ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە ئابلىكم

ۋاقىت : 2013-08-28 20:34 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : Dulanim | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە ئابلىكم


 

ئەلمىساقتىن بېرى دىيارىمىزدا جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ، قەلب تۆرىدە يادلىنىپ كەلگەن ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان .
ئۆتمۈشتە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان پۈتۈنسۈرۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى گەۋدىسى ۋە ئېتنىك ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىنمۇ پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى ۋە چىقماقتا.
ئەنە شۇ ئالىملار ۋە تۆھپىكارلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەخرى ، ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئايال دوكتور ئاشتى ( پوستدوكتور ) ، ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەدىنە ئابلىكىمنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ ، ئەلۋەتتە .
مەدىنە ئابلىكىم 1986 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى ، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغاچقا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ دائىملىق پاراڭ ئوبيېكتى ئىدى . ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن فاكۇلتېت رەھبەرلىرى قارار چىقىرىپ سىنىپ ئاتلىتىپ ئوقۇتتى . تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئىزچىل "" ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى "" بولۇپ باھالاندى . 1990 - يىلى مەدىنە ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەزەرىيىۋى فىزىكا ، مەيدان نەزەرىيىسى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدى . ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويدى . ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ قېتىرقىنىپ ئۆگەندى . ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆگەندىن تاشقىرى ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ماتېرىيال كىتابلارنى كۆپلەپ كۆردى . " زامان ، ماكان بىپايان ، كېزىپ چىقالماس ئىنسان . كىتابەت قەترىسىدە بىلىم قۇياشى ئايان " دېگەندەك ، ئۇنىڭ كەسىپكە ۋە كىتابقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىغا پۇختا ئاساس سالدى . ئۇ بىر تەرەپتىن كىتاب - ماتېرىيال دېڭىزىغا غەۋۋاس كەبىي چۆكسە ، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئاساسى بولغان تەجرىبە قىلىپ كۆزىتىش مېتودىغا ھەر ۋاقىت ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئەڭ ئىنچىكە تەجرىبىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجتىھات بىلەن ئىشلىدى . ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بېيجىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىغا ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەمەلىي ماتېرىيال توپلىدى ھەمدە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى . 1994 - يىلى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ، 9 - ئايدا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالاھىدە تاللاپ بېكىتىشى ئارقىسىدا ئىتالىيىدىكى خەلقارالىق نەزەرىيىۋى فىزىكا تەتقىقات مەركىزىگە بىر يىللىق ئوقۇشقا ئاتلاندى . شۇ يىلى بۇ مەركەزگە جۇڭگودىن پەقەت مەدىنەلا بارغان بولۇپ ، ئۇ جۇڭگودىن بارغان تۇنجى ئوقۇغۇچى ئىدى . تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈزۈمى ئىنتايىن چىڭ ، دەرس مەزمۇنى قىيىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، ئەگەر ئۆتۈلىدىغان دەرستىكى ئىككى پەندىن لاياقەتلىك بولالماي قالسىلا جۇڭگوغا بېرىلىدىغان سان بىكار قىلىنىپ كېتەتتى - دە، شۇنىڭ بىلەن مەدىنەنىڭ كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يېتەتتى . شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئەمەس ۋەتەننى ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆپرەك ئويلاپ ئالاھىدە تىرىشتى . كۆپ ھاللاردا تاڭلارنىڭ قانداق ئېتىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتى . كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كۆز ئەينەك تاقاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى . دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ سىنىپىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى ئوقۇيالماي دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى ، بۇ ھال مەدىنەگە قاتتىق تەسىر قىلدى . شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى زا چاۋچىڭ ئەپەندى بۇ مەركەزگە ئىككى ئايلىق خىزمەت بىلەن زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ ، ئۇ مەدىنەگە : " مەدىنە ، سەن جۇڭگودىن ، يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇنجى بولۇپ بۇ ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچى ، سېنىڭ بۇ ئوقۇشنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇش - ئاياغلاشتۇرالماسلىقىڭ دۆلىتىمىزدىن چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ يولىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ، ئەگەر سەن ئوقۇشنى لاياقەتلىك تۈگىتەلمىسەڭ ، تەتقىقات مەركىزى بىزگە بېرىدىغان ساننى بىكار قىلىپ ، بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ يولى توسۇلۇپ قالىدۇ " دېدى . شۇنىڭ بىلەن مەدىنە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سەككىز خىل دەرستىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى . بۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا يول ئېچىلىپ ، شىنجاڭدىن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ مەركەزگە بىلىم ئاشۇرۇشقا باردى . مەدىنە شۇ جايدا تۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۆتۈلىدىغان دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشى ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ ، ئوقۇش ھارپىسىدا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى ۋە 1995 - يىلى ئەنگلىيەگە ئاتلاندى . ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتى 170 يىللىق تارىخقا ئىگە مەكتەپ بولۇپ ، زەررىچىلەر فىزىكىسى كەسپىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساناقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى . مەدىنەنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئاكادېمىكى ، ماتېماتىكا - فىزىكا ئالىمى ئى كورىگىن ئەپەندى ئىدى . مەدىنە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي زەررىچىلەر فىزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىدى . مەدىنەنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسى ئىدى ، ئۇ مۇشۇ تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى كۆردى ، ئىزدەندى ، كونكرېت ھېسابلاش ئېلىپ باردى . ئۆگىنىشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئىرادىسىنى قەتىي بوشاشتۇرۇپ قويمىدى . يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ۋە فاكۇلتېتتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇردى ، ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئىككى قېتىم ئىتالىيەدە ئېچىلغان يازلىق كۇرسقا ، جۇڭگو ، شوتلاندىيە ، فرانسىيە ، ئەنگلىيەدە ئېچىلغان خەلقارالىق ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى ، كەسپىي جەھەتتىكى سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى .

نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسى ماتېماتىكىلىق تىل ئارقىلىق ئالىي ئۆلچەمگە يېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ، ئېنىقلىق ، ئىنچىكىلىك ۋە لوگىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىك بىلەن ماددىي دۇنيا قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ، مەلۇم نوقۇل نۇقتىنى تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىدىغان ئىلىم بولۇپ ، ھەر بىر ئىلىم ئىگىسىدىن زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ۋە ئىلمىي مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ بەل باغلىغان ھەر بىر كىشىدە خۇددى ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر ، مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى تېئېس ئېللىئوت ئېيتقاندەك : " ھۆددىسىدىن چىقىش قىيىن بىر ئىشنى قىلىشتا ، ئادەمدە كۆيۈپ تۈگەيدىغان شامدەك ھېسسىيات بولۇشى كېرەك " . مەدىنە تۆت يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا كۆپ ئىزدىنىپ ئاخىرى 1999 - يىلى 11 - ئايدا "" چېگرالىق سىنھ-گوردون مودېلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلترا سىممېترىك كېڭەيتىلىشى "" ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسىنى يېزىپ تۈگەتتى . نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىكى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا مەدىنە پەۋقۇلاددە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى .

مەدىنە ئابلىكىم 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ ، ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاش داۋامىدا ئەنگلىيىدىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيەت ئەزالىرىنىڭ سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ئېنگىلىز تىلىدا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە باھالاش ھەيىتىدىكىلەر بىردەك يۇقىرى باھا بەردى . ئەنە شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مەدىنە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ، ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە تۇنجى دوكتورلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى بولدى . مەدىنەنىڭ دېسسىرتاتسىيە باھالاش پىكرىگە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى : " چېگراسىز بوشلۇق جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان سىنھ-گوردون مودېلىنى بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتچى ئالىملار تولۇق تەتقىق قىلىپ بولغان ئىدى ، لېكىن مودېلنىڭ بوشلۇق جەھەتتىن شەرت قويۇلغان چېگرالىق ھالىتىنى تېخى مۇكەممەل تەتقىق قىلىپ باقمىغانىدى . مەدىنە كزىنىڭ دېسسىرتاتسىيىسىدە چېگرالىق سىنھ-گوردون زەررىچىلىرى ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى قايتىش مىقدارىنى ھېسابلاپلا قالماستىن ، بۇ مودېلىنى ئۇلترا سىممېترىك ئەھۋالغا كېڭەيتىپ تەتقىق قىلدى . بۇ خىزمەتنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ : بىرىنچى ، مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەردىكى چېچىلىش مىقدارىدىكى خاتالىقىنى بايقاپ ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى . ئىككىنچى ، ئۇلترا سىممېترىك شارائىتتا بوزۇن زەررىچىلىرىدىن باشقا يەنە فېرمىئون زەررىچىلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك ، فېرمىئوننىڭ ئىككى نۇقتىلىق گىرىن فۇنكسىيىسىنىڭ چېگرالىق شەكلىنى مەدىنە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقاتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى . بوزۇن ۋە فېرمىئوننىڭ چېچىلىش مىقدارىنى ھېسابلاش گەرچە تېخنىكا جەھەتتىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خىزمەت بولسىمۇ ، مەدىنە ئۇنى ھېسابلاپ چىقتى . بۇ مۇشۇ ساھەدىكى قالتىس بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ، ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسىگە ئۆزىنىڭ يېڭى كۆز قارىشى بىلەن تۆھپە قوشتى . مۇشۇ ئىلمىي نەتىجە ئۈچۈن دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىشكە قوشۇلىمىز " .
مەدىنە ئابلىكىمنىڭ دوكتورلۇق تەتقىقات نەتىجىسى خەلقارالىق ھازىرقى زامان جۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ، ئوقۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەنگلىيەدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە يېرىم يىل ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى ، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقارالىق جۇرناللاردا يەتتە پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇردى . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى پارچىسى خەلقارالىق يىغىنلاردا ئوقۇلغان بولۇپ ، يىغىنلارنىڭ توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى . مەدىنە 2000 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولۇپ ، ئەنگلىيەدە قېلىش پۇرسەتلىرى بولسىمۇ ئۇنىڭغا قارىماي ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى . مەدىنە جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 2000 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ بۇ يەردە دوكتور ئاشتى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر بولدى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقارالىق ئىلمىي جۇرناللاردا بەش پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇردى . مەدىنە ئابلىكىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە ئىگە تۇنجى ئايال تەتقىقاتچى . ئۇ بەس خەلقارالىق ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدىكى 30 نەپەر ئالىمنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ تىزىلغان . مەدىنە ئابلىكىمنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئۇنىڭ پەنگە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى ، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش جەريانىدىكى سەۋرچانلىقى ، قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا بەل قويۇۋەتمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئويلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن بولغان ، خالاس .
ئۇ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئانا يۇرتىدىن ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ كىشى يۇرتىدا مۇساپىرچىلىق ، غېرىبلىق مىنۇتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ھەر قېتىم قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش ئالدىدكى سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قەتىي بوشاشمىدى ، جاپالار ئۈستى - ئۈستىلەپ كەلگەن چاغدا يۇرتىنى ، ۋەتىنىنى ، ئاتا - ئانىسىنى ۋە ئوماق پەرزەنتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى . ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىلىشى ، قېينىئاتا - قېينىئانىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋە پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى ۋە ئوقۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى ، ئۇستازلىرىنىڭ ئەجرى ، يولدىشى ۋىدات مىجىتنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بولمىغان بولسا ، مەدىنەنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى تەس ئىدى . مەدىنە ئابلىكىمنىڭ ئاتىسى ئاگرونۇم ، ئاپىسى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر ۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ رىغبەتلەندۈرۈشى مەدىنەنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى . بۇ ھەقتە مەدىنەنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىكى يېتەكچى ئۇستازى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ : " مەدىنە ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يولىمۇ، قوللايدىغان ئارقا تېرىكىمۇ يوق . ئۇ پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆگەندى ، تىرىشتى . ئۇنىڭ بىرلا ` كەمچىلىكى ` ئويۇن - تاماشىنى بىلمەيتتى . شۇڭا ئاخىرىدا مۇشۇنداق نەتىجە مەدىنەگە مەنسۇپ بولدى " . دەرۋەقە ، مەدىنە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەريانىدا ئالىملارغا خاس خىسلىتىنى نامايان قىلدى . چەت ئەللەردە تۇرغاندا كەسپىي جەھەتتىلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپلا قالماستىن ، ئەخلاقى - پەزىلەت جەھەتتىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىدى . ئۇ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان تۇنجى ئايال ئالىم بولۇپ ، تارىختىن بېرى بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالىم بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى . ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى تارىخىغا يېزىلىشقا تېگىشلىك . ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ، ياشلا ئالىملىق شۆھرىتىگە ئىگە بولدى . ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سەنەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەلىرىدە نەتىجە قازىنىپلا قالماي ، بەلكى تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدىمۇ زور ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلدى . ئۇنىڭ چەتەلدىكى ئىلمىي پائالىيەت ۋە نەتىجىلىرىدىن كۆپلىگەن چەتەللىكلەر يېڭى يىپەك يولى باغرىدىكى ئىسلاھات قاينىمىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باتۇرانە جاسارىتىنى كۆردى . ئۇ ئېرىنمەي تەتقىق قىلغاچقا ، ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قان ۋە تەر سەرپ قىلغاچقا ، ئالمىلىق تاجىنى كىيدى . شۇنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇكى ، ئۇ ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى تەبىئەتتىكى مەھلىيا قىلغۇچى سىرلارنى يېشىش ئۈچۈن ئىزدەندى . بىز فىزىكا ئالىمەسى ، ئۇيغۇر قىزى مەدىنە خانىمنىڭ تەبىئەت پېنى بولغان ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتىنى بوشاشتۇرماي ، تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە قىيىن بولغان ، پەن بىناسىغا ئۇل سالىدىغان ئىلىم قەسىرىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يەنىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
Dulanim تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-05 23:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-28 21:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ