يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخ
يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ11 - ئەسىردىكى بۈيۈك ، مۇتەپپەككۈر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان " پايناپ" يېزا تەۋەسىدىكى " ئالتۇنبېلىق" تا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان . بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت . ئەمما ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كىشىلەر : " بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنىڭ ئىدى " ، " يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلاد ساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن ، قەبرىگاھىمۇ بىلاد ساغۇندا بولىشى كېرەك . " دېگەن دەۋالاردا بولۇپ ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەزى مۈجىمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، بۇ كىشىلەر يۇقۇرىقىدەك ئاساسسىز دەۋالار دا بولۇشقان بولسىمۇ ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىت ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى . مانا بۇ يۇقۇرىدىكى دەۋانىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا ھۇل قويۇشتىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنى 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ . يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنىغا دائىر بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلىدى . ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئالىم ، مۇتەخەسىسلەرنى ئەۋەتىپ ، پاكىتلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى . ئالىم ۋە مۇتەخەسىسلەر پاكىتنى تەكشۈرۈش ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجىرىيە 410 - يىلى بىلاد ساغۇندا تۇغۇلۇپ ، ھىجىرىيە 478 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى ، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق " بارىگاھ " دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى ، ھىجىرىيە 514 - يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى " ئالتۇنبېلىق " قا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا . مەن ھازىرغىچە بۇ پاكىتلاردىن 19 - ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى پارچە ھۆججەتنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى ھۆججەت " بەھرۇل -ئەنساب " (نەسەب دەرياسى) ناملىق ئەسەر بولۇپ ، بۇنى 19 - ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئېمۇر ھۈسەيىن سەبۇرى تۈزگەن . بىراق ، سەبۇرىنىڭ ئۆمرى " بەھرۇل - ئەنساب " نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يار بەرمىگەنلىكتىن ، شاگىرتى قازى مۇھەممەت سايىم سۇفىئاللايارىغا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپشۇرغان . ھەمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان يىلنامىسىنى ، قەبرىگاھ ئورنىنى شۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان . قازى مۇھەممەت سايىم سوفىئاللايارى ئۇستازى سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن " بەھرۇل - ئەنساب " نىڭ ئەڭ ئاخىرىسىنىڭ سول بۇرجىكىگە : " ئەز ھەزرىتى يۈسۈف خاس ھاجىپ دەرسىنە چەھارسەد ھەجتاد ھەشت ھىجىرىيە ۋەفات شۇدە . قەبرى شىمالىي كۇھنە ھىسار زەمىنى فابى ئاب مەدفۇن شۇدەست ، ئامىن . مىن شەيخى دۇئاگۇي مۇھەممەت سائىم سۇفى ئاللايارى سۇبھۇ شام ، بەلكى ئەلەددۋام مەرازى مەزكۇر سېھتەن بۇزۇرۇكۋار روھى پۇرفۇتۇھ دۇئايى قۇرئان مىكۇنەم " ، دەپ يېزىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋاپاتىنىڭ ھېجىرىيە 478 - يىلى ئىكەنلىكىنى ، قەبرىگاھنىڭ شىمالىي كوھنە ھىساردىكى " فايى ئاب " تا ئىكەنلىكىنى ، بۇ قەبرىگاھتا يەنە يۈسۈپ قىدىرخان غازى پادىشاھىنىڭ ۋە يۈسۈپ قىدىرخان ئىسىملىك شاھشادىنىڭ مازىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىزاھلىغان . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، يۈسۈپ قىدىرخان مىلادى 1040 - يىلى غەربىي قاراخانىيلار زېمىندىن شەرقىي قاراخانلار زېمىنىگە قېچىپ كەلگەن يۈسۈپ ئىبنى ئەلى ئىسىملىك شاھزادە ئىكەن . قارى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى " بەھرۇل - ئەنساب " نىڭ ئاخىرقى بېتىنىڭ ، تۆۋەنكى ئوڭ بۇرجىكىگە : " ئەر ھەزرىتى ساھىب قەلەم ئۇستادىم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرى بۇ مەزكۇر ' بەھرۇل - ئەنساب ' نىڭ تەمامىغە يۈسۈج خاس ھاجىپنىڭ قەبرى شەرىفىلىرى شىمالىي كۇھنە ھىسادۇر . مەزافىئىي فايى ئابتا مەدفۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ ، يېزىپ تاماملاشنى پەقىرگە تەماملاشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇستادىم مەرھۇم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن يۈسۇف خاس ھاجىپنىڭ دەفىنگاھىنى بۇ ' بەھرۇل - ئەنساب' قا كىرگۈزۈپ ، جامائە مۇسۇلمان ، ئەۋلادى تۈرك خەلقلىرىگە يادىكار قىلدىم . قازى مۇھەممەد سايىم سۇفى ئاللايارى " دەپ يېزىپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ، قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنى ، كىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ، نېمە سەۋەبتىن بۇ " بەھرۇل - ئەنساب" قا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قازىلىق مۆھىرىنى باسقان .
ئۇزۇنلۇغى 8.20 مېتىر ، كەڭلىكى 26 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " نى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە قوغان يېزىسىنىڭ ئاياقچىلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆلىما شائىر ئابدىرىيىم ھاجىم ساقلاپ كەلگەن . ( 1877 - 1845 - يىللار) . ئابدىرىيىم ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " مەرىپەرسۆيەر ئوغلى مۇھەممەتىمىن قارىمغا مىراس قالغان . 1965 - يىللاردا بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " مۇھەممەتىمىن قارىمنىڭ قولىدىن 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ياشىغان تارىخچى ئالىم تالانتلىق شائىر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىم ( 1900- 1985 -يىللار) نىڭ قولىغا ئۆتكەن . مەرھۇم .ئمىر ھەسەن قازى ھاجىم 1985 - يىلى بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " نى ئاۋۋال قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنىغا ، كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكاددىمىيىسىگە تەقدىم قىلغان . بۇ " بۇھرۇلئەنساب " ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكاددىمىيىسىنىڭ ماتېرىيال بۆلىمىدە ساقلانماقتا .
ئىككىنچى ھۆججەت : " قەلەمىي قۇرئان " ( كىتابنى تىزىمغا ئېلىش جەريانىدا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ ، ئەسلى قۇرئاندا بۇ ئىسىم بۇ مەۋجۇت ئەمەس . قۇرئان قولدا ، قۇمۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خوش خەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن ، تىزىمغا ئالغۇچىلار شۇنداق دەپ نام قويغان بولسا كېرەك . ئاپتوردىن ) بولۇپ ، خوتەندىن تېپىلغان . بۇ قۇرئاننى خوتەنلىك بىر يارى بۇرادەر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان . ئېمىر ھەسەن قارى ھاجىم بۇ قۇرئاننى 1984 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنىغا تەقدىم قىلغان .
قۇرئان 726 بەت بولۇپ ، ئۇزۇنلۇغى 34 سانتىمېتىر ، كەڭلىگى 22 سانتقمېتىر ، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر ، ھەر بىرىدە 13 قۇردىن خەت بار . قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان . قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنى ھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلىپ قويغاندىن باشقا ، ئىچ بېتىگە : " قۇرئاننى بىتەرەت قولغا ئالساق گۇناھكار بولىمىز " دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا : " سۈرە فاتىھە " بىلەن " سۈرە ئەلىف ، لام ، مىم " نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ ، تولۇقلاپ قويغان . قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان " ئەللاھۇممە ئەنفەئىنا " دېگەن دۇئا بار .
بۇ قۇرئاننى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835 - يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ .
بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830 - يىلىدىن 1848 - يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېكىمبەگلىكىككە ئەۋەتىلگەن زوھۇرىدىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتاب بولۇپ ، بۇ كىتابنى زۇھورىدىن ھېكىمبەگ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ ، ئون بىر كۈن ئېئىتىكاپتا ئولتۇرۇپ ، ئىستىخارە قىلىپ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش - خەۋەر بىشارىتىنى ئېلىپ كەلگەن شۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېئىمەتۇللا كاشىغەرىغە تەقدىم قىلغان . زۇھورىدىن ھېكىمبەگ نېئىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشقا ئۆزى بۇيرىغان . بۇ ھەدىيەدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەن نېئىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723 - بېتىنىڭ ھاشىيەسىگە ( چەت چۆرىسىدىكى بىكار جايغا ) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان : " بۇ سۇرەتنى ۋاقىمىئە تەھرىر ئولدىكىم ، ھەزرەتى ۋاڭ زۇھورىدىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتى ئۈچۈن نەھىس - سەئىدلىككە بىر ئىستخارە قىلدىم . كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبىتىگە رۇخسەت بولدى . بۇ رۇئىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلىرىغە بەيان قىلدىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزراتى ھاكىم دىۋانە شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفتى فەقىرغە ھەدىيە ، ئىنئام قىلدى . رەھمەت ، فەقىر ساھىب دۇئا نېئىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم . 1253 - ھىجىرى " .
تامغا ( مۆھۇر ) ھىجىرىيە 1238 - يىلى ئويۇلغان . تامغىدىكى خەت " نېئىمەتۇللا بىن سەدرىددىن " دۇر .
مانا بۇ ئىككى پارچە ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئورنىنى ، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن ، شۇنداقلا ئۇ ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19 - ئەسىردە ئۆتكەن ئېمىر ھۈسەيىن سەبۇرى ، قازى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى ، زۇھۇرىدىن ھېكىمبەگ ، نېئىمەتۇللا كاشىغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنىمۇ يورۇتۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ .
يۇقىرىدىكى ھۆججەتنى مەن بۇلاق ژۇرنىلىدىن پايدىلاندىم ، لازىم بولسا پايدىلىنارسىلەر ، مەنبەئەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ !
(تەھرىر : بەشتاش)
«يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەمم
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائ
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋا
- دىلبەر يۇنۇس- دۇنياغا داڭلىق يوقۇرى ئاۋ
- مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات
- قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى