دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات بولدى
ئۇيغۇر دىيارىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتۇرى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2013-يىلى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 40 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، 8-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە دەپنە قىلىندى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پەلسەپە پەنلەرى دوكتۇرى، پروفېسسور، ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېفنىڭ شاگىرتى ئىدى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئىلگىرى « خەلق تورى» ، « جۇڭگو رادىئو تورى، شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى»، « بىلىۋال» تورى قاتارلىق كۆپ تور بەتلەردە تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەسىلەن، تۆۋەندىكى تور بەتكە قاراڭ.
http://uyghur.people.com.cn/165019/15150081.html
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 1973–يىلى 8- ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپاندا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە چوڭ بولغان.ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ تەربىيىسى ئالغاندىن كىيىن 1997-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇن نىستىتۇتىغا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى، رۇسىيە پەلسەپىسى، يۇنان پەلسەپىسى، غەرب پەلسەپىسى توغرىسىدا سىستېمىلىق ئۆگەنگەن ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادېمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ تارىختىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشى، تەسىرى ۋە بىر- بىرىدىن بولغان پەرقى قاتارلىق زىل مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا)» دېگەن تېما ئاستىدا 2002-يىلى دوكتۇرلۇق(Ph.d) دىسسېرتاتسىيسىنى غەلبىلىك تاماملاپ ئەلا نەتىجە بىلەن پەلسەپە دوكتۇرىلىق (Ph.d)ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش جەريانىدا يەنە قىرغىز پەلسەپە تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە تارىخى، شەرىق پەلسەپە ئىدىيىسى قاتارلىق تىمىلاردىمۇ سىستېمىلىق تەربىيىلەنگەن ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنۋېرسىتېت رۇس-سلاۋىيان ئۇنىۋېرسىتېتى ، ماناس قىرغىز -تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان. قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭگۇ پەلسەپىسى بويىچە دەرس بەرگەن. ئابدۇرېھىم ئۇيغۇر، رۇس، خەنزۇ، ئىنگىلىز، قىرغىز، تۈرك تىللىرىنى ياخشى بىلگەن ئىدى.
دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئاساسلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارىسىدا مەخسۇس ئىلمىي ئەسەر « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى » ماۋزۇلۇق كىتابى مەشھۇر بولۇپ، مەزكۇر كىتاب بىشكەكتە 2003- يىلى قىرغىزىستان « ئىلىم- پەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق مونوگراپىيىسى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى كۈتۈبخابىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، مەزكۇر كۈتۇپخانىنىڭ رۇس تىلىدىكى كىتابلار كاتولىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇتەخخەسىسلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويۇلغان. بۇ كىتاپ يەنە رۇسىيە ،جۇڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا.
نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسى ۋە دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ قىسقارتلمىسى شۇنىڭدەك مەزكۇر مونوگرافىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەسىرى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخىپىدا، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەركىزىي كۈتۈپخانە، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسى، قىرغىزىستان ئالىي ئۇنۋان باھالاش ۋە بېرىش كومىتېتىدا ساقلانماقتا.
ئۇ، ئاكىسى نەبىجان تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ،« ئۇيغۇر پوېزىيىسى» نامىدا نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندا ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رۇس تىلىدا ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي، كېيىن سودا-تىجارەت بىلەن ئۆز شەخسىي ئىگىلىكىنى تىكلەش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم رۇسچە ئېلان قىلغان ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكى :
1. دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى تەپەككۇرلىرى . «زامانىۋىلىق ۋە پەلسەپە ۋە قانۇن مەسىلىلىرى . قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى» .1998-يىلى، بىشكەك ، ( قىرغىزچە)
2. بۇددىزم پەلسەپىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى . « ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك. 1999-يىلى، ( رۇسچە)
3. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى». بىشكەك، 2000-يىلى، ( رۇسچە)
4. ئۇيغۇر بۇددىزم مۇتەپپۇككۇرلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» .بىشكەك، 2000-يىلى.
( رۇسچە).
5. ئۇيغۇر مۇتەپككۇرلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك پرىنسىپلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك، 2001-يىلى، ( رۇسچە)
6. تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىكى ئېستېتىك كوز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش. « قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى»بىشەم، 2003-يىلى2-سان ( رۇسچە)
7. ئۇيغۇر مۇتەپپەكۇرلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى كوز قاراشلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر . « ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى». 2001-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
8. چۇيسا تۇتۇڭا ۋە كالىما كايشىنىڭ ئېتىكىلىق كۆز قاراشلىرى . « قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرى توپلىمى». 2002-يىلى، بىشكەك.( رۇسچە).
9. تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئېتىكىلىق قاراشلىرى. « قىرغىزىستان -تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، 2001-يىلى، 2-سان، بىشكەك ( رۇسچە).
10. ئۇيغۇر بۇددىست مۇتەپپەككۇرى پرىتىئا لاشرىنىڭ ئەخلاق قاراشلىرى . « مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىدىكى بۇددىزم ۋە خىرستىيانىزم» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى، بىشكەك 2002-يىلى.( رۇسچە).
11. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەلەر ھەققىدە. مۇھاكىمە يىغىن دوكلاتى (رۇسچە)
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن يەنە « تۇرپانشۇناسلىق» ، « مۇنبەر» ، « شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى» ۋە « شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا بىر قىسىم ماقالىلارنى يېزىپ نەشىر قىلدى.
ئۇنىڭ بىر قىسىم كىتابلىرى ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا .
(تەھرىر : admin)
«دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات بولدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەبىجان تۇرسۇن
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەمم
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائ
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋا
- دىلبەر يۇنۇس- دۇنياغا داڭلىق يوقۇرى ئاۋ
- مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات
- قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى