ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاقە تورى چوقۇم دۇنيانى ئۆزگەرتىشى كېرەك

ۋاقىت : 2013-08-08 20:20 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
 


مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاقە تورى چوقۇم دۇنيانى ئۆزگەرتىشى كېرەك

مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاقە تورى چوقۇم دۇنيانى ئۆزگەرتىشى كېرەك
  1984-يىلى، نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن مايۈن ئاخىرى ناھايىتى تەستە خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەخسۇس كورس نومۇر چېكىگە يەتكەن بولۇپ، تولۇق كورس نومۇر چېكىدىن يەنە بەش نومۇر كەم ئىدى، بىراق تەلىيىگە مەخسۇس كورسقا قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى توشمىغانلىقتىن، مايۈننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تولۇق كورسقا ئوقۇشقا كىردى ۋە ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىگە بولغان مەدىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

  ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مايۈن خاڭجۇ ئېلېكتىرون سانائىتى ئىنىستىتۇتىدا ئېنگلىزتىلى دەرسى بەردى. 1991-يىلى، مايۈن دەسلەپكى قەدەمدە سودىغا كىرىشتى ۋە دوستلىرى بىلەن خەيبو تەرجىمە كوپىراتىپىنى قۇردى. نەتىجىدە بىرىنچى ئايلىق كىرىمى 700 يۈەن بولۇپ، ئۆي ئىجارىسى 2 مىڭ يۈەن بولغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى.
  كۆپچىلىك بۇ ئىشنى قىلىش - قىلماسلىقتا تەۋرىنىپ قالغاندا، مايۈننىڭ پەقەت داۋاملاشتۇرغاندىلا چوقۇم نەتىجىسى بولىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشەنچى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى يالغۇر يوغان تاغارنى كۆتۈرۈپ يىۋۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىن مال كىرگۈزۈپ، تەرجىمە كوپىراتىپىدا سوۋغات بۇيۇملىرى، يېڭى گۈل قاتارلىقلارنى سېتىپ، ئەڭ ئىپتىدائىي دۇكان تىجارىتى بىلەن سودىنى داۋاملاشتۇردى.

  ئىككى يىلدا، مايۈن تەرجىمە كوپىراتىپىنى بېقىپلا قالماي يەنە خاڭجۇدا تۇنجى ئېنگلىزتىلى كورنېرى تەشكىللەپ ئىنىستىتۇتتىكى دەرسى ئەڭ كۆپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى. خۇددى مايۈن ئىلگىرىكى يىللىرى ئارزۇ قىلغاندەك خەيبو تەرجىمە شىركىتى خاڭجۇ شۇنداقلا جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەرجىمە كوپىراتىپى بولۇپ قالدى. «مېنىڭ ئىدىيەم، پۇل تېپىشنى بەكلا ئارزۇلايدىغان ئادەم چوقۇم پۇلنى چوقۇم پۇلنى چوڭ بىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر كاللىسىدا ئويلايدىغىنىنىڭ ھەممىسى پۇل بولسا، چوقۇم پۇل تاپالمايدۇ.» تۇنجى قېتىملىق تىجارەت سەرگۈزەشتىسى مايۈنگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

  1994-يىلنىڭ ئاخىرى، مايۈن تۇنجى قېتىم ئالاقە تورىنى ئاڭلىغان؛ 1995-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇ تاسادىپىي ئامېرىكىغا بېرىپ، تۇنجى قېتىم ئالاقە تورى بىلەن ئۇچراشقان. كومپىيوتېردىن ھېچنىمە بىلمەيدىغان مايۈن دوستلىرىنىڭ ياردىمى ۋە تونۇشتۇرۇشى ئاستىدا ئالاقە تورىنى تونۇشقا باشلىغان. شۇ چاغلاردا توردا جۇڭگوغا دائىر ھېچقانداق ماتېرىيال يوق بولۇپ، مايۈن ناھايىتى قىزىققانلىقتىن مايۈن ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ تەرجىمە كوپىراتىپىنىڭ تور بېتىنى ياساتقۇزغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۈچ سائەت ئىچىدىلا تۆت پارچە ئىلخەت تاپشۇرۇپ ئالغان.زېرەك مايۈن ئالاقە تورىنىڭ دۇنيانى چوقۇم ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

   ئارقىدىنلا ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر تور بەت قۇرۇش خىيالى يەنى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى يىغىپ تور بەتكە قويۇپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش خىيالى كەلگەن.

  شۇ ۋاقىتتا قىرانلىق دەرۋرىگە ئەمدىلا بۇ ساھەگە قەدەم باسقان مايۈن خاڭجۇ شەھىرى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ قالغان. مەكتەپ مۇدىرى يەنە ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇشىغا ۋەدە بەرگەن. بىراق، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك مايۈن مەكتەپتىكى بارلىق نوپۇز، سالاھىيەت ۋە تەمىناتتىن ۋاز كېچىپ ئاۋۋالقىدەكلا تىجارەت قاينىمىغا شۇڭغىغان.

  بۇ ۋاقىتتا، ئالاقە تورى نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن يەنىلا ئىنتايىن ناتۇنۇش ئىدى؛ شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا دائىرىسىدىمۇ ئالاقە تورى تېخى ئەمدىلا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىدى. نىگولاس نىگروپونت ئەمدىلا «سىفىرلاشقان ھايات»نى يازغان، ياڭجىيۈەننىڭ ياخونى قۇرغىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان ۋاقىتتا بېيجىڭدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پروفېسسورى چيەن خۇالىن بىر تال ئوپتىك تالا ئارقىلىق ئامېرىكا ئالاقە تورىغا ئۇلىغان ۋە تۇنجى ئېلخەتنى ئەۋەتكەن.

  مۇشۇنداق شارائىتتا، نومۇر بېسىپ تورغا چىقىش كەسىپىنى ئېچىشتىن يىراق خاڭجوۋدا، مايۈن ئاللىقاچان ئالاقە تورى ئارقىلىق شىركەت ئېچىپ سودا قىلىش، پايدا ئېلىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئوي - خىيالىغا ئۇنىڭ يىقىن دوستلىرى كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن.
 
  «مەن 24 دوستۇمنى ئۆيگە مەسلىھەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدىم. مەن توپتوغرا ئىككى سائەت سۆزلىدىم، ئۇلار ئاڭلاپ قايمۇقۇپ كەتتى، مەنمۇ قالايمىقان سۆزلەپ كەتتىم. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ 23 كىشى پىلانىمنى رەت قىلدى، پەقەت بىرەيلەنلا سىناپ بېقىشىمنى، بولمىغاندا بولدى قىلىشىمنى ئېيتتى، مەن بىركېچە ئويلىنىپ ئىككىنچى كۈنى يەنىلا قىلىشنى قارار قىلدىم، 24 دوستۇم رەت قىلغان بولسىمۇ مەن يەنىلا قىلىشىم كېرەك.

  «ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇنداق چوڭ قارارغا كېلىشىم ئالاقە تورىغا بولغان زور ئىشەنچتىن كەلگەن ئەمەس، ھېس قىلىشىمچە، بىر ئىش قىلغاندا مەيلى نەتىجە قازىنىڭ ياكى مەغلۇپ بولۇڭ، سەرگۈزۈشتىنىڭ ئۆزى بىر غەلىبە، ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، بولمىغاندا يەنە بولدى قىلسىڭىز بولىدۇ؛ بىراق ئەگەر ھېچنىمە قىلمىسىڭىز، خۇددى كەچتە تۈرلۈك - تۈمەن يولنى ئويلاپ، ئەتىسى يەنە بۇرۇنقى يولىڭىزدا ماڭغاندەك ئىش بولىدۇ» گەرچە بۇ ئىشقا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، مايۈن يەنىلا ئەينى يىللاردىكى جامائەت پىكرىنى چەتكە قاققانلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

   1995-يىلى 4-ئايدا، مايۈن ئايالى ۋە يەنە بىر دوستى بىرلىشىپ 20 مىڭ يۈەن پۇل يېغىپ، كارخانىلار ئۈچۈن باش بەت ياساپ بېرىدىغان «خەيبو تورى»نى قۇرۇپ تىجارەت باشلايدۇ، تور بەتكە «جۇڭگو سېرىق بېتى» دەپ ئىسىم قويۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

   ئۈچ ئايدىن كېيىن، خاڭجوۋنىڭ قوشنىسى بولغان شاڭخەيدە ئالاقە تورى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. مايۈننىڭ كەسىپلىرىمۇ تېزلىكتە كۆپىيىدۇ. ھەر قايسى كارخانىلار تۇشمۇ – تۇشتىن ئۆزىنىڭ تور بېتىنى قۇرۇۋاتقان چاغدا مايۈننىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، بىر ئاساسىي بەت، خەنزۇچە - ئېنگلىزچە سېلىشتۇرما 2 مىڭ خەتلىك مەزمۇن، بىر پارچە رەڭلىك سۈرەت چىقىرىلغان تور بەتنىڭ باشلىنىش باھاسى 20 مىڭ يۈەن ئىدى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، مايۈن ئانچە كۈچىمەيلا 5 مىليۇن يۈەن پايدا ئالىدۇ ھەمدە دۆلەت ئىچىدە خېلى نام قازىنىدۇ. 1997-يىلى، دۆلەت تاشقى ئىقتىساد - سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مايۈن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنلىرىنى ئېلىپ بىرلىكتە تاشقى سودا مىنىسترلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تورىنى قۇرۇشنى باشلايدۇ، توردا جۇڭگو تاۋارلىرى سودا بازىرى، جۇڭگو تېخنىكىسى ئېكىسپورت يەرمەنكىسى، جۇڭگو خېرىدار چاقىرىش، توردىكى گۇاڭجۇۋ يەرمەنكىسى، جۇڭگو تاشقى ئىقتىساد - سودىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەتلىك نۇقتىلىق تور بەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

  بۇ مەزگىلدىكى سەرگۈزەشتلەر مايۈن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ قالدى. ئۇ مۇخبىرغا: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەن پەقەتلا خاڭجوۋدىكى كىچىك سودىگەر ئىدىم. تاشقى ئىقتىساد - سودا مىنىستىرلىقىدىكى خىزمەت سەرگۈزەشتلىرىم ئارقىلىق، مەن دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققيات يۆنىلىشىنى بىلدىم، مەسلىنى ماكرولۇق نۇقتىئىنەزەر بويىچە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەندىم، قۇدۇقتىكى پاقىلىق تۇرمۇشۇمنى ئاخىرلاشتۇردىم.

  1999-يىلنىڭ باشلىرىدا، ماكرولۇق نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن مايۈن خاڭجوۋغا قايتىپ كېلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشنى باشلايدۇ ۋە ئېلېكتىرونلۇق تور سودا ساھەسىگە كىرىشنى قارار قىلىدۇ.

  قانداق ئەندىزىنى قوللىنىش كېرەك؟ ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئالاقە تورىدا قىلىنىدىغان ئېلېكترونلۇق تور سودا، ئاساسلىقى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان %15 چوڭ شىركەت ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلاتتى. بىراق مايۈن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلار تەرەققىي قىلغان جېجياڭ ئۆلكىسىدە چوڭ بولغان، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى بازاردىن بۈگۈنگە كەلگەن بولغاچقا، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا «كىتنى تاشلاپ راكنى تۇتۇشنى، %15 چوڭ كارخانىنى تاشلاپ، %85 ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئوقىتىنى قىلىشنى قارار قىلدى.
 
  «ئەگەر كارخانىنىمۇ باي ۋە كەمبەغەل دەپ ئايرىساق، ئۇنداقتا ئالاقە تورى نامراتلار دۇنياسى بولىدۇ. چۈنكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر يولى ، غايەت زور ئېلان ھەققى بار، بىراق كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېچنىمىسى يوق، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئالاقە تورىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەر. مەن نامراتلارنى يېتەكلەپ ئىنقىلاب قىلىشىم كېرەك.» مايۈننىڭ قىلىدىغىنى مۇشۇنداق بىر سەھنە ھازىرلاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئوتتۇرا ــ كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكىسپورت ئۇچۇرلىرىنى يىغىش «ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلار قۇملۇقتىكى قۇم دانىچىلىرىغا ئوخشايدۇ، لېكىن ئالاقە تورى ئارقىلىق قۇملۇقتىكى قۇم دانىچىلىرىنى بىردىن - بىردىن يىغقىلى بولىدۇ، سېمونت بىلەن يۇغۇرۇلغان قۇملار ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ، چوڭ تاش بىلەن كۈچلىشەلەيدۇ. ئالاقە تورىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكى كىچىك ئارقىلىق چوڭنى يېڭىش، تېز سۈرئەت ئارقىلىق ئاستىنى يېڭىش.

  شۇنداق قىلىپ، 1999-يىلى 9-ئايدا، مايۈننىڭ ئەلىي بابا تورى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارنى بايلىق ئىشىكىنى ئېچىشقا يىتەكلىگۈچى بولۇپ قالدى. ئەينى ۋاقىت دەل ئالاقە تورى دولقۇنى قوزغالغان مەزگىل بولۇپ، بىراق مەيلى مەبلەغ سالغۇچى بولسۇن ياكى كۆپچىلىك بولسۇن، دىققىتىنى ئاساسەن يەككە تور بېكەتلىرىگىلا قاراتقان ئىدى. مايۈننىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئېلېكترونلۇق سودا تورى قۇرۇشى دۆلىتىمىزدە ئېقىنغا قارشى ئۈزگەندەك بىر ئىش بولۇپ، پۈتكۈل ئالاقە تورى ساھەسىدە يېڭى بىر ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ياخۇ، ئامازون، يىبېيلاردىن كېيىنكى تۆتىنچى خىلدىكى ئالاقە تورى ئەندىزىسى دەپ ئاتالدى. ئەلىي بابا قوللانغان B2B ئۆزگىچە ئەندىزە ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئوخشاش ئەندىزىنى ھازىر ئامېرىكىدىمۇ تېپىش تەسكە توختايدۇ.

  تور بەت رويخەتكە ئېلىنىپ بىر ئايدىن كېيىن، گاۋشېڭ باشچىلىقىدىكى 5 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى خەۋپ - خەتەر مەبلىغى ھېساباتقا كىردى. مايۈننىڭ بۇ پۇل ئارقىلىق قىلغان بىردىنبىر ئىشى شياڭگاڭ ۋە ئامېرىكىدىن كەڭ - كۆلەمدە ئىقتىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بولدى. بۇ ۋاقىت دەل مايۈننىڭ تاشقى تەشۋىقات قىلىۋاتقان «ئىگىلىك تىكلىگۈچى پەقەتلا كوماندىرلىقنى ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۆمەك باشلىقلىقىدىن يۇقىرى خىزمەتلەرنى MBA ئۈستىگە ئېلىۋاتقان» مەزگىل ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، 12 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن يۇقىرى ساپالىق باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە مايۈندىن باشقا ھەممىسى چەتئەلدىن كەلگەن ئىدى.

  1999-يىلنىڭ ئاخىرى، مايۈن ئالتە مىنۇتلۇق بايانى ئارقىلىق «فليۇگېرى» ئاتالغان رۇەنيىننىڭ باش خۇجايىنى سۇن جېڭيىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى، ئىككەيلەن ئۈچ مىنۇت يەككە سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن، مايۈن سۇن جېڭيىنىڭ 35 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىگە ئېرىشتى. رۇەنيىن يىلدا 700دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، پەقەت 70 شىركەتكىلا مەبلەغ سالىدۇ، سۈن جېڭيى شۇ شىركەتلەر ئىچىدىكى بىرلار شىركەت بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.
  پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى گاۋشېڭ ياكى سۇن جېڭيى بولسۇن مايۈنگە توغرا ھۆكۈم قىلالىدى. ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدە، مايۈن ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈش رۇجىكى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن شۇ يىلى ئالىي بابانىڭ ئەزالىرى 89مىڭغا يەتتى؛ 2000-يىلىغا كەلگەندە 500 مىڭغا يەتتى؛ 2001-يىلى ئالاقە تورىنىڭ زىمىستان پەسىلى بولسىمۇ، يەنىلا مىليۇن ئەزاسى بولۇش نىشانىغا يەتتى ھەمدە پۈتۈن يەر شارى بويىچە مىليۇندىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان سودا تورى بولۇپ قالدى؛ ھازىرقى ئەزا سانى ئاللىقاچان 3 مىليۇن 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئالاقە تورىنىڭ ئەڭ كاسات مەزگىللىرىدە، ئەلىي بابا ئەڭ بالدۇر پايدا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان تور بەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ھەمدە خارۋارد، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەشھۇر سودا ئىنىستىتۇتلىرى تەرىپىدىن تاللانغان نەمۇنىلىك مىساللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇدا تۆت يىل «فوربىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئېلېكترونلۇق سودا تور بەتلىرى ئارىسىدا بىرىنچى بولدى.

  2012-يىلى 2-ئايدا، ئالىي بابا بېيجىڭدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 82 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تور سودىسىدا مۇۋاپپەقىيەت قازانغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ھازىرغىچە جۇڭگو ئالاقە تورى ساھەسىدە ئەڭ كۆپ بولغان خۇسۇسىي مەبلەغ سوممىسى. بۇ ئىستىراتېگىيەلىك مەبلىغىگە ئىلگىرىكى خەۋپ - خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش خۇسۇسىي مەبلەغ قالدۇقىنى قوشقاندىكى قالدۇقى ۋە ئۆزىنىڭ 100 مىليۇن يۈەندىن كۆپ پۇلىنىڭ پايدىسىنى قوشقاندا ئەلىي بابانىڭ ھازىر 100 مىليۇن يۈەنلىك نەق پۇلى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر قانداق بىر تور بەت بىلەن بەيگىگە چۈشەلەيدۇ.

   شۇڭا مايۈن مەردانە ھالدا «2004-يىلى، بىز كۈنىگە بىر مىليۇن يۈەن پايدا يارىتىمىز، 2005-يىلى كۈنىگە بىر مىليۇن يۈەن باج تاپشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېگەن.

  بۇ گەپ خۇددى مايۈننىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ناھايىتى تەلۋىلەرچە ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. مايۈن سىرتقا تەشۋىق قىلغاننى مالىيە ئىستاتىستىكىلاپ چىققان: تاق كۈندىكى 1 مىليۇن يۈەنلىك نىشان ئەمەلىيەتتە 2003-يىلى 7-ئاي بىر ئاي ئىچىدىلا ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئۇ يەنە كۆپچىلىك ئالدىدا پو ئېتىپ كۈندە بىر مىليۇن يۈەنلىك باج تاپشۇرۇش «ئۆتكىلى»دىن ئۆتىمىز دېگەن شۇنداقلا بۇ نىشانمۇ شىركەت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان نىشان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ