خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
خوجىنىياز ھاجىم 1889- يىلى قۇمۇلدا قۇل دورغا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،دادىسى ئىمىننىياز ئۇنى قۇللۇقتىن
قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن 17 يىشىدا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئويلەپ قويىدۇ ،1907-يىلى ئالۋاڭغا ئىشلەپ قايتىشىدا 20 نەپەر گەنسۇ چىرىكلىرىگە تۇتۇلۇپ بىر ئاي ھاشارغا ئشلەيدۇ .بۇ چاغدا تورپاقلار قوزغىلىڭى نىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قىچىپقورايغا بارىدۇ .ۋەئاممىغا قوشۇلۇپ ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ ،قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ .قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋاڭ ئۇنى تۇتالماي دادىسىنى زىندانغا تاشلايدۇ ،ھاجىم ئانىسىنىڭ يەردىمىدو ھەج سەپىرىگە كىتىدۇ .1912-يىلى قايتىپ كىلىدۇ ،
............ 1912-يىلى شاھ مەخسۇت ۋاڭ تۆمۇر خەلپە قاتارلىق خەتەرلىك دېگەن ئادملەرنى چىرىكلىككە ئىلىپ ئۇرۇمچىگە پالايدۇ ،ئۇلار يولدا تۆمۇر خەلپە باشچىلىقىدا قوزغۇلاڭ كۆتۇرۇپ قۇمۇلغا قايتىدۇ ، ھاجىم دەل مۇشۇ چاغدا قايىتقان بولۇپ قوشۇنغا قوشۇلۇپ پىدائى بولىدۇ ،قوزغىلاڭ سۇلھى بىلەن تىنىچلانغاندىن كىيىن ھاجىم يۇرتىغا قايتىپ تاغدىكى قوشۇنلارغا باش بولۇپ بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇ ،ۋاڭ بارلىق چارە ئاماللار بىلەن ھاجىمنى تۇتۇشقا كىرىشىدۇ .1913-يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۇنى تۆمۇر خەلىپە ئۆلتۇرۇلدۇ ،ھاجىم ئىسمىنى ئسھاق دەپ ئۆزگەرتىپ ئالتاي تەرەپكە كىتىدۇ ،ئۇ يەردىمۇ سىزىلىپ قىلىپ چلچەككە كقلىپ مامۇتباي دېگەن قازاقنىڭ ئوۋچىسى بولۇپ نۇرغۇن قۇرال ياراق توپلايدۇ.ۋاڭ ھاجىمنىڭ چۆچەكتە ئىكەنلىگىنى بىلىپ توخسۇنلۇق نىيازنى تۇتۇپ كىلىشكە ئەبەرتىدۇ ،ھاجىم بۇنىڭدىن خەۋەر تىپىپ روسسىيەگە كىتىدۇ .ۋە ئۇ يەردە ھەربىي تەلىمنى قەبۇل قىلىدۇ ،1923-يىلى ئىلىغا قايتىپ كىلىدۇ ،بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇرۇمچىگە قايتىدۇ ،1927-يىلى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇمۇل تۇرپانلاردا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇشنى پىلانلايدۇ ،....نۇرغۇن ئوزگۇرۇشلەردىن كىيىن قۇمۇلدا ھاجىمنىڭ ساۋاقدىشى بېشىر ۋاڭ ئۇنى ئوردىغا ئەكىلىۋالىدۇ ،بېشەر ۋاڭ جىن شۇرىننىڭ ئولكىگە بويسۇنۇش تەكلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ھاجىمغا ئەسكەر مەشىقلەندۇرۇش ۋەزىپىسىنى بىرىدۇ ،1931-يىلى پىلانبويىچە قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ ئاراتۇرۇكنى ئىشخال قىلىدۇ ....
.......1931-يىلى جىن شۇرىننىڭ ئارا تۇرۇك باج ئدارىسىدىكى تۇققىنى جاڭگۇخۇا قۇرال كۇچىگە تايىنىپ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مەجبۇرى توي قىلىدۇ ،غەزەپلەنگەن ئامما تەي كۇنى پىلانلىق ھالدا قوزغۇلاڭ كەتۇرىدۇ ۋە تىزلا ئارا تۇرۇكنى ئىشغال قىلىدۇ ،شۇ يىلى 2-ئايدا جىن شۇرىن قۇمۇل گارنىزونى ئارقىلىق يولۋاس باشچىلىقىدا باستۇرما قوشۇن ئىبەرتىدۇ ،ھاجىملار ئۇلارنى تىرە -پىرەڭ قىلىۋىتىدۇ ،بىر نەچچە قىتىم چىقىرىلغان قوشۇنلار قوزغۇلاڭچىلار تەرىپىدىن كۇچلۇك زەربە يەيدۇ ،دەل شۇ چاغدا گەنسۇ ،چىڭخەيدە مابۇفاڭدىن قېچىپ يۇرگەن ماجوڭيىڭ 200دەك ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلغا كىلىدۇ ،ۋە ھاجىملارغا قوشۇلۇپ جەڭ قىلىدۇ ...... ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەن جىن شۇرىن شىڭ شىسەينى قۇماندان قىلىپ بىر باتالىيون ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا ئىبەرتىدۇ ،3 كۇنلۇك جەڭدىن كىيىن ماجۇڭيىڭ گەنسۇغا چىكىنىدۇ ،ھاجىم ئادەملىرىنى باشلاپ تاراتۇغا كىتىدۇ . شىڭ شىسەي ھاجىمنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىدۇ ،سۇلھى دە كىلىشەلمەي تاراتۇدا جەڭ قىلىپ 100 دىن ئارتۇق چىرىكنى ئۆلتۇردۇ، بۇنى كۆرگەن شىڭ شىسەي تىكىۋېتىدۇ. 1931-يىلى ھاجىم ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سىلىپ مۇڭغۇلىيە چىگرىسىغا مىنگاڭ دېگەن يەرگە كىلىپ موڭغۇل ھۆكۇمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇدۇ ،ھەم ئۆز-ئارا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدە قۇرال ياراق ۋە ھەربىي كىيىم -كىچەك سىتىۋالىدۇ،ئۆزقىسىملىرىدىن ئادەم تاللاپ شوپۇرلۇق ،ھەربىي قۇرال -ياراق تىخنىكىسى ،دوختۇرلۇق ،ھەربىي ئالاقە تىخنىكىسى ،ھەربىي قانۇن ،رازۋېت قاتارلىق ساھەلەرگە ئوقۇشقا ئىبەرتىدۇ ،قالغان قىسىملارنى داۋاملىق مەشىقلەندۇردۇ ،يىرىم يىلدىن كىيىن يۇرتى تاراتۇ غا كىلىدۇ ،1932-يىلى 6- ئايدا قۇرۇلتاي ئىچىلىپ ھاجىم قوزغىلاڭچىلارغا باش قۇماندان بولۇپ سايلىنىدۇ .مۇڭغۇلىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي تەييارلىقلار تاماملىنىدۇ .1932-يىلى پىچان ئۇرۇشى ،1933-يىلى توخسۇن ئۇرۇشى پارىتلايدۇ ،ھاجىم تۇرپان لۇكچۇنگە كىلىپ شىڭ شىسەينىڭ ئاق ئورۇس چىرىكلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ ئلگەىرلەپ جىمىسارغا كەلگەندە 2- قىتىم شىنجاڭغا چىققان ماجوڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن تىركىشىپ قالىدۇ ،1933-يىلى 6-ئايلاردا سۆۋېتلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ كىلىۋاتقان ھاجىم سۆۋېتنىڭ ئۇرۇمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن شىڭ شىسەي بىلەن دوستلۇق كىلىشىمى تۇزىدۇ ،بۇ ۋاقىت شىڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگەلىۋالغان ،سۆۋېتلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغ ئىدى .......
شۇ ئىشلاردىن كىيىن ،ھاجىم قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ،ئۇششەقتالدا ئالدىنى توسقان ما شىمىن قىسىملىرىنى تىرە -پىرەڭ قىلىپ ،ئاقسۇغا يىتىپ كىلىدۇ .
ھاجىم ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلىدە خەلىق يىغىنى ئىچىپ ،پەن -مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ،مەكتەپ ئېچىش ھەققىدە نۇتۇق سوزلەيدۇ ،بۇنىڭ تەسىرىدە پۇتۇن شىنجاڭدا مىللى مائارىپ يولغا قويۇلۇپ ،شەھەر ،يېزا ،قىشلاقلاردا ،كەنىتلەردىمۇ مەكتەپ سىلىش باشلىنىپ كىتىدۇ ، 1934-يىلدىن 1944-يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇنى ھاجىمنىڭ تەشەببۇسىنىڭ مەسھۇلى ئىدى .ئاقىدىن ھاجىم قەشقەر ،يەكەنلەردا نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ ،ئاقسۇغا قايتىپ گارنىزۇن قۇماندانى بۇلۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئۆلكە رەئىسى بولغانلىق ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ،لىكىن ھاجىم بارغىلى ئۇنىمايدۇ ،بۇ چاغدا سۆۋېتلەر ئارىغا چۇشۇپ كىپىل بولۇپ ئۇچ خىل يىزىقتا توختام تۇزۇپ 1934-يىلى 8- ئايدا ھاجىمنى ئۇرۇمچىگە ئەكىلىدۇ ، < ئەسكەرسىز قۇماندان ،ھۆقوقسىز ئەمەلدار >بولۇپ قالغان ھاجىم ئاخىرى <ياپون جاھانگەرلىكىنىڭ قۇيرۇقى> دېگەن تۆھمەت بىلەن 1937- يىلى 10- ئايدا قۇلغا ئىلىنىپ سوراق قىلىنىدۇ 1938-يىلى كۈزدە ھاجىم باشلىق 108 سەركەردىلەر شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئولتۇرلۇپ ،سايۇپو نىڭ غەربىدىكى تاققا كۆمۇلىدۇ .
مەنبە: قومۇلدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر.
(تەھرىر : بەشتاش)
«خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەمم
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائ
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋا
- دىلبەر يۇنۇس- دۇنياغا داڭلىق يوقۇرى ئاۋ
- مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
Dulanim تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-05 23:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-28 00:08
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات
- قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى