن بولدى»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى» قاتارلىقلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ شېئىرلىرىدا تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئەينى زامان رېئاللىقىدىكى ئىللەتلەرنى، خەلقنىڭ ئېڭىدىكى قالاقلىقنى، فېئودالىزىم جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكىنى، قالاق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ، دىن تونىغا ئورالغان خۇراپىي ئەقىدىلەرنىڭ مەنىۋى كىشەن ئىكەنلىكىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلىغان، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ گۈزەل غايە، كەلگۈسى ئەدەبىياتشۇناس روزى قادىرى 1947- يىلى ئىيۇلدا تۇنجى قېتىم«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە شائىرنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ «باردۇر»، «ئىستىمەس» ماۋزۇلۇق ئىككى پارچە شېئىرىنى ۋە مەھمۇد ئەكبەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «باقى ئاكىنىڭ دەردى» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى. مەھمۇد ئەكبەر يەنە شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئايرىم توپلام قىلىپ، 1956- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تاپشۇرغان بولسىمۇ، بۇ توپلام ئېلان قىلىنماي قالدى. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن شائىر تۇرغۇن ئالماس، ئەرشىدىن تاتلىق ۋە پەتتارجان مۇھەممەدلەر خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنى ئىزدەش ۋە توپلاپ نەشر قىلىش تەكلىپىنى قويدى ھەمدە ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. 1979- يىلدىن ئېتىبارەن شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى گېزىت-ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1985- يىلى 12- ئايدا مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، شائىرنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار شائىر» ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى يۇقىرى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس تېما گۇرۇپپىسى نەشرگە تەييارلانغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى» 1986- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە بېغىشلانغان ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك كاتتا يىغىلىشنىڭ 1987- يىلى ئۇنىڭ يۇرتى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى __ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي ۋە ئىجادىي پائالىيتىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى پەللىسىنى نامايان قىلدى.
تۇرپان ژۇرنىلى 2000- يىلى 4- سانىدىن ئېلىندى
(تەھرىر : admin)
«زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىن
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغ
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
- ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھا
- خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئېلان قىلىنىپ،كې
- گېتلىرغا بولغان يەنە بىر خىل چۈشەنچە
- سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتىكى چاغلىرى
- ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد ك
- دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دۇني
- ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالە
- تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرى
- ‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا
- ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئالىم مىرسۇلتان ئوس
- يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى
- مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
- سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-05-21 23:05
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
- ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان
- خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئېلان قىلىنىپ،كېيىن د
- گېتلىرغا بولغان يەنە بىر خىل چۈشەنچە
- سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتىكى چاغلىرى
- ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشىغە
- دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دۇنيا خار
- ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى
- ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە ئابل
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- پىداكار شائىر نىمشېھىت