ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر

ۋاقىت : 2013-11-29 21:04 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر

ئەگەر مۇۋەپپىقىيەت قازىناي دىسىڭىز سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز كېرەك. ياخۇ مالىيە ئىقتىساد تور بېكىتى ھەرقايسى چوڭ كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىنى تەكشۈرگەن، ھەمدە سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش – خېلى كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك دېرىكتورلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
تۆۋەندە مۇشۇنداق سەھەر ئورنىدىن تۇرۇدىغان پەن تېخنىكا بايلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
1. ئەتىگەن سائەت بەشتىلا چېنىقىش ئۆيىدە پەيدا بولىدىغان «ئالما» خوجايىنى تىم كۇك
تىم كۇك سەھەر سائەت تۆت يېرىمدىلا ئېلېكترۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىدۇ، دائىم بىرىنچى بولۇپ ئىشخانىغا كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىشخانىدىن ئايرىلىدۇ.
2. ئالتە يېرىمدىن باشلاپلا خىزمەت قىلىدىغان «ئالما» نىڭ ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن قۇرغۇچىسى ستىۋىن جوبس
تىم كۇكنىڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇش ئادىتى بەلكىم ئۇنىڭ خوجايىنى جوبستىن يۇققان بولۇشى مۇمكىن. 1999 – يىل، جوبس تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبول قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇدىغانلىقى، بالىلار ئويغىنىشتىن بۇرۇنلا ئازراق خىزمەت قىلىۋالىدىغانلىقى، ئاندىن بالىلار بىلەن بىرگە ناشتا قىلىدىغانلىقى، بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئادەتتە ئۆيدىلا بىر سائەتتەك ئىشلىۋېتىپ، تەخمىنەن توققۇز يېرىملاردا ئاندىن ئىشخانىغا بارىدىكەن، ئىشخانىسىدا تەخمىنەن سەككىز، توققۇز سائەت ئىشلەيدىكەن.
3. سەككىز يېرىمدا ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇنلا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تاماملاپ بولىدىغان پەن تېخنىكا ئىستېراتىيەچىسى پادماسرى ۋاررىئور
ناھايىتى ئاز كىشىلەر ۋاررىئوردىن بالدۇر تۇرۇشى مۇمكىن، ئۇ ئادەتتە سائەت تۆت يېرىمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر سائەتتەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئېلېكترۇنلۇق يوللانمىلارنى، خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، ئاندىن ئوغلى بىلەن بىرگە مەكتەپ بېرىشقا تەييارلىنىدۇ. ئەڭ كېچىككەندىمۇ سائەت سەككىز يېرىمدىلا ئىشخانىسىغا قەدەم باسىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاللىقاچان نۇرغۇن ئىشلىرىنى تۈگەتكەن بولىدۇ. ۋاررىئور بولسا موتورۇلا شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى CTOسى.

4. ۋېنتۇر شىركىتى Andreessen Horowitz نىڭ شىرىكى جېف جوردان (Jeff Jordan)
Fabۋە Pinterestقا مەبلەغ سېلىشغا بىر قوللۇق رەھبەرلىك قىلغان جوردان ھەر كۈنى سەھەردە بەش يېرىمدا ئىشخانىسىغا كىرىپ، كەچ سائەت يەتتىلەردە ئاندىن ئايرىلاتتى.
5. سەھەر سائەت بەشتىلا بىر كۈنلۈك خىزمەتنى باشلايدىغان AOL CEOتىم ئارمستروڭ.
ئارمستروڭ تەخمىنەن سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، يەتتە يېرىملاردىن باشلاپ ئېلېكترۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاشقا باشلايدۇ، مۇشۇ ئارىلىقتا ئىككى سائەت ۋاقىت ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى، شۇنداقلا قىزى بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ بەك ئۇخلاپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقى، چۈنكى تۇرمۇشتا ئادەمنى روھلاندۇرۇدىغان ئىشلارنىڭ بەك كۆپلۈكى، شۇڭا ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئاز بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
6. ئېرىكسوننىڭ CEOسى خەنس ۋېستبېرى
خەنس ۋېستبېرگ ئەتىگەن سائەت سەككىزدىلا ئىشخانىغا كىرىپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەتىگەندە زادى سائەت قانچىدە ئورنىدىن تۇرۇدىغانلىقى سورالغاندا، ئۇ ئاددىلا جاۋاب بېرىپ، «ئىشقىلىپ بالدۇر» دېگەن. ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ نۇرغۇن پوچتا يوللانمىلىرىنى يوللىۋېتەتتى، ھەر كۈنى كېچە كۈندۈز دىگۈدەك خىزمەت قىلاتتى، بەك كەچ ئۇخلايتتى، بىراق ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ يېتەرلىك ئۇخلىغانلىقىنى تىلغا ئالاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى، شىركەتنىڭ كەسپى ھازىر 180 دۆلەتكىچە تارقالدى، شۇڭا ھەقىقى كۈندۈز ۋە كەچ مەۋجۇت ئەمەس
 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ